قورققانلار قۇتۇلۇپ قالامدۇ؟
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
قورققانلار ئامان قالامدۇ؟ دېگەن بۇ سوئالنى ئوقۇغان ھەربىر ئادەم ئۇنى قايسى خىل تەرەپتىن چۈشەنسە، شۇنىڭغا ئۇيغۇن جاۋاب بېرىشكە تىرىشىدىغانلىقى ئېنىق. بۇ سوئالدا تىلغا ئېلىنغان ”قورقۇش“ ئەسلىدە نېمىدىن قورقۇش كېرەكلىكى مەسىلىسىدۇر. ناۋادا دىندار ۋە دىنىغا ئەمەل قىلىدىغان بىرىدىن سورالغىنىدا، دەرھال: "ئاللاھتىن قورقۇش" دەپ جاۋاب بېرىدىغانلىقى ۋە: "ئاللاھتىن قورققانلار ئامان قالىدۇ" دەيدىغانلىقى ئېنىق. ئاللاھتىن قورققانلار ھەر ئىشىدا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان، يامان كۆرۈدىغان، لەنىتىگە ئۇچرىتىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. بۇ شەكىلدە ياشىغان ئىنسان كۆرۈنۈشتە دۇنيانىڭ ھەر تۈرلۈك ئىمتىھانلىرىغا دۇچ كېلىپ، جانلىرى، ماللىرى، بالا - چاقىلىرى، يېقىنلىرى ئارقىلىق ئېغىر - يېنىك سىناقلار بىلەن سىنالغان بولسىمۇ، لېكىن مەڭگۈلۈك ھايات يۇرتى بولغان ئاخىرەتتە دوزاختىن قۇتۇلۇپ، تۈگىمەس - پۈتمەس بەخت - سائەدەتكە ئېرىشىش بىلەن ئامان قالىدۇ. مانا بۇ، ئىمان قەلبىگە ئورۇنلاشقان مۇئمىن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى بىلىدىغان ئۇقۇم. لېكىن بىزنىڭ بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتىدىغىنىمىز دۇنيادا ئامان قالماقچى بولغانلار ھەققىدە بولىدۇ.
دۇنيادا ئامان قالماقچى بولغانلار دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنى ئاخىرەتتىن ئۈستۈن كۆرىدىغانلار بولۇپ، ئۇلار: قورققانلار ئامان قالامدۇ؟ - دېگەن سوئالغا ھېچ ئويلانمايلا: "شۇنداق" - دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇ جاۋابنى بەرگەن كىشىلەرنىڭ قورقۇشى بولسا، پەقەتلا بۇ دۇنيادا ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كېلىدىغان ھەرقانداق خىيىم - خەتەر ياكى زىيان ئېھتىمالىدىن قورقۇشتۇر. بىز قورقۇنچ ئۈستىدە بىرئاز مۇھاكىمە يۈرگۈزسەك، بۇنىڭ مەنتىقىلىق قورقۇنچ ۋە مەنتىقىسىز قورقۇنچ دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. ئۇنداق بولسا، مەنتىقىلىق قورقۇنچ دېگەن زادى قانداق قورقۇنچ؟ بۇ خىل قورقۇنچ ئىنسان تەبىئىتىدە پەيدا بولىدىغان ئۇسسۇزلۇق، توڭلاپ قېلىش، تەرلەپ كېتىش، خۇش بولۇش، قايغۇرۇش... لاردەك تەبىئىى قورقۇنچ تۇيغۇسىدۇر. بۇ تۈردىكى قورقۇنچ ئىنساننىڭ جېنىغا ياكى ئۇنىڭ ياخشى كۆرگەن يېقىنلىرىنىڭ جېنىغا كېلىدىغان ھەرقانداق خېيىم – خەتەردىن ئىختىيارسىز ھالدا قورقۇش تۇيغۇسى بولۇپ، بۇ، شەرىئەتتە ئۇيغۇن كۆرۈلىدىغان قورقۇنچتۇر. ئىككىنچى خىلى بولسا، جېنىغا، مېلىغا، مەنپەئەتىگە ۋە يېقىنلىرىنىڭ جېنىغا، مېلىغا، مەنپەئەتلىرىگە كېلىدىغان ياكى كېلىش ئېھتىمالى بولغان خىيىم - خەتەردىن، زىيان – زەخمەتتىن ھەقىقىي قورقۇش بولۇپ، كۆپىنچە ھايات قېلىشقا، راھەت - پاراغەتكە، خاتىرجەملىككە بولغان ئارزۇسىدىن كېلىپ چىقىدۇ ۋە مۇئمىنلەرگە نىسبەتەن ئىمانغا زىت كېلىدىغان قورقۇنچ ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل قورقۇنچتا بولسا، شەخسىيەتچىلىك، ئۆز مەنپەتىنىلا ئويلايدىغان مەنىۋى بېخىللىق ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ناۋادا ئىنسان تەبىئىتىدىكى تەبىئىي قورقۇنچ ئاللاھ قورقۇسى بىلەن بىرلەشكەندە، يەنى ئىمانىي ئەقىدە بىلەن بىرلەشكەندە، ئۇ، ئىمانىي پىكىر بىلەن بىرلەشكەن قورقۇنچ بولۇپ، ئۇنىڭدىن ساقلىنىش يولىمۇ شەرىئەت كۆرسەتكەن يول بويىچە بولىدۇ. ئېلىنىدىغان تەدبىرمۇ ئىككى دۇنيالىق مەنپەئەت ۋە ساۋاب ئېلىپ كېلىدۇ. مەسىلەن، بىرى بالىسىنىڭ بېشىغا كېلىدىغان بىرەر خەتەرنىڭ شەپىسىنى سەزسە، بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەم ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىدۇ ھەم بۇ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ يوللىرىنى شەرىئەت كۆرسەتكەن يولدىن ئىزدەيدۇ. ئەمما ئىككىنچى تۈردىكى قورقۇنچ كۆپىنچە شەخسىيەتچىلىك، مەنپەئەتچىلىك سەۋەبىدىن بولغاچقا، كېلىدىغان ياكى كېلىش ئېھتىمالى بولغان بارلىق زىيان - زەخمەت، خېيىم - خەتەردىن قۇتۇلۇشتا پەقەتلا ئەقلىگە تايىنىپ ھەل قىلىشقا، ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ئۇسۇللار بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىدۇ. بۇنداق كىشىلەر كۆز ئالدىدىكى قورقۇنچتىن قۇتۇلۇشنىڭ كويىدا بولۇپ، ئاخىرەتلىكىنى ئويلاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئازراق مەزگىلدىن كېيىننىمۇ ئويلاشقا ئەقلى يەتمەيدۇ. مانا بۇ قورقۇنچ دۇنيانى ۋەيران قىلىشقا سەۋەب بولىۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.
تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىدىن تارتىپ تا ئاددىي پۇقرالىرىغىچە ھەممىسى، مەيلى ئۇلار ئىسلام دىنىدىن ئۇزاق ياكى باشقا دىندا بولسۇن، مەيلى دىنسىز ياكى يۇقىرى تەبىقىدىن كەلگەن بولسۇن، مەيلى قانچىلىك يۇقىرى سەۋىيەدە ئىلىم ئالغان بولسۇن، بۇ خىل قورقۇنچ سەۋەبى بىلەن باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ جېنىنى ئۆزى ئۈچۈن خەجلەشتە ھېچ ئىككىلەنمەيدۇ. ئۇلار ئۈچۈن پەقەت ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. مىللەتچىلەر ئۈچۈن ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى، دۆلەت باشلىقلىرى ئۈچۈن ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەۋزەل بىلىنىدۇ. شۇڭا، باشقىلارنىڭ ھەقلىرى، ماللىرى، جانلىرى، بىخەتەرلىكى.... ئۇلار ئۈچۈن ھېچ نېمە ئەمەس. مانا مۇشۇنداق مەنپەئەتپەرەسلىكتىن كېلىپ چىققان قورقۇنچ سەۋەبىدىن ئىنسانلار قېرىنداشلىرىغا خائىنلىق قىلىدۇ، ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇلارنى دۈشمىنىگە ساتىدۇ. مانا مۇشۇنداق قورقۇنچ سەۋەبىدىن ھېچ گۇناھى بولمىغان ئىنسانلارنىڭ جانلىرى، بوۋاقلارنىڭ ھاياتلىرى، قىز ئاياللارنىڭ ئىپپەت نومۇسلىرى قىلچىلىك ئىتىبارغا ئېلىنمايدۇ. ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەرگە تۈرلۈك - تۈرلۈك ئەزىيەتلەر، زۇلۇم، قىيىن - قىستاقلار يالغۇز ئىنسانلىق تەبىئىتىنى يوقاتقان كاپىرلاردىنلا ئەمەس، ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ئاتاپ تۇرۇپ، ئۇلارنى دۈشمەن تەرەپكە ئىتتىرىدىغان كىشىلەردىن كېلىشىمۇ دەل مانا مۇشۇ مەنپەئەتپەرەس قورقۇنچاقلىقنىڭ سەۋەبىدىندۇر. تېمىنى يىراقلارغا ئېلىپ كېتىۋەرمەي ئۆز مىللىتىمىزنى ئېلىپ ئېيتساق، بىر ئېرىقنىڭ سۈيىنى ئىچكەن، ھەتتا بىر قورۇدا، بىر قازاننىڭ تامىقىنى يەپ چوڭ بولغان، بىر چاپاننى تەڭ كىيىپ چوڭ بولغان قېرىنداشلارنىڭ، دوستلارنىڭ، بىر پارتىدا دەرس ئالغان ساۋاغداشلارنىڭ بىر - بىرىنى سېتىشلىرى، دۈشمەن قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى دەل ئاشۇ مەنپەئەت قورقۇسىنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇ خىل ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ جاۋاب ۋە باھانىسى ناھايىتى كۆپ ھەم ئۆزلىرى ئۈچۈن مەنتىقىلىق دەپ قارىلىدۇ. دىنىي ئۆلچەمنى قويۇپ تۇرۇپ، ئاددىي بىر ئىنسانلىق ئۆلچىمىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، ئۇ قىلمىشلار ئىنتايىن رەزىللىك. ئۇلار: ئۇنداقتا كاپىرلارنىڭ، زوراۋانلارنىڭ تەھدىدلىرىدىن قورقماسلىقىمىز كېرەكمۇ، بىز جېنىمىزنى، يەيدىغان نېنىمىزنى، مائاشىمىزنى، مەنپەئەتىمىزنى ئويلىماسلىقىمىز كېرەكمۇ؟ - ديىشىدۇ. ئەمما بۇ، ئۇ خىل كىشىلەرنىڭ بىر قېرىندىشى، قېرىندىشى بولمىغان تەقدىردىمۇ بىر ئىنساننىڭ مەنپەئەتى بەدىلىگە بولماسىقى كېرەك ئەلۋەتتە. بىزدىن بولغان بەزىلەرنىڭ بۇ خىلدىكى شەخسىيەتچىلىكىنى ئەقىلسىز يىرتقۇچ ھايۋانمۇ قىلماس. بىز ھەمىشە مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر ھەققىدە داتلىغاندا، زالىم كاپىرنى تىللايمىز، ھەممە مەھرۇمىيىتىمىزنى ئۇنىڭ سەۋەبىدىن كۆرىمىز، ئەمما شۇنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايلىكى، دۈشمىنىمىز كاپىر بولغانلىقى ئېنىقكەن، ئۇنىڭدىن ياخشىلىق كۈتۈش ئەلۋەتتە مۇئمىننىڭ ئىشى ئەمەس. بۇ خۇددى شەيتاندىن ياخشىلىق تىلىگەندەك بىر ئىش. بۇ يەردە خاپا بولۇشقا توغرا كەلسە، ئۆز مىللىتىمىز ئىچىدىكى ئاشۇ بىر قىسىم مەنپەئەتپەرەس قورققۇنچاقلارغا خاپا بولۇشىمىز، ئۇلارنىڭ قورقۇنچاقلىقى سەۋەبىدىن باشقىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيانلىرىدىن قوغدىنىش چارىلىرىنى ئىزدىشىمىز بەكراق توغرا دەپ قارايمەن. بىز بۇ دۇنيادا دۈشمەندىن زۇلۇم كۆرگەن، ئۇلار تەرىپىدىن ئاياغ – ئاستى قىلىنغان، دۆلەتلىرى تارتىۋېلىنغان نۇرغۇن مىللەتلەرنى بىلىمىز، ئەمما ئۇ مىللەتلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئىچىدىكى خائىنلىق بىزنىڭكىدەك چەكتىن ئاشقان ئەمەس، ئۇلارنىڭ جېنى، مېلى ئۆزلىرى ئۈچۈن قىممەتلىك ئەمەسمۇ، ئەلۋەتتە قىممەتلىك. لېكىن بىزنىڭ مىللىتىمىز ئىچىدىكى بۇ "ئاقىلانە تەدبىرلىك قورقۇنچاقلار" نىڭ ئەھۋالى شۇ دەرىجىدە ئېغىركى، نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراق، بىخەتەر دۆلەتلەردە ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىپ تۇرۇپمۇ، يەنىلا مەنپەئەتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن قورققانلىقى سەۋەبىدىن دەۋا يولىدىكى مىللەتداشلىرىغا، دىنداشلىرىغا توسالغۇ بولۇپ ياشاشنى داۋام قىلىۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكى بۇنىڭ بىر دەلىلىدۇر. چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللەتچى ياكى دىنچى تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ ئىگە بولغان ئىمكانلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۈمىد قىلغان نەتىجىلەرنىڭ تەستە قولغا كېلىشى، بۇ يولدا نۇرغۇن توسالغۇلارنىڭ، پىتنىلەرنىڭ، قىيىنچىلىقلارنىڭ ئەسلى سەۋەبىگە قارىساق، بۇلارنىڭمۇ ئاشۇ بىر ئوچۇم قورقۇنچاقلارنىڭ ۋاستىلىق ياكى بىۋاستە تەسىرى بولغانلىقىدۇر. ۋەتەن ئۈچۈن قىلىنغان دەۋالىرىمىز، دىنىمىز ئۈچۈن قىلىنغان دەۋالىرىمىزدا ھېچبىر توسالغۇسى يوق تۇرۇپمۇ، پەقەت ۋەتەندە ئاتا- ئانام بار، ئۇرۇغ تۇغقىنىم بار، مېلىم بار، پۇلۇم بار، ئېقىۋاتقان تىجارىتىم بار، دەپ بۇ يولدىكى قېرىنداشلارنىڭ يولىغا تاش قويىۋاتقانلار ئازمۇ؟ بۇ يولدا مېڭىۋاتقانلار قوللاش ۋە قۇۋەتلەشكە، چاقىرىقلىرىغا ئاۋاز قوشۇشىغا، دەۋا پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەزلۇملارنىڭ ئاھىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئەڭ ئېھتىياجلىق ۋاقىتلاردا ئۇلارنى يالغۇز تاشلاپ قويىۋاتقانلار دەل ئاشۇ ئاغزىدا ۋەتەن، دىن، مىللەت دەۋاسى قىلىپ تۇرۇپمۇ، بۇ يولدىكىلەرنى چارىسىز يالغۇز تاشلاپ قويىۋاتقان قورقۇنچاقلار ئەمەسمۇ؟ ئۇنداقتا بۇ يولدا مېڭىۋاتقانلارنىڭ ۋەتەندە ھېچنېمىسى يوقمۇ؟ دىنىنىڭ، ۋەتىنىنىڭ، مىللىتىنىڭ كاپىر قولىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشۋاتقانلارنىڭ ۋەتەن بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوقمۇ؟ ياكى ئۇ قورقۇنچاقلار كاپىرلاردىن "سىلەر بىزدىن قورقساڭلار، ۋەتىنىڭلارنى، بۇغۇلغان ئەركىنلىكىڭلارنى قايتۇرۇپ بېرىمىز، مال- مۈلكىڭلارنى كۆپەيتىپ بېرىمىز" دەپ تىل خەت يازدۇرۇپ ئالغانمۇ؟
كاپىرلارنىڭ بەزى ساتقىنلارغا قۇرۇق ۋەدىلەر بېرىش ئارقىلىق خىزمەتلىرىگە سېلىۋاتقىنى ئېنىق. لېكىن ئۇلارنىڭ كاپىر تەرىپىدىن زىيانغا ئۇچرىتىلمىغاندەك كۆرۈنگەن تىجارەتلىرى، ئامان قالغاندەك كۆرۈنگەن جانلىرى، ئۇرۇغ - تۇغقانلىرى ھەقىقەتەن ئامان قېلىۋاتامدۇ؟ سۆڭىكىنى چاقماي تۇرۇپ يىلىكىنى سۈمۈرىۋالىدىغان ھىيلىگەر كاپىرلار بەرگەن ياكى ئالمىغاندەك كۆرۈنگەن ئىككى تىيىنىنىڭ ئورنىدا قانچىلىك مال - دۇنيالارنى سۈمۈرىۋاتقانلىقىدىن خەۋىرى يوق، خۇددى ئامان قويۇۋاتقان جانلىرى، دوست يارەن، تۇغقانلىرىنى كۆرۈنۈشتە ئەركىن قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنى يۇشۇرۇن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ بولغانلىقىدىن خەۋىرى يوق. ئىسىت، ئىسىت، مىڭ ئىسىت ساڭا! دېگۈسى كېلىدۇ بەزىدە ئادەمنىڭ. بۇ ئىنسانلارنىڭ قىيامەتتىكى زىينىنى دەپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق، چۈنكى ئۇلار قىيامەتكە ھەقىقىي ئىشەنگەن، ئىمانلىرى بوغۇزىنىڭ ئاستىغا ئۆتكەنلەر بولسا ئىدى، بۇلارنى قىلماس ئىدى. ئۆزلىرىنىڭ بۇ گۇناھلىرى بىلەن تەۋبە قىلماستىن ئۆلگەنلىرىدە مەڭگۈلۈك ئازابتا قالىدىغانلىقىنى بىلگەن بولاتتى. ئاللاھ ئۇلارغا ھىدايەت ئاتا قىلسۇن!
ئۇ قورقۇنچاقلارغا شۇنداق خىتاب قىلغۇم كېلىدۇ: ئۇنۇتماڭلاركى، بۇ قورقۇنچاقلىقىڭلار سىلەرنى ھەرگىزمۇ ئامان قالدۇرالمايدۇ. بەلكىم ئۇلار بۇ سۆزلەرگە: بىز ئېھتىيات قىلغانلىقىمىز سەۋەبىدىن مۇنداق، مۇنداق مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىۋاتىمىز، - دېيىشلىرى مۇمكىن. ئېرىشكەن ئۇ ئامانلىقى ئۇلارنى ھەقىقىي ئامانلىققا، ئېرىشكەن ئۇ دۇنيالىق مەنپەئەتلىرى مەڭگۈلۈك ئەسقاتىدىغان ساۋابقا، ئېرىشكەن خاتىرجەملىكى مەڭگۈلۈك خاتىرجەملىككە قانداقمۇ تەڭ بولسۇن؟ مەيلى ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاقىلانە چاغلاپ: باشقىلار مۇنداق قىلغان بولسا ياخشى بولاتتى، بۇ ئىشنى قىلمىغان بولسا زىيان تارتمايتتى، - دەپ ئەيىبلەيدۇ. بىز ئۇلارنىڭ شۇ ئاقىلانىلىقىغا شۇنداق جاۋاب بېرىمىزكى، بىزنىڭ غېمىمىزنى قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۆزەڭلارنىڭ غېمىنى قىلىڭلار. سىلەر ئاخىرەتلىكنى دېمىسەڭلارمۇ، ھېچ بولمىسا كەلگۈسىدىكى دۇنيالىق مەنپەئەتىڭلارنى ئويلاپ، دىنى ۋە ۋەتىنى ئۈچۈن كېچىنى كۈندۈز دېمەي تىرىشىۋاتقان پىداكار ۋەتەنداشلىرىڭلارغا، مىللەتداش، تىلداشلىرىڭلارغا ئۇلارنىڭ ئىشلىرىدا توسالغۇ بولماڭلار، ھېچ بولمىسا پۇتىغا پۇتلاشقان تاش، تاپىنىغا كىرگەن تىكەن بولماڭلار، تىلىڭلارنى ئۇلارنى ئازارلايدىغان سۆزلەردىن يىغىڭلار. چۈنكى بىر كۈنى بۇ قېرىندىشىڭلارغا دۇنيالىقىڭلار ئۈچۈن ھاجىتىڭلار چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى سىلەر دۇنيالىق ھاياتىڭلاردا ھەر يەردە ھەر زامان ئامان قېلىشنى، مەنپەئەتلىنىشنى خالايسىلەر ئەمەسمۇ! ئاللاھ سىلەرگە ۋە ھەممىمىزگە مەڭگۈلۈك ئامان قېلىشنىڭ يولىنى نېسىپ قىلسۇن، ئامىن!
http://istiqlaltv.com/radio/shownews.php?id=1818