مىسيونىرلارنىڭ رەھىمسىزلىكى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم!
بىر
رادىئو پروگراممىسى ئاڭلاۋاتاتتىم، پروگرامنى تەقدىم قىلغان كىشىنىڭ
تانزانىيەدە خىرىسىتىئانلارنىڭ مۇسۇلمان ئەۋلادلىرىنى قانداق ئالداۋاتقانلىقى،
ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىمىزنى ئىسلامىيەتتىن سوغۇتۇش ئۈچۈن قانداق رەزىل
ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقى ...ھەققىدە ئېيتقان ئىككى جۈملە نەقىل
سۆزى ماڭا بەك تەسىر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سۆزلەردىن سىلەرنىڭمۇ
خەۋەردار بولۇپ قېلىشىڭلار تىلىكى بىلەن يېزىپ قوياي دەپ ئويلىدىم.
بەلكى باشقا دۇنيادا قىلىۋاتقان بۇ ئالدامچىلىق قىلمىشلىرىنى
ۋەتىنىمىزدىمۇ قىلىۋاتقان بولسا، قېرىنداشلىرىمىز خەۋەردار بولۇپ
قالغاي....
ئۇ كىشىنىڭ ئېيتقانلىرى مۇنداق:
خرىستىئانلار مۇسۇلمانلار بالىلارنىڭ يېنىدا شاكىلاتلارنى ئېلىپ كېلىپ
ئۇلارغا :«كۆزۈڭلارنى يۇمۇڭلار» دەيدۇ ئاندىن ھەربىرىگە بىرەر دانە
شاكىلاتنى ھازىرلاپ بولۇپ، «ئەمدى كۆزۈڭلارنى ئېچىڭلار» دەيدۇ ۋە
ئۇلارغا «بۇ شاكىلاتنى ئەيسا ئەۋەتتى» دەيدۇ. ئۇلار خۇشال بولۇشۇپ
ئەمدى ئۆمرى ھاياتىمىزدا يېيەلمىگەن نەرسىنى يەيدىغان بولدۇق دەپ خۇشال
بولۇشۇپ تۇرغانلىرىدا خرىسىتئانلار ئۇلارغا يەنە: «كۆزۈڭلارنى يۇمۇڭلار
» دەيدۇ. بۇ ئارىلىقتا شاكىلاتلار يۇشۇرۇلىدۇ. ئاندىن ئۇلارغا يەنە «ئەمدى
كۆزۈڭلارنى ئېچىڭلار» دېيىلىدۇ. ئۇلار كۆزلىرىنى ئاچقاندا شاكىلاتلار
يوق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەجەپلىنىپ تۇرغانلىرىدا خرىستىئانلار ئۇ
نارەسىدە بالىلارغا : «شاكىلاتلارنى مۇھەممەد ئېلىپ كەتتى» دېيىش
ئارقىلىق ئىيسانى ياخشى كۆرسىتىپ مۇھەممەد ئئەلەيھىسسالامنى سەت
كۆرستىش ۋە مۇسۇلمان بالىلارنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامدىن ۋە
ئىسلامىيەتتىن نەپرەتلەندۈرۈش غەرىزىگە يەتمەكچى بولىشىدۇ...
مانا بۇ ئۆزلىرىنىڭ دىنلىرىنى «سۆيگۈ دىنى» دەپ تەرىپلىشىۋاتقانلارنىڭ
كىچىك بالىلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ۋە ئېلىپ
بېرىۋاتقان رەزىل ھەرىكەتلىرى. گەرچە بۇ ئادەملەر باشقا ساھەلەردىمۇ
بۇنىڭدىن پەرقلىق ھەرىكەت قىلمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى
ئۈستىدە ئازراق ئىزدىنىپ كۆرگەنلەر ئاسانلا بىلەلەيدۇ
مەنبە: ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى