پەيغەمبىرىمىزنى يولىنى تۇتۇپ مېڭىش توغرىسىدا

 

سارىيە ئوغلى ئىرباز رەزىيەللاھۇ مۇنداق دېدى: بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە نامازنى ئىمام بولۇپ ئوقۇپ بەرگەندىن كېيىن بىزگە قاراپ تۇرۇپ تەسىرلىك بىر نەسىھەت سۆزلىدى. كۆزىمىزدىن ياش تۆكۈلدى. يۈرەكلىرىمىز قورقۇپ تىتىرەپ كەتتى. ئارىمىزدىن بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: بۇ سۆزۈڭ بىز بىلەن خوشلىشىپ، ئاخىرەتكە كېتىدىغان كىشىنىڭ نەسىھىتىدەك سۆز بولدى. بىزگە تاپىلايدىغان سۆزلىرىڭنى ۋە نەسىھەتلىرىڭنى تاپىلىساڭ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «« مەن سىلەرنىڭ اللە تەئالادىن قورقۇشۇڭلارنى، اللەنىڭ سۆزىنى، پەيغەمبىرىنىڭ سۆزىنى، ئىسلام ھۆكۈمىتى باشلىقلىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بويسۇنۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. گەرىچە سىلەرگە باشلىق بولىۋالغۇچى كىشى ھەبەشىستان قۇللىرىدىن بولسىمۇ ( باشقۇرۇش ئىسلام قانۇنىغا مۇۋاپىق، مۇسۇلمانلار مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلسە، كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بويسۇنۇشۇڭلار كېرەك ). چۈنكى، مەندىن كېيىن ھايات قالغىنىڭلار نۇرغۇن قارىمۇ قارشىلىقلارنى ۋە بۆلۈنۈشلارنى كۆرۈسىلەر. شۇ چاغدا سىلەر مېنىڭ ماڭغان باشقىلارنىمۇ توغرا يولغا باشلايدىغان ئورۇنباسارلىرىمنىڭ يولىنى ئۆزەڭلارغا يول قىلىپ، شۇ يولنى چىڭ تۇتۇڭلار. ئۇ يولدا مېڭىش قىيىن بولغان شارائىتتىمۇ سۇ يولنى ئېزىق چىشىڭلار بىلەن چىشلەپ بولسىمۇ چىڭ تۇتۇڭلار! مېنىڭ يولۇمغا توغرا ۋە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يېڭى پەيدا بولغان ئىشلاردىن ( مەيلى ئىبادەت، مەيلى ئادەت قائىدە يوسۇن ) لاردىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىپ ساقلىنىڭلار. چۈنكى يېڭى پەيدا بولغان ۋە دىنى ئىشلار قاتارىغا كىرىۋالغان ئىشلار بىدئەتتۇر. ھەر قانداق بىدئەت بولسا، مۇسۇلمانلارنى ئىسلام دىنىنىڭ توغرا يولدىن ئېزىقتۇرىدۇ ھەم يولدىن چىقىرىدۇ »».

( ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان ).

 ھەر بىر مۇسۇلمان كىشىگە ( ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن ) ئۆزىنىڭ دىنىنى، ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ تارىخىي تەرجىمىھالىنى بىلىشى، شۇ پەيغەمبەرنىڭ دىنىي ئىشلاردىكى ( ئىبادىتىدىكى ) مۇسۇلمانلار ئارا قوللىنىدىغان مۇئامىلە پوزىتسىيە جەھەتتىكى، ئىسلام دۈشمەنلىرىگە قارىتا قوللانغان سىياسەت ۋە مۇئامىلا جەھەتتىكى بارلىق كۆرسەتمىلەرنى چۈشىنەلىگىدەك بىلىم بولۇشى، ھەم شۇ يولنى جان تىكىپ قوغدايدىغان ۋىجدان ۋە مۇستەھكەم مەيدان بولۇشى لازىم. ئۇ چاغدا ئۇ كىشى يولدىن ئازماي چىڭ تۇرالايدۇ. ھەرقانداق داموللاھ، ھەزىرەت، ئىشان، خەلىپە، ئەۋلىيا نامىنى ئالغان، لېكىن رەسۇلۇللاھنىڭ يولىغا خىلاپ ئىشلارنى قىلىدىغان ۋە سۆزلەيدىغانلارنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ خاتالاشمايدۇ. ئۆزىنىڭ ئىلمى ۋە توغرا تونۇشى بىلەن ئۆلچەپ راست بىلەن خاتانى، بىدئەت بىلەن سۈننەتنى بايقىيالايدۇ. ئەگەر بىلىم ۋە توغرا تونۇش بولمايدىكەن ئۇ چاغدا بەزى ئابروي قازانغان بىدئەت ھوقۇقدارلىرىغا چوقۇنۇپ، ئۇنى اللە ئورنىدا كۆرۈپ قوغداپ، ھەقىقەتكە ۋە ھەقنى قوغدىغۇچىلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىلىمسىز قالغان مۇسۇلمانلارنى پارچىلاپ نەچچە پىرقە، نەچچە گۇرۇھقا ئايلاندۇرۇپ، بىر بىرىگە دۈشمەن قىلىپ، دىن دۈشمەنلىرىگە قارىتا قەتئىيلىكنى ئۆز ئارىسىدا يۈرگۈزۈپ ئاخىرى ئەجنەبىلەرگە يەم قىلىپ تۈگىتىدۇ، خالاس.

شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىدئەتتىن ساقلىنىڭلار. بۆلۈنۈشتىن ساقلىنىڭلار. اللەتائالانىڭ قۇرئانى ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۆزلىرى ( ھەدىسى ) بويىچە ئىش قىلغان باشقۇرغان كىشىلەرگە كىم بولسا بولسۇن بويسۇنۇڭلار. ناھەق تەرەپباز بولماڭلار. قىلغان ئىتائىتىڭلار شەخىسكە بولماي ئىسلام ئاساسى بولغان رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە بولسۇن، دەپ تاپىلىدى.