دىيارىمىزدىكى تۇنجى خىرىستىيانلار

 

دىيارىمىز 10 ئەسىرلىك ئىسلام ھاياتىدا ،نۇرغۇن مۇۋاپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن،پارلاق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان .ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بۇ بىپايان زىمىن نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى بولغان.ئەمما 16-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ بۇ زىمىندىكى سوپا-ئىشانلىق ۋە بۆلگۈنچىلىك ئاسارىتى تۈپەيلى مەلۇم دەرىجىدە چىكىنىش پەيدا بولغان.مانا مۇشۇ دەۋىرلەردە ئازراق گۈللىنىش يولىغا مىڭىپ،دۇنياۋى تاجاۋۇزچىلىققا قەدەم قويغان ياۋروپالىقلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆزىنىڭ خرىستىيان ئەقىدىسىنى زورلاپ تارقاتقان ۋە كىشلەرنى ئازغۇنلۇققا باشلاپ ماڭغان. دىيارىمىزنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقانلىقىدىنمۇ قانداق، خىرىستىيان مىسيونىرلىرى رەزىل قوللىرىنى ئانچە چۇڭقۇر سوزالمىغان.ئەمما 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە ،شىۋىتسىيلىك مىسيونىرلار قەشقەر ۋە يەكەننى مەركەز قىلىپ ،دىن تارقىتىش ئېلىپ بارغان .ئۇلار دىن تارقىتىش جەريانىدا ئاز ساندىكى قولچۇماقلارنى ۋە ماڭقۇرتلارنى يىتىشتۈرۈپ چىققان بولسىمۇ،ئەڭ ئاخىرى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشقان.كونا مۇنبەردە" 30-يىللاردىكى ئۇيغۇر ۋەتىنى" دەيدىغان بىر تىما بۇلىدىغان.شۇنىڭدىكى فىلىمدە ئەينى دەۋىردىكى خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئىكەن.
يېقىندا تور كۈرۈۋېتىپ "ئۇيغۇر چىركاۋى "دەپ بىر ئەسەر كۆردۈم.بۇ ئەسەردە ئەينى ۋاقىىتلاردىكى مۇسۇلمان خەلقىمىز تەرىپىدىن ئۆلتۈرۇلگەن قولچۇماقلار ئۈچۈن ھىكايىلەر تۇقۇشۇپ،ئۇلارنى قۇربانلار دەرىجىسىگە كۈتۈرۈشۈپ يازغان نەرسىسى ئىكەن.ئۇ ماقالىنىڭ ماۋزۇسى"بۆرىلەر ئارىسىدىكى قوي_شىنجاڭدىكى چىركاۋ"ئىكەن.بىزنىڭ ھەتتا ئاشۇ قويدىنمۇ ياۋاش خەلقىمىزنى بۆرىگە ئوخشىتىپ،ئۆزلىرىدەك قوي تىرىسغا ئۇرنىۋالغان بۆرىلەرنى قويغا ئوخشىتپتۇ-ئۇ بەدبەخىتلەر! شۇنداقتىمۇ كۆپچىلىكنىڭ خەۋەردار بۇلۇپ قېلىشى بۇ ماقالىدىكى بىر نەچچە ۋەقەلىكنى تەرجىمە قىلىشنى توغرا تاپتىم.

دىيارىمىزغا تۇنجى بۇلۇپ كەلگەن خىرىستىيان پورتىگالىيلىك كاتولىك مىسيونىر بېنىدىك دىكو بۇلۇپ،ئۇ 1603-يىلى 11-ئايدا ھىندىستاننىڭ ئاگرا شەھىردىن ،13 ئاي يول يۈرۈپ يىتىپ كەلگەن.ئۇ يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان .يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ يولباشچى ئاقساقاللىرى ئۇنى خىرىستىيان دىنىدىن چىقىپ ،ئىسلام دىنىغا ئىتىقات قىلىشقا بۇيرۇغان.
1892-يىلى ئۇلار ئىستىراگىيلىك شەھەر قەشقەردە خىزمەت قىلىشقا باشلىغان.ئۇلار تۇنجى تۈركۈمدە تۈركىيەنىڭ ئەرزۇرۇم شەھىردىن كەلگەن بىر موللىنىڭ ئوغلى مەخمىت شۈكرىنى ئەۋەتكەن.1895-يىلى ئۇلار يەكەندىمۇ دىن تارقىتىشقا باشلىغان.شۇ دەۋىرلەردىكى خەلقىمىز ئۇلارنىڭ ئىسلامىيەت نۇرىغا چۈمۈلگەن بۇ دىيارلاردا ئازغۇنلۇق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قاتتىق قارشى تۇرغان.1899-يىلى خىرىستىيانلارنىڭ ئىستىر بايرىمدا مۇسۇلمانلار ئۇلارغا قارشى قوزغىلاڭ قىلغان.
1933-يىلى خوتەندىن كەلگەن قوراللىق قۇشۇن قەشقەر ،يەكەن ۋەئەتراپىدىكى يېزا بازارلانى كونتۇرۇلىقىغا ئالغان.شۇ چاغدا قۇرۇلغان يۈز كۈنلۇك ھاكىميەتمۇ قەشقەر .يەكەنلەردىكى خىرىستىيانلارنى يوقىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان.خوتەندىن كەلگەن ئابدۇللا خان ئۇلارنى سوراق
قىلغان ۋە ئۇلارنى ئۈلۈمگە ھۈكۈم قىلغان
.
ئۇلار خەلقىمىزنىڭ شۇچاغدىكى نامراتلىقىدىن ۋە نادانلىقىدىن پايدىلنىپ ،دىن تارقىتىش ئېلىپ بارغان.ئۇلار ئۆزلىرى بىلىدىغان ئاز تولا تىببى بىلىملىرى بىلەن ،كىشلەرگە" مىھرى شەپقەت" يەتكۈزگەن،ئېغىر نامراتلىققا مۇھتاج بولغانلارغا ئاز تولا ياردەم بىرىش ئارقىلىق ئۆزىگە قاراتقان.يەرلىك قۇلچۇماقلار ئارقىلىق دىننى سىڭدۈرمىچىلىك ئېلىپ بارغان.ۋەھالەنكى ئۇلارنىڭ بۇ رەزىل قىلمىشلىرى ئەڭ ئاخىرى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشقان .ئەمما ھازىرقى جەمىيتىمىزگە قاراپ ناھايىتى ئېچىنىۋاتىمەن.ئۇچاغلاردا ئۇلار يۇرتىمىزدا بىر چىركاۋ قۇرالىغان بۇلسا،ھازىر دىيارىمىزدىكى چوڭ شەھەرلەردە نەچىچىلىگەن چېركاۋلار بار؟!؟ئەنە ئاشۇ چېركاۋلاردا ھەرخىل مۇددىئا بىلەن كاللىسى يۇيۇلغان ماڭقۇرتلاردىن نەچچىسى بار؟!ھازىر ماددى ئېھتىياجىمىز شۇنچىلىك قاندىكى ،ئىسراپخورلۇق،ھەشەم-دەرەم ئىچىدە ياشاۋاتىمىز.يەنە شۇنىڭغىمۇ شۈكرى قىلماي ،تېخىمۇ كۆپنى تەلەپ قىلىپ ،نەپسىمىزنى چوڭايتىۋاتىمىز...ئەمما ئاشۇ كاللىمىزدىكى روھى پۈچەكلىلىك يەنىلا ئوڭشالمىغان،قولىمىزدا تارىم ،ئىلى دەريالىردەك دولقۇنلۇق سۇ مەنبەسى_ئىسلام تۇرسا ،كاللىمىز شۇ بىپايان تەكلىماكاندەك قۇرۇپ ،قاغجىراپ كەتكەن.
ئۇلۇغ ئاللا ھ ھەممىمىزگە تەۋپىق ،ھىدايەت ،ئىمان ،ئىنساپ ئاتا قىلسۇن!!يەھۇدى ،ناسارالارنىڭ پىتنە پاسادلىرىدىن ساقلىسىۇن!!!

مەنبەسى: مەرىپەت مۇنبىرى