خىرىستىيان دىنىىنىڭ ئارقا كۆرنىشى

 

 

* ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانلارنىڭ خاتالىقىنى يۇيۇش ئۈچۈن دارغا ئېسىلىش مەسلىسى

* ئىنسانلاردىن ھېساپ ئېلىش مەسلىسى

* قەدىمكى بۇددا دىنلىرى بىلەن خىرىستىيان دىنىنىڭ سېلىشتۇرمىسى

* مەسىھ (ئەيسا) نىڭ تەبىئىتى ۋە ئۇ ھەقتىكى پىكىرلەر توغرىسىدا

* ھۆكۈم چىقىرىش توغرىسىدا

 

خىرىستىيان دىنىىنىڭ ئارقا كۆرنىشى

 

ئىسلام دىنى كەلگەندە ئۇ خىرىستىيان دىنىنى ئۆرۈپ تاشلىمىدى ۋە ئۇ دىن ئېلىپ كەلگەن ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى چۇۋۇپ تاشلىمىدى. شۇنداقلا ئىسلام دىنى ئۇ دىننى تولۇقلاش ياكى ئۇ دىندا بار بولغان ئېتىقادلارنى تەكىتلەش ئۈچۈن كەلگەن دىن ئەمەس. ئىسلام دىنى خاتا ئېتىقادلارنى تۈزۈتۈش ۋە خىرىستىيانلارنىڭ مۇقەددەس كىتاۋىدا بۇرۇلۇپ كەتكەنلىكىگە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن دىندۇر. خىرىستىيانلار ئۆزىنىڭ كىتاۋىغا بۇرۇلۇشنىڭ بۆسۈپ كىرگەنلىكىگە بۇ ئەسىردە قايىل بولماقتا.

 

بۇ نۇقتىدىن ئىسلام دىنى بىلەن خىرىستىيان دىنى ئارسىدىكى ئالاقە ناھايىتى مۇرەككەپ ئالاقىدۇر. ئىسلام دىنى ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى، ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى ۋە مەريەم ئەلەيھىسسالامنىڭ پاك ئايال ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمايدۇ. بىراق ئىسلام دىنى خىرىستىيانلارنىڭ ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى ئىلاھ ئورنىغا چىقىرىپ قويۇشىنى، ئۇنى بەك چېكىدىن ئاشۇرۇپ ماختىشىنى رەت قىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇ دىنغا بۇددىزىم ئېتىقادلىرىدىن سۇغۇرلۇپ كىرگەن ئېتىقاد ۋە پىرىنسىپلارنى ئىنكار قىلىدۇ.

 

خىرىستىيان دىنى خەلقئارالىق دىن بولۇشقا يارىمايدۇ. چۈنكى بۇ دىن كۆڭۈلنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ، ئۇ دىندا شەخسى بىلەن جەمىيەت ئارسىدا، دۇنيا بىلەن ئاخىرەت ئارسىدا تەڭپۇڭلۇق تېپىلمايدۇ. دۇنيادىكى كۆپلىگەن خىرىستىيانلار ئۆزلىرىدە روھى تەرەپتىن بوشلۇقنى، ئىبادەت تەرەپتىن كەمچىللىكىنى ھىس قىلماقتا. بۇنىڭ بىردىن بىر سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئاللاھغا ئەيسانى شېرىك قىلىۋالماي يەككە يىگانە ئىبادەت قىلمىغانلىقىدۇر. بىر نەچچە ئىلاھقا ئىبادەت قىلغان كىشى قايىسىنى بۇرۇن رازى قىلىپ بولۇشنى بىلمەي ئىككىلىنىش، ئۇمىدسىزلىنىش، كۆڭۈلنىڭ ئارام تاپماسلىق سەۋەبى بىلەن تۇرمۇشى خاتىرجەم ئۆتمەيدۇ.

 

خىرىستىيان دىنى, دىن بىلەن سىياسەتنى ئايرىپ قاراش لازىم دەپ قارايدۇ. ئۇ دىندا سىياسەت بىلەن دىن چىقىشالمايدۇ. دىن باشقا نەرسە، سىياسەت باشقا نەرسە دەپ قارىلدۇ. خىرىستىيان دىنى يەھۇدىي دىنىنى تولۇقلاش ئۈچۈن كەلگەن دىن بولغانلىقى ئۈچۈن قانۇن چىقىرىش ئالاھىدىلىكى يوق. بۇ دىن ئىنساننىڭ مەنىۋى تەرىپىگىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ماددى تەرىپى بىلەن كارى بولمايدۇ.

 

ئەمما ئىسلام دىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئۈچۈن كەلگەن دىن بولغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارالىق دىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، دىن بىلەن سىياسەت (يەنى جەمىيەتنى) بىرلەشتۈرۈپ مۇئامىلە قىلىدۇ. سىياسەت ئىىسلام دىنىغا نىسبەتەن يات ئىش ئەمەس. ئۇ ئىسلامنىڭ تەبىيئىتىدىن چىقىپ تۇرىدۇ.

 

خىرىستىيان دىنى دۇنيا بىلەن ئاخىرەتنى، دىن بىلەن سىياسەتنى ئايرىپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، ئىلم-پەن بىلەن دىن كېلىشەلمەيدۇ، ئۇ ئىككىسى بىر بىرىگە زىت نەرسە دەپ قارايدۇ.

 

ئىسلام دىنى بولسا ئىلىم-پەن بىلەن دىن ئايرىلالمايدىغان بىر پۈتۈن گەۋدىدۇر دەپ قارايدۇ. قۇرئان كەرىمگە قارسىڭىز قۇرئان كەرىمنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىلىملارنىڭ ئاساسىنى بايان قىلغانلىقىنى كۆرەلەيسىز.

 

خىرىستىيان دىنىدا ئادەتتىكى خىرىستىيانلار چۈشۈنەلمەيدىغان سىرلار بار. بۇ سىرلارنى چۈشۈنۈش ئومۇمى خىىرىستىيانلارنىڭ ھەققى ئەمەس. پوپلار خىرىستىيانلارنىڭ نەزىرىدە ئادەتتىكى ئىنسانلار قاتارىدىن سانالمايدۇ. پوپلار ئايرىم بىر تەبىقىدۇر. خىرىستىيان دىنىنى قوبۇل قىلغان بىر ئىنسان بۇ تەبىقە قاينىمىدا پەرۋەردىگارىنى ئۇنتۇپ، پوپلارغا ئېسىلىپ قالىدۇ. چۈنكى پوپلار كەڭچىللىك قىلىش، گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگىدۇر.

 

ئەيسا (ئەلەيھىسسالام) بۇ ئالەمنىڭ ئىلاھى ياكى ئاللاھنىڭ شىرىكى دېگەندەك ئەقىلغا سىغمايدىغان خۇراپات ئىنسانىيەت دۇنياسىدا تارقالمىغان بولسا كېرەك. بۇ خۇراپات پىكىر، ئىدىيە ۋە ھاۋايى ھەۋەسلەرنىڭ خىلمۇ-خىل بولۇشىغا ئەگىشىپ كېڭىيدۇ ۋە تارىيىدۇ. بۇ خۇراپات بىر قېتىم بۇ ئالەم «ئاللاھ ئاندىن ئەيسا ۋە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت بىرلەشمە ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ مەسئۇل بولىشىغا بويسۇنىدۇ دەپ قارىسا، يەنە بىر قېتىم بۇ شىرىكلەر بىر ئىلاھنىڭ خىلمۇ-خىل كۆرنىشى دەپ قارايدۇ».

 

ئەقىل بۇ خىل تۈردىكى خۇراپى تەسەۋۋۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدۇ. مانا بۇ توغرا يولدىن چەتنەش ۋە چوڭ ئېزىشتۇر.

 

ئاللاھ قۇرئاندا: {ئاللاھ ئۈچ ئىلاھنىڭ بىرىدۇر، دېگۈچىلەر شەكسىز كاپىر بولدى. بىر ئىلاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر} دەيدۇ. (مائىدە سۈرىسى 73- ئايەت)

 

ئەيسا بولسا يەپ ئىچىدىغان ئىنساندۇر. قانداقمۇ ئۇنىڭدىن ئىنسانلىق سۈپتىنى ئىنكار قىلىغىلى ياكى ئۇنى ئۆز ماقامىدىن يوقۇرى ئورۇنغا قويغىلى بولسۇن؟!!

 

ئاللاھ قۇرئاندا: {ئەيسا ئەلەيھىسسالام پەقەت (ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش) پەيغەمبەردۇر. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئانىسى راستچىل ئايالدۇر, ئۇ ئىككىسى تاماق يەيتتى (يەنى ئۇلارمۇ باشقا مەخلۇقلارغا ئوخشاش گۆش، سۈڭەك، تۆمۇر ۋە پەيلەردىن تەركىپ تاپقان ئىدى).

 

ئەيسا ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىغا باش ئىگىدىغان، ئۇنىڭغا قۇلچىلىقىنى بىلدۈرىدىغان ۋە بۇ زىل بايانغا-ئىتىراپ قىلىش بىلەن سۇكۇت ئىچىدە قۇلاق سالىدىغان بەندىدۇر. ئاللاھ قۇرئاند كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: {ئەگەر ئاللاھ مەريەم ئوغلى مەسىھنى (ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى) مەسىھنىڭ ئانىسى (يەنى مەريەمنى) ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق كىشلەرنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھ (نىڭ ئىرادىسى) دىن بىرەر نەرسىنى توشۇشقا كىم قادىر بولالايدۇ؟}، (مائىدە سۈرىسى 17 - ئايەت).

 

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىمۇ، ئۆزى ۋە ئانىسىىنىڭ ئاللاھغا مۇھتاج بەندە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، قىيامەت كۈنىمۇ شۇنداق ئىتىراپ قىلىدۇ. چېكىدىن ئاشۇرۇپ سۈپەتلىگەنلەرنىڭ سۈپەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ.

 

ئاللاھ قۇرئاندا: {ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيىتتى: {ئى مەريەم ئوغلى ئەيسا! سەن كىشلەرگە، ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار، دېدىڭمۇ؟} ئەيسا ئېيىتتى: {(رەببىم) شەنىڭگە لايىق ئەمەس نەرسىلەردىن سىنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەنكى، ماڭا ئېيتىشقا تىگىشلىك بولمىغان سۆزلەرنى مەن ئېيىتمايمەن. مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان سۆزنى، يەنى، مىنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھغا ئىبادەت قىلىڭلار، دېدىم} دەيدۇ. (مائىدە سۈرىسى 117- ئايەت)

 

ئەمەلىيەتتە، ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى يارىتالايدىغان، رىزىق بىرەلەيدىغان، تىرىلدۈرۈپ ئۆلتۈرەلەيدىغان، بەندىلەرنىڭ ۋە ئاسمان-زىمىنلارنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلالايدىغان قىلىش (يەنى شۇنداق يوقۇرى ئورۇنغا كۆتۈرۋېتىش) مۇمكىن بولمايدىغان ئىشتۇر. چۈنكى ئەيسا ئاجىز بىر بەندە، ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن توپىغا كۆمۈلۈپ قالىدىغان پارچە سۈڭەكلەردۇر. ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى ئىلاھ دېگۈچىلەر بۇ ئىشنى ئوبدان بىلىشىدۇ.

 

شۇ نۇقتىدىن ئۇلار، ئۇنىڭ ئاجىز ئىنسان تەبىيئىتىدىن باشقا، بىر تەبىيئەتتىن كۈچ-قۇۋۋەت ئىزدەش ئارقىلىق ئۇنى ئىلاھ قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئۇلار بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەيسا بىلەن ئاللاھنىڭ ئاتا-بالىچىلىق ئالاقىسىنى پەيدا قىلىشىدۇ.

 

ھەقىقەتتە ئاللاھ بىلەن مەخلۇقلىرى ئارسىدىكى ئالاقە ياراتقۇچى بىلەن يارىتىلغۇچى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتۇر. (يەنى ئىلاھلىق ۋە قۇلچىلىق مۇناسىۋىتىدۇر).

 

مەخلۇقلار پايدا-زىيان، ئۆلۈم ياكى ھاياتقا ئىگە ئەمەستۇر. بۇ ئالەمدىكى جانلىق ۋە جانسىز نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىختىيارى ياكى مەجبۇرى ھالەتتە بولسۇن بويسۇنىدۇ. ئۇنىڭ پەرۋەردىگارلىقىغا باش ئىگىدۇ.

 

ئاللاھ بەزى مەخلۇقىلىرىنى زېمىن، بەزىسىنى ئاسمان، بەزىسىنى ئىنسان يەنە بەزىسىنى جانلىق ۋە جانسىز قىلىپ ياراتتى. ئاللاھ بەزى مەخلۇقلىرىنى يەنە بەزىسىدىن ئارتۇق قىلغىنى ئۇنىڭ خالىس پەزلى ۋە ھىكمىتىدۇر.

 

ئاللاھ بەزى مەخلۇقلارغا، باشقا مەخلۇقلاردىن پەزىلەت جەھەتتە پەرقىلىنىپ تۇرىدىغان ئىقتىدار بېرىپ ئاندىن ئۇلارنى بەندىللىرىگە پەيغەمبەر قىلىپ تاللايدۇ.

 

پەرۋەردىگار ئۆز بەندىللىرىنى قانداق قىلسۇن، ئۇ ياراتقۇچى ئاللاھ بىلەن يارىتىلغۇچى مەخلۇق ئارسىدىكى ئالاقىغە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

 

ئاللاھنىڭ بەزى مەخلۇقىلىرىنى ياراتقۇچىنىڭ شىرىكى دەپ تەسەۋۋۇر قىلىش نېمە دېگەن ئەپسانە-ھە!!

 

ئاسمان زىمىننى ياراتقۇچىنى قانداقمۇ لايدىن يارىتىلغان ئاجىز بىر مەخلۇقنىڭ ئاتىسى دەپ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولسۇن!

 

ئاللاھ قۇرئاندا: {ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار): «ئاللاھنىڭ (پەرىشتىلەردىن) بالىسى بار» دېيىشتى. ئۇنداق ئەمەس. ئاللاھ بۇنىڭدىن پاكتۇر، (پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ) ھۆرمەتلىك بەندىللىرىدۇر، ئۇلار ئاللاھغا ئالدى بىلەن سۆز قىلىشقا پېتىنالمايدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش قىلىدۇ} دەيدۇ.

 

ئىلاھلىق مەسىلىسى بۇ نادانلار خىيال قىلىپ يۈرگەن ئاتا-بالىلىق ئالاقىسدىن ناھايىتى يۇقۇرىدۇر.

 

ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: {ئەگەر ئاللاھ بالا تۇتۇشنى خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، مەخلۇقات ئىچىدن خالىغاننىى ئىختىيار قىلاتتى، ئاللاھ (بالا تۇتۇشتىن) پاكتۇر، ئۇ غالىب بىر ئاللاھدۇر} (زۇمەر سۇرىسى 3- ئايەت)

 

ئەيسا پەقەتلا بىر ئانىدىن تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن -بالىلىق سۈپىتى- بىلەن ئىلاھلىق ماقامىغا نامىزات كۆرسىتىلىشكە يارايدىغان بولۇپ قالسا، ئەلۋەتتە ئىسىل پەرىشتىلەر بۇ ماقامغا ئەيسادىن لايىقراق بولاتتى .

 

چۈنكى پەرىشتىلەر نۇردىن يارتىلغان مەخلۇقلاردۇر. ئەيسا بولسا توپىدىن يارىتىلغان مەخلۇقتۇر.

 

خىرىستىيانلارنىڭ ئۆزلىرى, يەھۇدىيلار ئەيسانى (ئەلەيھىسسالام)نى دارغا ئاسقان دەپ قارشىدۇ. ئەگەر ئەيسا ئىلاھ بولىدىغان بولسا نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى قوغىدىيالماي قالدى؟ ئۆزىنى قوغداشقا بىرەر نەرسە توسالغۇ بولدىمۇ؟ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى بولمىغان بىر ئىنساننى قانداقمۇ ئىلاھ دەپ سۈپەتلىگىلى بولسۇن!

