زامانە
ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى

باش-ئاخىرى يوق خىياللار بىلەن تەستە
كۆزۈم ئۇيقۇغا ئىلىنىپتىكەن، تۇيۇقسىز
جاراڭلىغان ئاۋازدىن چۈچۈپ ئويغىنىپ
كەتتىم. ئۇدۇل قوشنامنىڭ ئۆيىدىن ئەنسىز
ۋاقىراش -جاقىراشلار، ئەرنىڭمۇ، ئايالنىڭمۇ
ئاۋازىغا ئوخشىمايدىغان يىغا ئاۋازى
ئاڭلاندى. سائىتىمگە قارىسام سائەت ئىككى
بوپتۇ. بىچارە چوكاننىڭ ئېرى يەنە مەس
كېلىپ زوتاڭزىلىق قىلىۋېتىپتۇ -دە، ئۇرۇش
تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ، چىنە-قاچىلار
چېقىلىشقا باشلىدى. ئېرىمنىڭمۇ ئۇيقۇسى
بۇزۇلدى بولغاي، ئېرىنچەكلىك بىلەن
ئۈستەل چىرىغىنى ياندۇرۇپ سائىتىگە قارىدى
ۋە:
_ تېخى كېچە ئىكەنغۇ؟ نېمە ۋاراڭ-چۇرۇڭ
بۇ؟ _دېدى.
_ قوشنىمىز يەنە مەست بولۇپ قالغان
ئوخشايدۇ، ئايالى بىلەن بەك سوقۇشۇپ
كېتىۋاتىدۇ، چىقىپ باقامسىز-يە؟ _دېدىم
ئۆتۈنۈش ئاھاڭىدا.
_ساراڭ بولۇپ قالغان ئادەم بارمۇ، كېچىدە
ھاراق ئىچىپ كېلىپ جىدەل چىقارغان
ئادەمنىڭ قىدىلىنى ئايرىپ، قۇلىقىڭىزنى
چىڭ يۇپۇرۇپ ئۇخلىڭە،_دېدى-دە، قايتىدىن
ئۇيقۇغا كەتتى.
_ ئىككىمىزنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى شۇ
ئەمەسمۇ؟ سىز چىڭراق ئورۇنۇپ يېتىڭ، شامال
تېگىپ قالمىسۇن مەن چىقىپ باقاي _دېدىمدە
ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۈستۈمگە يېپىنچامنى
يېپىنىپ سىرتقا ماڭدىم. ئۇلارنىڭ يا ئەر
يا ئايالنىڭ بىرەرسى ئۆزىگە ھاي بېرەي
دېمەيتتى. بۇ بىنا ئۆيلەرنىڭ تېمى بەك
نېپىز بولغاچقىمۇ، ئۇلارنىڭ تىللاشقان
ئاۋازلىرى ئېنىق ئاڭلىناتتى.
_ ھە، ئۇرە، بۈگۈن يىگەن تاياقلىرىمغا مەن
رازى. ..
_مەن چاقاي، بۈگۈن پۇخادىن چىققىچە
ئۇرىشايلى.
ئايال قوشنام چاڭىلداپ سۆزلەۋاتاتتى.
ئۇلارنىڭ جىدىلى بېسىقىدىغاندەك ئەمەس،
ئۇنىڭ ئۈستڭگە ئۇنىڭ ئېرى مەس بولىۋالسا
ساراڭنىڭ ئۆزى، قولىغا نېمە چىقسا شۇنىڭ
بىلەن ئۇرىدۇ، بىچارە چوكان ئەجەپ
چىداملىقكەن. بۇنداق ئەرگە نىسبەتەن
ئېتىزلىققا تېرىۋالغان مۇھەببەت بولسىمۇ
تۈگەر...مەن ئاخىر ئۇلارنىڭ قىيا ئېچىقلىق
ئىشىكىنى ئېچىپلا كىردىم. كىرىپلا داڭ
قېتىپ تۇرۇپ قالدىم. كۆز ئالدىمدا بۇ
ئۆيدە دائىملىق ئۇرۇشلاردا بولىدىغان
كۆرۈنىشلەرنىڭ ئەكسىچە بىر كۆرۈنۈش مېنى
دەماللىققا گاڭگىرىتىپ قويدى. ئايال
قوشنام ئۆينىڭ بۇلىڭىدىكى ئەينەك
جاھازىدىكى قىممەت باھالىق خىرىستاللىرىنى
ئېلىپ يەرگە ئېتىۋاتاتتى. ئېرى ئۇنى توسۇپ
بولالماي ئاۋارە بولىۋاتاتتى.
