اللە تائالانىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ 81- سۈرىسىدە نېمە دېگەنلىكىنى تەپەككۇر قىلىپ كۆرەيلى

التكوير


إِذَا الشَّمْسُ كُوِّرَتْ (1) وَإِذَا النُّجُومُ انكَدَرَتْ (2) وَإِذَا الْجِبَالُ سُيِّرَتْ (3) وَإِذَا الْعِشَارُ عُطِّلَتْ (4) وَإِذَا الْوُحُوشُ حُشِرَتْ (5) وَإِذَا الْبِحَارُ سُجِّرَتْ (6) وَإِذَا النُّفُوسُ زُوِّجَتْ (7) وَإِذَا الْمَوْؤُودَةُ سُئِلَتْ (8) بِأَيِّ ذَنبٍ قُتِلَتْ (9) وَإِذَا الصُّحُفُ نُشِرَتْ (10) وَإِذَا السَّمَاء كُشِطَتْ (11) وَإِذَا الْجَحِيمُ سُعِّرَتْ (12) وَإِذَا الْجَنَّةُ أُزْلِفَتْ (13) عَلِمَتْ نَفْسٌ مَّا أَحْضَرَتْ (14) فَلَا أُقْسِمُ بِالْخُنَّسِ (15) الْجَوَارِ الْكُنَّسِ (16) وَاللَّيْلِ إِذَا عَسْعَسَ (17) وَالصُّبْحِ إِذَا تَنَفَّسَ (18) إِنَّهُ لَقَوْلُ رَسُولٍ كَرِيمٍ (19) ذِي قُوَّةٍ عِندَ ذِي الْعَرْشِ مَكِينٍ (20) مُطَاعٍ ثَمَّ أَمِينٍ (21) وَمَا صَاحِبُكُم بِمَجْنُونٍ (22) وَلَقَدْ رَآهُ بِالْأُفُقِ الْمُبِينِ (23) وَمَا هُوَ عَلَى الْغَيْبِ بِضَنِينٍ (24) وَمَا هُوَ بِقَوْلِ شَيْطَانٍ رَجِيمٍ (25) فَأَيْنَ تَذْهَبُونَ (26) إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِّلْعَالَمِينَ (27) لِمَن شَاء مِنكُمْ أَن يَسْتَقِيمَ (28) وَمَا تَشَاؤُونَ إِلَّا أَن يَشَاءَ اللَّهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ (29)

يۇقارقى ئايەتنىڭ تەرجىمىسىگە دىققەت قىلايلى

81 ـ سۈرە تەكۋىر مەككىدە نازىل بولغان، 29 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا [1]، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا [2]، تاغلار گۇمران بولغان چاغدا [3]، بوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەن چاغدا [4]، ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا [5]، دېڭىزلار ئوت بولۇپ لاۋۇلدىغان چاغدا [6]، جانلار (ئۆز قاياشلىرىغا) قوشۇلغان چاغدا [7]، تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا [8ـ9]، نامە ـ ئەماللار ئېچىلغان چاغدا [10]، ئاسمان ئېچىپ تاشلانغان چاغدا [11]، دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا [12]، جەننەت (تەقۋادارلارغا) يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا [13]، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان (ياخشى ـ يامان) ئىشلىرىنى بىلىدۇ [14]. كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن [15ـ16]، قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن [17]، يورۇشقا باشلىغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەن [18]. قۇرئان ھەقىقەتەن (اﷲ نىڭ) ئىززەتلىك بىر ئەلچى (ئارقىلىق نازىل قىلىنغان) سۆزىدۇر [19]. ئۇ (ئەلچى) كۈچلۈكتۇر، اﷲ نىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىلىكتۇر [20]. پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر. بۇ يەردە (يەنى ئاسماندا) ئۇ ئىشەنچلىكتۇر [21]. سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) مەجنۇن ئەمەستۇر [22]. ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقنىڭ شەرقىدە كۆردى [23]. ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) (غەيبنى) تەبلىغ قىلىشتا بېخىل ئەمەستۇر [24]. ئۇ (يەنى قۇرئان) قوغلاندى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەستۇر [25]. قەيەرگە بارىسىلەر؟ [26] ئۇ (يەنى قۇرئان) پۈتۈن ئەھلى جاھانغا نەسىھەتتۇر [27]. سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن (دىن بارىسىدا) راۋۇرۇس بولۇشنى خالايدىغانلارغا (قۇرئان) نەسىھەتتۇر [28]. پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر (يەنى اﷲ خالىمىغۇچە سىلەرنىڭ خالىغىنىڭلارنىڭ ھېچ پايدىسى يوق) [29].

 

اللەنىڭ غەزپى كەلگەندە، دۇنيادىكى ھەيقانداق بىر ھاكىميەتنىڭ ئۇنى توسۇپ قېلىشىغا كۈچى يەتمەيدۇ. تۆۋەندىكى پىلىم دەل بۇنىڭ مىسالىدۇر.