ھەج ئېيىنىڭ 10 كۈنىنىڭ پەزىلىتى

 

مىننەتدارلىق ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقاخاستۇر، دۇئا-سالاملىرىمىز پەيغەمبەرلەرنىڭ سەردارى مۇھەممە ئەلەيھىسسالامغا,ئائىلە-جەمەتىگە، ساھابىلىرىگە ۋە قىيامەت كۈنىگىچە ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ماڭغان بارلىق مۆمىنلەرگە بولسۇن!

سالىھ - ياخشى بەندىلىرىگە ياخشى ئەمەللەرنى كوپ قىلۋالىدىغان ئايرىم ئىبادەت مەۋسۇملىرىنى ئاتا قىلىش بولسا ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىلىرىگە قىلغان مەرھەمەت ۋە ئىنئاملىرىنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ ئەنە شۇ مەۋسۇملەرنىڭ بىرى زۇلھەججە ئېيىنىڭ 10كۈنىدۇر.

ھەج ئېيىنىڭ بېشىدىكى 10 كۈننىڭ پەزىلىتى.

قۇرئان ۋە ھەدىستە بۇ كۈنلەرنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە تەلىماتلار كەلگەن بولۇپ شۇ جۈملىدىن:

-1-
ئولۇغ ئاللاھنىڭ، فەجر سۈرىسى 1-ۋە 2-ئايەتلىرىدىكى:[سۈبھى بىلەن،ئون كىچە بىلەن...قەسەم] دېگەن سۆزى بولۇپ، ئىبنى كەسىر بۇئايەت توغرىسىدامۇنداق دېدى:ئىمام بۇخارى نەقىل قىلغان ئابدۇللاھ بىننى ئابباس، ئابدۇللاھ بىننى زۇبەير ۋە مۇجاھىد قاتارلىق ئالىملارنىڭ بۇ توغرىدىكى كۆرسەتمىسى بويىچە بۇ كەلىمىلەردە كۆزلەنگىنى زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئون كىچىسىدۇر.
-2-
ئاللاھ رازى بولسۇن ! ئابدۇللاھ بىننى ئابباسنىڭ ئېيتىشچە پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن:‹‹ ئاللاھقا ياخشى ئەمەل قىلىش بۇ ئون كۈندىنمۇ بەكراق سۆيۈملۈك بولىدىغان ھېچ بىر كۈن يوقتۇر ››. كىشىلەر، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشمۇ ئۇنداق ئەمەسمۇ؟ دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ: ‹‹ھاياتى ۋە مال-مۇلكىنى ئاتاپ چىقىپ بۇلاردىن ھىچ نەرسىسى قايتمىغان كىشىدىن باشقا ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشمۇ ئۇنداق ئەمەس›› دېدى .
-3-
ئولۇغ ئاللاھ سۈرە ھەج 27-ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:[بەلگىلەنگەن كۈنلەردەئاللاھنىڭ نامىنى ياد ئەتسۇن]ئىبنى كەسىر تەپسىرىدەئىبنى ئابباسنىڭ ‹ بۇ بەلگىلەنگەن كۈنلەر زۇلھەججىنىڭ ئون كۈنىدۇر› دىگەنلىگى كەلتۇرۇلگەن.
-4-
ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن! ئۇمەر ئوغلى ئابدۇللاھنىڭ دېيىشچە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«پاك ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ياخشى ئەمەل قىلىش بۇ ئون كۈندىنمۇ بەكراق سۆيۈملۈك بولغان ھېچ بىر كۈن يوقتۇر، ئۇنىڭدا تەھلىل( لائىلاھەئىللەللاھ )، تەكبىر (ئاللاھۇ ئەكبەر) ۋە تەھمىد (ئەلھەمدۇلىللاھ) نى كۇپ ئېيتىڭلار››.ئىمام ئەھمەد رېۋايەت قىلغان.
-5-
ئىمام دارىمىينىڭ يەتكۈزۇشچەئاللاھ رازى بولسۇن! يۇقۇرىدىكى ئىبنى ئابباس رېۋايەت قىلغان ھەدىسنى يەتكۈزگەن سەئىد بىننى جۈبەير دىگەن ساھابە، بۇ ئون كۈن كىرىشى بىلەن ئىبادەتتە قاتتىق تىرىشقانلىقتىن كۈچى يەتمىگىلى تاس قالاتتى.
-6-
ئىبنى ھەجەر ئەسقىلانى بۇخارى كىتابىنىڭ شەرھىسى پەتھۇلبارىدا مۇنداق دېگەن:‹ئوچۇقكى زۇلھەججىنىڭ ئون كۈنىنىڭ بۇنداق ئىمتىيازلىق بولىشىدىكى سەۋەپ ئۇنىڭدا ناماز، روزا، سەدىقە ۋە ھەج قاتارلىق ئەڭ ئاساسلىق ئىبادەتلەرنىڭ يىغىلغانلىقىنىڭ دەرىجىسىدىندۇر، بۇ ئىبادەتلەر باشقا چاغلاردا بۇنداق بىر يەرگە يىغىلمايدۇ › .

بۇ كۈنلەردە قىلىنىدىغان مۇستەھەپ ئەمەللەر.

-1-
ناماز : پەرز نامازلارغا ئالدىن ئالا چىقىپ كۈتۈپ ئولتۇرۇش بىلەن بىرىنچى ۋاقتىنى قولدىن بەرمەسلىك ۋە نەپلە نامازلارنى كۇپ ئوقۇش ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەڭ ئەۋزەل ئەمەللەردۇر. ئىمام مۇسلىمنىڭ رېۋايىتى بويىچەئاللاھ رازى بولسۇن! سەۋبان، پەيغەمبەرسەللەللاھۇئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ مۇنداق دەۋاتقانلىغىنى ئاڭلىدىم دەيدۇ:‹‹ ئاللاھقا سەجدىنى كۆپ قىلىشىڭ لازىم.
ئاللاھقا سەجدە قىلىدىغانلا بولساڭ ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن دەرىجەڭنى كۆتىرىدۇ ۋە خاتالىقىڭنى كەچۈرىدۇ›› . بۇ ھەدىسنىڭ يوليورىقى ھەممە ۋاقىتقا ئۇمۇمىدۇر.
-2-
روزا: بۇمۇ ياخشى ئەمەللەرنىڭ بىرى بولۇپ بۇھەقتە خالىد ئوغلى ھۇنەيدنىڭ نەقىل قىلىشچە ئۇنىڭ ئايالى رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرىدىن بىرىنىڭ مۇنداق دىگەنلىگىنى يەتكۈزگەن:‹‹ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەم زۇلھەججىنىڭ توققۇز كۈنى،ئاشۇرا كۈنى ۋە ھەرئايدىن ئۈچ كۈن روزا تۇتاتتى››بۇ ھەدىسنى ئەھمەد، ئەبۇداۋۇد ۋە نەسەئى قاتارلىق ئىماملار نەقىل قىلغان. ئىمام نەۋەۋى بۇ ئون كۈندە روزا تۇتۇش ناھايىتى قاتتىق مۇستەھەپتۇر دەپ كۆرسەتكەن.
-3-
تەكبىر، تەھلىل ۋە تەھمىدلەرنى ئېيتىش: بۇ ھەقتە يۇقۇرىدىكى ئىبنى ئۇمەر ھەدىسىدە‹‹ تەھلىل، تەكبىر ۋە تەھمىد نى كۆپ ئېيتىڭلار›› دەپ كەلگەن. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! ئىمام بۇخارى مۇنداق دەيدۇ:‹ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن! ئابدۇللاھ بىننى ئۇمەر بىلەن ئەبۇھۇرەيرە، بۇ ئون كۈندە بازارغا چىقىپ تەكبىر توۋلايتتى شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرمۇ ئۇلارنىڭ تەكبىرىگە ئەگىشىپ تەكبىر توۋلايتتى› . ئىمام بۇخارى يەنە
ئۇمەرنىڭ مىنادىكى گۈمبىزىدە تەكبىر توۋلىغىننى ئاڭلىغان مەسجد ئەھلى تەكبىر توۋلايتتى بۇنىڭ بىلەن بازاردىكىلەرمۇ تەكبىر توۋلاپ پۈتۈن مىنا زىلزىلىگە كېپ كىتەتتى›دەيدۇ.
ئىبنى ئۇمەر ئاشۇ كۈنلەردە مىنادا نامازلارنىڭ ئارقىسىدا، ئۆزىنىڭ ياتىغىدا،ئۆز توپى ئىچىدە ۋە ماڭغان-ئولتۇرغان ھەممە چاغلىرىدا تەكبىر توۋلاتتى.  تەكبىرنى ئۈنلۈك توۋلاش ئۇمەر، ئۇنىڭ ئوغلى ۋە ئەبۇھۇرەيرە قاتارلىق ساھابىلارنىڭ ئاشۇ ئەمىلىيىتىگە ئاساسەن مۇستەھەپتۇر.
بۇ زامانلاردائەپسۇسكى بۇرۇنقى پىشىۋالارنىڭ ئەكسىچە ھەتتا سالىھ، ياخشى كىشىلەرمۇ ئۈنتۇپ كىتىش گىردابىغا كەپ قېلىپ زايا بولۇپ كىتۋاتقان بۇ سۇننەتلەرنى بىز مۇسۇلمانلار تىرىلدۇرىشىمىزغا تىگىشلىكتۇر.

تەكبىرنىڭ ئىبارىلىرى؛

ئا.  ئاللاھۇ ئەكبەر، ئەللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر كەبىيرا.
ب. ئاللاھۇ ئەكبەر، ئەللاھۇ ئەكبەر، لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، ۋەلىللاھىل ھەمدۇ.
ج. ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، ۋەلىللاھىل ھەمدۇ.

( بۇ ئۈچ ئىبارىنىڭ بىرىنى ياكى ھەممىسىنى داۋاملىق تەكرار ئېيتىشقا بولىدۇ ).

-4-
ئەرپات كۈنىنىڭ روزىسى: بۇ كۈندە روزا تۇتۇش بولسا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئەرپات كۈنى روزىسى ھەققىدە ئىسپاتلانغان مۇنۇ ھەدىس بىلەن ناھايىتى تەكىتلىنىدۇ ‹‹(بۇكۈننىڭ روزىسى سەۋەپلىك) ئاللاھ، ئالدىنقى ۋە كىيىنكى يىللارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرىدۇ دەپ ھىساپلايمەن›› بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رېۋايەت قىلغان.لېكىن ھەج قىلىپ ئەرپاتتا تۇرۋاتقان كىشىلەرگە بۇ كۈندە روزا تۇتۇش مۇستەھەپ ئەمەس چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئەرپاتتا روزىسىز تۇرغاندۇر.
-5-
قۇربانلىق كۈنىنىڭ پەزىلىتى :  بۇ ئولۇغ كۈندىن ۋە ئۇنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى شان- شەرەپ ۋە پەزىلتىدىن نۇرغۇن مۇسۇلمانلار ۋە ئاز بولمىغان مۆمىنلەر غەپلەتتە-بىخۇتتۇر.ۋاھالانكى بەزى ئالىملاربۇ كۈننى يىلنىڭ كۈنلىرىنىڭ مۇتلەق ئەڭ كاتتىسىدۇر، ھەتتا ئەرپات كۈنىدىنمۇ  ئولۇغدۇر دەپ قارايدۇ. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!ئىبنى قەييۇم مۇنداق دەيدۇ:‹ قۇربانلىق كۈنى چوڭ ھەج كۈنى بولۇپ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە كۈنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.› شۇنىڭدەك سۈنەن ئەبۇ داۋۇت كىتابىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى كەلگەن:‹‹ شەكسىزكى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە كۈنلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى قۇربانلىق كۈنى ئاندىن قالسا قارار ئالىدىغان كۈندۇر››. قارار ئالىدىغان كۈن بولسا زۇلھەججىنىڭ ئون بىرىنچى كۈنى بولۇپ ھاجىلار مىنادا ئورۇنلۇشۇپ تۇرىدىغان كۈندۇر.
ئەرپات كۈنىنىڭ روزىسى ئىككى يىلغا تەڭ ۋە ئەرپات كۈنىدىكىدەك ئاللاھ بەندىلەرنى كۆپ ئازات قىلىدىغان كۈن يوقتۇر. شۇنداقلا ئەرپات كۈنى ئولۇغ، پاك ئاللاھ بەندىلىرىگە ئەڭ يېقىنلىشىدىغان ۋە ئۆز پەرىشتىلىرىگە مەيدان ئەھلىنى كۆرسۇتۇپ ماختىنىدىغان كۈن بولغاچقا قۇربانلىق كۈنىدىن ئەرپات كۈنى ئولۇغ دەپمۇ كەلگەن، لېكىن بىرىنچى قاراش توغرىدۇر چۈنكى ئۇنى ئىسپاتلايدىغان ھەدىسكە ھېچ نەرسە تەڭ كىلەلمەيدۇ.
مەيلى قايسى كۈن ئەۋزەل بولسۇن مۇسۇلمان ھەج قىلۋاتقان ياكى ئادەتتىكىدەك مۇقىم تۇرۋاتقان بولسۇن بۇ كاتتا پەزىلەتنى ھىس قىلغان ھالدا بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىككە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى زۇرۇردۇر.

