كۆزدىن ئايرىغان اللە، پۇتتىن ئايرىماپتۇ

 

جانابى اللە تائالا بەندىلىرىنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرۈپ يەتتە ئەزايىمىزنى مۇكەممەل ياراتقاندىن كېيىن زېمىندىكى بارلىق جانلىق ۋە جانسىز مەخلۇقاتلارنى بىز ئىنسانلارنىڭ مەنپىئەتلىنىشىمىز ئۈچۈن بىز ئىنسانلارغا بويسۇندۇرۇپ بەردى. بىز ئىنسانلار اللە يارىتىپ بەرگەن مەخلۇقاتلىرىدىن خالىغانچە بەھرىمەن بولۇش بىزنىڭ ئارزۇيىمىز، ئەمما ھەر نەرسىنىڭ سوئال سورىقى بار ئەلۋەتتە. خۇددى قەرز ئىگىسى قەرزداردىن پۇلىنى سۈيلىگەندەك، بىز مەنپىئەتلىنىۋاتقان نەرسىلەرنى يارىتىپ بىزگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن اللە ئەلۋەتتە بىزدىن سورايدۇ. بەزەنلىرىمىزدىن بۇ دۇنيادا سىناق ھالەتتە ئىمتىھان ئالىدۇ. اللە ئۆزىنىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كەرىمدە: سىلەر ئىلگىرىكى ئۈممەتلەردەك سىنالماي جەننەتكە كىرىمىز دەپ ئويلىنىۋاتامسىلەر؟ ئىش ھەرگىزمۇ سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس، بىز سىلەرنى چوقۇم سىنايمىز، بىز سىنالماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىمىز دەپ ئويلىماڭلار. دەپ خىتاب قىلغان. جانابى اللە ئېيتقاندەك بىز ئەلۋەتتە سىنىلىمىز، بەزەنلىرىمىز مال دۇنيادىن ئايرىلىپ، بەزەنلىرىمىز ئائىلىمىزدىن، خوتۇن باللىرىمىزدىن ئايرىلىپ، بەزەلىرىمىز پۇت قوللىرىمىزدىن ئايرىلىپ سىنىلىمىز. بۇ ئەلۋەتتە اللەنىڭ بىز ئىنسانلاردىن ئالغان ئىمتىھانىسىدۇر. ئەمما بىز شۇ سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ تىرىشچانلىق قىلىپ اللەقا شۈكرى قىلغىنىمىزدا ئاخىرەتتە اللەنىڭ ئالدىدا ھەسسىلەپ ئەجىر ئالىمىز. كۆزدىن ئايرىغان اللە پۇتتىن ئايرىماپتۇ دېگەندەك، بەزى ئىنسانلارغا اللەنىڭ سىنىقى كەلگەندە اللەقا شۈكرى قىلىپ ھەمدە ئېيتىپ ئىخلاسلىق بىلەن ئىبادەت قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

تۆۋەندىكى كۆرۈنۈشلەر بۇنىڭ مىسالىدۇر. ئىككى قولىدىن ئايرىلغان مۇسۇلمان قېرىندىشىمىزنىڭ ئىككى پۇتى ئارقىلىق قىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى ھەر- قانداق بىر ئىنساننى يىغلاتماي قالمايدۇ.

 

سۆرەت: ئىككى قولىدىن ئايرىلغان ئادەمنىڭ يولدا كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشى

 

سۆرەت: قاراۋۇلنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۈتۈۋاتقان كۆرۈنۈشى

سۆرەت: باللىرىغا دەرس ئۈتۈۋاتقان كۆرۈنۈشى

سۆرەت: كۈتۈپخانىدا پۇتىدا خەت يېزىۋاتقان كۆرۈنۈشى

سۆرەت: كۈتۈپخانىدا بىر پۇتىدا خەت يېزىپ يەنە بىر پۇتىدا تېلېفۇننى تۇتۇپ تېلېفون سۆزلىشىۋاتقان كۆرۈنۈشى

سۆرەت: پۇتىدا ئوچاققا ئوت يېقىۋاتقان كۆرۈنۈشى

سۆرەت: پۇتىدا قازانغا سۇ قۇيۇۋاتقان كۆرۈنۈشى

سۆرەت: ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تاھارەت ئېلىۋاتقان كۆرۈنۈشى

سۆرەت: ئېغىزىنى چايقاۋاتقان كۆرۈنۈشى

سۆرەت: يۈزىنى يۇيۇۋاتقان كۆرۈنۈشى

سۆرەت: پۇتى بىلەن يۈزىنى سىيلاپ يۇيۇۋاتقان كۆرۈنۈشى

سۆرەت: نامازدا روكۇ قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى

سۆرەت: نامازدا سەجدە قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى

 

سۆرەت: نامازدىن كېيىن دۇئا قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى

 

 

 

 

 

سۆرەت: قۇرئان ئوقۇۋاتقان كۆرۈنۈشى

 

سۆرەت: تۆۋەندىكى سىن- فىلمنى كۆرۈپ بېقىڭ. بەك تەسىرلىك