_سانىيە نېمە قىلىق بۇ؟ _دېدىم ئۈنلۈك
ۋاقىراپ ئۇلار تەڭلا ماڭا قارىدى. ئايال
قوشنامنىڭ كۆزلىرى خۇمارلىشىپ، مەڭزىلىرى
قىزىرىپ چىرايلىقلىشىپ قالغان بولۇپ، يەرنى
ئارانلا دەسسەپ تۇرىشىدىن قىيامىغا يەتكەن
مەسلىكى چىقىپ تۇراتتى. ئەر قوشنامغا
قاراپ تاسلا قالدىم كۈلىۋەتكىلى، ئۇنىڭ
چاچلىرى چۇۋۇلغان، يۈزلىرى، بۇيۇنلىرى،
بۇيۇنلىرىنىڭ تېرىلىرى تاتىلاشتىن سۇيۇلۇپ، قىزىل
گۆشلىرى كۆرۈنۈپ كۆڭلىكىنىڭ ياقىلىرى
يىرتىلغان ھالەتتە تامدەك تاتىرىپ تۇراتتى.
قىستاپ كەلگەن كۈلكەمنى تەستە بېسىۋېلىپ
سانىيەنىڭ قولىدىكى خرىستالنى
ئېلىۋالدىم-دە، ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ
سافادا ئولتۇرغۇزدۇم. ئەر قوشنام مېنى
كۆرگەندىن كېيىن سەل ئېسىگە كەلگەندەك
بولۇپ ماڭا قاراپ :
_قارىمامسىز، مۇشۇ چاققىچە تالادا
يۈرگىنى ئازدەك يەنە ھاراق ئىچىپ، غەرق
مەست كەپتۇ. ھاراقنى نەدە، كىم بىلەن
ئىچتىڭ؟ دېسەم بىشەملىك قىلىپ قىلغان
ئەسكىلىكىنى ئۆزىڭىز كۆردىڭىز مانا!
_ ھە، چىدىمايۋاتامسەن؟ سەن ئىچكەن
ھاراقنى مەن ئىچسەم نېمە بوپتۇ؟ _سانىيە
ئۆزىنى سافاغا تاشلاپ ئولتۇرۇپ بەخىرامان
ھالدا شۇنداق دېدى.
- نەدە كىم بىلەن ئىچتىڭ؟ _ دېدى ئېرى
قايتا جانلىنىپ.
_ بۇنى سوراپ نېمە قىلىسەن؟ سەنمۇ ئون
يىلدىن بۇيان بىرەر قېتىم ماڭا نەدە، كىم
بىلەن ھاراق ئىچكىنىڭنى دەپ باققانمۇ؟ _
ئۇ غەزەپلىك كۆزلىرى بىلەن ئېرىگە شۇنداق
بىر قادالغاندىن كېيىن، ماڭا ئۆرۈلۈپ
قاراپ خۇمارلاشقان، كۆزلىرىنى ئاران
ئېچىپ قوللىرىمنى تۇتۇپ تۇرۇپ :
_قاراڭ جېنىم قوشنام، سىز مېنىڭ
ئۆزۈمنىڭ ھەدىسىدەكلا، مۇشۇ ئۆيدە
تارتىۋاتقان ھەممە خورلۇقلىرىمنىڭ
گۇۋاھچىسىغۇ؟ مەن سىزگە دېمەي كىمگە
دەيتتىم؟ بۈگۈن ئاسىيەنىڭ ئۆيىگە بىر
نەچچە دوستلار يىغىلىپ قاپتىكەنمىز،
دەرتلىرىمىزنى تۆكۈشۈپ ئولتۇرۇپ بىر ئىچىپ
باققىمىز كەلدى، باشتا «ڭيلۇڭ»نى ئىچتۇق، قارىساق
ئۇ ئانچە تۇتمىدى، بىر دوستىمىز «بىراندى»
دېگەن ھاراق بەك ياخشى دەپ شۇنى ئېلىپ
كىردى، ھاراق دېگەن ھەجەپ ياخشى نەرسىكەن، ئۇنى
ئىچكەندىن كېيىن خۇددى قىز چاغلىرىمىزغا
قايتىپ قالغاندەك، ئۆزۈمىزنى بەختىيار
سېزىپ خوشال بولۇپ، ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل
ئويناپتۇق. ئەرگە تېگىپ كۈلمىگەن كۆڭلۈم
ھاراق ئىچىپ كۈلۈپتۇ. .. توۋا ئەرگە تېگىپ
تايىقىنى يەپ، تىلىنى ئاڭلىغىچە ھاراق
ئىچىپ كۆڭلۈمنى خوشال قىلسامچۇ؟ ئىسىت. ..ئىسىت
ياشلىقىم ئىسىت ئون يىللىق ئۆمرۈم
ھۈ...ھۈ...ھۈ...
مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتكەچ :
_ سىڭلىم سىز پەزىلەتلىك ئىسىل ئايال، بۇنداق
ئىشلار سىزگە ياراشمايدۇ، بەلكى بۈگۈنكى
بۇ قىلمىشلىرىڭىز ئۈچۈن ئەتە تازا
پۇشايمان قىلارسىز، ئايال كىشى دېگەن
ئاجىز، ئەر كىشى بىلەن تەڭلىشەلمەيمىز، بولدى
ئەمدى ئارام ئېلىڭ _دېدىم ئۇنى پەسكويغا
چۈشۈرۈش ئۈچۈن.
_ سىز بىر ئوقۇغان ئايال تۇرۇپمۇ تېخىچە
پەزىلەتلىك ئايال، ئەخلاقلىق قىز دېگەن
كىتابىي گەپلەرگە ئىشىنىپ يۈرەمسىز؟ ئۇنىڭ
خۇمارلىق كۆزلىرى ماڭا مىقتەك قادالدى.
مەن دەماللىققا نېمە دىيىيىشىمنى بىلەلمەي
تۇرۇپ قالدىم.
جېنىم قوشنام ھازىر«قاپاق پۇل ئەمەس
باراڭ پۇل» دېگەن سۆزنىڭ بۈگۈنكى
جاھاندارچىلىقنىڭ دەستىكى ئىكەنلىكىنى
بىلمەمسىز؟ سىز دېگەن ئەخلاقلىق، ۋىژدانلىق
ئاياللار ئائىلىسىدە ئەرنىڭ تايىقىنى،
ئىدارىسىدە ئەر باشلىقىدىن تەنقىنىدى
ئاڭلايمىز. سورۇنلاردا ئىش كۆرمىگەن مەتۇ
قاتارىدا بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ،
ئېرىمىزنىڭ سەتەڭ خېنىملار بىلەن ئوينىغان
تانسىسىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ يۈرۈكىمىزنى
زىدە قىلىمىز. كۆرىۋاتقانسىز، بۇرۇنلاردا
باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ھەر قانداق
ئويۇنلارنى قولدىن بەرمەي يامان ناملارغا
قالغان، ئاغزىغا كەلگەننى ئايىماي
سۆزلەيدىغان تەتى-پەتىلەر، ھازىر
تاپقىنىنى ئۇچىسىغا كىيىپ، ئىش كۆرگەن
ئايال، جېنى بار ئايال، ئىسىلزادە خېنىم
تۆتنىڭ ئالدى سانىلىپ تۆرنىڭ كاللىسىدا
ئولتۇرۇپ، جاھاننى سوراۋاتىدۇ. ئۆيىدە
ئەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ تاتلىق ئايال، ئىدارىدە
باشلىقىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئىقتىدارلىق
ئايال بولىۋاتىدۇ. مەنمۇ بۈگۈندىن باشلاپ
ئاشۇنداق ئەقىللىق ئاياللار قوشونىغا
قاتناشتىم، كۆڭلۈم نېمىدىن خوش بولسا
شۇنى قىلىمەن، ئۇ كەچ سائەت ئوندا كىرسە
مەن ئونبىردە كىرىمەن، ئۇ ئاقنى ئىچسە مەن
قىزىلنى ئىچىمەن، ئۇ ئۇرسا مەن تاتىلايمەن،
تاپقان پۇلۇمغا مودا كىيىملەرنى كىيىپ
چىرايلىق ياسىنىمەن. چىدىسا ئۆي تۇتسۇن
چىدىمىسا ئاجراشسۇن، ئەنە ئىشىك، قىزىم
بىلەن گۈلدەك ياشايمەن. توۋا مەن نەچچە
ۋاقتىن بۇ رودىپاينى پىشانەمگە
پۈتىۋەتكەندەك ۋاپادار، پەزىلەتلىك ئايال،
مېھرىبان ئانا بولۇش ئۈچۈنلا، ئون يىل
قۇربان بېرىپتىمەن. سىز دەڭە ئون يىل
دېگەن ئاز ۋاقىتمۇ؟ بىز ئاياللار قۇربان
بېرىشكىلا يارالغانمۇ؟ سۇنىمۇ سىڭگەن
يەرگە سېپىش كېرەكقۇ؟ بۇ ئەر بولغان بىلەن
ئەركەكمىدى؟ ئىسىت ئون يىللىق ئۆمرۈم، گۈزەل
ياشلىقىم ھۈ...ھۈ...ھۈ... ئۇ ئۆزىنى
يەردىكى گىلەمگە ئېتىپلا ھۆكىرەپ يىغلاشقا
باشلىدى يىغلاپ بىرازدىن كېيىن يېنىك
پۇشۇلداپ ئۇيقۇغا كەتتى.
