

بېكىتىمىزنىڭ دېتاللار سەھىپىسى. كېرەكلىك دېتاللار بولسا چۈشۈرۋېلىڭ
تۈركچە-ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت
بۇ تۈركچە- ئۇيغۇرچە لوغەتنى تۈزۈپ چىققان مۆمىن ئابدۇللاھ ئەپەندىگە ئالاھىدە رەخمەت ئېيتىمىز.
بۇ لۇغەتكە ئوتتۇز مىڭدىن ئارتۇق سۆز كىرگۈزۈلگەن بولۇپ. « سۆزلۈك » تىكى تۈركچە سۆزلەر تۈرك ئېلىپبەسى تەرتىپى بويىچە تىزىلغان بولۇپ، تۈركچە سۆزلەر تۈركچە، ئۇيغۇرچە سۆزلەر ئۇيغۇرچە يېزىلغان. ئىزدىمەكچى بولغان تۈركچە سۆزنى، تۈرك ئېلپىبەسى تەرتىپى بويىچە ئىزدىسىڭىز قىينالماي تاپالايسىز. بۇ سۆزلۈك تۈركچە ئۆگەنمەكچى بولغانلار ئۈچۈن ئىنشائاللاھ ياخشى ياردەمچى بولالايدۇ. بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
MSNMessenger
2009 نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى چۈشۈرۋېلىڭ
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي
قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلاردىمۇ كومپيۇتېر قوللىنىدىغانلارمۇ كۈنسېرى
كۆپەيمەكتە ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تورداشلارنىڭ يىراق يېقىندىكى ئۇرۇق- تۇغقان،
دوست- بۇرادەرلىرى بىلەن توردا ئالاقىلىشىش ئىشلىرىمۇ بىر قەدەر
ئومۇملىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، كومپيۇتېر ساھەسىدە ئىزچىل تۈردە تىرىشىپ
كېلىۋاتقان بەزى قېرىنداشلىرىمىز چەتئەل تىللىرىنى بىلمەيدىغان ئۇيغۇرلارنى
كۆزدە تۇتۇپ، ئانا تىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا كۆپلىگەن پروگراممىلارنى
ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشىمىزگە ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ
قوللىرىغا جانابى ئاللاھ دەرد بەرمىسۇن.
MSN Messenger 2009 نىڭ ئېنگىلىزچە ۋە ئۇيغۇرچىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
ئالپ يېزىق كىرگۈزگۈچنىڭ 8- نەشىرىنىڭ ھەقسىز نۇسقىسى تارقىتىلدى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ كومپيۇتېردىن ئىبارەت بۇ ئۈسكۈنە شىېركەتتىن تارتىپ ئائىللەرگىچە سىڭىپ كىرمەكتە. بىر قىسىم ئۇيغۇر كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەيلى چەتئەللىكلەرنىڭ بولسۇن، مەيلى خىتايلارنىڭ ئىشلىگەن دېتاللىرى بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىتىشىگە قۇلاي بولۇشى ئۈچۈن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىۋاتىدۇ. كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش بولسۇن ياكى رەسىم بىر تەرەپ قىلىش، فىلىمگە ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈش ئىشلىرىدا ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەرنى ياساپ ھەقسىز تارقىتىۋاتىدۇ، بۇمۇ ئانا تلىمىزنى قوغداش يۇلىدا چوڭ تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتىدۇ، بۇ ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ قوللىرىغا جانابى ئاللاھ دەرت بەرمىسۇن ئامىن.
ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچ دېتاللىرىدىن بىرى بولغان ئالپ يېزىق كىرگۈزگۈچ دېتالىنىڭ 8- نەشىرىنىڭ ھەقسىز نۇسقىسى بولۇپ، بۇنى ئىشلىتىش ئاسان، دېتالنى كومپىيۇتېرغا قاچىلاپ كومپيۇتېرنى قايتا قوزغۇتۇپلا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، ھېچقانداق تەڭشەش ئېلىپ بارمايسىز. بۇ دېتالنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ
دېتال توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇماتقا ئىرىشمەكچى بولسىڭىز تۆەندىكى ئۇلانمىغا كىرىڭ.
