روزا- رامزان

 

رۇزا: ئەرەب تىلىدىكى.صيام. دېگەن سۆزنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ ئۇنىڭ لۇغەت مەنىسى ئۆز نەپسىنى تۇتۇۋېلىش، ئۆزىنى يىغىۋېلىش دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.

رامىزان: ھىجىرىيە 10- ئاينىڭ ئىسىمى بولۇپ بۇ ئايدا بارلىق مۇسۇلمانلار روزا تۇتۇشقا بۇيرۇلغانلىقى ئۈچۈن روزا دېگەن سۆزگە مەنىداش ۋە ياكى مەنا تۇلۇقلىغۇچى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.

رۇزا ھىجىرىيەنىڭ 2- يىلى شەئبان ئېيىدا پەرز قىلىنغان بولۇپ ئۇ ۋاقىتتا ھەزىرتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىينىدە ئىدى. رۇزا ھەزىرتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگىلا پەرز قىلىنغان يېڭى ئىبادەت بولماستىن بەلكى ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈممەتلىرىگىمۇ پەرز قىلىنىپ ئۆتكەن تارىخى مۇقەددەس ئىبادەتتۇر.

رۇزىنىڭ ئىچكى تەلىپى ئىنساننىڭ تەقۋادارلىغىنى ئاشۇرۇپ ۋە چىدامچانلىغىنى يىتىلدۈرۈپ ئىنساننى ئۆز ئۈستىدىن غەلبە قىلالايدىغان دەرىجىگە يەتكۈزۈشتۇر.

بۇ ھەقتە جانابى اللە مۇنداق دەيدۇ: يَاأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ كُتِبَ عَلَيْكُمُ الصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى الَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ.أَيَّامًا مَّعْدُودَاتٍ فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوْ عَلَى سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ وَعَلَى الَّذِينَ يُطِيقُونَهُ فِدْيَةٌ طَعَامُ مِسْكِينٍ فَمَن تَطَوَّعَ خَيْرًا فَهُوَ خَيْرٌ لَّهُ وَأَن تَصُومُواْ خَيْرٌ لَّكُمْ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ. شَهْرُ رَمَضَانَ الَّذِيَ أُنزِلَ فِيهِ الْقُرْآنُ هُدًى لِّلنَّاسِ وَبَيِّنَاتٍ مِّنَ الْهُدَى وَالْفُرْقَانِ فَمَن شَهِدَ مِنكُمُ الشَّهْرَ فَلْيَصُمْهُ وَمَن كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَى سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ يُرِيدُ اللّهُ بِكُمُ الْيُسْرَ وَلاَ يُرِيدُ بِكُمُ الْعُسْرَ وَلِتُكْمِلُواْ الْعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُواْ اللّهَ عَلَى مَا هَدَاكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ. ئى مۇئمىنلەر! ( گۇناھلاردىن ) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە ( يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە ) رۇزا پەرز قىلىنغانىدەك، سىلەرگىمۇ ( رامىزان رۇزىسى ) پەرز قىلىندى. ( بۇ پەرز قىلىنغان رۇزا ) ساناقلىق كۈنلەردۇر، ( سىلەردىن كىمىكى كىسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ ) رۇزا تۇتمىغان بولسا، ( تۇتمىغان كۈنلەرنى ) يەنى قازاسىنى ( باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن ). رۇزىنى قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن ( ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، ) كۈنلىكى ئۈچۈن ( بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم. كىمىكى فىدىيىنى) بەلگىلەنگەن مىقدارىدىن ( ئارتۇق بەرسە، بۇ ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر بىلسەڭلار رۇزا تۇتۇش سىلەر ئۈچۈن ) ئېغىز ئۇچۇق يۈرۈشتىن ۋە فىدىيە بېرىشتىن ياخشىدۇر. ( رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر. سىلەردىن كىمىكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان رۇزىسىنى تۇتسۇن. كىمىكى كىسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە ) يەنى مۇساپىر ( بولۇپ ) تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن ( باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. اللە سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ. تەسلىكنى خالىمايدۇ ). ئاغزىڭلار ئۇچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان رۇزىسىنىڭ ( سانىنى تولدۇرشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا اللەنى ئۇلۇغلۇشۇڭلارنى، )  ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا شۈكرى قىلىشىڭلارنى خالايدۇ.

رۇزىنىڭ مۇھىم ئىچكى تەلەپلىرىدىن بىرى نىيەت قىلىش بولۇپ نىيەتسىز ئاچ قېلىش رۇزا ھىساپلانمايدۇ.

بۇ ھەقتە جانابى اللە مۇنداق دەيدۇ: وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا اللَّهَ مُخْلِصِينَ ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى اللەغا خالىس قىلىشقا بۇيرۇلدى. شۇنداقلا ھەزىرتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: بارلىق ئەمەللەرنىڭ دۇرۇس بۇلىشى نىيەتكە باغلىقتۇر. اللە ئىنساننى ئۇنىڭ ئۆز نىيەت مۇددىئاسىغا يەتكۈزىدۇ. نىيەت دىلنىڭ ئەمىلى بولۇپ ئاغزاكى دېيىش ھاجەتسىز اللە دىلدىكى نىيەتلەرنى ئۇبدان بىلگۈچىدۇر. ئاغزاكى دېمىسە دىلى ئارام تاپمىغۇچىلار ( بۈگۈننىڭ پەرز رۇزىسىنى تۇتۇشنى نىيەت قىلدىم، قوبۇل قىلغايسەن ئى اللە ) دەپ نىيەت قىلسىمۇ ھىچ ھەرەج يوقتۇر.

قۇرئان كېرىم ۋە ھەدىسلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىسلام ئالىملىرى رۇزىنىڭ تۆۋەندىكى كىشلەرگە شەرتسىز پەرز بولىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن.

بالاغەت يېشىغا توشقان، ئەقلى ھۇشى جايىدا بولغان، تەن ساغلاملىقى نورمال ۋە مۇقىم ئەر- ئايال، قىز- يىگىت مۇسۇلمانلار. ئەمما ئاياللارغا نىسبەتەن ھۆكۈم شۇكى: ئاياللار چوقۇم تۇغۇت تەسىردىن بولىدىغان كىسەل ۋە نورمال ئاياللار كىسىلىدىن تەلتۆكۈس پاكىز بولمىغۇچە رۇزا تۇتۇش سالاھىيتىگە ئىگە ئەمەس. شۇنداقلا دىنسىز كاپىر، ساراڭ، بالاغەت يېشىغا توشمىغان قىز- ئوغۇل ئۆسمۈرلەر، ئاغىرىقچان، مۇساپىر، غەيرى نورمال ياشانغانلار، ئېغىربوي ئاياللار ۋە بوۋاق بالا ئىمىتكۈچى ئاياللارمۇ ۋاقىتلىق رۇزا تۇتۇش سالاھىيتىگە ئىگە ئەمەس بولۇپ بۇلاردىن بىر بۈلۈكلىرى ئۈچۈن كىيىنچە رۇزا تۇلۇقلىيالىسا رامىزاندىن باشقا ئايلاردىمۇ تۇلۇقلىما پەرز رۇزىنى تۇتسا بولىدۇ. شەرتى ئەسلا تۇلۇقلانمىغانلار ئىسلام پىقھى شۇناسلىرى كۆرسەتكەن بەلگۈلىمە بويىچە ماددىۋى سەدىقىسىنى بىرىش ئارقىلىق قازاسىنى قىلىش مۇمكىن. رۇزا ئىبادەتلەر ئارىسىدىكى ئەڭ پەزىلەتلىك ئىبادەت بولۇپ رىياگەرلىكتىن يىراق مەخپى ئەمەلدۇر. شۇڭلاشقا اللە رۇزىنىڭ پەزىلىنى بايان قىلىپ ھەزىرتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى ئارقىلىق مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ ئادەم باللىرنىڭ قىلغان ھەرقانداق ئەمەللىرى شۇ ئەمەلنى قىلغۇچى ئۈچۈندۇر. لېكىن رۇزا مەن ئۈچۈندۇر، رۇزىنىڭ مۇكاپاتىنى مەن ئۆزۈم بىرىمەن رۇزا قالقاندۇر. سىلەرنىڭ بىرىڭلار رۇزا تۇتسا كۈندۈز تەرەپلەردە جىنسى مۇناسىۋەت قىلمىسۇن، ۋە بىلمەستىن باشقىلارغا زىيان زەخمەت يەتكۈزمىسۇن ئەگەر بىراۋ ئۇنى تىللىشىشقا زورلىسا ۋە ياكى جىدەللىشىشكە قىستىسا سەۋىرچانلىق بىلەن مەن رۇزىدار دەپ ئۆزىگە ۋە قارشى تەرەپكە ئىككى مەرتىۋە ئەسكەرتىش بەرسۇن. اللە بىلەن قەسەمكى قىيامەت كۈنى رۇزىدار ئىنساننىڭ نەپسىدىن كىلىۋاتقان پۇراق اللەنىڭ نەزىرىدە ئىپارنىڭ پۇرىقىدىنمۇ بەلەن خۇشپۇراقتۇر. رۇزىدار ئىنسان ئىككى قېتىم خۇرسەن بولىدۇ. بىرى ئىپتار قىلغىنىدا، يەنە بىرى قىيامەت كۈنى تۇتقان رۇزىنىڭ مۇكاپاتىنى اللەتىن ئالغىنىدا. ئىمام ئەھمەت ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس.

يەنە بىر ھەدىستە، ئۆمەرنىڭ دادىسى ئابدۇللاھ  ھەزىرتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: رۇزا تۇتۇش ۋە قۇرئان ئوقۇش قىيامەت كۈنى رۇزا تۇتقان ۋە قۇرئان ئوقۇغان بەندىلەرگە شاپائەت قىلىدۇ. رۇزا ( ئى اللە مەن ئۇ بەندەڭنى كۈندۈزلىرى تاماقتىن ۋە ھەرخىل شەھۋەتلەردىن توستۇم ئۇ بەندىگە شاپائەت قىلىشىمغا رۇخسەت قىلغىن ) دەيدۇ.

قۇرئان ( ئى اللە مەن ئۇ بەندەڭنى كېچىلەردە تاتلىق ئۇيقۇسىدىن توستۇم ئۇ بەندەڭگە شاپائەت قىلىشىمغا رۇخسەت قىلغىن ) دەيدۇ. اللەنىڭ رۇخسىتى بىلەن رۇزا ۋە قۇرئان ئىككىلىسى بەندىگە شاپائەت قىلىدۇ. ئىمام ئەھمەت رىۋايەت قىلغان ھەدىس.