جۇنۇب ھالەتتە بالا ئېمىتىشنىڭ ۋە باشقىلارغا قاراشنىڭ ھۆكمى
سۇئال: جىنسى مۇناسىۋەتتىن كىيىن يۇيۇنماستىن بالىسىنى ئېمىتسە بولامدۇ؟
جۇنۇب ھالەتتە بالىنىڭ يۈزىگە قاراشقىمۇ بولمايدۇ، دېگەن گەپ توغرىمۇ؟
جاۋاب: بارلىق ھەمدۇ- سانا جانابى ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرگە تۈگىمەس دۇرۇد- سالاملار بولسۇن.
پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەھىھ ھەدىستە: (( مۆئمىن دىگەن نىجىس
بولمايدۇ )) دىگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن يۇيۇنىشتىن
بۇرۇن بالا ئېمىتسە بولىدۇ، كۆكسىنى يۇيىۋېتىپ ئىمىتسە تېخىمۇ ياخشى. بالا
يىغلاپ قالمىسا كىچىك تاھارەت ئېلىۋەتسە تېخى ياخشى، شۇنداقلا جۇنۇب ھالەتتە
بالىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ يۈزىگە قارىسا بۇلىۋىرىدۇ.
سۇئال: جۇنۇب، ھەيزىدار ۋە نىپاسدارلارنىڭ بەدىنى نىجىسمۇ؟
جاۋاب: ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دىگەن: جۇنۇب، ھەيزىدار ۋە نىپاسدارلارنىڭ بەدىنى
ۋە بارلىق ئەزاسى نىجىس ئەمەس پاكتۇر، بەدەندىن ئاققان تەرمۇ نىجىس ئەمەس
پاكتۇر. بۇ بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
سەھىھەيندىكى سەھىھ ھەدىستە: (( سىزنىڭ ھەيزىڭىز قولىڭىزدا ئەمەس )) يەنە: ((
مۇسۇلمان نىجىس بولمايدۇ )) دىگەن. ( ئەلمەجمۇئ ).
ئەگەر ئۇلارنىڭ بەدىنى نىجىس بولىدىغان بولسا خېمىر يۇغۇرۇش، تاماق ئېتىش،
باشقىلار بىلەن كۆرىشىش، بالا ئىمىتىش، ئەر- ئاياللار بىر كارىۋاتتا يېتىش، سۇ
ئىشلىتىش قاتارلىق ئىشلار چەكلىنەتتى، ئەمەلىيەتتە ئىسلام كۆرسەتمىسىدە بۇنداق
چەكلىمە يوق. جۇنۇب ھالەتتە باشقىلار بىلەن كۆرىشسە بالايى- ئاپەت كېلىدۇ ياكى
نەس باسىدۇ دىگەندەك قاراشلارغا ئىسلامدا ئورۇن يوق. بۇلار پەقەت يەھۇدىيلاردىن
ئېقىپ كىرگەن قاراش بولسا كېرەك. چۈنكى يەھۇدىيلار ھەيزىدار ئايالنى نىجىس دەپ
قارايدۇ.
سۇئال: ئايال كىشى ھەيزىدار ھالەتتە ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىپ دۇئايى- تەلەپ
قىلسا بولامدۇ؟
جاۋاب: ھەيزىدار ھالەتتە ناماز ئوقۇش،
روزا تۇتۇش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، مەسجىدتە تۇرۇش، قۇرئان تۇتۇش ۋە
ئوقۇش، تاۋاپ قىلىش قاتارلىق يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بىر قانچە ئىشلار مەنئىي
قىلىنىدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن باشقا دۇئا- تەلەپ، تەسبىھ، زىكىر، دۇرۇد- سالام
قاتارلىق ئىشلار چەكلەنمەيدۇ.
سۇئال: جۇنۇب ھالەتتە بىر نەرسە يېيىشكە، باشقىلار بىلەن كۆرىشىشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن.
بارلىق ھەمدۇ- سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-
تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە تۈگىمەس
دۇرۇد- سالاملار بولسۇن.
ھەزىرتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دىگەن: (( پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
جۇنۇب ھالەتتە يەپ- ئىچمەكچى بولسائىككى قولىنى يۇيۇۋىتىپ ئاندىن يەپ ئىچەتتى
))، ( ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان ). بۇ ھەدىسنى جۇنۇب كىشى يەپ- ئىچمەكچى
بولسا ئىككى قولىنى ۋە ئاغزىنى چايقىۋىتىدۇ دەپ قارىغانلار دەلىل قىلغان، كاتتا
تابىي سەئىيد ئىبنى ئەلمۇسەييىب مۇنداق دىگەن: (( جۇنۇب كىشى بىر نەرسە يىمەكچى
بولسا ئىككى قولىنى يۇيۇۋىتىپ ئاغزىنى چايقىۋىتىپ يەيدۇ ))، مۇجاھىد ۋە ئىمام
زۇھرىيلارمۇ ئىككى قولىنى يۇيۇۋىتىپ يەيدۇ دەپ قارىغان. ئىمام ئەھمەدمۇ شۇنداق
قارىغان ۋە: '' چۈنكى تاھارەت ئالىدۇ دىگەن ھەدىسلەر ئۇخلىماقچى بولغان كىشى
ھەققىدە كەلگەن'' دىگەن.