ياخشىلىق مەۋسۇملىرىنى نىمە بىلەن كۈتۋېلىشىمىز لازىم؟

-1-
مۇسۇلمان ياخشىلىق مەۋسۇملىرىنى ئۇمۇمەن چۇڭقۇر،سادىق تەۋبە بىلەن گۇناھ - جىنايەتلەردىن تۈپتىن قول ئۈزۈش ئارقىلىق كۈتۋېلىشى لازىم، چۈنكى ئەنە شۇ گۇناھلار ئىنساننى ئۆز پەرۋەردىگارىنىڭ مەرھەمەتلىرىدىن مەھرۇم قىلىپ، قەلبىنى ئۆز ئىگىسىدىن پەردىلەپ قويىدۇ.
-2-
شۇنداقلا ياخشىلىق مەۋسۇملىرىنى غەنىمەت بىلىپ ئۇمۇمەن ئولۇغ، بۈيۈك ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا مۇستەھكەم، جىددى ئىرادە بىلەن ئاتلىنىپ كۈتۋېلىش كىرەك. چۈنكى ئاللاھقا سادىق بولغان كىشىنى ئاللاھ ساداقەتكە مۇۋەپپەق قىلىدۇ.[ بىز ئۈچۈن كۆرەش قىلغانلارنى ئەلۋەتتە يوللىرىمىزغايىتەكلەيمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر ] سۈرە ئەنكەبۇت 69- ئايەت.

ئى مۇسۇلمان قېرىندىشىم! بۇ پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۈتۈشقا تىرىشقىن، بۇ پۇرسەتلەنى قۇلدىن بىرىپ قويۇپ بىرچاغلاردا پايدىسىز
پۇشايمانغا قالمىغىن.

ئاللاھ مىنى ۋە سېنى ياخشىلىق مەۋسۇملىرىدىن تولۇق پايدىلانغىلى نېسىپ قىلسۇن! ئۇنىڭدىن ئۆزىگە ياخشى تائەت- ئىبادەتلەرنى قىلىشىمىزغا ياردەم بىرىشىنى سورايمىز ئامىن!

قۇربانلىقنىڭ بەزى شەرئى كۆرسەتمىلىرى ۋە ئەھكاملىرى.

ئەسلىدە قۇربانلىق شەرىئەتتە خۇددى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ۋە ئۇزاتنىڭ ساھابىلىرى ئۆزى ۋە ئائىلىسىگە ۋاكالەتەن قۇربانلىق قىلغاندەك ھاياتلارنىڭ قىلىشى ئۈچۈن يولغا قويۇلغاندۇر.بەزى خەلىق ئاممىسىدىكى ئۆلۈكلەرگە ئاتاپ مەخسۇس قۇربانلىق قىلىش كىرەك دىگەن گۈماننىڭ ھېچ بىر ئاساسى يوقتۇر.

ئۆلۇكلەر نامىدا قىلىنىدىغان قۇربانلىق مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:

-1-
بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئائىلىسىگە تەۋە ھاياتلار ۋە ئۆلۈكلەرنى ئۇمۇمەن نىيەت قىلغان ھالدا قۇربانلىق قىلغىنىغا ئوخشاش، ئۆلۈكلەرنى ھاياتلارتەۋەسىگە ئالغان ھالدا قۇربانلىق قىلىش. بۇنىڭ ئاساسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسى نامىدا قۇربانلىق قىلغانلىقى بولۇپ ئائىلىسىنىڭ ئىچىدە ئىلگىرى ۋاپات بۇلۇپ كەتكەنلەرمۇ بارئىدى.
-2- 
ئۆلۈپ كەتكەنلەرنامىدا ئۇلارنىڭ قۇربانلىق قىلىش ۋەسىيىتىنى ئورۇنداش تەقەززاسى بۇيىچە قۇربانلىق قىلىش. بۇنىڭ ئاساسى [ۋەسىيەتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كىمكى ئۇنى ئۆزگەرتىدىكەن، ئۇنىڭ گۇناھى ئۆزگەرتكەنلەرگە يۈكلىنىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر،  ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر] سۈرە بەقەرە 181-ئايەت.
-3-
ھاياتلاردىن مۇستەقىل ھالدا ئۆلۈكلەرگە ساۋابىنى خالىس بېغىشلاش ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىش بولۇپ بۇ دۇرۇستۇر.
ھەنبەلى ئۇلۇمالىرى سەدىقىگە قىياس قىلىپ بۇنىڭ ساۋابىنىڭ ئۆلۈككە يىتىپ بارىدىغانلىقى ۋە ئۆلۈككە پايدىسى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا تىكىستلەر قالدۇرغان. لېكىن ئۆلۈككە ئاتاپ مەخسۇس قۇربانلىق قىلىشنى سۈننەت جۈملىسىدىن دەپ قارىمايمىز. چۈنكى پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆز جەمەتىدىن ئۆلۇپ كەتكەنلەرنىڭ ھېچقايسىغا مەخسۇس ئاتاپ قۇربانلىق قىلمىغان.
تاغىسى ھەمزە ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تۇققىنى بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئاتاپ مەخسۇس قۇربانىلىق قىلمىغان. شۇنداقلا رەسۇلۇللاھ  ھايات چاغدائۆلۈپ كەتكەن، ياتلىق بولغان ئۈچ قىزى ۋە سەبى ئۈچ ئوغلى،ئەڭ سۆيۈملۇك ئايالى خەدىچىگىمۇ مەخسۇس ئاتاپ قۇربانلىق قىلمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ساھابىلار دەرۋرىدە ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ئۆلۇپ كەتكەن تۇققانلىرىغا ئاتاپ مەخسۇس قۇربانلىق قىلغانلىغى مەلۇم ئەمەس. شۇنىڭدەك بەزى ئادەملەرنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسى نامىدا قىلماستىن ئۆلۈكلەرنىڭ ۋەسىيىتى
بويىچە ياكى ساۋابىنى سوغا قىلىش بويىچە ئۇنىڭ ساۋابغا ھېچكىمنى قوشۇشقا بولمايدۇ دەيدىغان ئىتىقات بىلەن ئۆلۇپ كەتكەن تۇققانلىرىنىڭ بىر يىللىقىغا ئاتاپ قىلىدىغان ئاتالمىش '' گور قۇربانلىقى'' (ئۇيغۇرلاردا يىللىق نەزىرسى)قۇربانلىقىنى خاتا دەپ قارايمىز. ئەگەر ئۇلار بىر ئادەم ئۆزى ۋە ئائىلىسى نامىدا قۇربانلىق قىلسا بۇ تىرىكلەر گىمۇ ۋە ئۆلۇكلەرگىمۇ بىر تۇتاش كىپايە قىلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا ئىدى ھەرگىزمۇ بۇنى قويۇپ يۇقۇردىكى خاتا غا كىتىپ قالمىغان بولاتتى.

قۇربانلىق قىلماقچى بۇلغانلار ساقلىنىشقا تىگىشلىك نەرسىلەر.

ئەگەر بىر كىشى قۇربانلىق قىلماقچى بولۇپ ھىلال ئاينى كۆرۈش ياكى زۇلقەئدە ئېيى تولۇق ئوتتۇز بولۇش بىلەن زۇلھەججە ئېيىنىڭ كىرگەنلىكى ئىسپاتلانسا ئۇنىڭ ئۆز قۇربانلىقىنى بوغۇزلايدىغان چاققىچە ئۇنىڭ تۇياقلىرى، يۇڭلىرى ۋە تىرىلىرىدىن بىرەر نەرسىگە تىگىشى ھارامدۇر .
چۈنكى، ئاللاھ رازى بولسۇن! ئۇممۇسەلەمەئانىمىز پەيغەمبەرسەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى يەتكۈزگەن:« سىلەردىن كىمكى قۇربانلىق قىلماقچى بولسا (زۇلھەججىنىڭ باشتىكى)ئون كۈنى كىرىشى بىلەن قۇربانلىقنىڭ يۇڭلىرى ۋە تۇياقلىرىدىن قولىنى يىغسۇن!››ئىمام ئەھمەد ۋە ئىمام مۇسلىم رېۋايىتى. بۇ ھەدىسنىڭ يەنەبىر خىل تىكىستىدە ‹‹بوغۇزلايدىغان چاققىچە قۇربانلىقنىڭ يۇڭلىرى، تۇياقلىرى ۋە تىرىلىرىگە تەگمىسۇن›› دەپ كەلگەن.
ئەگەر قۇربانلىقنى ئاشۇ ئون كۈن ئىچىدە نىيەت قىلغان بولسانىيەت قىلغان چاغدىن باشلاپ يۇقۇرقى ئىشلارنى قىلمايدۇ ۋە نىيەت قىلىشتىن ئىلگىرى ئالغان نەرسىلىرى ئۈچۈن گۇناھ يوقتۇر.
بۇ چەكلىمىنىڭ ھىكمىتى شۇكى قۇربانلىق قىلغۇچى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان قۇربانلىق قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئەمىلى ئارقىلىق ھاجىلارغا بەزى ھەج ئىبادەتلىرىدە شېرىك بولۇش بىلەن چاچ ياكى يۇڭ قاتارلىق نەرسىلەرگە تەگمەسلىككە ئوخشاش بەزى ئىھرام خۇسۇسىيەتلىرىگىمۇ شېرىك بولغان بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇ ئون كۈن ئىچىدە بەدىنىدىن تىرناق چاچ قاتارلىقلارنى ئالسا دۇرۇس بولىدۇ. بۇ چەكلىمە پەقەت قۇربانلىق قىلغۇچىغا خاس بۇلۇپ ئۇ ۋاكالەتچى بۇلغانلار نىڭ بۇنىڭ بىلەن ئالاقىسى يوق.
چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام‹‹ قۇربانلىق قىلغۇچى›› دېدى''ۋاكالەتەن قۇربانلىق قىلدۇرغۇچىلار'' دېمىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆز ئائىلىسىگە ۋاكالەتەن قۇربانلىق قىلغان بولسىىمۇئۇلارنى يۇقۇرقى ئىشلاردىن چەكلىگەنلىكى نەقىل قىلىنغىنى يوق.
ئەگەر قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى قۇربانلىقنىڭ يۇڭ، تۇياق ياكى جىسمىدىن بىرەر نەرسىسىنى ئېلىپ سالغان بولسا ئولۇغ ئاللاھقا تەۋبە قىلىشى ۋە قايتا ئالماسلىغى لازىم. ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن كاپارەت(جازا تۆلىمى) كەلمەيدۇ شۇنداقلا بۇ، ئۇ كىشىنى  بەزى تۇرۇك ئاممىنىڭ گۇمان قىلغىنىدەك ئۇ مالنى قۇربانلىق قىلىشتىن چەكلىمەيدۇ .
ئەگەر يۇقۇرقى نەرسىلەردىن بىرەرىنى بىلمەستىن ياكى ئۈنتۇپ قېلىپ ئېلىپ سالغان بولسا ياكى چاچ ياكى يۇڭ ئۆزلىگىدىن چۈشۈپ كەتكەن بولسا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر تۇياق سۇنۇپ كىتىش، چاچ ياكى يۇڭ كۆزىگە چۈشۋېلىش ۋە ياكى جاراھەتنى داۋالاشقا ئوخشاش ئازار بىرىدىغان ئىشلار يۈز بىرىپ ئۇ نەرسىلەرنى ئېلىشقا ئىھتىياج چۈشسە ئالسا بولىدۇ.

مۇبارەك قۇربان ھەيتنىڭ قائىدە ۋە ھۆكۈملىرى.

سۇيۈملۇك قېرىندىشىم ! ساڭا ئىسلام سالىمى، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ. ئالدى بىلەن مۇبارەك قۇربان ھەيت مۇناسىۋىتى بىلەن سېنى تەبرىكلەيمىز ! ئاللاھ سەندىن ۋە بىزدىن بايرام ئىبادەتلىرىمىزنى قۇبۇل قىلسۇن ! ئولۇغ بويۈك ئاللاھتىن قۇبۇل قىلىشىنى ئۈمىت قىلغان ھالدا بۇ رىسالىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق قىلىپ بىرىشىنى تىلەيمىز.

ئى مۇسۇلمان قېرىندىشىم! ياخشىلىقنىڭ ھەممىسى ھاياتلىقنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە پەيغەمبىرىمىزسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمگە ئەگىشىشتە،
يامانلىقنىڭ ھەممىسى پەيغەرسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يولىغا خىلاپلىق قىلىشتا بولغاچقا، ھارپا كۈنى كىچىسى،قۇربانلىق كۈنى ۋەئۈندىن كېيىنكى ئۈچ ئايەم كۈنى قىلىدىغان بەزى مۇستەھەپ سۆز ۋە پائالىيەتلەرنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاپ ئەسلەتمەكچىمىز:

ئەرپات كۈنىنىڭ بامدات نامىزىغا سالام بەرگەندىن باشلاپ زۇلھەججىنىڭ ئون ئۈچىگىچە بولغان تەشرىق كۈنلىرىنىڭ ئاخىرقى ئەسىر نامىزىغىچە ھەربىر نامازغا سالام بىرىش بىلەن تەكبىر ئەيتىش يولغا قويۇلغان بولۇپ ئولۇغ ئاللاھ بۇ توغرىدا مۇنداق دېگەن [ساناقلىق كۈنلەر دە
(
يەنى تەشرىق كۈنلىرىدە)ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار ] سۈرە بەقەرە 203-ئايەت.