ئادەتتە ئېغىر- بېسىق، كەم سۆز بۇ
قوشنامنىڭ مەس ھالەتتە بۇنداق ياراشمىغان
قىلىقلارنى قىلىشلىرى كۆزۈمگە سىغمىغان
بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھاراق پۇراپ تۇرغان نېپىز
لەۋلىرى ئارىسىدىن چىقىۋاتقان سۆزلىرى
مېنىڭ ئاياللىق قەلبىمنى تىترەتتى. كېچە
بىر چاققىچە تۈزۈك ئۇخلىيالمىدىم.
زامانە ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى
يۇقىرىقى پوۋېستنىڭ داۋامى (2)
بۈگۈن دۈشەنبە ئەتىگەن مەن نەچچە ئون
يىلدىن بۇيان مېنى ئىشقا ئاپىرىپ
ئەكىلىۋاتقان يولدا ئۆز خىياللىرىم بىلەن
مۇڭدىشىپ كېتىۋاتىمەن. ئادەتتە ئىشقا
بېرىش ئۈچۈن كوچا ئابتوبۇسىدا ئولتۇرسام
قۇلايلىق. بىراق ۋاقتىم قىستاپ قالمىسىلا
پىيادە مېڭىپ، يېقىن سىردىشىم بولغان
خىياللىرىم بىلەن مۇڭدىشىپ مېڭىشنى ياخشى
كۆرىمەن. بۇنداق چاغلاردا مەن ئادەم جىق
چوڭ كوچىلاردا كېتىۋېتىپمۇ شۇ كوچىدا
ھەتتا پۈتۈن بىر شەھەردە ئۆزۈم يالغۇز
كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن. ھەتتا بەزىدە
خىياللىرىمدىن ئايرىلغۇم كەلمەي،
ئالدىمدىكى يوللارنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇنراق
بولۇشىنى تىلەيمەن. بۈگۈنمۇ، ئاخشامقى
قوشنامنىڭ مەست بولۇۋېلىپ دېگەن سۆزلىرىنى
خىيالىم بىلەن مۇلاھىزە قىلىپ
كېتىۋاتاتتىم. « چاقچاقمۇ يېرىم ھەقىقەت »
دېگەندەك ئادەم مەست بولغاندا راست
سۆزلەيدۇ، بەزى ئاياللىرىمىزنىڭ يولدىن
چىقىپ كېتىشىگە كۆپ ھاللاردا ئەرلەر
سەۋەبچى بولىدۇ. قوشنام سانىيەمۇ ئېرىگە
ئىتائەتمەن ناھايىتى ھايالىق چوكان ئىدى.
ئەنە قاراڭ ھاراق ئىچىپتىكەن مۈشۈكتىن
يولۋاسقا ئايلىنىپ قاپتۇ. بىر ھېسابتا
ئۇنىڭ ئېرىدەك ئۆزىنى بىلمەيدىغان
ئەرلەرنى شۇنداق ئەدەپلەپ قويغانمۇ تۈزۈك
ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئەپتىنى كۆرمەمدىغان سۇغا
چۈشكەن مۈشۈككىلا ئوخشاپ قاپتۇ. . .
خىياللىرىم تۈگىمەي تۇرۇپلا ئېگىز بىنانىڭ
ئالدىغا كېلىپ قالدىم. مەن بىنانىڭ ئىچىگە
كىرىپ، لىفىتتا 15 - قەۋەتكە چىقىپ
ئىشخانامغا كىرىپ كومپيۇتېرنىڭ ئالدىغا
كېلىپ ئولتۇرۇپمۇ بىر ھازاغىچە خىياللىرىم
بىلەن خوشلىشىپ بولالمايۋاتاتتىم.
_ سىزنىڭ تېلېفونىڭىز .
_ سۇنۇلغان تېلېفوننىڭ تۇرۇپكىسى مېنى
خىيالدىن ئويغاتتى.
_ ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم؟ _ دېدىم
تۇرۇپكىنى قولۇمغا ئېلىپ.
_ ۋەي، بارمۇ سەن؟ _ قۇلىقىم تۈۋىدە
جفراڭلىغان ئاۋاز مېڭەمنى زىڭىلدىتىۋەتتى.
قانداق قائىدە ئوقمايدىغاندۇ؟ مۇسۇلماننىڭ
سالىمىنى قىلسىمۇ ، يەنە ۋەي دەپ سەت
جفرقىراپ، ئىچىمدە غۇدۇراپ تۇرسام، قارشى
تەرەپ يەنە ۋاقىردى.
_ ھەر، مەن خالىدە ئاۋازىمنى
تونۇمىدىڭمۇ؟
_ ھە، نېمانچە ئەنسىز ۋارقىرايسەن!
_ ئاداش مەن سېختا، زاۋۇتنىڭ ئاۋازى بەك
كۈچلۈك بولغاچقا ئاڭلانماي قالمىسۇن دەپ،
بۈگۈن كەچتە مېھراينىڭ باغاق چېيىى ئىدى،
« يېڭى ئەسىر رېستورانى » دا ساۋاقداش
قىزلارنىڭ ھەممىسىنى چاقىرغان، سىلەرنىڭ
قىزلارغا سەن دەپ قويغان بولساڭ بوپتىكەن،
كەچتە ئىشتىن چۈشۈپلا بېرىڭلار.
_ بولىدۇ، مەن باشقىلارغا يەتكۈزۈپ
قوياي.
_ بولىدۇ كەچتە كۆرۈشەيلى.
_ خوش.
تېلېفون تورۇپكىسىنى قۇيۇۋېتىپ بۇ
ھەپتىلىك تۇنجى « ھاشار » نىڭ ۋاقتىنى
يېقىن ئارىلىشىدىغان « بىزنىڭ قىزلار » غا
ئۇقتۇرۇۋېتىش ئۈچۈن تېلېفون تۇرۇپكىسىنى
قايتىدىن قولۇمغا ئالدىم.
ھەممىمىز ئىشتىن چۈشۈپ دېيىشىۋالغان
بېكەتتە ئۇچرىشىپ « يېڭى ئەسر رېستورانى »
غا كەلدۇق. مېھراي ئۇچىسىغا قىممەت
باھالىق كىيىم كىيىپ، پەردازخانىدا گىرىم
قىلدۇرغان بولۇپ كۆزلىرىگە چاپلىغان
يالغان كىرپىكلەر بىلەن ماگزىندىكى
قونچاققىلا ئوخشاپ قاپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدا
تۇرغان زۇڭتۇڭ، ۋەزىر، كاسسىرلىرىمۇ
ئالاھىدە ياسىنىشىۋالغانىدى.
_ چايدا بۇنچە ياسىنىشىۋاپتۇ. تويدا
قانداق قىلار؟
_ ئاداش ھازىر چايلاردا پەردازخانىلاردا
گىرىم قىلدۇرۇپ « ئېسىل » كىيىم كىيىپ،
تويدا دوختۇرخانىلاردا ھۆسىن ئۆزگەرتىش
ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇپ، كىيىمنى
ئارىيەتكە ئېلىپ كىيىدىغان بوپتۇ، - دېدى
ئىچىمىزدىكى ھەييار دوستىمىز زېھناي.
_ ھۆسىن ئۆزگەرتىش ئوپېراتسىيىسى قىلدا
بىر ھەپتىدە ساقىيامدىكەن؟ _ دەپ قىزىقىپ
سورىدى نېمە مودا بولسا، شۇنى دورايدىغان
بىچارە زېۋەر.
_ ساقايسا قىلامتىڭ ؟ _ سورىدى يەنە
بىرسى.
_ ئەمدى ئاداش بىر نېمە دەپ بولمايدۇ، «
غورا غورىنى كۆرۈپ ئالا بوپتۇ » دېگەندەك،
بۇ قېتىم مېھراي قىلسا، بىزلەرگە كەلگىچە
ئۇ ئىشلارمۇ ئومۇملىشىپ كەتسە قىلماي
ئامال قانچە ؟ . . .
بىز شۇنداق تالاش - تارتىش، مەززىسى يوق
قىزىق گەپلەر بىلەن بىردەم ئولتۇرغاندىن
كېيىن ئۈستەللەرگە قورۇمىلار كېلىشكە
باشلىدى. سوغۇق - ئىسسىق بولۇپ ئون خىل
قورۇما ۋە ئون نەچچە قاتلىما، ھور نان
ئارتۇقچە نېزىقاشسىزلا يېيىلىپ بولدى.
بۈگۈن بۇ قىرىق نەچچە ئۈستەللىك
رېستوراندا باغاق چاي، قوشنىلار چېيى،
خرۇستال چاي، « گىرىم چاي ». يۇرتلۇقلار
چېيى، ساۋاقداشلار چېيى دېگەندەك، چايلار
بىلەن ئوتتۇز نەچچە ئۈستەل ئايال
مېھمانلار بىلەن تولغان بولۇپ، ئاۋۇ
چەتتىكى بىر ئۈستەلدە يەتتە- سەككىز ئەر
مېھماندىن بىرلا ئۈستەل مېھمان ئولتۇراتتى.
قىززىق، ئاياللار شۇنداق كەڭ - كۇشادە ،
ۋارقىرىشىپ، كۈلكىلەر بىلەن ئولتۇرىدۇ.
ئەرلەر خۇددى ئاياللاردىن ھېيىققاندەك
جىمجىت گەپ قىلىشسىمۇ باشلىرىنى يېقىن
قىلىشىپ قۇلاقلىرىغا پىچىرلىشىۋاتقاندەك،
مەن شۇنداق ئويلاپ تۇراتتى.
_ چولپان قارا ئاۋۇ ئايرىمخانىغا ،
يېنىمدىكى ئايشەم مېنى نۇقىدى .
_ نېمە بوپتۇ ؟ مەن بۇرۇلۇپ بىز
ئولتۇرغان ئۈستەلنىڭ ئۇدۇلىدىكى
ئايرىمىانىنىڭ ئىشىكى ئوچۇق تۇراتتى .ئۇ
ئايرىمخانىدا ئورۇنىۋالغان ئىككى تونۇش
ئايال يەنە تونۇمايدىغان بىرنەچچە
ئاياللار بىلەن ئولتۇراتتى .مەن ئايشەمگە
قاراپ :
_ ئۇلار ئايرىمخانىدا سىرتتىن كەلگەن
مېھمانلىرىنى مېھمان قىلىۋېتىپتىغۇ ؟_دېدىم
_ ئۇنى بىلدىم ، ئاداش ئاشۇنداق يوغان
ياغلىقنى چىگىپ ،ئۇزۇن كۆڭلەكنى كىيىگەن
ئادەم ،ئۆيىدە نامىزىنى ئوقۇماي،
رېستۇراندا نېمە بار دەيمەندە! _
ئايشەمنىڭ گېپىگە قوشۇلۇپلا مەرۋان
سۆزلىدى :
_ شۇ ئەمەسمۇ ، بىرنەرسە قېرىسا بۈۋۈم
بوپتۇ ، قىماۋاز قېرىسا ئىمام بوپتۇ
دېگەندەك بۇ مەريەممۇ بۇلتۇرلاردا تېىخى
ئويۇننىڭ قېپى يېرىپ يۈرەتتىغۇ ؟ ئەمدى
بىردەمدىلا ئىسلامچە دەمدۇ ، ئىمان ئېتتى
دەمدىكەن بىرنېمە دېگەنلەركەن بۇ !
_ۋاي شۇ ئويناپ كۈنۈپ قالغاندىكىن يەنە
مېھرىنى ئۈزەلمەي رېستۇراننىڭ
ئايرىمخانىسىدا ئولتۇرۇپتۇدە ...
_ سىلەرچە ئۇلار مەڭگۈ شۇنداق ئويناپ
ئۆتىۋەرسە بولامتى؟ ئوينىسا ئېرىڭلاردىن
كۈنلەپ ،بۇزۇق دېسەڭلار ، توغرا يولنى
تاپسا يەنە چىدىمىساڭلار ، ئەمدى قانداق
قىلسا بولار ؟ ئۇلارمۇ ئادەم ، پەرىشتە
ئەمەس نۇقسانسىز بولىدىغان ، رېستۇرانغا كىرگەن
بولسا يە بىلمەستىن كىرىپ قالغاندۇ يە، ئۇ
سىرتتىن كەلگەن مېھمانلىرىنى مېھمان قىلىش
ئۈچۈن ئامالسىز كىرگەندۇ ؟ ئۇلار قانداقلا
بولمىسۇن ئەۋرەتلىرىنى يېپىپ ھايا بىلەن
كىرىپتۇ ، بىزچۇ؟ يالاڭباش ، كالتە يەڭ ،
مەيدىلىرىمىز ئوچۇق ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ
غەيۋىتىنى قىلساق گۇناھنىڭ ئۈستىگە گۇناھ
قىلمايلى -دوستەكلەر -دېدىم سەل قايناپ .
_ ياق، ئەمدى دەيمەن ئىسلامدا
ماڭغاندىكىن توغرا ماڭسۇن دەيمىنا؟-ئايشەم
ماڭا دومسايغاندەك قارىدى
_ ئىسلامنى ئۇنچىلىك چۈشەنگەن ئادەم سەن
نېمىشقا ماڭمايسەن ؟ سېنى ئاللاھ
ياراتمىغانمۇ ؟ قىيامەت كۈنى ساڭا سوراق
يوقمىكەن ؟ بىز ھەرقانداق ئىشنى تەۋسىيە
قىلىشتا ئاۋۋال ئۆزۈمىز ئورۇنداپ ئاندىن
باشقىلارنى بۇ ئىشقا چاقىرساق بولىدۇ .بىز
ئۆزۈمىز ماڭالمىغاندىكىن ، ئۆزۈمىزنى
بىلەيلى باشقىلارنى كولىمايلى .- مەن يەنە
نېمىلەرنى دەيتتىمكىن گۇلناز كۆڭۈلسىزلىك
بولمىسۇن دېدىمۇ گەپنى باشقا يەرگە
بۇرىۋەتتى .
_ ھەي ئاۋۇ ئەرلەرگە نېمە باركەن بۇ
رېستوراندا ، - دېدى بىرسى.
_ شۇ ئەمەسمۇ ئۆيىدە بالىلىرىنى باقماي،
خوتۇن كىشىنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالغىنىنى. .
.
_ ھەقاچان چىرايلىق چوكانلارنىڭ
ئويۇنلىرىنى كۆرۈپ كۆزىنىڭ پىتىنى
ئۆلتۈرگىلى كەلگەن بويتاقلاردۇر تايىنلىق
. . .
ۋەيت . . . ، _ چوكانلار قاقاقلىشىپ
كۈلۈشتى.
_ ماۋۇ ئىچىمىزدىكى تۇل چوكانلارغا
تونۇشتۇرۇپ قويامدۇق - يە؟
_ ھەي ھازىرقى ئەرلەرچۇ ئايال ئالماقچى
بولسا ، بۇرۇنقىدەك ياخشى ئايالمىكەن،
نېمە بولۇپ تۇل قاپتىكەن دەپ سورىماي،
نېمە خىزمىتى بار؟ نەچچە مائاش ئالىدۇ؟
بانكىدا قانچىلىىك پۇلى بار دەپ
سورايدىغان تۇرسا، ئەرگە تېگىپ نېمە
قىلىدۇ، ھۆكۈمەت بېرىۋاتقان مائاشىمىز دېگەن
ئەر !
_ شۇ ئەمەسمۇ، بۇنداق چۆگەي ئەرلەردىن
شۇ مائاشىمىز ياخشى، ۋەيت ! ! . . .
يېنىمىزدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان بىر
ئۈستەللىك داڭدار چوكانلار چەينەككە
دەملىۋالغان چايلىرىنىڭ كۈچى بىلەن بەس -
بەستە شاڭخوغا چۈشكەنىدى.
رېستوراندىن ئۇزاپ چىقىپ « بىزنىڭ
قىزلار » دىن ئۆيلىرى يىراقلىرى ئاپتوبوس
بىلەن كېتىشتى. قالغان نەچچىمىز ھاۋا بەك
ياخشىكەن، يېگەن تاماقلىرىمىزنى سىڭدۈرگەچ
بىردەم پاراڭلىشىپ ماڭايلى، دېيىشىپ ئاستا
مېڭىشتۇق.
_ ھەي سائەت تېخى سەككىز بولماپتۇ،
مۇشۇنداق بالدۇر ئۆيگە بېرىۋېلىپ نېمە
قىلارمىز؟ بىر يەردە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشساق
بوپتىكەن - دېدى ئايشەم ئۆز ئۆيى تەرەپكە
ئايرىلىپ، ماڭىدىغان دوقمۇشقا كەلگەندە
بىزگە قاراپ ئايرىلغۇسى كەلمەي.
_ ئەجەپ كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلدىڭ، چۈشتە
ئېرىم بىلەن سوقۇشۇپ قالغانتىم، مېنىڭمۇ
ئۆيگە بالدۇر قايتقۇم يوق، بولسا شۇنداق
قىلايلى _ دېدى گۈلنازمۇ دەرھاللا
ئايشەمنىڭ تەكلىپىنى قۇۋۋەتلەپ.
_ بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ ئولتۇرايلى، -
دېدى مەرۋانە. ھەممىمىز ئۇنىڭغا ئېرىڭچۇ ؟
دېگەن مەنىدە قاراشتۇق.
_ ئۆيدە ئۇ يوق، يولغا چىقىپ كەتتى.
_ بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ ئولتۇرايلى دېدى
مەرۋان.
بىز مەرۋاننىڭ چىرايلىق بېزەلگەن ئازادە
مېھمانخانىسىدا ئۆزىمىزنى تاشلاپ ئولتۇرۇپ،
ئۇزاق، ئۇزاق كۆرۈشمىگەن دوستلاردەك
پاراڭغا چۈشتۇق.
ئۈستەلگە قىزىرىپ پىشقان نان بىلەن
ئىككى خىل قورۇما قورۇپ كىرگەن مەرۋان چاي
قويۇۋېتىپ:
_ خانىملار، ئادەم ئالدايدىغان تاتلىق -
پاتلىقلارنى تىزمىدىم. بۈگۈن ھەممىمىزنىڭ
ئىچىمىز توشۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ، شۇڭا
مۇشۇ ئاچچىق - چۈچۈك قورۇمىلارنى زاكوسكا
قىلىپ . . .
ئۇ بىزگە قاراپ ھەييارلىق بىلەن ھىجايدى.
. .
_ ۋاي ئاداش، ئادەمنى بەكلا چۈشىنىسەن
جۇمۇ؟
داۋامى (3)
_ قۇيە ،مەن بۈگۈن راسا بىر مەس بولۇپ
باقايچۇ ؟_دېدى ئايشەم .
_مېنىڭمۇ پىغانىم ئۆرلەپ قاپتىكەن ،
ئىچسەك ئىچتۇق !_ گۈلنازمۇ شۇنداق دېگەچ
مۈرىسىدىكى يەلپۈنۈپ تۇرغان چاچلىرىنى
يۆگەپ چازا قىستى . _ سەنچۇ چولپان ؟
_سىلەرنىڭ دەردىڭلارنى ئاڭلايدىغانغا
ئادەم كېرەك ئەمەسما ؟مەن ئاڭلاي _دېدىم
ئېغىر ئۇھ تارتىپ .
_سەن بىزنىڭ دەردىمىزنى ئاڭلاي دەيسەنۇ
، بىراق ئۆزۈڭ نەچچە ھەسسە دەرتمەن
كۆرۈنىسەن !_دېدى مەرۋان .
_بۇنىڭ نېمە دەردى بولار ؟ئۇرۇپ
سوقىۋالغاندەك يۇۋاش ھەم ھوقۇقدار ئېرى
تۇرسا ، ئىسىل داچىدەك ئۆيى ، نەگ باراي
دېسە ماشىنىسى ، نەگە باردىڭ نەدە
تۇردۇڭدېمىسە ، ئېرىنى تىزگىنەكتەك
باشقۇرىۋاتسا ...
_ ۋاي دوستەكلەر ، شۇ تېزگىنەكتەك
باشقۇرىلىدىغان ئەرنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق
دەردى بار مەن بەزىدە ئوقۇمىغان دۆت ئايال
بولۇپ قالسامچۇ ؟ دەپ ئويلايمەن !...
_ بىزگە ئوخشاش بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان
ۋاتىلداق خوتۇن بولۇشنى خالامسەن ؟_دېدى
... ھا...ھا...ھا..دەپ كۈلۈپ :
_مەرۋان ، قۇيە ھارىقىڭنى ئاۋۋال
ئىچىۋېلىپ ، ئاندىن مۇڭدىشايلى -دېدى .
مەرۋان ئانار رەڭگىدىكى قىپ-قىزىل
سۇيۇقلۇقنى خرۇستال رۇمكىلارغا قۇيۇشقا
باشلىدى .
_ بىرىنچى رۇمكىنى نېمە ئۈچۈن ئىچىمىز
؟
_ھەممىمىزنىڭ ھەممىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن
خوشاللىقى ئۈچۈن كۆتۈرەيلى !
_ خوشە!خرۇستال رۇمكىلارنىڭ بىر-بىرىگە
تەككەندىكى جىرىڭلىغان ئاۋازلىرى ناھايىتى
سۈزۈك ئاڭلاندى .
رومكىلار ئۈچ رەت ئايلانغاندىن كېيىن
ئايشەم سