جامائەت نامىزىمىزنى چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن ناماز ئوقۇيلى!
دۇنيادىكى ھەممە مىللەت ئىختىلاپ قىلىشماستىن بىرلىككە كەلگەن بىرلا ھەقىقەت ئۈلۈمدۇر.
ئۈلۈمنى رەت قىلىدىغان بىرمۇ ئىنسان يوقدۇر. بارلىق ھاياتلىقلار ھامان بىر كۈنى ئۆلىدىغانلىغىنى دىندارلار ئىلاھى قانۇنىيەت ۋە مۇبارەك ئامانەتنى تاپشۇرۇش دەپ بىلسە، دىنسىز ئىنسانلار تەبئىي قانۇنىيەت دەپ تەپسىر قىلىپ ئايىغى يوق نوقۇل پەلسەپىلەر بىلەن ئۆزلىرىنى قانائەتلەندۈرۈشكە قانچە تىرىشقان بولسىمۇ، ئاخشىمى بۇ پەلسەپىنى ئوتتۇرغا قويغان كىشىلەر ئەتىسى ئەتتىگەن ئۆزلىرىنىڭ يالغانچى بولۇپ تاڭ ئاتقۇزغانلىغىنى كۈندىن- كۈنىگە چوڭقۇر ھېس قىلىشماقتا.
بارلىق ھاياتلىقلار جۈمىلىدىن بىز ئىنسانىيەت جامائىتى ئۈلۈمدىن ئىبارەت بۇ رەھىمسىز ئۆتكەل تەرەپكە قاراپ بىخۇد ۋە غاپىل ھالەتتە كىتىۋاتماقتىمىز. ياكى بولمىسا ئۇزاق ئۆمۈر كۈرۈش ئارزويىمىز قەلبىمىزدىكى بارلىق قورقۇنۇشلارنى پەسەيتىپ ئۈلۈمنى بىر پۈتۈن رەت قىلالمىساقمۇ ئۇ، بۇ يېقىندا بىزگە كەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ دىندىن، ئىبادەتتىن ۋە ئىسلامى ئەخلاقتىن يىراقلاشماقتىمىز. ھالبۇكى اللە بۇ ھەقتە بىزنى تالاي قېتىم ئاگاھلاندۇرۇپ ئۈلۈمنى سەمىمىزگە سېلىپ مۇنداق دېدى.
كُلُّ نَفْسٍ ذَآئِقَةُ الْمَوْتِ وَإِنَّمَا تُوَفَّوْنَ أُجُورَكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فَمَن زُحْزِحَ عَنِ النَّارِ وَأُدْخِلَ الْجَنَّةَ فَقَدْ فَازَ وَما الْحَيَاةُ الدُّنْيَا إِلاَّ مَتَاعُ الْغُرُورِ
ھەر- بىر جان ئىگىسى ئۈلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنىڭ ئەجىرىڭلار، ( يەنى ئەمەللىرىڭلارنىڭ ساۋابى ) قىيامەت كۈنى تولۇق بېرىلىدۇ. كىمىكى دوۋزاختىن يىراق قىلىنغان ۋە جەننەتكە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن، ئۇ مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ. دۇنيا تېرىكچىلىگى پەقەت ئالدايدىغان مالدىنلا ئىبارەتتۇر. ( يەنى ئالدايدىغان نەرسە بولۇپ، ئازغىنا بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن تۈگەيدۇ) .
كُلُّ نَفْسٍ ذَائِقَةُ الْمَوْتِ وَنَبْلُوكُم بِالشَّرِّ وَالْخَيْرِ فِتْنَةً وَإِلَيْنَا تُرْجَعُونَ
ھەر- بىر جان ئۈلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنى بىز يامانلىققا مۇپتىلا قىلىش، ياخشىلىق بىرىش ئارقىلىق سىنايمىز. سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر. ( ئەمەلىڭلارغا يارىشا جازالايمىز ).
كُلُّ نَفْسٍ ذَائِقَةُ الْمَوْتِ ثُمَّ إِلَيْنَا تُرْجَعُونَ
ھەر – بىر جاندار ئۈلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر، ئاندىن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلسىلەر.
