تىجارەت دائىرسىنى كىڭەيتىش ئۈچۈن بانكىدىن قەرز ئالسا دۇرۇس بولامدۇ؟


سوئال:ھازىرقى زاماندا بىر ئادەمدىن بىر ئىش قىلىشقا يەتكىدەك قەرز بىرىشنى تەلەپ قىلىش ناھايىتى تەس، قەرز بىرىپ تۇرىشى ناتايىن، شۇڭا بىر ئادەمدە بىرئىشنىڭ بىشىنى تۇتقىدەك سەرمايە بولمىسا، مۇئەييەن بىر ئىش قىلىش ئۈچۈن بانكىدىن ئۆسۈملۈك قەرز ئىلىش توغرا بولامدۇ؟
جاۋاب:تىجارەت قىلىش ئاللاھ ھالال قىلىپ بەرگەن رىزىق يوللرىنىڭ بىرسى، ئاللاھ تائالا ھالال يول بىلەن قىلىنغان تىجارەتكە بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ ۋە ساۋاب بىرىدۇ.
چۈنكى مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش يولىدا تىجارەت قىلغانلىقى ئىبادەت ھىسابلىنىدۇ. ھالال يول بىلەن باسقان ھەر بىر قەدىمىگە بىردىن ساۋاب ئالىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان تىجارەتچىلەر ھالال يولنى ئىزدىشى، تىجارەت ساھەسىدە ئىسلام دىنى ھارام قىلغان يوللاردىن ساقلىنىشى ۋاجىب.
پۇل تىپىپ، زىمىننى گۈللەندۈرۈش، ياخشىلىق يوللىرىغا سەرىپ قىلىش، بالا- چاقىلىىرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ ساھەسىگە ھەسسە قوشۇش ئىسلامى مەجبۇرىيەتلەردىندۇر.
ئىقتىسادنى ئىستىمال قىلىشتا تىجەش، ئىسراپ قىلماسلىق، ئۆز ئورنىدا سەرىپ قىلىش، ئەھمىيەتسىز ئىشلار ئۈچۈن پۇل بۇزماسىلىق، ھارام ئىشلارغا پۇل سىرىپ قىلىشتىن يىراق بولۇش ئىسلامى كۆرسەتمىدۇر.
تىجارەت بىر ئىبادەت، بۇ ئىبادەتنىڭ ئۆز جايىدا بولۇشى ئۈچۈن توغرا يولنى تاللاش لازىم.
ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ئۆسۈم ۋە جازانىگە ئۇرۇش ئىلان قىلدى: { جازانە،ئۆسۈم يىگەن ئادەملەر(قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن)جىن چىپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەملەردەك قوپىدۇ.بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى،ئۇلار اللھ ھارام قىلغان ئىشنى ھالال بىلىپ « سودا- سىتىق، جازانىگە ئوخشاش(جازانە نىمىشقا ھارام بولىدۇ؟)» دىدى. اللھ سودا-سىتىقنى ھالال قىلدى، جازانىنى،(بەدەلسىز بولغانلىقى،شەخىسكە ۋە جەمئىيەتكە زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن)ھارام قىلدى.كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز- نەسىھەت كەلگەندىن كىيىن(يەنى جازانە مەنئى قىلىنغاندىن كىيىن ئۇنىڭدىن)يانسا, بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى اللھ غا تاپشۇرۇلىدۇ(يەنى اللھ خالىسا ئۈنى كەچۈرىدۇ،خالىسا جازالايدۇ). قايتا جازانە قىلغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ﴿275﴾.اللھ جازانىنىڭ (بەركىتىنى )ئۈچۈرۈۋىتىدۇ، سەدىقىنىڭ(بەركىتىنى)زىيادە قىلىدۇ. اللھ ھەر بىر ناشۈكۈر(يەنى جازانىنى ھالال سانىغۇچى)گۇناھكارنى دوست تۇتمايدۇ﴿276﴾. ئىمان ئىيتقان،ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان،ناماز ئوقۇغان ۋە زاكات بەرگەن كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا(چوڭ)ساۋابقا ئىرىشىدۇ ، ئۇلاردا (ئاخىرەتتە)قورقۇنچ ۋە غەم-قايغۇ بولمايدۇ﴿277﴾.ئى ئىمان ئىيتقان كىشىلەر!(ھەقىقىي) مۆمىن بولساڭلار، اللھ( نىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك) قىلىشتىن ساقلىنىڭلار،(كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە)قىلىپ قالغان جازانىنى(يەنى ئۆسۈمنى)ئالماڭلار﴿278﴾.ئەگەر ئۇنداق قىلساڭلار بىلىڭلاركى،اللھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى سىلەرگە ئۇرۇش ئىلان قىلىدۇ، ئەگەر (جازانە قىلىشتىن)تەۋبە قىلساڭلار, (قەرز بەرگەن)سەرمايەڭلار ئۆزەڭلارغا قايتىدۇ، باشقىلارنى زىيان تارتقۇزمايسىلەر،ئۆزەڭلارمۇ زىيان تارتمايسىلەر} بەقەرە سۈرىسى، 275- 278 ـ ئايەتلەر.
رەسۇلۇللاھ ھەدىس شەرىفتە جازانە يىگۈچى ۋە يىگۈزگىچى... كە لەنەت تىلىدى.
دىمەك ئۆسۈم ۋە جازانە ئەڭ ئىغىر جىنايەتتۇر. ئاللاھنىڭ ئازابى ۋە غەزۋىدىن ساقلىنىش، تىجارەتنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇپ، بەرىكەت تىپىشى ئۈچۈن ئۆسۈم ۋە جازانىدىن ساقلىنىش كىرەك.
ئاز بولسىمۇ ھالال مال بىلەن قىلىنغان تىجارەتكە ئاللاھ بەرىكەت بىرىدۇ، ئىبادەت بولۇپ، ساۋاب بولىدۇ.
تىجارەت دائىرىىسنى كىڭەيتىش ئۈچۈن بانكىدىن ئۆسۈملۈك قەرز ئىلىش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى بانكىنىڭ ئۆسۈمى ھارام، ھارام پۇل ھالال پۇلغا ئارلىشىپ كەتسە تىجارەتنىڭ نەتىجە قازنىشى ناتايىن، نەتىجە قازانغان تەقدىردىمۇ ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىق بولىدۇ.
قانچىلىغان تىجارەتچىلەر ئۆسۈملۈك پۇل قەرز ئىلىپ، تىجارەتتە زىيان تارتىپ، ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىۋەتتى ھە!!.
قاتتىق زۆرۈرىيەت بولمىسا بانكىدىن ئۆسۈملۈك قەرز ئىلىش دۇرۇس بولمايدۇ. بىرەر تىجارەت ياكى پىلان ئۈچۈن بانكىدىىن قەرز ئىلىش زۆرۈرىيەت قاتارىغا كىرمەيدۇ، بىر پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆسۈملۈك قەرز ئىلىش دۇرۇس بولمايدۇ.
ئۇنداق كىشى بىرەر شىركەت، ئورگان، دۇككان...غا ئوخشاش بىرەر ئورۇندا - مائاشى ئازراق بولسىمۇ- ئىشلىسە بولىدۇ.
ئەسلى مەبلەغ ئۆسۈملۈك قەرز بولۇپ، زىيان تارتىپ قالسا، قەرزنى ئۆسۈم بىلەن قايتۇرۇپ، پايدا ئىلىشى ناتايىن. ئاللاھ ھارام قىلغان يول بىلەن تىجارەت قىلىپ، نەتىجە قازىنىش مۇمكىنمۇ؟
ئاز تاپسىڭىزمۇ ھالال يولدىن تىپىڭ، ھارام ئارلىشىپ قالغان يولدا نىجاتلىق يوق.
خۇلاسە شۇكى تىجارەت دائىرسىنى كىڭەيتىش ئۈچۈن ئۆسۈملۈك قەرز ئىلىش توغرا ئەمەس.
**زۆرۈرىيەت ئۈچۈن ئۆسۈملۈك قەرز ئىلىشنىڭ ھۆكمىچۇ؟
زۆرۈرىيەت دىگەن: دىن، جان، مال، ئابروي ۋە ئەقىلنى قوغداشتۇر.
مۇشۇ بەش نەرسىنىڭ قايسى بىر نەرسىنى كەسكىن ھالاكەتتىن قۇتقۇزىۋىلىش ئۈچۈن ۋاقىتلىق ئۆسۈملۈك قەرز ئالسا دۇرۇس بولىدۇ.
مۇشۇ زۆرۈرىيەت قاتارىغا كىرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئۆسۈملۈك قەرز دۇرۇس بولمايدۇ

مەنبەسى: ئۆگىنىش ئىسلام مەكتىپى