ئەسلى مەنبە: http://www.bilik.biz/bbs/thread-23153-1-1.html
ياش ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن قۇرئان كېرىمنىڭ ئەممە پارىسى يادقا ئېلىشتا ياردەمچى دېتالى
بۇ قۇرئان كەرىم ئۆگىنىش پروگراممىسى(ئەممە پارە) ياش ئۆسمۈرلەر ۋە قىسقا سۈرىلەرنى يادلاشقا ھەۋەس قىلىدىغانلار ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان بولۇپ، تولۇق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان، ئىشلىتىشكە قولاي، خالىغان سۈرە ۋە ئايەتلەرنى تاللاپ ئاڭلاش ۋە ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە سۈرە ۋە ئايەتلەرنى تەكرار-تەكرار ئاڭلاش ۋە ئوقۇش ئارقىلىق ئەممە پارىسىنى يادقا ئېلىشقا ياردەمچى بولالىشى مۇمكىن
ئىزاھات: بۇ پروگىراممىنى چۈشۈرۈپ كومپىيۇتېرىڭىزغا قاچىلغاندىن كېيىن، دېتالنى قوزغۇتۇپ قۇرئاندىكى ئەممە پارىسىدىكى سۈرىلەرنىڭ قايسىسىنى خالىسىڭىز شۇ سۈرىنى تاللاپ ئاڭلاپ ئۇنتۇپ قالغان يەرلىرىڭىزنى تەكرارلىسىڭىز بولىدۇ
ئاخىردا، بۇ پروگىراممىنى ھازىرلىغان ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزدىكى بارلىق خادىملارغا جانابى ئاللاھدىن ھەسسىلەپ ئەجىر ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ پروگىراممىنى ئېلان قىلغان دارۇل ئىسلام تور بېكىتىنىڭ ئۇيغۇرچە بۆلۈمىدىكى خادىملارغا ئاللاھدىن مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن. بۇ پروگىراممىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن دارۇل ئىسلام تور بېكىتىدىن چۈشۈرۈڭ. بۇ يەرگە كىرىپ چۈشۈرۈڭ
ۋورد ھۆججىتىنى ئېلكىتاپقا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئەڭ ئەپچىل چارىسى
ۋوردتا يازغان ھۆججەتلەرنى ئېلكىتاپقا ئايلاندۇردىغان نۇرغۇنلىغان دېتاللار بولسىمۇ بەزى دېتاللار بىراز ئاۋارچىلىق . مىكروسوفىت شېركىتىنىڭ بازارغا سالغان ئوففىس 2007 دە ھۆججەت ساقلاش رايۇنىدا ئېلكىتاپ شەكىلدە ساقلاش ئىختىدارى بولسىمۇ بۇنۇنقى نەشېرلىرىدە يەنى ئوففىس 2003 دە بۇ ئىختىدارلار قۇشۇلمىغان، شۇ ۋەجىدىن ۋودتا يازغان ھۆججەتنى ساقلاپ بولۇپ ئاندىن باشقا دېتاللار ئارقىلىق ئېلكىتاپقا ئايلاندۇردىغان گەپ. لېكىن ھازىر بۇ ئاۋارچىلىقتىن قۇتۇلغىلىمىز، بۇ دېتالنى قاچىلىۋەتسەكلا بولىدۇ. سىغىمى كىچىك، ئىشلىتىش ئاسان. ۋوردتا يازغان ھۆججەتنى ساقلاش تىزىملىكتىن شۇ بىز قاچىلۋەتكەن دېتالنىڭ ئىسىمىنى كۆرسىتىپ جەزىملەشتۈرسەك قايەرگە ساقلايسەن دەپ چىقىدۇ، ساقلاش ئۇرۇننى كۆرسىتىپ بەرسەك بىزگە ئېلكىتاپ شەكىلدە ساقلاپ بېرىدۇ. توردىكى ھۆججەتلەرنىمۇ ئېلكىتاب شەكىلدە ساقلىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
ئوكيانۇس ئېنگىلىزچە- ئۇيغۇرچە -خىتتايچە لوغەت
سۆزلۈك مىقدارى مىڭدىن ئارتۇق سۆزلۈك ئىزاھاتى ۋە بىرقىسىم ئاۋاز-سۈرەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر تىل قامۇسى تىببي ئىزاھات قاتارلىق كۆپ قىرلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ھەرخىل ئىشەنچىلىك چوڭ لۇغەتلەر ئاساسىدا تەمىنلەنگەن ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە لۇغەت. جەمئي سۆزلۈك سانى 1 مىليۇن 500 مىڭدىن ئارتۇق. پۈتۈنلەي يېشىل يۇمشاق دېتال بولۇپ، قاچىلاش ھاجەتسىز ، قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. قاچىلاش ئۈچۈن قۇشۇمچە ھېچقانداق دېتال تەلەپ قىلمايدۇ. تەپسىلى بىلمەك بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ خالىسىڭىز چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭ . چۈشۈرۈش كونۇپكىسىنى باسقاندىن كىيىن بىر بەت ئېچىلىدۇ. قارىسىڭىز 2 دانە سائەتنىڭ سۆرىتى بار
كونۇپكىنى بېسىپ تەخمىنەن بىر مىنۇتچە ساقلىسىڭىز رەسمىي چۈشۈرۈش كۆزنىگى چىقىدۇ ئاندىن چۈشۈرۈش
مەشغۇلاتىنى قىلسىڭىز بولىدۇ. بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
مەشغۇلات سىستېمىسى بولغان لىنۇكىس 10 - نەشىرى چىقتى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار! ھەممىمىزگە مەلۇم لىنۇكىس شىركىتى ئۇبۇنتۇنىڭ 10- نەشىرنى ئېلان قىلدى. كېرەكلىك بولغانلار چۈشۈرۈش ئورنىدىن كومپىيۇتىرىڭلارغا ماس كېلىدىغان نۇسخىسىنى چۈشۈرۋېلىڭلار. بۇ قېتىمقىسىنىڭ ئالدىنقى 9- نەشىردىن ياخشى بولىشى مۇمكىن. مەن سىناپ باقمىدىم. خالىغانلار چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭلار. بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىلىرى توپلىمى
بۇ دېتال بولسا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرى بولمىغان كومپىيۇتېردا ئۇيغۇرچە توربەتلىرنىڭ بەزىلىرنىڭ خەتلىرى نورمال كۈرۈنسە بەزىلىرنىڭ خەتلىرى نورمال كۈرۈنمەسلىك سەۋەپلىرى بار. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا ئۇيغۇر تور بەتلىرنىڭ ئوخشىمىغان خەت نۇسخىلىرنى ئىشلەتكەن بولغاشقا بىز ئۇ خەت نۇسخىلىرنىڭ ھەممىنى قاچىلاپ بولالمايمىز. شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر توربەتلىردىكى بەزى مۇھىم ماتېرىياللارنى كومپىيۇتېرىمىز ئوقۇيالماسلىقتەك ئەھۋالغا يولۇققاندا ئىچىمىز ناھايتى پۇشىدۇ. مىنىڭ تەۋسىيە قىلماقچى بولغىنىم دەل مۇشۇ ئاۋارچىلىقنىڭ ھەممىنى تەل تۈكۈس ھەل قىلىدىغان دېتال. بۇ دېتالنى قاچىلىۋاتقاندىن كېيىن ئۇيغۇر توربەتلىرىدىكى خەتلەرنىڭ ھەممىسى نورمال كۈرۈنىدۇ. بۇ ئاۋارچىلىقتىن قۇتۇلاي دىسىڭىز بۇ دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېتىڭ. بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
كۆپ
خىل فىلىم ۋە ھۆججەت ئايلاندۇرغۇچ دەتالى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! تۆۋەندە مەن سىلەرگە ئىختىدارى كۈچلۈك بولغان فىلىم،
رەسىم، ئاۋازلىق مەزمۇن، ۋە باشقا ھۆججەتلەرنى ئۆز ئارا ھەر خىل شەكىلگە
ئايلاندۇرغۇچنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمەن. بۇ دېتال پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ
تىزىملاشنى تەلەپ قىلمايدۇ. چۈشۈرۈپ قاچىلاپلا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. يەنە بىرى
بۇ دېتالنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن تىل رايۇنىغا كىرىپ ئۇيغۇر دىگەن تىلنى
تاللاپ قويسىڭىز دېتالنىڭ پۈتۈن يۈزى ئۇيغۇر كونا يېزىقىغا ئۆزگىرىدۇ. بۇ
دېتالنى قاچىلغاندىن كىيىن باشقا فىلىم ئايلاندۇرغۇچ دېتالىغا ھاجىتىڭىز
چۈشمەيدۇ. ئەگەر بۇ دېتالنى خالىسىڭىز چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭ.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
كۆپ خىل ھۆججەت ئۇيۇش دېتالى. نېرو
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار! تۆۋەندە تەۋسىيە قىلماقچى بولغان دېتال بولسا ھەممىمىزگە مەلۇم، توردىن چۈشۈرگەن كنو ۋە باشقا ھۆججەتلەرنى ئاساسى جەھەتتىن نېرو دېتالىدىن پايدىلنىپ دېسكىغا كۈچۈرىمىز، ئەمما كۈپۈنچىمىز بولساق بۇ دېتالنىڭ ھەقسىز نۇسخىسىنى ئىزدەيمىزيۇ ئەمما توردىن ئىشەنچىلىك نۇسخىسىنى تاپماق قىيىن. شۇ سەۋەپتىن مەن بۇ دېتالنىڭ ئىخچاملاشتۇرۇلغان بۇ دېتالنىڭ چۈشۈرگەنكى سىغىمى بولسا 37 مېگابايىت كومپىيۇتېرغا قاچىلسىڭىزمۇ قاچىلغاندىكى سىغىمى بولسا 100 مېگابايىتقا بارمايدىغان نۇسخىسىنى تەۋسىيە قىلماقچىمەن. بۇ دېتالنى 2 خىل تىلدا بولۇپ تاللاپ قاچىلاشقا بولىدۇ. ئېنگىلىزچە ۋە شىۋېتچە. خالىغانلار چۈشۈرۈپ ئىشلەتسە بولىدۇ. تىزىملىتىش نۇمىرى ھۆججەت ئىچىدە بار، ۋە تىزىملاش نۇمۇرى چىقىرىش ماشىنىسىمۇ بىرگە تەمىنلەنگەن. ئىشلىتىشنى خالىسىڭىز بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