ئــسلام دىـنـى
ئىسلام دىنى ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل پاراسىتى پىشپ يېتىلگەن، ئىلم-پەن، مەدەنىيەت تەرەققى قىلىشقا باشلىغان بىر ۋەزىيەتتە، ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارى، ياخشىلىقلارنىڭ ئۈلگسى ۋە پەيغەممبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھسسالامغا ئەڭ پۇتۈنلەنگەن ۋە ئەڭ كامالىغا يەتكەن ھالدا تا قيامەتكىچىلىك يەر يۈزىدىكى پۇتۈن ئىنسانلارنىڭ ئۆزگەرمەس بىرلا توغرا دىنى بولۇپ تاللانغان ئىمتىيازى بىلەن چۈشۈرۈلگەن ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ ئىلغار بىر دىندۇر.
ئاللاھ پۇتۈن ئىنسانىيەتنى بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دەيدۇ: }(ئى مۇھەممەد!) ئېيتىقىنكى، ئى ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھغا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىمان كەلتۈرىدىغان ئەلچىسى ئۇممى پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار}. (ئەئراف سۈرىسى 158 - ئايەت).
ئاللاھ ئىسلام دىنىىنىڭ ئەڭ پۇتۈنلەنگەن ۋە كامىل بىر دىن ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: }بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۇتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم{. ( مائىدە سۈرىسى 3 ـ ئايەت ).
ئاللاھ ئۆزىنىڭ نەزىرىدە قوبۇل بولىدىغان دىن پەقەت ئىسلام دىنىى ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ مۇنداق دەيدۇ: }ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىـــدە مەقبۇل دىن ئىســــــــلام (دىنى) دۇر{. ( ئال ئىمران سۈرىسى 19 - ئايەت ).
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسلام دىنىى كېلىشى بىلەن ئىسلام دىنىدىن باشقا ساماۋىي (بۇرۇن ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن) دىنلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. شۇڭا ئىسلام دىنىدىن باشقا دىن تۇتقانلارنىڭ دىنلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: }كىمكى ئىسلام (دىندىن) باشقا دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر}. (ئال ئىمران سۈرىسى 85- ئايەت).
ئىسلام دىنىى - ئىلگىرىكى ساماۋىي دىنلارنىڭ ئاساسى مەقسەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ھەر قانداق دەۋرلەرگە مۇۋاپىق كېلىدىغان، ۋە ھەر قانداق مىللەتنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئويغۇن كېلىدىغان ۋە ھەرقانداق جايلارنىڭ شارائىتلىرىغا مۇناسىپ كېلىدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بىر دىندۇر.
ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: {(ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى (ساماۋىي) كىتابلارنى ئېتىراپ قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىد بولغۇچى ھەق كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدۇق}. (مائىدە سۈرىسى 48 ـ ئايەت )
ئىسلام دىنىغا ئىمان كەلتۈرۈپ ئېتىقاد قىلىش بولسا، ئۇنىڭدا كەلگەن پۈتۈن ھۆكۈملەرگە چىن دىلىدىن تەسدىق قىلىپ ئىشىنىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى قوبۇل قىلىپ، بويسۇنۇش ۋە تەلەبلەرنى ئورۇنلاش ئارقىلىقلا ھەقىقەتكە چىقىدۇ. چۈنكى «ئىسلام» سۆزىنىڭ مەنىسىمۇ «بويسۇنۇش» دېگەننى ئىپادىلەيدۇ.
ئىسلام دىنىىنىڭ ئاساسىي ئەقىدىلىرى
ئىسلام دىنىىنىڭ ئاساسىي ئەقىدىلىرى تۆۋەندىكى 6 ئىماننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1 - ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ۋە بىرلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈش.
2 - ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش.
3 - ئاللاھنىڭ نازىل قىلغان (چۈشۈرگەن) كىتابلىرىغا ئىمان كەلتۈرۈش.
4- ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش.
5 - قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈش.
6 - ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈش.
ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە بۇ ئەقىدىلەرنى بايان قىلىپ ۋە بىزلەرنى بۇلارغا ئىمان كەلتۈرۈشكە بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: {ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە ئاللاھ ئۇنىڭغا نازىل قىلغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ۋە ئىلگىرى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتــابلارغــــا (يەنى قۇرئاندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان ساماۋىي كىتابلارغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار. كىمكى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىنى، كىتابلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدىكــەن قاتتىق ئازغان بولىدۇ}. (نىسا سۈرىسى 136- ئايەت)
تەقدىر توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ: {بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك ياراتتۇق}. (قەمەر سۈرىسى 49 ـ ئايەت).
پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام ئىمان توغرىلىق سورالغاندا مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەن: «ئىمان - ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەت كۈنىگە، ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈش» (مۇسلم رىۋايىتى).
ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي ئىبادەتلىرى
ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي ئىبادەتلىرى 5 بولۇپ، ئىسلام دىنى مۇشۇ بەش ئاساسنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان.
1- ئاللاھتىن باشقا ئېتىقاد ۋە ئىبادەت قىلىشقا ھەقلىق بولغان ئىلاھ يوق ئىكەنلىكىگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈش ۋە گۇۋاھلىق بېرىش.
2- ھەركۈنى بەش ۋاخ نامازنى ئىسلام دىنىدا كۆرسىتىلگەن بويىچە ئادا قىلىش.
3- مال-مۈلكى زاكات بېرىش مىقدارىغا يەتسە يىلدا بىر قېتىم زاكات ئايرىش.
4- يىلدا بىر ئاي رامىزان روزىسنى تۇتۇش.
5- ئىقتىسادى يېتەرلىك بولۇپ، قۇدرىتى يەتسە ئۆمۈر ئىچىدە بىر قېتىم بەيتۇللاھنى ھەج قىلىش.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىنىڭ يوقىرىقى بەش ئاساسنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىسلام (دىنى) بەش (ئاساس)نىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان: ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق ئىكەنلىكىگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ھەق ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، رامىزان روزىسىنى تۇتۇش ۋە ھەج قىلىش.» ( مۇسلم ۋە بۇخارى رىۋايىتى )
مەنبەسى: ئىسلام نۇرى تور بېتى