پەيغەمبەرلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى

 

اللە ئەۋەتكەن بارلىق پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلەرگە چىن دىلىدىن ئىشىنىش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئىمانى مەجبۇرىيىتىدۇر.

ئىسلام دىننىڭ ئولۇغ كىتابى ۋە ئىلاھى دەستۇر قۇرئان كېرىمدە نام شەرپى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان مەشھۇر پەيغەمبەرلەرنىڭ سانى 25 بولۇپ ئۇلار ئاتىمىز ئادەم، نۇھ، ئىدرىس، ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇب، داۋۇد، سۇلايمان، ئەييۇب، يۈسۈف، مۇسا، ھارۇن، زەكەرىيا، يەھيا، ئىيسا، ئىلياس، ئىسمائىل، ئىلياس، يۈنۈس، لۇت، ھۇد، سالىھ، شۇئەييىب، زۇلكىفىل ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسالام قاتارلىقلاردۇر.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە قۇرئاندا ئىسىملىرى بايان قىلىنمىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ سانىمۇ 24 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى مەلۇم. ( قۇرئان كېرىمدىكى) قانداقلا بىر ئۈممەت بولمىسۇن ئۇنۇڭغا پەيغەمبەر كەلگەن ( دىگەن ئايەت شۇ نوختىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتسە) شۈبىھسىزكى ھەر بىر ئۈممەتكە پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق دىگەن ئايەت ئۇنى تەكىتلەيدۇ. تۇنجى ئىنسان ۋە تۇنجى پەيغەمبەر ئاتىمىز ئادەم ئەلەيھىسالامدىن باشلاپ تاكى ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغىچە بولغان بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى، اللە بار، اللە بىر، ئۇنىڭ شىرىكى يوق، دىگەندىن ئىبارەت ساپ ئىتقاتنى ئىنسانلارغا بىلدۈرۈشتۇر.

اللە بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ.

 

وَمَا أَرْسَلْنَا مِن قَبْلِكَ مِن رَّسُولٍ إِلَّا نُوحِي إِلَيْهِ أَنَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا أَنَا فَاعْبُدُونِ

ئى مۇھەممەد!  ( سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە : مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد) بەرھەق يوقتۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، دەپ ۋەھى قىلدۇق.

بارلىق پەيغەمبەرلەر تەڭداشسىز بىر اللەقىلا ئىمان ئېيتىش تەشۋېقاتىنى ئۈممەتلىرى ئارىسىدا قانات يايدۇرۇش خىزمىتىدە ئىتتىپاقداشتۇر. شۇنداقلا قەۋىم قېرىنداشلىرىنى خەيرىلىك يوللارغا باشلاپ ھەر تۈرلۈك يامان ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرۇپ نەمۇنىلىك رولىنى ئويناشتىمۇ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندۇر. ھەممە پەيغەمبەرلەر بىرلىكتە ( ئىنسانلار ئۆلگەندىن كىيىن قايتا تىرىلدۈرلۈپ قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا جازا ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقىنى) بايان قىلىپ ئۆتكەندۇر. اللە بەندىلەرگە يەنى بىز ئىنسانىيەت ئائىلىسىگە كاتتا رەھىم شەپقەت قىلىپ ھېچ بىر زامان ئىنسانلارنى پەيغەمبەرسىز تاشلاپ قويمىدى. ئارقا- ئارقىدىن ئەۋەرتىلگەن ئۇ پەيغەمبەرلەر ( اللە بار، اللە بىر، ئۇنىڭ شىرىكى يوق) دىگەن ھەققانىيەتنى چۆرىدەپ ئىنسان تارىخىدىكى ھەر-خىل زامان ۋە شارائىتلارغا ماس كېلىدىغان ھەر تۈرلۈك ئىلاھى شەرىئەت قانۇنلىرىنى ئۆز قەۋىملىرىگە ئېلىپ كىلىشتى. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تارىختا ئۆتكەن ھەق پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىتقادىي جەھەتلەردە اللەنىڭ نەزىردە مەقبۇل بولغان ئىسلام دىنىغا ۋەكىللىك قىلاتتى. ئۇلار ئېلىپ كىلىشكەن دىن ئىسلام دىنى ئىدى. ئۇلار مەخسەت قىلغان ئىلاھمۇ دەل بىزنىڭ ۋە ئىلگىرى كىيىن ياشاپ ئۆتكەن ۋە بۇنىڭدىن كىيىن ياشىغۇچى بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىمىز  99 كامالى سۈپەت ئىگىسى زات اللە ئىدى. لېكىن ھەر- بىر پەيغەمبەرنىڭ قەۋمىگە ئېلىپ كەلگەن شەرىئەت قانۇنلىرى ئادالەتنى ئاساس قىلغان ۋە بىر اللە تەرەپتىن نازىل بولغان جەھەتلەردە ئوپ- ئوخشاش بولسىمۇ ئىجىرا قىلىش ئۆلچەملىرى ۋە باشقا تەرەپلەردە ھەر تۈرلۈك بولۇپ بۇ ھەرگىزمۇ پەيغەمبەرلەر ئارىسىدا ئىختىلاپ بارلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. چۈنكى شۇ ھەر تۈرلۈك قانۇنلارنىڭ كىلىش مەنبەسى بىردۇر.

 

  )إِذْ قَالَ لَهُ رَبُّهُ أَسْلِمْ قَالَ أَسْلَمْتُ لِرَبِّ الْعَالَمِينَ)

ئۆز ۋاختىدا پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا: « ( پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمىرىگە ) ئىتائەت قىلغىن» دېدى. ئۇ: « ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلدىم» دېدى.

