پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىلىم ئېلىش توغىرسىدا قىلغان ۋەسىيتى

مەسئۇد ئوغلى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:‹‹ سىلەر بىلىم ئۆگىنىڭلار. ھەم شۇ ئۆگەنگىنىڭلارنى خەلىققە ئۆگىتىڭلار. سىلەر مىراس ئىلىمنى ئۆگىنىڭلار ۋە ئۇنى خەلىقكە ئۆگىتىڭلار. سىلەر قۇرئاننى ئۆگىنىڭلار. ھەم ئۇنى خەلىقلەرگە ئۆگىتىڭلار. چۈنكى، مەن بۇ دۇنيادىن ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىنسانمەن ( مېنىڭ بار چېغىمدا دىنىي ئىسلامنىڭ بارلىق قانۇن- قائىدىلىرىنى ئۆگىنىپ ئېلىڭلار ). مەندىن كېيىن بىلىممۇ يىغىلىدۇ. ( ئالىملار ۋاپات بولۇش بىلەن بىلىم يوقۇلۇشقا باشلايدۇ ). ھەر-خىل قارىمۇ- قارشىلىقلار، پىتنە پاسادلار ئاشكارا بولىدۇ. ھەتتا ئىككى ئادەم بىر پەرز ئەمەل توغرىسىدا تالاش- تارتىش قىلىشىپ قالسا، ئۇ ئىككەيلەننىڭ مەسىلىسىنى ئايرىپ قويىدىغان ( يەنى ماۋۇ پەرز، ماۋۇ ۋاجىپ، دەپ بېرەلەيدىغان ) بىرەر كىشىنىمۇ تاپالمايدۇ››. ( ئىمام دارىمىي رىۋايىتى، مىشكات شەرىف 64- بەتتىن ئېلىندى).

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۆزىنىڭ ئەمەلىيىتى بىز ئۇيغۇرلاردا كۆرۈلمەكتە. چۈنكى، ۋەتىنىمىز بويىچە دىنىي ئالىملار تۈگىگەن ھېسابتا بولۇپ قالدى. نۇرغۇنلىرى تۈگىمەس قاماقلارغا مەھكۇم بولدى. نۇرغۇنلىرى ئۆمىرى تۈگەپ ئۆلۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئىز باسار ئەۋلادلار يېتىشتۈرۈلمىدى. ھەر- خىل تەھدىتلەر، پوپۇزۇلار، مىللىي ساتقىنلار توسالغۇ بولدى. مىللەتنىڭ زىيالىيلىرى، ھۈنەرۋەنلىرى، تىجارەتچىلىرى ۋە دېھقانلىرى بۇ ھەقتە ئازراقمۇ غەم تارتىپ باقمىدى. ئويلاپمۇ باقمىدى. ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش يولىدا ھەر ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى، بالايى قازالارنى، تەھدىتلەرنى، ھەتتا قامىلىش، ئېتىلىشقا پەرۋا قىلماي چېلىشقان شارائىتتىمۇ دىن ئۈچۈن، ئىلىم ئۈچۈن ۋە ئاخىرەتتىكى سائادەت ئۈچۈن ئازراق تەنقىد ئاڭلاشنىمۇ بىر نان چىقىم قىلىشنىمۇ ئېغىر بىلىدىغان ئىپادىلەر كۆرۈندى.

 

دىن ئۈچۈن ئازار تارتىش، قىينىلىش، ئازابلىنىشنىڭ اللە ئالدىدا قانچىلىك چوڭ ئوتۇق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان كىشىلەرمۇ، بەش كۈنلۈك دۇنيا ھاياتى ئۈچۈن ئاخىرەتنى سېتىشتىن تارتىنمىدى. ئامال بولىدىغان مىقداردا ئىلىم ئۆگىتىپ باقمىدۇق. ئاخىرى ئەھۋاك شۇ يەرگە يەتتىكى 30 ياشتىن تۆۋەن ئەۋلادلار- اللە كىم؟ پەيغەمبەر كىم؟ دىنىي ئىسلام نېمە؟ بەندىلىك ۋەزىپىسى قايسى؟ گۇناھ نېمە؟ ھارام نېمە؟ دېگەنلەردىن كۆكپىنچىسى خەۋەرسىز قالدى.  بىلگەنلەرمۇ بېشىنى ئىچىگە تىقىپ جان ساقلىماقچى بولدى. جېنىنى ئەزرائىل ئەلەيھىسسالامدىنمۇ ساقلىيالارمۇ؟ قىيامەت كۈنى اللە ئالدىدا نېمە دەيمىز؟ قانچىلىك رەسۋا بولىمىز؟ تېخى بېشىمىزغا ئىقتىسادىي ياكى سىياسىي ياكى ئائىلىۋىي خاپىلىقلار يۈزلەنسە تەپ تارتماي اللە رەھىم قىلمىدى، دۇئايىمىزنى ئىجابەت بولمىدى، قاچان ئانداق يا مۇنداق بولار! دەپ اللە تائالادىن نارازى بولىمىز. پەيغەمبىرىمىز دۇنياغا دىننى ئىسلامنى دۇئا تەلەپ بىلەن تارقاتقانمۇ؟ دۇنيادا اللە توختاتقان قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلماي نەتىجە قازانغانلىق قايسى تارىختا ئۆتكەن؟ تېرىماي ئورۇش قەيەردە بولغان؟ ئى اللە ھەممىمىزگە تەۋفىق- ھىدايەت بەرسەڭ! ئامىين!.

 

يۈز ئون ھەدىس كىتابتىن ئېلىندى