ئۆزىنىڭ كېلىنى ۋە كۈيئوغلىغا زاكات بېرىش جايىزمۇ؟

 

سۇئال:

ئۆز كېلىنى ۋە كۈيئۇغۇللىرى زاكاتقا ئېھتىياجلىق ھالەتتە نامرات بولسا پۇل مالنىڭ زاكىتىنى ئۆزىنىڭ كېلىنىگە ۋە ياكى كۈيئوغۇللىرىغا بېرىش جائىزمۇ؟ زاكات زادى قايسى خىل تۇرمۇش سەۋىيىسىدىكى كىشىلەرگە بىرلىشى كېرەك؟

 

جاۋاب:

جىمى ھەمد سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ غا خاستۇر. ئې كەرەملىك ئاللاھ يولباشچىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ۋە ئۇنىڭ پاك ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ،ۋە ئۇنىڭ يولىغا قىيامەتكىچە توغرا يۇسۇندا ئەگىشىپ ماڭغان بارچە ئۇممەتلىرىگە دۇرۇت ۋە سالاملىرىمىزنى يەتكۇزسىلە!

زاكات بېرىلسە بولىدىغان كىشىلەر سەككىز تۈرلۈك بولۇپ، جانابى ئاللاھ ئۇلارنى تۆۋەندىكى ئايەتتە تەپسىلى زىكرى قىلىدۇ: «زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھ نىڭ يولىغا، ئىبن سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھ نىڭ بەلگىلىمىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر » تەۋبە سۈرىسى 60- ئايەت.

ئۆزى ۋە ئۆزىنىڭ بېقىش مەجبۇرىيىتى بارلارنىڭ يىللىق نورمال تۇرمۇش خىراجىتىنى قامداشقا قۇربى يەتمىگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پېقىر مىسكىن ھېسابلىنىدۇ، لېكىن پېقىر مىسكىنلەرنىڭ پېقىرلىق دەرىجسى ۋە ئېھتىياجلىق نىسبىتىنىڭ يۇقۇرىلىغىغا ئەھمىيەت بىرىلگەن ئاساستا زاكات بېرىلىدۇ.

ئىسلام ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن زاكات سەدىقە يىغىش ۋەئۇنى تارقىتىش ئىشلىرىغا رەسمى بەلگىلەنگەن كىشىلەر زاكات خادىملىرى ھېسابلىنىدۇ،ئەمما غەيرى رەسمى ھالدا باشقىلارنىڭ زاكىتىنى بىرىپ قۇيۇشقا بۇيرۇلغان ۋاكالەتچىلەر زاكات خادىملىرى قاتارىغا كىرمەيدۇ.

ئىمانىنىڭ كۈچىيىشىگە مەلۇم دەرىجىدە پۇل مال كېرەك بۇلۇپ قالغان ئاجىز ئىمان ئىگىلىرى، ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلار دىيلىدۇ،ۋە ئۇلارنى ئىسلامغا تۇلۇق مايىل قىلىش ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا زاكات بىرلىدۇ. ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا زاكات بىرىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تەسىر دائىرسى كۈچلۈك بولغان ئەمەلدار بۇلىشىنى بەزى ئىسلام ئالىملىرى شەرت قىلسىمۇ، بەزىلەر مايىل قىلىش مەسىلىسىدە پەقەت ئىنساننى ئىسلامغا مايىل قىلىش  كۆزدە تۇتۇلغان، مايىل قىلىنغۇچىنىڭ ئەمەلدار بۇلۇش بولماسلىقى مۇھىم ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئۇشبۇ قاراش كۈچلۈكرەك.

مال مۈلۈك ئورنىدا ئېلىپ سېتىلىۋاتقان قۇل ئىنسانلارنىڭ خوجايىنلىرىغا زاكات چىقىم قىلىپ قۇللىرىنى سېتىۋېلىپ ئۇلارنى ئازات قىلىش ئۈچۈنمۇ زاكات مېلى ئىشلىتىلسە بولىدۇ.

يوللۇق سەۋەبلەر بىلەن قەرزگە بۇغۇلۇپ قالغانلارنى قەرزىدىن خالاس قىلىش ئۈچۈن زاكات مېلى سەرىپ قىلىنسا بۇلىدۇ. بۇ،ھەقتە ئىككى خىل ئۇسۇل بۇلۇپ ،قەرزدار ئادەم ئىشەنچىلىك بولسا پۇل ئۇنىڭ ئۆز قۇلىغا بىرلىدۇ، مۇبادا ئۇ، ئىشەنچىسىز قۇلىغا چۈشكەن پۇل بىلەن قەرزىنى تۈلەش خىيالى يوق بەد نىيەت بولسا مال قەرز ئىگىسىگە بىۋاستە تاپشۇرۇلۇپ قەرز تۈگىتىلىدۇ.

زاكات ئاللاھ نىڭ يولىغا ئىشلىتىلسە بولىدۇ، دېگەن ئايەت ئومۇمىيلىققا ئىگە بولغانلىغى ئۈچۈن زاكىتىنى مۇجاھىتلارغا،ۋە مۇجاھىتلارنى قوراللاندۇرۇش ئىشلىرىغا ئىشلەتسە بولىدۇ.

باشقا يۇتلارغا ئېقىپ بېرىپ ۋە ياكى سەپەرگە چىقىپ پۇل مېلىدىن ئايرىلىپ قالغانلار ئىبن سەبىللەر دەپ ئاتىلىدۇ،ۋە ئۇلارنى ئانا يۇرتىغا يەتكۈزۇپ قۇيۇش ياكى سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كۆزلىگەن يۇرتقا يولغا سېلىپ قۇيۇش ئۈچۈن زاكات مېلى سەرىپ قىلىنسا بولىدۇ. يۇقىرىقى سەككىز تۈرلۈك كىشىلەر زاكات ئېلىپ خەجلەشكە ھوقۇقلۇق كىشىلەردۇر.

ئەمما زاكاتنى ئۆزىنىڭ كېلىنىگە بېرىش ،كېلىننى بېقىش يۈزىسىدىن بولسا،ئۇ ،ھالدا كېلىننى ئۇنىڭ يولدىشى باقىدىغان بولغانلىغى ئۈچۈن كېلىننىڭ زاكات ئېلىشقا ھاجىتى يوق بولغان بولىدۇ. مۇبادا كېلىننىڭ يولدىشى كىرىمى يوق كەمبەغەل بولسا دادا ئۆز ئوغلى ۋە كېلىنلىرىگە خالىس مال دۇنياسىنى بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى بېقىشى لازىم، بۇ،خىل ھالەتتە كېلىنگە زاكات بېرىلمەيدۇ.

ئەگەر كىلىنچەكنىڭ زىممىسىدە تۆلەشكە تىگىشلىك قەرزى بار بولغانلىغى سەۋەبلىك كېلىنچەك ئوسال ئەھۋالدا بولسا ،دادا كېلىنىنىڭ قەرزىنى تۈلەش ئۈچۈن زاكىتىنى كېلىنىگە بەرسە بولىدۇ. شۇنىڭدەك بالا،ۋە كىلىنچەك يوقسۇل ،ئەگەر دادا ئۈزىنىڭ زاكىتىنى باشقا ئۇرۇنغا بىرىۋەتكەن ئەھۋال ئاستىدا ئۆز تۇرمۇشىدىن ئاشۇرۇپ ئوغلىغا ۋە كېلىنىگە خالىس پۇل مال بىلەن قارىيالمايدىغان ھالەتتە دەپ پەرەز قىلىنسا،بۇ ئەھۋال ئاستىدىمۇ دادا  كېلىنىنى خالىس پۇل بىلەن بېقىشقا مۇكەللەپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن زاكىتىنى كېلىنىگە بەرسە بولىدۇ. كۈيئۇغۇلغا زاكات بېرىش مەسىلىسىنىڭ ھۆكمىمۇ كېلىنگە زاكات بېرىشنىڭ ھۆكمى بىلەن ئوخشاش.

 

ئىبن ئۇسەيمىن ھەزرەتلىرىنىڭ پەتىۋالىرىدىن

 

مەنبەسى: ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى