سىز ھەقىقى مۇسۇلمان بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىشلارنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ بېقىڭ.
ئۆزىڭىزنىڭ سەكرات ھالىتىدە ياتىدىغان ۋاقتىڭىزنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ بېقىڭ!
نەپىسىڭىز سىقىلغان، كۆزلىرىڭىز چەكچەيگەن، پۇت- قوللىرىڭىز كىرىشىپ كەتكەن.. بىراق جان چىقمىغان، ئەتراپىڭىزدىكى ئۇرۇق تۇغقانلىرىڭىز، بالىلىرىڭىز، ئاتا- ئانىڭىز سىزگە قارىشىپ تۇرغان. سىزگە ئىچ ئاغرىتىپ قولىدىن كېلىدىغان ئاماللارنىڭ ھەممىنى قىلىپ باققان، داڭلىق ئۇستا دوختۇرلارنى چاقىرتىپ ئەكەلگەن، بىراق ئامال يوق... شۇ چاغدا ئۆزىڭىزنىڭ ئۆلۈم دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ قالغانلىقىڭىزنى بىلىسىز. ئۇ چاغدا تېخىمۇ قورقۇپ كېتىسىز. بىر چاغلاردا قۇلىقىڭىزغا كىرىپ قالغان ئاللاھنىڭ ( كۇپپارلارنىڭ جانلىرىنى ) قاتتىق تارتىپ ئالغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى ( 1 ) ( مۆمىنلەرنىڭ جانلىرىنى ) سىلىق ئالغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى (2) ( سۈرە نازىئات 1-2 ئايەتلەر ) دېگەن ئايىتى ئېسىڭىزگە چۈشىدۇ.
ئۇ چاغدا سىز تېخىمۇ قورقۇپ كېتىسىز. بەدەنلىرىڭىز ئاستا- ئاستا سوۋۇشقا باشلايدۇ دە، شۇنىڭ بىلەن بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خوشلىشىسىز. ئامراق خوتۇنلىرىڭىز، ئامراق ئەرلىرىڭىز، ھىرىسمەنلىكتە يىغقان پۇل ماللىرىڭىز، كاتتا ئۆيلىرىڭىز، ئېسىل ماشىنلىرىڭىز، ئۈلپەتداش دوسلىرىڭىز ھەممىسىدىن ئايرىلىسىز.
قەبرە ئىچىدە ياتقان ھالىتىڭىزنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ بېقىڭ!
ئىنتايىن قاراڭغۇ ھەم تار سوغۇق تۇپراقنىڭ ئاستىدا نىپىز بىر قات كىيىم بىلەنلا قالىسىز. سىزگە ئەگىشىپ كەلگەن يېقىنلىرىڭىز، بالىلىرىڭىز، ئۈلپەتداشلىرىڭىز سىزنى شۇ پېتى تاشلاپ كېتىپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاياغ تېۋىشلىرىنى ئاڭلاپ ياتىسىز. بىراق ئۇلارنى چاقىرىپ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىتالمايسىز. ئۇلار غەمكىن ھالدا كېتىۋېرىدۇ. تۇيۇقسىز سىزنىڭ كۆزىڭىزگە ناھايىتى سەت بەتبەشىرە تەتۈر ئۇستىخان كۆزلىرى كۆك، يۈزلىرى قاپقارا ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق ئىككى دانە غەلىتە مەخلۇق كۆرىنىدۇ ھەم سىزگە يېقىنلىشىپ كېلىدۇ. ھەم سىزنى يۆلەپ تۇرغۇزغاندىن كېيىن سىزدىن رەببىڭ كىم؟ دىنىڭ نېمە؟ پەيغەمبىرىڭ كىم؟ ... مۇشۇ سوئاللارنى سورايدۇ. ئەگەر سىز ھەقىقىي مۇسۇلمان بولسىڭىز بۇ سوئاللارغا جاۋاپ بېرەلەيسىز ھەمدە سىزگە جەننەتتىكى ئورنىڭىزنى كۆرسىتىپ قويۇپ قەبرىڭىزنى نۇرلۇق، كەڭ، ئىنتايىن ياخشى بىر ئورۇنغا ئايلاندۇرۇپ قويۇپ كېتىدۇ. سىز جەننەتنىڭ خۇش- ھىدلىرىنى پۇراپ قىيامەتنىڭ بولۇشىنى كۈتۈپ ئۇخلايسىز. ئەكسىچە بولغاندا جاۋاپ بېرەلمەي ئۇلارنىڭ جازالىشىغا ئۇچرايسىز. دەۋزەخنىڭ ئورەكلىرىدىن بىر ئورەككە يېقىن قىلىنىپ قەبرىڭىزنى ئىنتايىن قاراڭغۇ، تار قىلىپ قويىدۇ. جەھەننەمنىڭ يىلان چايانلىرى كېلىپ سىزگە يامىشىدۇ، چاقىدۇ. نامەھرەمدىن يىغمىغان كۆزلىرىڭىزنى، ھەقنى ئاڭلىمىغان، قۇرۇق بىھۇدە سۆزلەرنى، ناخشا- مۇزىكىلارنى قولۇقىڭىزنى ئۇيۇپ يەيدۇ. غەيۋەت قىلغان ئېغىزىڭىزغا كىرىپ اللەتىن قارا يۈرىكىڭىزنى يەيدۇ. ئۇ چاغدا چىدىغۇسىز ئازاپلىنىسىز. بىراق، بۇنداق ئازاپلارغا ئۆلۈپ قالمايسىز. مۇشۇ ھالىتىڭىزدە قىيامەت قايىم بولغۇچە تۇرىۋېرىسىز. بۇ ئازابقا دۇچار بولغانلاردىن ھېچكىممۇ قۇتۇلالمايدۇ. بۇ دۇنيادا پارا بېرىپ جازادىن قۇتۇلغىنىڭىز بىلەن قەبرە ئىچىدە پارا ئالىدىغان پارخوردىن بىرنىمۇ تاپالمايسىز.
ھاياتى دۇنيادا قىلغان ئەسكى ئىشلىرىڭىزغا پۇشايمان قىلىسىز. ناماز ئوقۇمىغىنىڭىزغا پۇشايمان قىلىسىز، مۇسۇلمانلارغا ئازار بەرگىنىڭىزگە پۇشايمان قىلىسىز، ئاتا- ئانىڭىزغا ئازار بەرگەنلىكىڭىزگە پۇشايمان قىلىسىز، يالغان سۆزلىگەنلىكىڭىزگە، ھاراق ئىچكىنىڭىزگە، قىمار ئوينىغىنىڭىزغا، زىنا قىلغان ۋە پاھىشە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىڭىزغا پۇشايمان قىلىسىز. شەھۋانىي ناخشا- مۇزىكىلارنى ئاڭلىغىنىڭىزغا، ۋاقتىڭىزنى بىكار قۇرۇق ئىشلارغا ئىسراپ قىلغانلىقىڭىزغا پۇشايمان قىلىسىز. اللەنىڭ بۇيرۇقلىرىغا، رەسۇلۇللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىڭىزغا پۇشايمان قىلىسىز. بىراق سىز ئاللىقاچان كېچىككەن بولىسىز. دۇنياغا قايتىپ ياخشى مۇسۇلمان بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ كېتىسىز. بىراق بۇ سىزنىڭ خام- خىيالىڭىز، ھەرگىزمۇ قايتالمايسىز. يىغلايسىز، قاخشايسىز، ۋارقىرايسىز، لېكىن ھېچكىممۇ تىڭشىمايدۇ.
ئى ئەزىز قېرىندىشىم! سىز بىر ئەقىل ئىگىسى، ھەم ئاڭلىق ئىنسان يۇقىردا بايان قىلىپ ئۆتكەنلىرىم جەزمەن بېشىڭىزغا كېلىدۇ. سىزگە ئۆلۈم كېلىپ بولغۇچە ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ. نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىڭىز ئۆزىڭىزگە ئايان قېرىندىشىم. ئۆلۈم دېگەن بىر يوقىلىش ئەمەس. بەلكى قىسقىغىنا بىر ھاياتتىن مەڭگۇلۇق بولغان بىر ئورۇنغا سەپەر قىلىشتۇر. سىز شۇ مەڭگۇلۇق بولغان سەپىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشى ئۈچۈن شۇ سەپەرگە پۇختا تەييارلىق قىلىڭ.
مەنبە: كەڭساي مۇنبىرى.