ناماز
ناماز مەخسۇس ھەركەت ۋە سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر خىل ئىبادەت بولۇپ، ئۇ تەكبىر« ئاللاھ ئەڭ كاتتىدۇر» بىلەن باشلىنىپ سالام بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
ئىسلامدا نامازنىڭ مەرتىۋىسى باشقا ھەر قانداق ئىبادەتنىڭ مەرتىۋىسىدىن يۇقۇردۇر. ناماز ئىسلامنى كۆتۈرۈپ تۇردىغان مەنىۋىي تۆرۈكتۇر.
ھەزىرتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم « ئىشنىڭ باش كاللىسى مۇسۇلمان بولۇش، يەنى دىننىڭ باشلىنىشى مۇسۇلمان بولماق، ۋە دىننىڭ تىك چوقىسى ئاللاھ يولىدا كۆرەش قىلىش، ۋە دىننىڭ تۆرىكى نامازدۇر» دىدى. ناماز جانابى ئاللاھ پەرىز قىلغان ئىبادەتلەرنىڭ تۇنجىسى بولۇپ ئۇنى ھەزىرتى مۇھەممەد ،س، ئە، ۋە، مېراج كېچىسى جانابى ئاللاھتىن بىۋاستە تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدى.
قىيامەت كۈنى بەندىلەر ھىساپ بېردىغان ئەمەللەرنىڭمۇ ئەڭ تۇنجىسى نامازدۇر.
ئابدۇللاھ قەرەت ئوغلىدىن رىۋايەت قىلىنغان مونۇ ھەدىستە ھەزىرتى مۇھەممەد س، ئە، ۋ، مۇنداى دەيدۇ،
« قىيامەت كۈنى بەندىلەردىن ئەڭ بۇرۇن ھىساپ ئېلىندىغان ئىبادەت نامازدۇر، ئادەملەرنىڭ نامىزى توغۇرا چىقسا باشقا بارلىق ئىبادەتلىرى توغۇرا چىقىدۇ، ئەگەر بەندىلەرنىڭ نامىزىدا مەسىلە كۆرۈلسە باشقا بارلىق ئەمەللەردە مەسىلە كۆرۈلدۇ.» تىبرانى رىۋايىتى.
ناماز بولسا ھەزىرتى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئۈشبۇ دۇنيادىن ئايرىلدىغان ۋاقتىدا ئۈممىتىگە قىلغان ئاخىرقى ۋەسىيىتىدۇر. ئۇ ئاخىرقى مۇبارەك نەپەسلىرىدە ناماز.... نامازغا ئەھمىيەت بېرىڭلار ! قول ئاستىڭلاردىكى قۇللارغا ۋە جانىۋارلارغا يۇمشاق قول بولۇڭلار! دىگەندەك سۆزلەرنى تەكرار- تەكرار قېتىم تىلغا ئېلىپ ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى.
نامازلىرىنى زايا قىلىپ يوقاتقان ئىنسانلار بىر پۈتۈن دىنىنى يوقۇتۇدۇ.
قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىگە نەزەر سالغان ھەر قانداق بىر ئادەم جانابى ئاللاھنىڭ نامازنى بىر قانچە بۆيۈك ئىبادەتلەر بىلەن بىر قاتاردا تىلغا ئالغانلىغىنى كۆرۈپ يېتىدۇ.
« ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسۇدۇ» ئەنكەبۇت سۆرىسى 45- ئايىتى.
« كۇفىردىن ۋە گۇناھتىن پاك بولغان ئادەم مەقسىتىگە يەتتى، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىنى ياد ئەتتى، ئاندىن ناماز ئوقۇدى» ئەئلا سۆرىسى 14- ئايىتى.
ئى مۇھەممەد س ئە ۋ! ئېيتقىنكى« مىنىڭ نامىزىم قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم دۇنيادا قىلغان بارلىق ياخشى ئەمەللىرىم ۋە تائەت ئىبادىتلىرىم ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئەنئام سۆرىسى 162- ئايەت
مۆمىنلەر ھەقىقەتەن بەخىتكە ئېرىشتى، ئۇلار نامازلىرىدا « ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىغىدىن سۈر بېسىپ كەتكەنلىكتىن ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر. مۆمىن سۆرىسى 1- ئايىتى
ئىسلام دىنىنىڭ نامازغا ئەھمىيەت بىرىشى شۇ دەرجىگە يەتكەنكى ئادەملەر يۇرت ئىچىدە، ۋە يۇرت سىرتىدا سەپەردە، خاتىرجەم تىنىچ ۋاقىتلاردا، ۋە ياكى خەۋىپلىك ئۇرۇش مەيدانلىرىدا نامازغا چوقۇم ئەھمىيەت بىرىشلىرى لازىم، دەپ بەلگۈلىدى. بەقەرە سۆرىسى 238- ئايىتى.
جانابى ئاللاھ نامازنى زايا قىلىپ ئوقۇمىغان ۋە ياكى ئوقۇشقا ئېنتىلمىگەن ئادەملەرگە تەھدىد قىلىپ « ئۇلار كەتكەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئورنىنى باسقان ئۇرۇنباسارلار نامازنى تەرىك ئەتتى، نەفسى خاھىشلارغا ئەگەشتى، ئۇلار قىيامەتتە گۇمراھلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ، يەنى دەۋزەخنىڭ ئەڭ تىگىگە جايلاشقان زەردەپ سۇ كاتىكىغا چۈشۈدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
نامازنىڭ تاشقى شەكىلنى ئورۇنداپ مەنىۋى تەرپىدىن خەۋىرسىز غافىل، شەكلى ھالدا ناماز ئوقۇغۇچى ئادەملەرنى ۋە ئوقۇۋاتقان نامىزىنى ئۆزىنىڭ ئەخلاقىغا يېتەكچى قىلالمىغان ئادەملەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ، « شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى ئۇلار نامازنى غەپلەت بىلەن ئوقۇيدۇ، نامازنى رېيا بىلەن ئوقۇيدۇ»
ئې ئاللاھ بۇتۇن مۇسۇلمانلارنى ناماز ئارقىلىق ھۇزۇرۇڭدا بىر سەپكە تىزىغىن، ۋە ناماز قىلغۇچىلاردىن قىلغىن ئامىن .