قُلْ إِنَّ الْمَوْتَ الَّذِي تَفِرُّونَ مِنْهُ فَإِنَّهُ مُلَاقِيكُمْ ثُمَّ تُرَدُّونَ إِلَى عَالِمِ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
ئى مۇھەممەد! « سىلەر قاچىدىغان ئۆلۈم سىلەرگە يۇلۇقىدۇ . ئاندىن سىلەر غەيىپنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى ( اللە ) نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلسىلەر، اللە سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ » دېگىن .
وَوَصَّى بِهَا إِبْرَاهِيمُ بَنِيهِ وَيَعْقُوبُ يَا بَنِيَّ إِنَّ اللّهَ اصْطَفَى لَكُمُ الدِّينَ فَلاَ تَمُوتُنَّ إَلاَّ وَأَنتُم مُّسْلِمُونَ
ئىبراھىم ۋە يەئقۇب ئۆز ئوغۇللىرىغا ۋەسىيەت قىلىپ: « ئى ئوغۇللۇرۇم! اللە سىلەرگە مۇشۇ دىننى ( يەنى ئىسلام دىننى ) تاللىدى، پەقەت مۇسۇلمان پېتىڭلارچە ئۈلۈڭلار. ( يەنى ئىمانىڭلاردا مەھكەم تۇرۇڭلار، تاكى ئىمان بىلەن كېتىڭلار ) » دېدى .
أَيْنَمَا تَكُونُواْ يُدْرِككُّمُ الْمَوْتُ وَلَوْ كُنتُمْ فِي بُرُوجٍ مُّشَيَّدَةٍ وَإِن تُصِبْهُمْ حَسَنَةٌ يَقُولُواْ هَذِهِ مِنْ عِندِ اللّهِ وَإِن تُصِبْهُمْ سَيِّئَةٌ يَقُولُواْ هَذِهِ مِنْ عِندِكَ قُلْ كُلًّ مِّنْ عِندِ اللّهِ فَمَا لِهَؤُلاء الْقَوْمِ لاَ يَكَادُونَ يَفْقَهُونَ حَدِيثًا
قەيەردە بولماڭلار، ( ئەجەل كەلگەندە ) ئۆلۈم سىلەرنى تاپىدۇ. سىلەر مۇستەھكەم قەلئەلەردە بولغان تەغدىردىمۇ. ئەگەر ئۇلار، ( يەنى مۇناپىقلار ) بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە ، « بۇ اللە دىن بولدى » دەيدۇ. « ئەگەر ئۇلار بىرەر زىيان- زەخمەتكە ئۇچۇرسا ، بۇ سەندىن ( يەنى سىنىڭ دىنىڭغا كىرگەنلىكىمىزدىن بولدى ) » دەيدۇ. ئى مۇھەممەد! بۇ ئەخمەقلەرگە ئېيتقىنكى ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ھەممىسى اللە تەرپىدىندۇر. ( يەنى ھەممىسنى اللە ياراتقاندۇر ) . « بۇ قەۋىمگە نېمە بولدىكىن، ئۇلار ھىچ بىر سۆزنى ( يەنى ھەممە شەيئىنىڭ اللەنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ )».
مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئورنىمىزنىڭ يۇقىرى، تۆۋەن بۇلۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئۈلۈمدىن كېيىن اللە ئالدىدا باراۋەر تۇرۇپ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرلۈك سۇئالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلاھى ئىمتىھاندىن ئۆتۈش مەجبۇريىتىمىز باردۇر ئەلۋەتتە.
رەببىڭ كىم؟
دىنىڭ نېمە؟
پەيغەمبىرىڭ كىم؟
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك اللەنىڭ ئىمتىھانى دۇنيادىكى ھەرقانداق ئىمتىھانلاردىن ئاساندۇر. قارىمامسىز اللە بەندىلىرنىڭ جېنىنى ئېلىشتىن بۇرۇن ئۈلۈمدىن بېشارەت بىرىپ ئاگاھلاندۇرغان بولسا، ئۈلۈمدىن كېيىن ئېلىنىدىغان ئىلاھى ئىمتىھاننىڭ جاۋابىنى قۇرئان ۋە ھەدىس ئارقىلىق تولۇق بايان قىلىپ بەندىلەرگە ئۆلۈم كىلىشتىن ۋە ئىمتىھان ئېلىنىشتىن بۇرۇن تارقىتىپ بەردى.
اللە بەندىلىرىگە نېمە دېگەن مېھرىبان ھەم كۆيۈمچان ھە!!!
مەنبەسى: تەكلىماكان ئىسلام مەدىنىيەت مەركىزى