|
ئاللاھنىڭ ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟
ھازىر مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا بالا-قازا، مۇسىبەتلەر كەينى-كەينىدىن، ئۈستى-ئۈستىلەپ كېلىۋاتىدۇ، ئاللاھ قاچان ياردەم قىلىدۇ دەپ سورايدىغان، ئاللاھ تائالانى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە ناھايىتى تىز ياردەم بېرىپ، ئۆزلىرىگە بېرىدىغان ياردەمنى كېچىكتۈرۈپ قويغاندەك ئويلايدىغان مۇئمىنلەر كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇ ئەرەبلەر ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن غەم-قايغۇ، مۇسىبەتلەرنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىدىندۇر.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە [ئىنسان ئالدىراڭغۇ يارىتىلغان، سىلەرگە ئالامەتلىرىمنى (يەنى ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالايدىغانلىقىمنى) كۆرسىتىمەن. (ئۇنىڭ ۋاقتى سائىتىدىن بۇرۇن) مېنى ئالدىرىتىپ كەتمەڭلار.]، [ئىنسان ئالدىراڭغۇدۇر] دەپ سۈپەتلىگەندەك ئىنساننىڭ تەبىئىتى ئالدىراڭغۇ كېلىدۇ. بۇ ئالدىراڭغۇلۇقتىن ھەتتاكى ساھابىلارمۇ (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) ساقلىنالماي. كەئبىنىڭ سايىسىدا تونىغا يۆگىنىپ تۇرغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، قۇرەيشنىڭ زالىملىرى سېلىۋاتقان زۇلۇم، ئەزىيەتلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا شىكايەت قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ تائالا ئىسلام دىنىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىدۇ. ھەتتا سەنئادىن ھەزرىمەۋتكىچە بولغان ئارىلىقتا ماڭغان ئۇلاغلىق كىشىلەر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمايدىغان بولىدۇ. پادىلىرى توغرۇلۇق بۆرىلەردىنلا ئەنسىرەيدۇ. لېكىن، سىلەر ئالدىراپ كېتىۋاتىسىلەر» دېگەن. ئاللاھنىڭ ياردىمىنى كۆرۈشنى ياقتۇرمايدىغان، ئىسلام ئۈممىتىنى ھەرقانداق ئورۇندا ھۆرمەتلىك، ئىززەتلىك ھالەتتە كۆرۈشنى ياقتۇرمايدىغان؟ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ھەر تۈرلۈك ئارزۇلىرىنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىنى كۆرۈشنى خالىمايدىغان كىم بار؟ زۇلۇمغا، ئېزىلىشكە ئۇچرىغان، شۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشنى ئويلايدىغان كىشىلەر، پۈتۈن سەبرىسى بىلەن ئېرىنىڭ قاراڭغۇ تۈرمىدىن يېنىپ چىقىشنى ساقلاۋاتقان ئاياللار، زېمىندا ئادالەت، مۇھەببەتنىڭ ئورۇن ئېلىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ شەرىئىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىنىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان كىشىلەر كىشىلەر نەقەدەر كۆپ ھە! يەنە ... يەنە... مۇسۇلمان ئۈممىتىگە كېلىۋاتقان زۇلۇم بەك كۆپ. لېكىن دۇنيانىڭ ئىشلىرى ئىنساننىڭ خاھىش، ئارزۇلىرىغا باقمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىگە مۇئەييەن بىر ۋاقىتنى بېكىتكەن. [ﷲنىڭ ئەمرى ئەزەلدىنلا بېكىپ كەتكەن (ئۆزگەرمەس) ھۆكۈمدۇر] ئاللاھ بەندىلىرىدەك ئالدىرىمايدۇ، بەندىلەرنىڭ ئارزۇسى ئاللاھ بېكىتكەن شۇ ۋاقىتقا ئۇدۇللاشمىغىچە ئىشقا ئاشمايدۇ. ئاللاھنىڭ بىزگە بېرىدىغان ياردىمى كېچىكىپ كەتتى دەپ ئويلاپ قالغان كىشىلەر، شۇنى بىلىپ قېلىڭلاركى، ئاللاھ بىلەن بولغان ئەدەپ، ئېغىر-بېسىقلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ دوست، ياخشى بەندىلىرىنى سىناش ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنىڭ تەقەززاسىدۇر، ئاللاھنىڭ ياردىمى، ئاللاھ شۇ ياردەمدە مۇئمىنلەرگە ياخشىلىق بار دەپ قارىغان ۋاقىتتا كېلىدۇ. ئاللاھنىڭ ياردىمى قاچان دەپ سوراش يېڭىلىق ئەمەس، بىزدىن ئىلگىرى ئۆتكەن سالىھ مۇئمىنلارمۇ بۇ سوئالنى سورىغان. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە شۇنداق دەيدۇ: [سىلەر تېخى ئىلگىرىكىلەر ئۇچرىغان كۈلپەتلەرگە ئۇچرىماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (مۇئمىن)لەر ئېغىرچىلىقلارغا، كۈلپەتلەرگە ئۇچرىغان ۋە چۆچۈتۈۋېتىلگەن ئىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ۋە مۇئمىنلەر: «ﷲنىڭ (بىزگە ۋەدە قىلغان) ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟» دېگەن ئىدى. بىلىڭلاركى، ﷲ نىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر]. سەييىد قۇتۇب (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) بۇ ئايەت كەرىم ھەققىدە شۇنداق دەيدۇ: ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ياردىمى قاچان؟ دەپ سورىشى، ئۇلارنىڭ ئاللاھقا تۇتاشقان، مۇستەھكەم قەلىبلىرىنى تىترەتكەن قىيىنچىلىقنىڭ نەقەدەر قاتتىقلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ قىيىنچىلىقلار ئاللاھ يولىدا مۇستەھكەم تۇرىدىغان قەلىبلەرنى ئاللاھنىڭ ياردىمى قاچان دېگۈزىۋەتكەن، تىل بىلەن سۈپەتلەش قىيىن بولغان قېيىنچىلىقلاردۇر. مۇئمىنلەرنىڭ دىللىرى مانا مۇشۇنداق قاتتىق قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بىرەلىگەندىلا ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ئىشقا ئاشىدۇ، ئاللاھنىڭ ياردىمى يېتىپ كېلىدۇ، [ﷲنىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر]. دېمەك ئاللاھنىڭ ياردىمى ئۇنىڭغا تېگىشلىك بولغانلارغىدۇر، ئاخىرغىچىلىك چىڭ تۇرماي، ئېغىرچىلىقلارغا، كۈلپەتلەرگە سەبىر قىلماي، ئاللاھنىڭ ياردىمى كەلگۈچە قەلبى مۇستەھكەم تۇرماي ئۇنىڭغا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. شۇنداق ئاللاھنىڭ ياردىمى پات يېقىندا كېلىدۇ، دۈشمەنلىرىمىزدىن ئۇچرىغان كۈلپەتلەرگە پەرۋاسىز ھالەتتە ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغان، دۈشمەنلىرىمىزگە قەھرى قىلغان ۋە ئۇلاردىن كەلگەن ئەزىيەتلەرگە پەرۋاسىز ھالەتتە ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغان، بەيتۇل مۇقەددەس، بەيتۇل مۇقەددەسنىڭ تەۋەلىكىدە ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئاللاھنىڭ ياردىمى كەلگۈچە شۇ ھالەتتە تۇرغاندىلا ئاللاھنىڭ ياردىمى يېتىپ كېلىدۇ. ئاللاھ زالىملارغا مۆھلەت بېرىدۇ [(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «كىمكى گۇمراھلىقتا بولىدىكەن، مەرھەمەتلىك ﷲ ئۇنىڭغا مۆھلەت بىرىدۇ»]. ئىمام بۇخارى ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىيدىن (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) رىۋايەت قىلىپ شۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھ تائالا زالىملارغا مۆھلەت بېرىدۇ، ئۇلارنى جازالىغاندا ھەرگىز قويۇپ بەرمەيدۇ» دېدى ۋە تۆۋەندىكى ئايەتنى ئوقۇدى: [پەرۋەردىگارىڭ زالىم يۇرتلار (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلسا، ئەنە شۇنداق ھالاك قىلىدۇ، ﷲنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن تولىمۇ قاتتىقتۇر]. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە زالىملارغا مۆھلەت بېرىدىغانلىقى، ھەرگىزمۇ ئۇلارنى ئىختىيارىغا قويۇۋەتمەيدىغانلىقى توغرىسىدا شۇنداق دەيدۇ: [(ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىرىمىغىن، ئۇلارغا ئازراق مۆھلەت بەرگىن (ئۇزاققا قالماي ئۇلارغا قانداق قىلغانلىقىمنى كۆرىسەن)] سەھىھ ھەدىسلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق دەيدۇ: «ئېغىر-بېسىقلىق ئاللاھدىندۇر، ئالدىراڭغۇلۇق شەيتاندىندۇر». كىشىلەر شۇنداق دەيدۇ، ئالدىراڭغۇلۇقنىڭ نەتىجىسى پۇشايمان، ئېغىر بېسىقلىقنىڭ بولسا خۇشاللىقتۇر. ئاللاھ تائالا زالىملارنى جازالايدىغان ۋاقىت ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارغا بولغان ئازابنىڭ زېمىن گۈزەل تۈسكە كىرگەن، چىرايلىق ياسانغان، زېمىن ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا جەزم قىلىپ تۇرغان (يەنى زالىملار ھەددىدىن ئېشىشى چېكىگە يەتكەن) چاغدا بولىدىغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ ئازابى كەلگەن ۋاقىتتا ئۇنى ھېچ نەرسە قايتۇرالمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ شۇنداق دەيدۇ: [ھەتتا زېمىن گۈزەل تۈسكە كىرگەن، چىرايلىق ياسانغان، زېمىن ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا جەزم قىلىپ تۇرغان چاغدا، ناگاھان كېچىسى ياكى كۈندۈزى ئۇنىڭغا قازايىمىز يەتتى ـ دە، (زىرائەتلەرنى) تۈنۈگۈن (يەنى ئىلگىرى) يوقتەك، (پۈتۈنلەي) ئۇرۇپ تاشلانغاندەك قىلىۋەتتۇق (يەنى نابۇت قىلىپ، يوق قىلدۇق)، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز] ئەنە شۇنىڭدەك، مۇئمىنلەرنى كۆزىنىڭ قىرىغىمۇ ئېلىپ قويمايدىغان، زالىم قەۋىملەر ئاللاھنىڭ ئازابىغا ھەر دائىم ئۇچراپ تورىدۇ. ئۇلار [كۈچ ـ قۇۋۋەتتە بىزدىن كىم ئارتۇق؟]، [بىز كۈچلۈك ۋە جەڭگىۋارمىز]، [مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق. مېنى ئوتتىن، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ]، [بەلكى مەن ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان بۇ ئەرزىمەس ئادەمدىن (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن) ياخشىمەن]، [مېنىڭ ئالاھىدە بىلىمىم بولغانلىقتىن بۇ بايلىققا ئېرىشتىم] دېگەندە، زېمىندا تەكەببۇرلۇق، چوڭچىلىق قىلغاندا ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى [ئۇلار بىزنىڭ پۈتۈن ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقاردى، ئۇلارنى غالىب، قۇدرەتلىك ھالەتتە تۇرۇپ ھالاك قىلدۇق]. ھازىرقى زالىملارنىڭ ھېساب بېرىدىغان ۋاقتىمۇ ئاز قالدى، ۋاقىت ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇلارنىڭ ھالاكىتىنىڭ شاھىدى بولۇپ قالىدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى قىيامەتكە قەدەر ئوقۇلۇپ تۇرىدىغان ئايەتلەر، ئاللاھنىڭ (زالىملارنى جازالاشتىن ئىبارەت) ۋەدىسى ئىشقا ئاشىدىغان ۋاقىتنىڭ سەل ئالدىدىكى ۋاقىتتا، پەيغەمبەرلەرگە يەتكەن ئەزىيەت، ئۇلار تارتقان قاتتىق كۈلپەتلەرنى بىزگە ناھايىتى روشەن سۈرەتلەپ بېرىدۇ: [ھەتتا پەيغەمبەرلەر(قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن) ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە قەۋمى تەرىپىدىن) يالغانغا چىقىرىلغانلىقىغا جەزم قىلغان چاغدا، ئۇلارغا بىزنىڭ ياردىمىمىز يېتىپ كەلدى، بىز خالىغان ئادەملەرنى قۇتقۇزدۇق، بىزنىڭ ئازابىمىز گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ]. مانا بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن غەم-قايغۇ، كۈلپەتلەرنىڭ ئاخىرقى چېكىنى سۈرەتلەپ بېرىدىغان، ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق سۈرەت. ئۇلار كۇفرى، نادانلىق، جاھىللىق، تۇزكورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان، شۇنچە ۋاقىت ئۇلارنى ھەققە چاقىرسىمۇ ئاز بىر قىسمىدىن باشقىلىرى ئاۋاز قوشمىغان بۇ سائەت ناھايىتى قىيىن سائەت. باتىل ئېتىقادتىكى كىشىلەر ھەددىدىن ئاشقان، ھىيلە–نەيرەڭلەرنى ئىشلىتىپ كۆرەڭلەۋاتقان، پەيغەمبەرلەر ئاللاھنىڭ ئازابىنى كۈتۈۋاتقان، قەلىبلىرى تەشۋىشلىنىشكە باشلىغان، ئۇلار يالغانچىغا چىقىرىلغان، ئاللاھنىڭ ياردىمىدىن ئۈمىدى ئۈزۈلۇشكە باشلىغان، قىيىنچىلىق، كۈلپەتلەر ئۇلار ئۈستىدىن غالىب كەلگەن، قىيىنچىلىقلار پەيغەمبەرلەرنىڭ كېكىرتىكىدىن سىققان، ئۇلارنىڭ تاقىتى ئاخىرقى چېكىگە يەتكەن ۋاقىتتا، ئاللاھنىڭ ھەل قىلغۇچ ياردىمى يېتىپ كېلىدۇ. [ئۇلارغا بىزنىڭ ياردىمىمىز يېتىپ كەلدى، بىز خالىغان ئادەملەرنى قۇتقۇزدۇق، بىزنىڭ ئازابىمىز گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ] سەييىد قۇتۇب (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) سۆزىنى مۇشۇ يەردە تاماملايدۇ. ئى ئاللاھ بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بەخت ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلغىن، بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگار ئاللاھقا خاستۇر.
مەنبەسى: ئىستىقلال رادىئوسى |