 

خىرىستىيانلار, ئەيسا (ئەلەيھىسسالام) ئاللاھ بىلەن بىرگە ئىلاھتۇر دەپ قارايدىغان بولسا ئۇنىڭ ئورنى قانچىلىك؟ ئاللاھنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنمۇ؟ ئەگەر ئەيسانىڭ تۆۋەن بولۇپ قالسا ئىلاھلىق سۈپتىگە نوقسان يەتكەنلىگى ئۈچۈن ئۇ ئىلاھ ئەمەس مەخلۇقتۇر. ئەگەر ئەيسا ئاللاھدىن ماقام جەھەتتە يوقۇرى بولىدىغان بولسا ئۇ ئاللاھغا قارىغاندا ئىلاھلىققا لايىقتۇر، بۇنداق بولىشى مۇمكىنمۇ؟.

 

پەيدا بولغان نەرسىنىڭ يوقۇلىشى تەبئى قانۇنىيەت. ئەيسانىڭ مەخلۇق ئىكەنلىگىنى، مەريەم (ئەلەيھىسسالام) دىن تۇغۇلغانلىقىنى ئۇلار ئۆزلىرىمۇ ئىتىراپ قىلىشىدۇ.

 

ئەگەر ئەيسانى ئىلاھ دىيىش توغرا كەلسە ئۇ ھالاك بولىشى مۇقەررەر بولغان بىر ئىلاھتۇر. چۈنكى ئۇ ئۆزى يارىتىلغان ئەمەس، ئاللاھ تەرپىدىن يارتىلغان بىر مەخلۇقتۇر. مەخلۇقنىڭ ھەر قاندىغى ئۆلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئالدىدا سوراققا تارتىلىدۇ ياكى مۇكاپاتلىنىدۇ.

 

ھالاك بولىدىغان نەرسىنى ئىلاھ دەپ خىيال قىلىش ئەقلى كىسلەللىكتۇر.

 

خىرىستىيانلارنىڭ قايسى گىپى راست: ئۇلار بىردەم: ئەيسانى ئىلاھ دەيدۇ، يەنە بىردەم: ئۇ يەھۇديلار تەرپىدىن دارغا ئېسىلىپ قۇربان بولغان دەيدۇ؟ ئىلاھمۇ ئۆلگەن بارمۇ؟ ئىلاھ ئۆلدى دېگەنلىك كائىناتنىڭ نىزامى ئاستىن-ئۈستۈن بولدى دېگەنلىكتۇر.

 

ئىلاھ بىر قانچە بولۇپ قالسا كائىنات ھاياتىنىڭ ساغلام ۋە تىنىچ داۋاملىشىشى ئىنسانلارنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىشى مۇمكىن ئەمەس.

 

ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: {ئاللاھنىڭ بالىسى يوق، ئۇنىڭغا باراۋەر باشقا بىر ئىلاھمۇ يوق، ئەگەر بۇنداق بولسا ئىدى. ئۇ چاغدا ھەر بىر ئىلاھ ئۆزى ياراتقان مەخلۇقنى يالغۇز ئىگەللەيتتى، بەزىسى بەزىسىدىن غالىب كېلەتتى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئاللاھغا نىسبەت بەرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر} (مۆمىنۇن سۇرىسى 91- ئايەت)

 

يەنە: {ئەگەر ئاسمان-زېمىندا ئاللاھدىن باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى. (كائىناتنىڭ تەرتىپى) ئەلۋەتتە بۇزۇلاتتى، ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەن نەرسىللىرىدىن پاكتۇر} (ئەنبىيا سۇرىسى 22- ئايەت)

 

ئەيسا (ئەلەيھىسسالام)نى ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان خىرىستىيانلار ئاللاھنى ياراتقۇچى ۋە رىزىق بەرگۈچى ئىلاھتۇر دەپ ئىتىراپ قىلشىدۇ. ئۇلار، ئەيسا (ئەلەيھىسسالام) بىرەر مىللەتنى ياراتقان ياكى زېمىننىڭ بىرەر ئاساسىنى توختاتقان دەپ قارىمايدۇ. بەلكى ھەممىنى ئاللاھ ياراتقان دەپ ئېتىقاد قىلىشىدۇ. مۇشۇنداق تۇرۇغلۇق ئاللاھغىلا يالغۇز ئىبادەت قىلىشماي، ئەيسانى ئاللاھغا شىرىك قىلۋېلىشىدۇ.

 

ئاللاھنىڭ قىزى ياكى ئوغۇللىرى يوق، ئاللاھ بىلەن بەندىلەر ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چۈشىدىغانلار شاپائەتچىلەر ياكى دەللاللارمۇ يوق.

 

ھەر بىر ئىنسان قاچان خالىسا ئاللاھدىن بىر نەرسە تەلەپ قىلالايدۇ، گۇنا قىلىپ سالسا پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا ئۆزرە ئېيتقان ھالەتتە بىۋاستە ئالاقىلىشالايدۇ. ئاللاھ بىلەن بەندىلەر ئارسىدا ئوتتۇرىغا چۈشىدىغان شاپائەتچىلەر بار دەپ قاراش پەقەتلا قۇرۇق تۆھمەتتىن ئىبارەت خالاس.

 

ئاللاھ دۇنيانىڭ پادىشاھلىرىغا زادىلا ئوخىشمايدۇ، ئۇ زالىم ئەمەس، رەھىمدىل، مىھىرىبان، قۇدرەتلىك، غالىب ۋە ئەپۇ قىلغۇچى زاتتۇر. دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ۋاستىچلار (دەللاللار) كەتكەندەك، ئاللاھ بىلەن بەندىلەر ئارسىغا دەللال كەتمەيدۇ. ئاللاھنىڭ دەرۋازىسى ھەر بىر مەخلۇققا ئوچۇق، خالىغان ۋاقتىدا ئالاقىلىشالايدۇ. ئۇمىد قىلغان نەرسىسىنى سوراپ، خاتا كەتكەن جايلىرىغا خالىغانچە ئەپۇ سورىيالايدۇ. ئاللاھقا بىۋاستە قول ئۇزۇتۇپ كەچۈرۈم سورىغاندىنمۇ ئۇلۇغ ئىش بارمۇ؟

 

ئەگەر ئەيسا ئىلاھ بولىدىغان بولسا، نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇقەددەس كىتاۋى بولغان ئىنجىلنى سالامەت ساقلاپ قالالمىدى؟ ئەيسا (ئەلەيھىسسالام) ئېلىپ كەلگەن بىر ئىنجىل قانداق بولۇپ 76 خىل تۈرگە بېرىپ يەتتى؟!!.

 

ئەيسا (ئەلەيھىسسالام) ئاغزى بىلەن مەن ئىلاھ بولىمەن دېگەن ئەمەس ياكى قولىدىكى كىتاۋى ئىنجىلدا ماڭا ئىبادەت قىلىڭلار دېگەنمۇ ئەمەس!.

 

يەپ-ئىچىپ، ھېرىپ-چارچاش ئىنساننىڭ خۇسۇسىيتىدۇر (خاراكتىرىدۇر)، يەپ-ئىچىش دېگەنلىك بىر نەرسىگە مۇھتاج بولۇش دېگەنلىكتۇر. ئىلاھ بىر نەرسىگە مۇھتاج بولمايدۇ. چارچاپمۇ قالمايدۇ، مەڭگۇ ھايات تۇرىدۇ. ھاياتلىق سۈپىتىنى يوقاتمايدۇ.

 

خىرىستىيانلار ئەيسا (ئەلەيھىسسالام) ئۇخلايتتى دىيشىدۇ. ئىلاھمۇ ئۇخلامدۇ؟ ئىلاھ ئۇخلاپ قالسا كائىناتنىڭ ئاقىۋېتى نېمە بولماقچى؟ ھەقىقىي ئىلاھنى ئۇيقا ياكى مۈگۈدەش دېگەن نەرسە باسمايدۇ. ئىنجىل بايان قىلغىنىدەك ئىلاھنى غەم-قايغۇ باسمايدۇ. ئەگەر ئەيسا ئىلاھ بولىدىغان بولسا، قانداق بولۇپ زېمىندا 33 يىل ياشىغان. ئىلاھمۇ مۇشۇنداق ياش ئۆلۈپ كەتكەن بارمۇ-ھە؟!!

 

خىرىستىيانلار، ئەيسا ئالەمگە ئىنسانلار بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىنى ياراشتۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن دەپ قارايدۇ. ئىنسانلارنىڭ, پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان تەرىپى بارمىدى؟ ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ بىلەن ئۇرۇش قىلغىدەك ئىقىتىدارى بارمۇ؟ قاچان ئۇرۇشۇپ قالغان؟ نېمە تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قالغان؟

 

خىرىستىيانلار، ئەيسا ئۆزىنى ئىنسانلارنىڭ خاتالىقىغا بەدەل تۆلەش ئۈچۈن زېمىنغا چۈشكەن ئاللاھنىڭ بالىسىدۇر. ئۇنىڭ ئۆلىمى ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قۇربان قىلىنغان دىيىشىدۇ.

 

ئەقىل يۈرگۈزۈپ باقايلى، ئەيسا ئىنسانلارنىڭ قايسى خاتالىقىنى يۇيۇش ئۈچۈن كەلگەن. ئىلگىرىكىسىنىمۇ ياكى كىيىنكىسىنىمۇ؟ ئىلگىرىكىسى ئۈچۈن بولغان بولسا، ئەيسا ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن ھاياتلىققا كەلگەن ئىنسانلارنىڭ گۇناھىنى كىم يۇيىدۇ؟ كىيىنكى گۇناھىنىمۇ يۇغىلى كەلگەن دىسەك، گۇناھنى يۇيغاننىڭ تەسىرى قېنى؟ ئىنسانلار كۈندىن كۈنگە ناچارلىشىپ كىتىشپ بارىدۇ. زادى قايسى خاتالىق ئۇ؟ ئادەم (ئەلەيھىسسالامنىڭ) چەكلەنگەن مىۋېنى يەپ سېلىشى دىسەك، ئۇنىڭ جازاسىنى ئادەم (ئەلەيھىسسالام) جەننەتتىن قوغلۇنۇش بىلەن تارتىپ بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھ ئادەم (ئەلەيھىسسالام) نىڭ تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلىپ, ئۇنى زېمىنغا پاك چۈشۈردى. مېۋىنى يەپ سالغان شۇ كىچىككىنە خاتالىققا جاننى قۇربان بىرىش شەرىت بولغىيمىدى!!!. جاننى قۇربان بەرمەي تۇرۈپ، ئىبادەت ياكى دۇئا بىلەن ھەل قىلغىلى بولماسمىدى!.

 

بىر ئادەمنىڭ خاتالىقىنى يەنە بىر ئادەم ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان ئىش نەدە بار؟، ئەگەر بار دىيىلسىمۇ جەمىيەتتە ئادالەت، باراۋەرلىك دېگەن نەرسە مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئەمەلىلىشەرمۇ؟ ئەگەر بىر جىنايەتچىنىڭ خاتالىقىنى باشقىلار ئۆز ئۈستىگە ئالسا بۇ ئالەم تىنىچ ئۆز نىزامىدا تۇرارمۇ ياكى قالايمىقان بولارمۇ؟ ھېچقانداق بىر نىزامدا ئاتىنىڭ خاتالىقىنى نەۋرىلەر ئالسۇن دەيدىغان قانۇن يوق.

 

شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنىدا بىر ئادەم خاتالىق ئۆتكۈزسە ئۇ كىشى خاتالىقىدىن ئۆزى يالغۇز جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ. باشقا كىشلەر بۇ جىنايەتكە چېتىلىپ قالمايدۇ. ھەر بىر ئادەم قىلغان ئىشلىرىدىن ئۆزى مەسئۇلدۇر.

 

چۈنكى ھەر بىر ئىنسان ساپ تەبىئەت ئۈستىدە تۇغۇلىدۇ. بۇرۇلۇش ۋە توغرا يولدىن ئېزىش ئىنساندىكى تەبئى نەرسە ئەمەس, سىرتقى تەرەپتىن كېلىپ قالىدىغان نەرسىدۇر. موھىتنىڭ ناچارلىقى ئىنسان تەبىيىتىنىڭ بۇلغۇنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

ئاللاھ ئۆزىنىڭ مۇتلەق ئادىللىقى بىلەن بىر ئىنساننى يەنە بىر ئىنساننىڭ خاتالىقى بىلەن جازالىمايدۇ.

 

ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە: {ھەر بىر ئىنساننىڭ ئەمەلىنى ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويىمىز (يەنى ئىنساننىڭ قىلغان ھەر قانداق ئەمەلى خۇددى بويۇنچاق بويۇندىن ئايرىلمىغاندەك ئۇنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلمايدۇ, شۇنىڭغا يارىشا جازا بېرلىدۇ), قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئەمەللىرىنى كۆرستىمىز, ئۇ ئۇنى ئوچۇق كۆرىدۇ. (ئۇنىڭغا) نامە-ئەمالىڭنى ئوقۇغىن! بۈگۈن ئۆزەڭگە (يەنى بۇ قىلمشلىرىڭغا) ئۆزەڭ گۇۋاھ بولۇشۇڭ كۇپايە دىيىلىدۇ. كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن ھىدايەت تاپقاننىڭ پايدىسى ئۆزى ئۈچۈن بولىدۇ, كىمكى ئازىدىكەن, ئازغانلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بولىدۇ. بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ} دەيدۇ. (سۈرە- ئىسرا 13-15 ئايەت) .

 

خىرىستىيان دىنى، ھەر بىر ئادەم خاتالىقىنى پوپنىڭ ئالدىدا يىپىدىن يىڭنىسىغىچە ئىتىراپ قىلىشى لازىم. تولۇق ئىتىراپ قىلسا ئاندىن خاتالىقلىرى ئەپۇ قىلىنىدۇ. ئەپۇ قىلىش ھوقۇقى پەقەت پوپلاردىلا بولىدۇ دەپ قارايدۇ.

 

كەچۈرۈم قىلىش، ئەپۇ قىلىش ھوقۇقى پوپلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن بولسا ئاللاھ نېمە ئىش قىلىدۇ؟ بۇ پوپلار كىشلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلغىدەك نېمە ئارتۇقچىلىغى بار؟ ئۇلار ئەپۇ قىلىش سالاھىيتىگە ئىگە بولغىدەك بىرەر نەرسىنى ياراتقانمىدۇ؟ ئەپۇ قىلىش ھەممىدىن غالىب، مىھرىبان، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھنىڭ قولىدا بولماي، قانداق بولۇپ بۇلارغا كەپ قالغاندۇ؟ ئۇلار ئاللاھدىن بۇ ھوقۇقنى تارتىۋالغانمۇ يە؟! ياكى ئاللاھ بۇ ھوقۇقنى ئۇلارغا مىراس قالدۇرۋەتكەنمۇ؟ ئەگەر پوپلار گۇناھلارنى ئەپۇ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، ئەپۇ قىلىشنى تەلەپ قىلغانلارغا مەغپىرەت (چېكىنى) كىسىۋەرسە كەمبەغەللەرنىڭ ھالىغا ۋاي! خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قالغان كەمبەغەللەر نېمە تۆلەپ, پوپلاردىن مەغپىرەت چېكىنى ئېلىش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولار؟ ھەر خىل جىنايەت ئىشلىگەنلەر بۇ مەغپىرەت چېكىنى سېتىۋېلىپ يەنە قىلغىلىقىنى قىلىۋەرسە، زۇلۇمغا ئۇچىرىغانلار ئۆز ھوقۇقىغا ئىرشەلمىسە، بۇنى قانداقمۇ ساماۋى (ئىلاھىي) دىن دېگىلى بولسۇن؟!

 

دىننىڭ مەقسىتى ئارقا ئىشىك قىلىپ ئادەم ئالداشمۇ–يا؟ ئۇنداقتا ئادالەت دېگەن نەرسىدىن سۆز ئاچمىساق بولىدۇ. قاتىللىق جىنايىتى سادىر قىلغان كىشى سېتىۋالغان چەك بىلەن قانداق قۇتۇلالىسۇن؟ بۇلاڭچى، ئوغرىلارنىڭ گۇناھلىرى قانداقمۇ بۇ چەكلار بىلەن يۇيۇلۇپ تۈگسۇن. بۇ مەغپىرەت چېكىنى ئاللاھ ئاسماندىن ئەۋەتىپ بەرگەنمۇ؟ ياكى دىندا يوق نەرسىنى ئويدۇرۇپ پەيدا قىلىپ ئىنسانلارنى ئالداپ كىتىپ بارامدۇ؟!

 

رەھمەت دىنى دەپ ئاتالغان خىرىستىيان دىنىنى دوزاخ دەرۋازىلىرى, ئاداۋەت، يامان كۆرۈش ئىگەللەپ كەتكەن. بۇ دىن ئىنسانىيەتكە كەلگەن ئېغىر مۇسىبەت بولماقتا. ئىنسانىيەتكە ئىككىلىنىش، دەرت-ئەلەم ۋە قايغۇ-ھەسرەتنىڭ مەنبىيى بولۇپ قالماقتا.

 

خىرىستىيان پوپلىرى دىن نامى بىلەن يوقتىۋەتكەن ئادەملەرنىڭ سانى ھېساپسىز. ئىسپانىيەنىڭ ئۆزىدىلا تەپتىش مەھكىمىسى 31 مىڭ ئادەمنى تىرىك كۆيدۈرىۋەتكەن. 290 مىڭ ئادەمگە ئۆلۈم جازاسىغا يېقىنلىشىپ قالىدىغان ئېغىر جازالارنى ھۆكۈم قىلغان.

 

پوپلار دىندا يوق ھۆكۈملەرنى خالىغانچە پەيدا قىلىپ، مۇقەددەس كىتاۋىنى شەخسى مەنپەئەتىگە بويسۇندۇرۈپ ئۆزگەتىپ بولغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ دىننىڭ ئەھۋالى مۇشۇ يەرگە يىتىپ قالغان.

 

بىز مۇسۇلمانلار، ئەيسا ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ئىنجىلنىڭ يوقاپ كىتىشى مەقسەتلىك بولغان دەپ قارايمىز. چۈنكى ئەسلى ئىنجىل قۇرئانغا يېقىن ئىدى. ئەسلى ئىنجىلنىڭ يوقاپ كىتىشى خىرىستىيان دىنى تەلىماتلىرىدا قوشۇپ قويۇش، ئېلىۋېتىش، ئۆچۈرىۋېتىش ۋە ئۆزگەرتىۋىتىشكە ئوخشاش ئىشلارغا يول ھازىرلاپ بەرگەن. شۇ سەۋەپلىك بۇ دىننىڭ ئاساسى يىمىرلىپ چۈشۈپ، ساماۋى دىنلىق خۇسۇسىيىتى يوقالغان.

 

يەنە ئەيسانىڭ ئىلاھىلىق مەسىلىسىگە قايتىمىز، خىرىستىيانلار ئەيسا مەخلۇق ئەمەس ھالەتتە تۇغۇلغان، ئۇ ئاتىسى بولغان ئاللاھدىن يېڭى ئەمەس دەپ ئېتىقاد قىلىشىدۇ. بۇ نېمە دېگەن گەپ؟

 

خىرستىيان ئالىمى دوكتۇر يۈسۈپ بوست «مۇقەددەس كىتاپنىڭ قامۇسى» دېگەن كىتاۋىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ تەبىيئىتى ئوخشاش ئۈچ زاتتىن (شەخس، ئاساس) تەركىپ تاپقان. خالايىقلار ئىلاھىغا ئوغلىنىڭ (ئەيسا) ۋاستىسى ئارقىلىق نىسبەت بىرىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئوغلى ئەيساغا، ئىنسانلار ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان بىرىش، روھىلقۇددۇسقا پاكلاش نىسبەت بېرىلىدۇ. لىكىن بۇ ئۈچ شەخس ئىلاھى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئوخشاش بۆلىشىۋالغان».

 

بۇ يەردە ئەقىلنىڭ رولىغا قاراپ باقايلى. ئۇ خىرىستىيان ئالىمى دېگەندەك ئىلاھ بىر قانچە بولسا، ھەر بىر ئىلاھنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى ئايرىم بىكىتىلسە، ئۇ ئۈچ ئىلاھ ئالەمنى تەڭ باشقۇرسا، ئۇ ئالەم ئەسىرلەر بويى مۇشۇنداق سالامەت تۇرغان بولارمىدى! ئىلاھلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشتىن ئالەم ۋەيران بولۇپ كەتمەسمىدى!. ئىلاھلار بىر قانچە ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ئايرىم دېگەن ئېتىقاد بۇ ئىلاھلارنىڭ ئاجىز بىر-بىرىگە مۇھتاج بولىشىدۇ دېگەن ئېتىقادنى شەكىللەندۈرىدۇ. باشقىلارغا ئېھتىياجى چۈشكەن ئىلاھنى تەڭرى دەپ قاراش ئەقىلنىڭ رولىنى ئىنكار قىلغانلىقتۇر. بۇ ئەقىلغا سىغىدىغان گەپ ئەمەس.

 

ئەيسانىڭ قانچە جېنى بار. ئۇنى بىردەم ئىلاھ دېگەن، يەنە بىر دەم قۇربان بولدى دېگەن!!!

 

بۇددا دىنىغا قارايدىغان بولساق ئۇلارنىڭمۇ بىر قانچە ئىلاھى بار، ئۇ ئىلاھلار ئۆزىدىن پايدا زىياننى مۇداپىئە قىلالامدۇ؟ ئۇنداقتا خىرىستىيانلار ئىلاھلىرىنىڭ بۇددا ئىلاھلىرىدىن پەرقى نېمە؟

 

مانا بۇ ئەسلى خىرىستىيان دىنىغا بۇددىزىم ئېتىقادىدىن يۆتكىلىپ كىرگەن ئېتىقادلاردۇر. ئەگەر ئەيسا ئىلاھ بولىدىغان بولسا نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى يەھۇدىلارنىڭ دارغا ئېسىشىدىن مۇداپىئە قىلالالمايدۇ؟

 

پوپ (بوتىر) مۇنداق دەيدۇ: «مەسىھ (ئەيسا ئەلەيھىسسالام) دۇنياغا كەلگەن ۋاقتىدا بىزگە ئىنجىلدا خاتىرلەنگەن تەلىمات ۋە ئىش ئىزلىرى بىلەن، ئۆزىنىڭ ئەقىل ھىس قىلىپ بولالمايدىغان دەرىجىدە ئاللاھ بىلەن  مەخپىي ۋە ئەزەلىي ئالاقىسىنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتكەن».

 

 

ئۇلارنىڭ نەزىرىدە جەۋھەرنىڭ بىرلىكىگە شەخسلەرنىڭ بىر قانچە بولىشى زىت كەلمەيدۇ.

 

چىركاۋ، ئىلاھنىڭ ئۈچلىكى، ئۈچ ئىلاھتىن شەكىللەنمىگەن دەپ داۋا قىلىدۇ. بىراق چىركاۋ ئۈچ شەخس (ئاساس، زات) ئارسىدا (تۇققانچىلىق) ئالاقىسىنىڭ بارلىغىنى، ھەر بىر ئىلاھنىڭ ئايرىم سۈپەتلىرى, ئايرىم ۋەزىپىللىرنىڭ بارلىقىنى ئىتىراپ قىلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى ھەر بىر ئىلاھ بىر بىرسىگە ئوخشىمايدۇ دېگەن خۇلاسە چىقىدۇ. كەمچىللىك سۈپىتى ئىلاھلىققا زىت كېلىدۇ. بىرسىدە بار سۈپەت يەنە بىرسىدىمۇ تېپىلمايدىكەن بۇ ئاجىزلىقنىڭ بەلگىسىدۇر. ئۇنداقتا ئەيسا ئىلاھ ئەمەس ۋە ئاللاھنىڭ بالىسىمۇ ئەمەس.

 

خىرىستىيانلار ئەيسا (ئەلەيھىسسالام) ئاللاھ بىلەن ئىنسانلار ئارسىدىكى ئالاقىلىشىش ۋاستىسى دەپ قارايدۇ.

 

ئىنسانلار ئاللاھ بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلسا نېمە توسالغۇ بولىدىكەن ؟ ئاللاھنىڭ دەرۋازىسى ھەممە ئادەمگە ئوچۇققۇ؟ مەغپىرەت قىلىش ھوقۇقى يالغۇز ئاللاھنىڭ قولىدىلامغۇ؟ ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئەيسانى ئوتتۇرغا قىستۇرىۋالىمىز؟

 

خىرىستىيانلارنىڭ يۇقارقى نەزەرىيىسى گىرىتسىيە پەلسەپىسىدىن خىرىستىيان دىنىغا سۇغۇرلۇپ كىرگەن خاتا ئېتىقادتۇر. گىرىتسىيە پەلسەپىسىنى قانداقمۇ ئاللاھنىڭ قېشىدىن چۈشكەن دەپ داۋا قىلغىلى بولسۇن!

 

ئىلاھ قانداقمۇ ماددى شەكىلگە ئايلىنىپ ئىنسان بولۇپ ياشىسۇن!! مۇشۇمۇ ئىلاھنىڭ سۈپىتى بولامدۇ؟

 

پوپ «ۋۇھەيب ئاتائۇللا» مۇنداق دەيدۇ: «ئىلاھ ئىنسان بولۇپ زېمىنغا چۈشكەن دەپ قاراش ئەقىل بىلەن لوگىكا، ھىس تۇيغۇ ماددا ۋە پەلسەپە ئاتالغۇللىرى ئارىسىدىكى قارىمۇ-قارشىلىقتۇر. بىراق بىز بۇنداق بولىشى ئەقىلغا سىغمىسىمۇ مۇمىكن دەپ دىنىمىزغا ئىشىنىمىز»

 

ئەگەر ئىش بۇ پوپنىڭ دېگىنى بويىچە بولسا، قانداق بولۇپ بۇ ئۈچ ئىلاھنىڭ بىرسى مەريەمنىڭ بالا ياتقۇسىغا كىرىپ ئاندىن كېيىن ئىنسانى تەبىئەت بىلەن ئارلىشىپ، كۆرنىشىدە ئىنسان بولسۇن؟ بۇ خىل ھالەت بىرنەچچە خىل كۆرنىشنى كۆرسەتمەمدۇ؟

 

ئەنگىلىيە مائارىپ ئىدارىسنىڭ باياناتىدا مۇنداق كەلگەن: «ئەيسا ھەرگىز ئۆزىنى تەبىئەتتىن يوقۇرى ماددا ياكى ئۆزىدە ئىنسان تەبىئىتىدىن ئارتۇق تەبىئەت بار دەپ داۋا قىلمىدى. ئۇ دادا تەرەپتىن يۈسۈپ نەججار دېگەن ئادەمگە، ئاپا تەرەپتىن مەريەمنىڭ ئوغلى دەپ نىسبەت بېرىلىش بىلەن قانائەتلىنەتتى».

 

خىرىستىيانلار بۇددا دىنىنىڭ ئېتىقادلىرىنى يۆتكەپ كىرىپ خىرىستىيان دىننىڭ ئەسلىنى يوقۇتۇپ بولدى. ئەيسا ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن خەتنە قىلىش، چوشقا گۆشىنى يىمەسلىككە ئوخشاش ئاساسى ھۆكۈملەرنى بىكار قىلىۋەتتى.

 

مەنبەسى: ئىسلام نۇرى تور بېتى