 

 أَمْ كُنتُمْ شُهَدَاء إِذْ حَضَرَ يَعْقُوبَ الْمَوْتُ إِذْ قَالَ لِبَنِيهِ مَا تَعْبُدُونَ مِن بَعْدِي قَالُواْ نَعْبُدُ إِلَهَكَ وَإِلَهَ آبَائِكَ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَقَ إِلَهًا وَاحِدًا وَنَحْنُ لَهُ مُسْلِمُونَ

يەئقۇب جان ئۈزۈۋاتقان ۋاقتىدا سىلەر يېنىدا بارمىتىڭلار؟ شۇ چاغدا يەئقۇب ئوغۇللىرىدىن: « مەن ئۆلگەندىن كىيىن سىلەر كىمگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟ » دەپ سورىدى. « ئۇلار : سىنىڭ ئىلاھىڭ ۋە ئاتا بوۋىلىرىڭ- ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاقلارنىڭ ئىلاھى بولغان اللەقا ئىبادەت قىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىمىز» دېدى.

 

وَرَضِيتُ لَكُمُ الإِسْلاَمَ دِينًا

ئىسلام دىننى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم.

 

وَإِذْ أَوْحَيْتُ إِلَى الْحَوَارِيِّينَ أَنْ آمِنُواْ بِي وَبِرَسُولِي قَالُوَاْ آمَنَّا وَاشْهَدْ بِأَنَّنَا مُسْلِمُونَ

ئەينى زاماندا مەن ھەۋۋارىلارغا « ماڭا ۋە مېنىڭ پەيغەمبىرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ ۋەھى قىلدىم. ئۇلار: « بىز ئىمان ئېيتتۇق، گۇۋاھ بولغىنكى، بىز ( ئەمرىڭگە ) بويسۇنغۇچىلارمىز» دېدى.

 

فَإِن تَوَلَّيْتُمْ فَمَا سَأَلْتُكُم مِّنْ أَجْرٍ إِنْ أَجْرِيَ إِلاَّ عَلَى اللّهِ وَأُمِرْتُ أَنْ أَكُونَ مِنَ الْمُسْلِمِينَ

« ئەگەر سىلەر ( مېنىڭ نەسىھىتىمدىن) يۈ ئۆرىسەڭلار، سىلەردىن ( يۈز ئۆرىشىڭلارغا سەۋەپچى بولىدىغان ) ھەق سورىغىنىم يوق، مەن ئەجىرىمنى پەقەت اللەدىن سورايمەن، مەن ( اللە ) غا بويسۇنغۇچىلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» دېدى.

 

رَبِّ قَدْ آتَيْتَنِي مِنَ الْمُلْكِ وَعَلَّمْتَنِي مِن تَأْوِيلِ الأَحَادِيثِ فَاطِرَ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضِ أَنتَ وَلِيِّي فِي الدُّنُيَا وَالآخِرَةِ تَوَفَّنِي مُسْلِمًا وَأَلْحِقْنِي بِالصَّالِحِينَ

پەرۋەردىگارىم ! « ماڭا ھەقىقەتەن پادىشاھلىق ئاتا قىلدىڭ، چۈش تەبىرىنى بىلدۈردۈڭ، ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى زات! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مېنىڭ ئىگەمسەن، مېنى مۇسۇلمان پېتىمچە قەبزى روھ قىلغىن، مېنى ياخشى بەندىلەر قاتارىدا قىلغىن» دېدى.

 

قِيلَ لَهَا ادْخُلِي الصَّرْحَ فَلَمَّا رَأَتْهُ حَسِبَتْهُ لُجَّةً وَكَشَفَتْ عَن سَاقَيْهَا قَالَ إِنَّهُ صَرْحٌ مُّمَرَّدٌ مِّن قَوَارِيرَ قَالَتْ رَبِّ إِنِّي ظَلَمْتُ نَفْسِي وَأَسْلَمْتُ مَعَ سُلَيْمَانَ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ

ئۇنىڭغا ( يەنى بىلقىسقا ): « سارايغا كىرگىن » دىيىلدى، ئۇ. ( يەنى بىلقىس ) ساراينى چوڭ سۇ دەپ گۇمانلىنىپ ( كىيىمنى كۆتۈرۈپ ) ئىككى پاچىقىنى ئاچتى، سۇلايمان ئېيتتى: « شۈبىھسىزكى، ئۇ ئەينەكتىن ياسالغان سارايدۇر» . ئۇ ( يەنى بىلقىس ) ئېيتتى: « پەرۋەردىگارىم، مەن ھەقىقەتەن ( اللەقا شېرىك كەلتۈرۈپ، قۇياشقا چوقۇنۇش بىلەن ) ئۆزەمگە زۇلۇم قىلدىم، سۇلەيمەن بىلەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اللەقا بويسۇندۇم. ( يەنى سۇلەيماننىڭ دىنىغا ئەگىشىم ئىسلامغا كىردىم ) ».

 

پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام بولۇپ ئۇنىڭدىن كىيىن پەيغەمبەر كەلمەيدۇ. لېكىن اللە نىڭ دەرگاھىغا تىرىك ھالەتتە ئېلىپ كىتىلگەن ھەزىرتى ئىيسا ئەلەيھىسالام ئاخىرقى زامانغا يېقىن قالغاندا مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا ئەگەشكۈچى سۈپىتىدە ئاسماندىن چۈشىدۇ ۋە ئىسلام دىنىنى قايتىدىن جانلاندۇرىدۇ.