تەكبىرنىڭ شەكلى ؛

ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر،لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر ۋە لىللاھىل ھەمدۇ.
بۇ تەكبىر نى ئەرلەرنىڭ مەسجىدلەر، ئۆيلەر، نامازلارنىڭ ئارقىسىدا ۋە بازارلاردا يۇقۇرى ئاۋازدا توۋلىشى سۈننەت بولۇپ، بۇنداق قىلىش ئاللاھنى ئولۇغلىغانلىق ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىپ تەشەككۇر بىلدۇرگەنلىكنى نامايەن قىلغانلىقتۇر.
قۇربانلىقنى بوغۇزلاش ھېيىت نامىزىدىن كېيىن قىلىنىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن ‹‹ كىمكى نامازئوقۇشتىن ئىلگىرى بوغۇزلىغان بولسا ئورنىغا باشقا قۇربانلىق قىلسۇن! بوغۇزلىمىغانلار ئەمدى بۇغۇزلىسۇن!››ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رېۋايىتى.
قۇربانلىق بوغۇزلاش ۋاقتى تۆرت كۈن بولۇپ ناماز كۈنى ھەيت نامىزىدىن كېيىن تاكى تەشرىقنىڭ ئۈچ كۈنى ئاخىرلاشقىچە قىلسا بۇلىدۇ.
چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۇزاتنىڭ مۇنداق دېگەنلىگى كەلگەن ‹‹ تەشرىق كۈنلىرىنىڭ ھەممىسىدە بوغۇزلاشقا بولىدۇ.] ساغلام ھەدىسلەر
توپلىمى 2476-ھەدىس.

ئەرلەرنىڭ يۇيۇنۇپ خۇشپۇراقلارنى چېچىپ چىرايلىق كىيىنىشى:  بۇنىڭدا ئەرلەرنىڭ ھەددىدىن ئوشۇق كەڭ كىيىملەرنى كىيىپ پۇچقاقلىرىنى ھۇشۇغىدىن تۆۋەن ساڭگىلىتىپ ئىسراپ خورلۇق قىلىشى ۋە ساقاللىرىنى چۈشۈرتۋىتىشى ھارامدۇر. ئاياللار بولسا ھېت نامىزى ئوقۇلغان مەيدانغا خۈش پۇراق ئىشلەتمەي بەدەنلىرى بىلىنىپ تۇرىدىغان تار ياكى نېپىز كىيىملەرنى كەيمەستىن چىقىشى بەلگىلەنگەن بولۇپ، پاك ئاياللار نامازغا قاتناشسا بولىدۇ، ھەيزدار ئاياللار مەيداندا بولسا بولىدۇ. ئەمما نامازغا قاتنىشىپ ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن چىقىپ، ئەرلەر ئالدىدا تار، نېپىز كىيىملەر ۋە خۇشپۇراقلار بىلەن يۇرۇپ ئاللاھقا ئاسى بولۇش دۇرۇس ئەمەس.
قۇربانلىق گۆشىدا ئېغىز ئېچىش: پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ناشتا قىلماي نامازدىن قايتىپ كېلىپ قۇربانلىقنىڭ گۆشىدە ئېغىز ئاچاتتى. ‹ زادىلمەئاد (يەنى قىيامەت تەييارلىقى) ناملىق كىتاپ 1-توم 441-بەت.