باشقا ئالىملار نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئېلىپ ئاندىن يەپ- ئىچىدۇ
دەپ قارىغان، چۈنكى (( پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۇنۇب ھالەتتە يەپ- ئىچمەكچى
ياكى ئۇخلىماقچى بولسا، ئادەتتىكىدەك تاھارەت ئالاتتى )) ( سەھىھۇل مۇسلىم ).
يەنە: ((پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۇنۇب كىشى يەپ- ئىچمەكچى بولسا ياكى
ئۇخلىماقچى بولسا، تاھارەت ئېلىۋېتىپ شۇنداق قىلىشقا رۇخسەت قىلدى )) ( ئەبۇ
داۋۇد ۋە تىرمىزىي ).
بۇ ئىككى خىل ھەدىسنى مۇنداق بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ: پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام بەزىدە نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئېلىپ ئاندىن يەپ-
ئىچكەن، بەزىدە ئىككى قولىنى يۇيۇۋىتىپ ئاندىن يەپ- ئىچكەن، بۇ ھەدىسلەر ئىككى
ئىشنىڭ جائىز ۋە مۇستەھەبلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ( نەيلۇل ئەۋتار ).
يەنە ئىككىنچى قېتىم جىما قىلماقچى بولسىمۇ تاھارەت ئېلىۋىتىش مۇستەھەب،
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: (( بىرىڭلار ئايالى بىلەن مۇناسىۋەت
ئۆتكۈزۈپ كېيىن يەنە قايتىلماقچى بولسا ئىككى قېتىمنىڭ ئارلىقىدا تاھارەت
ئېلىۋەتسۇن )) ( سەھىھۇل مۇسلىم ).
بۇ ھەدىسلەر بۇنداق تاھارەت ئېلىۋىتىشنىڭ مۇستەھەبلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە
تاھارەت ئالماسلىقنىڭ جائىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بەزى ئالىملار تاھارەت ئالماي
ئۇنداق قىلىش مەكرۇھ، دەپمۇ قارىغان.
يەنە جۇنۇب ھالەتتە باشقىلارغا قاراش، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىش، باشقىلار
بىلەن كۆرىشىش، چاچ- تىرناق ئېلىش، بالا ئېمىتىش ياكى تاماق يىگىزۈش، ياكى
جۇنۇب كىشىگە قاراش قاتارلىق ئىشلار جائىزدۇر. ئاۋامۇنناس ئىتىقاد قىلغاندەك
جۇنۇب كىشىگە قاراپ سالسا پالاكەت باسىدۇ ياكى ئاپەتكە ئۇچىرايدۇ، دېيىش
خاتادۇر.
ھەزىرتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جۇنۇب ھالەتتە مەدىينە كوچىلىرنىڭ
بىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇچىراتقان، ئۇ: مەن سىقىلىپ قېلىپ ئۆزۈمنى
قاچۇردۇم، دەيدۇ. كېيىن ئۇ بېرىپ غۇسلى قىلىپ كېلىدۇ، بۇ چاغدا پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن: (( ئى ئەبۇ ھۇرەيرە نەلەردە ئىدىڭ ؟ )) دەپ سورايدۇ،
ئەبۇ ھۇرەيرە: مەن جۇنۇب ئىدىم شۇڭا جانابلىرى بىلەن تاھارەتسىز ھالەتتە
ئولتۇرۇشنى ياقتۇرمۇدۇم، دەيدۇ. بۇنى ئاڭلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا
ئەجەبلەنگەن ھالدا مۇنداق دەيدۇ: (( سۇبىھاناللاھ!! مۆئمىن دىگەن پاسكىنا بولۇپ
قالمايدۇ )). ( سەھىھەين ). ھەزىرتى ئەتا دىدى: (( جۇنۇب كىشى تاھارەت ئالماي
تۇرۇپ قان ئالدۇرسا، تىرناقلىرىنى ئالسا، چېچىنى چۈشىرتسە بولىدۇ )) ( سەھىھۇل
بۇخارى ).
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
مەنبەسى:
ئىسلام بىرلەشمە مۇنبىرى