مۇسىبەتكە ئۈن سېلىپ يىغلاش ھارام
بۇ كۈنلەردە بەزى مۇسىبەتلەرگە بارساق ،مۇسىبەت
بولغان ئۆيدىكىلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ،پەرزەنىتلىرى
ۋە تۇغقانلىرىنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا يىغلاپ نالە
قىلىۋاتقانلىقىنى بەزىلىرىنىڭ بولسا ئۆزلىرىنى
ئۇيان-بۇيان ئېتىپ ،يۈز-كۆزلىرىنى تاتىلاپ
ھەتتا بەزىلىرى ياقا يىرتىپ كىتىدىكەن .ۋە شۇ
مۇسىبەتكە كەلگەن دوسىت-بۇرادەرلەرمۇ ئىشىكتىن
كىرىپلا ۋاي پالانچىدىن ئايرىلىپ قالدۇققۇ دەپ
ئۈن سەپ يىغلاپ كىرىپ ،ئا ئۆيدىكى مۇسىبەت
ئىگىلىرىنىڭ قايغۇسىنى تىخىمۇ ئاۋۇتۇپ
كىتىۋاتقانلىغىنى كۆرىۋاتىمىز ....
ئەمدى ھەپتىدىن ئاشتى ،كىچىك ئاپام ئاغرىق
سەۋەبلىك تۈگەپ كەتكەنتى ،مۇسىبەتتە بىز
قېرىنداشلىرى قانچە ئازابلانغان بولساقمۇ ،ئۈن
سەپ يىغلىمىدۇق ،كۆزلىرىمىزدىن ياش تاراملاپ
تۈكۈلىۋاتماقتا ، ئىچىمىزدە يىغلاپ ،
بىر-بىرىمىزگە سەۋىر تىلەشتۇق ،ئەمدىلا 16
ياشقا ۋە 18ياشقا كىرگەن ئىككى ئۇغلى شۇنچە
زار-زار يىغلاپ كەتكەنتى ،ئىمام ئۇلارغا
بىرمۇنچە گەپ قىلىپ ئۈن سىلىپ يىغلىماڭلار
بالىلىرىم ئاپاڭلار ياش كەتتى ئەمما جان
ئاللاھتەئالانىڭ بىز بەندىلەرىگە قىلغان
ئىلتىپاتى ،ئاللاھ خالاپ بەرگەن ئىكەن يەنە
خالىغان ۋاقتىدا ئەپ كىتىدۇ .ئاپاڭلارنى
ئازاپقا قويمايلى دىسەڭلار ئاۋاز چىقىىرپ
توۋلاپ يىغلىماي ،ئىچىڭلاردا ،يۈرۈگۈڭلاردا
يىغلاڭلار دەپ تۇختىتىپ قويدى ، ئەمما نەدىن
كەلدى ،بىرمۇنچە ئاياللار ،بىز ئۆيدە ئۈن
چىقارماي ئولتۇرساق ئىشىكتىن كىرىپلا ۋاي ياش
كەتتىڭغۇ سىڭلىم دەپ ۋاقىرىغانچە يىغلاپ
كىرۋاتمامدۇ ؟ ئاستالا ئورنۇمدىن تۇردۇمدە ؛ھەرقايسىلىرىنىڭ
ئاچامنىڭ مۇسىبىتىگە كىلىشكەنلىرىگە كۆپ
تەشەككۇر ،ئەمما ئۈن سەپ يىغلىغانلىرى پەقەتلا
بولمىدى ،مىيىتقا قەبرىدە باشقىلار ئۈن سەپ
يىغلىغانلىق سەۋەبتىنمۇ ئازاب قىلىنىدۇ .بىلمىگەنلەر
بىلىۋالسۇن ،مۇسىبەتكە بارغاندا ئۈن سىلىپ ،قۇشاق
قىتىپ يىغلىمايلى .سەۋىر قىلايلى ،ئاللاھقا
ھەمدۇ سانالار ئېيتايلى .....................بىرمۇنچە
گەپ قىلىپ كىتىپتىمەن .ئەمما ئەپسۇس شۇنچە گەپ
قىلسام ،بىر ئايالنىڭ يەنە بىر ئايالغا ؛ توي
نەغمە-ناۋا بىلەن ئۈلۈم يىغا-زار بىلەن
قىزىيدۇ دەپتىكەن.مۇسىبەتكە يىغلىمىسا
ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھېچ يېرىگە كەپ قالمىغاندەك
تۇرىدىكەن...............................................................دىگەن
گەپلىرى قولۇقىمغا كىرىپ قالدى .
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ تىمىنى تەييارلاشنى
مۇۋاپىق كۆردۈم .پايدىلىنىش قىممىتى بار ئىكەن
دىگەن قېرىنداشلىرىمنىڭ تەپسىلىي كۆرىپ
چىقىشىنى ۋە شۇنداق مۇسىبەتلەرگە بارغاندا
سەۋىر قىلىشنى تەۋسىيە قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن
.
ئاللاھتائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ :-
(
ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ
ئىسمى بىلەن باشلايمەن )
{ ﺋﻰﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ! ﺳﻪﯞﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻧﺎﻣﺎﺯ
ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺗﯩﻠﻪﯕﻼﺭ. ﺍﻟﻠﻪ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺳﻪﯞﺭ
ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﯩﺪﯗﺭ (153) ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ
ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﺷﯧﮭﯩﺘﻠﻪﺭﻧﻰ)
ﺋﯚﻟﯜﻙ ﺩﯦﻤﻪﯕﻼﺭ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯩﺮﯨﻜﺘﯘﺭ، ﻟﯧﻜﯩﻦ
ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘﻧﻰ ﺳﻪﺯﻣﻪﻳﺴﯩﻠﻪﺭ (154). ﺑﯩﺰ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ
ﺑﯩﺮﺋﺎﺯ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭻ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺑﯩﺮﺋﺎﺯ ﻗﻪﮬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﻩ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻏﺎ، ﺟﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻏﺎ،
ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻏﺎ، ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻏﺎ ﻳﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ
ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺳﯩﻨﺎﻳﻤﯩﺰ. (ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ
ﻣﯘﺳﯩﺒﻪﺕ، ﺯﯨﻴﺎﻥ-ﺯﻩﺧﻤﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ) ﺳﻪﯞﯨﺮ
ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ (ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ) ﺧﯘﺵ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﻪﺭﮔﯩﻦ
(155). ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﯘﺳﯩﺒﻪﺕ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ،
ﺋﯘﻻﺭ: «ﺑﯩﺰ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ
ﺋﯩﮕﯩﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻤﯩﺰ (ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ
ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ )، ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﮔﺎﮬﯩﻐﺎ
ﻗﺎﻳﺘﯩﻤﯩﺰ» ﺩﻩﻳﺪﯗ (156). ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭ
ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﺭﻩﮬﻤﯩﺘﯩﮕﻪ
ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﺩﯗﺭ، ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭ ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕ
ﺗﺎﭘﻘﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯗﺭ ( 157) } ( 2-سۇرە بەقەرە
153-157-ئايەتلەر )
{ (ﺋﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ!) ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻜﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻜﻰ
ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺗﯜﮔﻪﻳﺪﯗ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﮔﺎﻫﯩﺪﯨﻜﻰ
ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﺳﺘﯘﺭ. ﺳﻪﯞﺭ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ،
ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﺪﯨﻨﻤﯘ
ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻕ ﺳﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﻤﯩﺰ .} ( 16-سۇرە نەھىل
96-ئايەت )
{ (ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ) «ﺳﻪﯞﺭﻧﻰ ﺩﻭﺳﺖ
ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ!
ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻧﯧﻤﯩﺪﯦﮕﻪﻥ
ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ!» ﺩﻩﻳﺪﯗ (24). } ( 13-سۇرە رەئىد
24-ئايەت )
ئاللاھتەئالا يۇقۇرىقى ئايەتلەردە نىمە دەپتۇ
؟ سەۋر قىلىڭلار دەپتۇ .ئەمما بىزچۇ ؟ سەۋىر
قىلىڭلار دىگەنلەرگە نىمە دىدۇق ؟ سىنىڭمۇ
بىششىڭغا كەپ باقسۇن ،سىنىڭمۇ ئاتا-ئاناڭ ،بالا-چاقاڭ
ۋە ياكى ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىڭ ئۈلۈپ كەتسۇن ،سەن
چىداپ تۇرالامسەن ؟ يىغلىماي ئولتۇرالامسەن ؟
دېدۇق .
بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىزدىن ئايرىلىپ باققان ،ئاللاھتەئالادىن
كەلگەن قازاغا شۇكرى قىلمىساق بولمايدۇ .
پەيغەمبىرىمىز -زامانىدىكى شۇنداق قىلغان
كىشىلەرنى قاتتىق توسۇپ چەكلىگەن ،ۋە يۇقىرى
ئاۋازدا يىغلاپ ،كىيىم-كىچەكلىىرنى يىرتىپ ،يۈزلىرىنى
تاتلىغانلارنى ئاللاغا ۋە ئاللانىڭ
پەيغەمبىرىگە گۇناھكار بولىدۇ دىگەن .
مىيىتقا باشقىلارنىڭ يىغلىغان سەۋەبى بىلەن
قەبرە ئازابى بولىدۇ .بىز مۇسىبەتلەرگە
بارغىنىمىزدا ئاۋاز بىلەن يىغلىغۇچىلارنى
تۇسىشمىز ،ئۇلارغا تەسەللىي بېرىشىمىز لازىم .
ئۇلارنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا يىغلاپ تۇرغۇنىنى
تىڭشاپ توسىماي سۈكۈتتە تۇرساق گۇناھىغا
ياردەملەشكەن بولىمىز .
شەيتان ؛بىر كىشى ئۆلسە ؛« بۇ كىشى كىچىك كىشى
ئەمەس ،ماتىمىنى ئوبدان تۇتۇپ ئۇزۇن قايغۇ
قىلماق كېرەك » دەپ ۋەسۋەسە قىلۇر . شەيتاننىڭ
ئالدىمىغا چۈشۈپ كىتىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەپ
،ساقلانماق لازىم .
مۇسىبەتكە ئاۋاز چىقىرىپ نالە قىلىپ يىغلاش
ياقا يىرتىش ،ئاق باغلاش بىز موسۇلمانلارغا
جائىز ئەمەس .بۇ دىنسىزلارنىڭ ئىششى
،،،،،،،،،،،
مۇسىبەتكە سەۋر قىلىپ شۇ ھارام يىغا ئورنىغا 2
رەكئەت ناماز ئوقۇپ ئاللاھتەئالاغا ھەمدى سانا
ئېيتايلى ! مېيىتكە ئۈنسىز ( ئاۋاز چىقارماي
ئىچىمىزدە ) مېھرىبانلىق بىلەن يىغلىماق ،بۇ
كىشىنىڭ گۇناھلىرىغا گورىدىكى ئەھۋالى قانداق
بولۇر دەپ خۇدانىڭ غەزىۋىدىن قورقۇپ يىغلىماق
ياخشىدۇر .
ئۆلگۈچىنى ؛ۋاي ئانداق ئاتامەي ،ۋاي مۇنداق
ئانامەي ھايات ۋاقتىڭدا ئۇنداق ئادەم ئىدىڭغۇ
؟ ۋاي مۇنداق ئادەم ئىدىڭغۇ .ھەي ھەجەپ
ۋاقىتسىز كەتتىڭغۇ يەي دىگەندەك ھەرخىل
مەدھىيە ،مەرسىيە ،شېئىر-قوشاقلارنى توقۇپ ،ئۆلگۈچىنى
مۇشۇنداق ياخشى كىشىدى دەپ قالسۇن دەپ
يىغلىماق ياخشى ئەمەس .
موشۇنداق نالە قىلىنسا پەرىشتىلەر ؛سەن راس
شۇنداق ئادەممۇ دەپ مەيدىسىگە ئورىدۇ .مىيىتقا
ھەر قىسىم سۆزلەرنى قىلىپ ئاۋاز كۈتۈرۈپ
يىغلۇغىچىلارنى پەيغەمبىرىمىز بىزدىن ئەمەس
دىگەن .
ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھ ئەنھۇدىن رىۋايەت
قىلىندۇكى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق
دىگەن ؛-ھېچ كىشىگە سەۋىردىن ئارتۇق ۋە كەڭ
سوۋغا بېرىلگىنى يۇق . ( ئۇسۇل خەمسە رىۋايىتى
)
ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت
قىلىندۇكى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق
دىگەن ؛ كىشىلەرگە ئارىلىشىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ
يەتكۈزگەن ئەرزىيەتلەرگە سەۋىر قىلىدىغان
مۆئىمىن ،كىشىلەرگە ئارلاشمايدىغان ۋە
ئۇلاردىن يەتكەن ئەرزىيەتلەرگە سەۋىر
قىلمايدىغان مۆئىمىندىن ياخشى .( تىرمىزى
رىۋايىتى )
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت
قىلىندۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق
دىگەن ؛ « ئاللاھتەئالا ئېيتىدۇكى ،مېنىڭ
مۆئىمىن بەندەمنىڭ دۇنيادىكى يېقىن ئادىمىنى
قەبزى روھ قىلسام ،ئۇ مىنىڭ ساۋاب بېرىشىمنى
كۆزدە تۇتسا ،بۇنىڭغا سەۋىر قىلسا ،ئۇنى
جەننەت بىلەنلا مۇكاپاتلايمەن .» ( بۇخارى
رىۋايىتى )
ئۇمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن
رىۋايەت قىلىندۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام
مۇنداق دىگەن ؛ ئۆلگەن ئادەم قەبرىدە ئۇنىڭغا
باشقىلار ئۈن سىلىپ يىغلىغانلىق سەۋەبلىك
ئازاپ چېكىدۇ . ( مۇسلىم رىۋايىتى )
مىيىتكە
ئۈنسىز قوشاق قوشماي يىغشلاشنىڭ دۇرۇسلىغى
تۇغرىسىدا
ئىبنى ئۈمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت
قىلىندۇكى ،رەسۇلۇللا ئابدۇرەھمانبىنى ئەۋف ،سەئىدۇ
بىنۇ ئەبى ۋەققاس ،ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇدلار
بىلەن سەئىدۇ بىنۇ ئۇبادەنى يوقلاپ كېلىپ
يىغلاپ تاشلىدى ،كىشىلەر رەسۇلۇللانىڭ
يىغلىغانلىقىنى كۆرىپ يىغلاپ كىتىشتى .رەسۇلۇللا
؛ ئاڭلاپ قويۇڭلار ،ئاللاھ كۆزنىڭ ياش تۈكىشى
ۋە قەلىبنىڭ غەمكىن بولۇشى بىلەن ئازابلىمايدۇ
،لېكىن ماۋۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئازابلايدۇ ياكى
رەھىم قىلىدۇ ،دەپ تىلغا ئىشارەت قىلدى .(
بىرلىككە كەلگەن ھەدىس )
ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت
قىلىندۇكى ،رەسۇلۇللانىڭ قىزىنىڭ ئوغلى
سەكراتقا چۇشكەن ھالەتتە رەسۇلۇللاغا سۇنۇپ
بېرىلدى .رەسۇلۇللانىڭ ئىككى كۆزى ياش تۆكتى .سەئىد
رەسۇلۇللاغا ؛بۇ قانداق گەپ يا رەسۇلۇللا ؟
دېدى .
رەسۇلۇللا ؛بۇ بۇلسا ئاللاھ ئۆز بەندىلىرىنىڭ
قەلبىلىرىگە ئورناتقان رەھمەتتۇر .ئاللاھ ئۇز
بەندىلىرىنىڭ ئىچىدىن رەھىمدىل كىشىلەرگە
رەھىم قىلىدۇ ،دىدى .( بىرلىككە كەلگەن ھەدىس
)
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى
،رەسۇلۇللا ئوغلى ئىبراھىمنىڭ يىنىغا كىردى ،ئىبراھىم
بولسا ،جان بېرىشكە ئاز قاپتۇ .رەسۇلۇللانىڭ
ئىككى كۆزىدىن ياش تۈككىلى تۇردى .ئابدۇرەھمانبىنى
ئەۋف رەسۇلۇللاغا سېلىمۇ يىغلاملا ،رەسۇلۇللا
؟ دېدى .رەسۇلۇللا ؛ھەي ،ئىبنى ئەۋف ئۇ
رەھمەتتۇر ،دەپ بولۇپ ،ئۆز سۆزىگە ئولاپ ؛كۆز
ياش تۈكىدۇ ،قەلىب غەم چېكىدۇ ،بىر رەببىمىز
رازى بولىدىغان سۆزنى قىلغايمىز ،بىرسىنىڭ
پىراقىڭدىن ئى ئىبراھىم ! غەمكىندۇرمىز ،دېدى
.( بۇخارى رىۋايىتى )
ساغلام ئەقىل ئىگىسى يۇقىرىقى ئايەت ۋە
ھەدىسلەردىن مۇسىبەتكە ئۈن سىلىپ يىغلاشنىڭ
ياخشى ئەمەسلىكىنى ،بۇنداق قىلىشنى ئاللاھ ۋە
ئاللاھنىڭ رەسۇلى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ياقتۇرماي
بۇنداق كىشىلەردىن بىزار ئىكەنلىكىنى
بىلۋالالايدۇ .
پەيغەمبىرمىز بىر ھەدىسىدە ؛كىمكى مۇسىبەتكە
ئۈن سىلىپ يىغلاپ ھازا قىلغان بولسا ھايات
ۋاقتىدا تەۋبە قىلىۋالسۇن دىگەن . ( يەنە بىر
ھەدىستە قايسى بىر ئايال ئۈن سىلىپ يىغلاپ
ھازا قىلغان بولسا 3 كۈنگۈچە تەۋبە قىلسۇن ،ياكى
ھايات ۋاقتىدا تەۋبە قىلۋالسۇن دىيىلگەن )
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ياخشى
كۆرمىگەن ۋە چەكلىگەن ئىشلاردىن يىراق بولايلى
.بىلمەي قىلىپ سالغانلىرىمىز ھايات ۋاقتىمىزدا
چىن دىلىمىزدىن تەۋبە قىلىپ گۇناھلىرىمىزنى
مەغپىرەت قىلىشىنى ئۇلۇغ ،مىھرىبان ئاللاھتىن
تىلەيلى
مەنبەسى : ئىسلام بىرلەشمە مۇنبىرى