شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتى

شۇئەيب ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا تەپسىلىي ۋە ئەستايىدىل سۆزلەيتتى. ئۇلارغا مەسىلىنى يېشىپ چۈشەندۈرەتتى. ئۇلارغا مال- دۇنيا تېپىشنىڭ توغرا يوللىرىنى ئۆگىتىپ مۇنداق دەيتتى: « كىشىلەرگە ئۆلچەم ۋە تارازىدا توغرا ئۆلچەپ بەرگىنىڭلاردىن كېيىن، قولۇڭلارغا ئاشقان پايدا، كىشىلەرنىڭ مال- مۈلكىنى زۇلۇم ۋە خىيانەت ئارقىلىق ئېلىۋالغىنىڭلاردىن ئەلۋەتتە كۆپ ياخشى. سىلەر ئىلگىرى ئۆتكەن بايلار ۋە پۇلدارلارنىڭ ھاياتىغا قاراپ باقساڭلار، شۇنى ئوچۇق بايقايسىلەركى، ئۇلارنىڭ ئۆلچەم ۋە تارازىدا كەم بېرىش، خىيانەت ۋە زۇلۇم قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن پۇل ماللىرى ئاخىرقى ھېسابتا ھالاكەت، يوقۇلۇش، زىيان ۋە بۇزۇلۇش بىلەن تۈگىدى. بىر بولسا باشقىلار تەرىپىدىن ئوغرىلاندى ياكى بۇلاڭ- تالاڭ قىلىندى. بىر بولسا ئۇنى بۇزۇپ چاچىدىغان، ئۇيۇن تاماشاغا، اللە نارازى بولىدىغان يوللارغا چىقىم قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى».

شۇنى ئېنىق بىلىش كېرەككى، ئازغىنە مەنپەئەتلىك نەرسە كۆپلىگەن مەنپەئەتسىز نەرسىدىن ياخشى.

« گەرچە ھارامنىڭ كۆپلۈكى سېنى ئەجەبلەندۈرسىمۇ، ھارام بىلەن ھالال باراۋەر ئەمەس. ئى ئەقىل ئىگىلىرى! نىجات تېپىشىڭلار ئۈچۈن اللەتىن قورقۇڭلار».

مەن سىلەرگە سەمىمىي نەسىھەت قىلىۋاتىمەن، سىلەرنى اللە نازارەت قىلىدۇ، « اللە سىلەرگە قالدۇرغان ھالال رىزىق ( سىلەر يىغقان ھارامدىن ) ياخشىدۇر، ئەگەر سىلەر مۇئمىن بولساڭلار، مەن مۇھاپىزەتچى ئەمەسمەن».