اللە تائالانىڭ كائىناتنى ياراتقۇچى ۋە ئىدارە قىلغۇچى زات ئىكەنلىكى توغرىسىدا
اللە بۇ ئايەتتە ئۆزىنىڭ شەيئىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر قىلىدۇ. اللە ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى. ئاندىن ئەرش ئۈستىدە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە قارار ئالدى.
( سىلەرگە اللەدىن باشقا ھېچ قانداق ئىگە يوق. شاپائەت قىلغۇچىمۇ يوق ) يەنى اللە ھەممە قىيىن ئىشلارنىڭ ئىگىسىدۇر. ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر. ھەممە نەرسىنى ئىدارە قىلغۇچىدۇر. ھەممە نەرسىگە قادىردۇر. ئىنسانلارغا اللە دىن باشقا ھېچقانداق ئىگە يوق. اللە ئىزنى بەرگەن كىشىدىن باشقا شاپائەت قىلغۇچىمۇ يوق.
( بۇنى ) پىكىر قىلىپ باقمامسىلەن ( ئىمان ئېيتمامسىلەر؟ ) ئى اللە تائالادىن باشقىغا چوقۇنغۇچىلار! اللە تائالادىن باشقا بىرىگە تەۋەككۈل قىلغۇچىلار! بۇ ھەقتە ئويلانمامسىلەر؟ اللە ھەممە نەرسىدىن ئالىيدۇر، ئۇلۇغدۇر. اللە ئۆزىنىڭ ئوخشىشى، شېرىكى، ياردەمچىسى، تەڭدىشى ياكى باراۋىرى بولۇشتىن پاكتۇر. اللە تائالادىن باشقا ھېچ مەبۇد يوقتۇر. اللە دىن بۆلەك ھېچ پەرۋەردىگارمۇ يوقتۇر. نېمە ئۈچۈن بۇلار ھەققىدە ئويلىنىپ باقمايسىلەر؟
( اللە ئاسماندىن زېمىنغىچە بولغان (( مەخلۇقاتنىڭ )) ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن ئۇ ئىشلارنى ئۇزۇنلۇقى سىلەر ساناۋاتقان مىڭ يىلدەك كېلىدىغان بىر كۈندە ) يەنى اللەنىڭ ئەمىرى ئەڭ يۇقىرى قەۋەت ئاسماندىن يەتتە قات زېمىننىڭ ئەڭ چېتىغىچىلىك ئىجرا بولۇپ تۇرىدۇ. اللە تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ( اللە يەتتە ئاسماننى ياراتتى. زېمىننىمۇ ئاسمانلارغا ئوخشاش ( يەنى يەتتە قىلىپ ) ياراتتى. اللەنىڭ ئەمرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جارى بولۇپ تۇرىدۇ ).
ئەمەللەر دۇنيا ئاسمىنىنىڭ ( يەنى بىرىنچى قەۋەت ئاسماننىڭ ) ئۈستىدىكى نامە- ئەماللەر يېزىلىدىغان دەپتەرگە ئۆرلەيدۇ. ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئارلىقىدىكى مۇساپە 500 يىللىق يولدۇر. ئاسماننىڭ قېلىنلىقىمۇ 500 يىللىق يولدۇر.
مۇجاھىد، قەتادە ۋە زەھھاك مۇنداق دەيدۇ: ئاسماندىن چۈشۈشكە 500 يىل، ئاسمانغا ئۆرلەشكە 500 يىل كېتىدۇ. لېكىن پەرىشتىلەر بۇ مۇساپىنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە باسىدۇ.
(( ئۇ ( اللە ) يۇشۇرۇننى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر )). يەنى اللە بۇ ئىشلارنى ئىدارە قىلغۇچىدۇر. بەندىلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. اللە تائالانىڭ دەرگاھىغا ئەمەللەرنىڭ كاتتىلىرىمۇ، ئەرزىمەسلىرىمۇ، كىچىكىمۇ، چوڭىمۇ ئۆرلەيدۇ.
اللە ھەممە نەرسىدىن كۈچلۈك، يېڭىلمەس ۋە غالىبتۇر. جىمى بەندىلەر ۋە ئىنسانلار اللە تائالاغا ئىتائەت قىلىدۇ. اللە مۆمىن بەندىلىرىگە شەپقەت قىلغۇچىدۇر. اللە مەرھەمەتلىك سۈپىتى بىلەن غالىبتۇر. غالىب سۈپىتى بىلەن شەپقەتلىكتۇر. مانا بۇ تولۇق كامالەتكە يەتكەنلىكتۇر. غەلبە مەرھەمەت بىلەن، مەرھەمەت غەلبە بىلەن بىرگىدۇر. اللە ئاجىزلىقىدىن ئەمەس، بەلكى كامالەت مەرھەمىتىدىن شەپقەت قىلغۇچىدۇر.
ئۇ ھەممە نەرسىنى چىرايلىق ( يەنى ھېكمىتىگە مۇۋاپىق جايىدا ) ياراتتى. دەسلەپتە ئىنساننى ( يەنى ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ) لايدىن ياراتتى. ئاندىن ئۇنىڭ نەسلىنى ئەرزىمەس سۇنىڭ جەۋھىرى ( يەنى مەنى ) دىن ياراتتى. ئاندىن ئۇنى راۋۇرۇس يارىتىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىگە مەنسۇپ روھنى كىرگۈزدى ( يەنى جاننى كىرگۈزدى ). يەنى سىلەر ئۈچۈن قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە يۈرەكلەرنى ياراتتى، سىلەر ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر.