شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت نامىزىنى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئوقۇدى
شىۋېتسىيە شىمالى ياۋروپا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ھەم زىچ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئىگەللىگەن مەلۇماتلارغا كۈرە، بۇ مەملىكەتتە 700 نەپەردىن كۆپرەك ئۇيغۇر ئاممىسى سىياسى كۆچمەن سۈپىتىدە ياشايدۇ. بۇ مەملىكەتنىڭ كۆچمەنلەرنى يەرلەشتۈرۈش سىياسىتىنىڭ باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا بەلگۈلۈك دەرىجىدە ئەۋزەل بولىشىدەك ئارتۇقچىلىغى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىگۈدەك كۆپ قىسمى پايتەخت ستوكھولمدا ۋە پايتەختكە يېقىن شەھەرلەردە ياشايدۇ.
بۇ خىل ئەۋزەل بىر مۇھىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ جەمىيەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە بويىچە بىر نىيەت بىر مەقسەتتە، ھەر-خىل تەشكىلى گورۇپپىلارغا تەشكىللىنىشى، ئۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى، دىنىي ئىتقادىنى، مىللىي مەدەنىيەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ دەسلەپكى ئاساسلىرىنى سېلىشى ئانچە قىيىن ئەمەسمۇ، ۋە ياكى، بۇمەملىكەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەر ساھە ۋە ھەر جەھەتتە يىتىشىپ چىققان بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر مۇخلىس پىدائىيلار قوشۇنىدىن تەركىب تاپقانمۇ؟ ھەر ھالدا بۇ مەملىكەتتە بىرسى يەنە بىرسىنىڭ قالدۇرۇپ ماڭغان بوشلۇقلىرىنى تولدۇرۇپ ئىناق ئىتتىپاق ھالدا ئەل ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئۈچ چوڭ تەشكىلاتلار بار.
تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى ( 2008- يىلى شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان ۋە شىۋېتسىيە ئىسلام جەمىيەتلىرى بىرلىكىگە ئەزا بولغان ) ئەنە شۇ ئۈچ تەشكىلاتلارنىڭ بىرىدۇر.
بۇ دىنىي تەشكىلات، شىۋېتسىيە دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئالاقىدار بەلگۈلىملىرىگە ئەمەل قىلغان ھالدا شىۋېتسىيەدىكى ئاز سانلىق ئۇيغۇر مۇھاجىر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى ئىبادەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە قۇلاي شارائىت يارتىش ۋە خالىسانە ياردەم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.
شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار مەزكۇر ئىسلام جەمىيىتىنى ( تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى ) نىڭ ئورۇنلاشتۇرشىدا 2010- يىلى 11- ئاينىڭ 16- كۈنى، قۇربان ھېيت نامىزىنى بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىرلىك باراۋەرلىك ئىچىدە قۇربان ھېيت نامىزى ئوقۇدى. نامازدىن كېيىن، تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى، ئۆمەر مەخسۇم ئۇيغۇر تىلىدا خۇتبە ئوقۇدى ۋە ۋەتەن تارىخىدا ئالەمدىن ئۆتكەن بارلىق شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىندى.
نامازدىن كېيىن جامائەتلەر بىر- بىرلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ قۇچاقلىشىپ كۈرشۈپ ئۆز- ئارا قۇربان ھېيىتنى تەبرىكلەشتى، بۇ كۈرۈشۈشلەر ئانا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسجىتلەرنىڭ مەيدانلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا خاس بولغان ئەنئەنۋى كۈرنۈشلەرنى ئەسلەتتى.
مەنبەسى:ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى