ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئىمام خەتتابىي قەدىر كېچىسىنىڭ ئاللاھ تائالا
تەرىپىدىن ئىسلام مىللىتىگە مەخسۇس ئاتا
قىلىنغان بىر كاتتا ئىمتىياز ئىكەنلىكىگە
پۈتۈن ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى
بولغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ
تائالا بۇ كېچىنى قۇرئان كەرىم بىلەن
شەرەپلەندۈردى. قۇرئان كەرىم بولسا، ئىسلام
مىللىتىنىڭ ئەڭ مۆتۈۋەر دەستۇرىدۇر. ئىمام
مالىك ئۆزىنىڭ « ئەلمۇۋتتەء» ناملىق ئەسىرىدە
مۇنۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىدۇ:« پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامغا ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن
ئۇممەتلەرنىڭ ياشىغان ئۆمۈرلىرى
كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ئۇ، ئۆزىنىڭ
ئۇممەتلىرىنىڭ ئۆمرىنىڭ بۇرۇنقىلارنىڭ ئۆمرىگە
نىسبەتەن قىسقا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ،
ئۇممەتلىرىنىڭ بۇ قىسقا ئۆمرىدە بۇرۇنقىلارنىڭ
قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى
قىلالمايدىغانلىقىدىن ئەنسىرىگەندە، ئاللاھ
تائالا ئۇنىڭ ئۇممىتىگە مىڭ ئايدىن ياخشى
بولغان قەدىر كېچىسىنى ئاتا قىلغان »(«
ئەلمۇۋتتەء» دىن).
ئاللاھ تائالا بۇ كېچىنىڭ قايسى كېچىدە
ئىكەنلىك ۋاقتىنى بىزگە مەلۇم قىلمىغان. بۇ،
كىشىلەر شۇ كېچىنى تېپىش مەقسىتى بىلەن
رامىزان كېچىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىبادەتكە
بېرىلسۇن ئۈچۈن ئىدى. شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالا
جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەتنى
ۋە قۇرئان كەرىمدىكى ئۇنى ئوقۇپ نېمە تىلسە
بېرىلىدىغان ئىسمۇلئەزەمنى بىزگە بىلدۈرمىگەن.
بۇمۇ كىشىلەرنىڭ دۇئا ئىجابەت بولىدىغان
سائەتنى ۋە ئىسمۇلئەزەمنى تېپىش ئۈچۈن
ھەرۋاقىت دۇئا قىلسۇن ۋە قۇرئان كەرىم ئوقۇسۇن
ئۈچۈن ئىدى. ئەگەر قەدىر كېچىسىنىڭ ۋاقتى،
دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەت ۋە ئىسمۇلئەزەم
ئېنىق بىلدۈرۈلگەن بولسا ئىدى، كىشىلەر قەدىر
كېچىسىدىلا ئىبادەت قىلىشقا، شۇ سائەتتىلا
دۇئا قىلىشقا، ئىسمۇلئەزەمنىلا ئوقۇشقا
ئۈگىنۋېلىپ، باشقىلىرىغا ئەھمىيەت بەرمىگەن
بولاتتى.
ئىمام ئىبنى ھەجەر قەدىر كېچىسىدە بولىدىغان
ئالامەتلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «
قەدىر كېچىسىنىڭ ئەتىگىنىدە قۇياش شۇلىسىز
چىقىدۇ »(«فەتھۇلبارى» دىن). ئىمام ئەھمەد
رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن:
« قەدىر كېچىسىدە ئاسمان تىپ- تىچ، سۈپ- سۈزۈك
بولىدۇ، ھاۋا ئىسسىقمۇ ئەمەس سۇغۇقمۇ ئەمەس
نورمال بولىدۇ»(ئەھمەد رىۋايىتى). «
رۇھۇلبايان» ناملىق تەپسىرنىڭ ئاپتورى ئىبنى
خۇزەيمەنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن
رىۋايەت قىلغان مۇنۇ بىر ھەدىسنى بايان قىلىدۇ:
« قەدىر كېچىسىدە يەر يۈزىگە تارقىلىدىغان
پەرىشتىلەرنىڭ سانى ئۇششاق تاشلارنىڭ
سانىدىنمۇ كۆپ بولىدۇ » («فەتھۇلبارىي» دىن).