ئەگەر قولاي بولسا ھەيت نامىزىغا پىيادە بېرىش ياخشىدۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ سۇننىتى بويىچە ھەيت نامىزىنى ئۇنڭغا مەخسۇس جايدا ئادا قىلىش لازىم.
ئەگەر يامغۇر ياكى باشقا توسالغۇلار بولۇپ قالسا رەسۇلۇللاھ قىلغاندەك ھەيت نامىزىنى مەسجىدتە ئوقۇشقا بولىدۇ.
ھەيت نامىزى پەرز ۋە ئۇنىڭ خۇتبىسىنى ( ئىمامنىڭ ھەيت نۇتقىنى) ئاڭلاش مۇستەھەپتۇر. ئىسلام پىشىۋاسى ئىبنى تەيمىييەگە ئوخشاش ئالىملارنىڭ ئېنىقلاپ بىكىتىشىچە ھەيت نامىزى پەرزدۇر. چۈنكى ئولۇغ ئاللاھ مۇنداق دېگەن : [پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن]كەۋسەر سۈرىسى 2-ئايەت. شەرىئەتتە ئىتىبارغا ئېلىنىدىغان ئۆزرىسى بولمىغان ئەھۋالدا ھېيت نامىزىنىڭ پەرزلىكى كىشىنىڭ ئۇستىدىن چۈشۈپ قالمايدۇ.  ئاياللار مۇسۇلمانلار بىلەن بىرگە ھېيت نامىزى مەيدانىغا ھازىر بولىدۇ،
ھەتتاكى ھەيزدار ئاياللار،  مېيىپلارمۇ ھازىر بولىدۇ،  ھەيزدارلار ناماز مەيدانىنىڭ سىرتىدا تۇرىدۇ.

ھەيت نامىزى مەيدانىغا بېرىپ كىلىش يولىنى ئايرىم قىلىش: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەيت نامىزىغا بىر يولدا بېرىپ، يەنە بىر يولدا قايتقانلىقى ئۈچۈن بۇنداق قىلىش مۇستەھەپتۇر.

ساھابىلەردىن ئىسپاتلانغان بويىچە ھېيتنى تەبرىكلىشىش ياخشى ئىشتۇر.

ئى مۇسۇلمان قېرىندىشىم ! كۆپۈنچە كىشىلەر گىرىپتار بولغان بەزى خاتالىقلاردىن ھەزەر قىلغىن. بۇلار:
بىر ئادەمگە ئەگىشىپ ئوپچە تەكبىر ئېيتىش. ھېيت - بايرام خۇشاللىقىنى ئەر- ئاياللار ئارلىشىپ، ناخشا- ئۇسۇل، مۇزىكا قاتارلىق ھاراملار بىلەن ئىپادلەش. قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى قۇربانلىقنى بوغۇزلىماستىن چاچ- ساقال ۋە تىرناقلارنى ئېلىش. چۈنكى بۇنىڭدىن رەسۇلۇللاھ چەكلىگەن.
ھېيت-بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن يىمەك ئىچمەك ۋە باشقىلاردا پايدىسىز ئىشلارنى ۋە ئىسراپخورلۇقلارنى قىلىش. ئولۇغ ئاللاھ سۈرە ئەنئامنىڭ 141- ئايىتىدە( ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىسراپ قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ ) دېگەن.

ئاخىرىدا،  ئى مۇسۇلمان قېرىندىشىم !

ئۇرۇق توققانلارنى، دۇست-بۇرادەرلەرنى ھېيتلاپ بېرىپ زىيارەت قىلىش ۋە يىتىم- يىسىرلارنىڭ
بېشىنى سىلاپ، ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇلارنى تەبرىكلەپ سوغاتلار بىلەن كۆڭۈللىرىنى خۇشاللىققا چۈمدۇرۇش شۇنداقلا ئاجىز-بىچارىلەرغا مىھرى - شەپقەت يەتكۈزۈش قاتارلىق سىلە-رەھىم ئىشلىرىغا قىزغىن ئەھمىيەت بىرىپ، ئۆچ - ئاداۋەت، ھەسەت - پىتننە ۋە نەپرەتلەردىن قەلىپنى پاكلاپ بۇ مۇبارەك كۈنلەرنى  كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشۈڭنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئولۇغ ، بۈيۈك ئاللاھتىن ئۆزى رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى ۋە دىنى ئىشلىرىمىزنى چۇڭقۇر بىلدۇرىشىنى شۇنداقلا زۇلھەججىنىڭ بۇ ئون كۈنىدىكى ئەمەللىرىمىزنى ئۆزى ئۈچۈن خالىس قىلىپ بىرىشىنى تىلەيمىز.

ئى ئاللاھ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمگە، ئائىلە-جەمەتىگە ۋە ساھابىلىرىگە ئۇمۇمەن رەھمەت قىلغىن!  

(مۇھەممەد بىننى سالىھ ئەلئۇسەيمىن.)
( دارۇل ۋەتەن نەشرى.)

مەنبەسى: ئىسلام بىرلەشمە مۇنبىرى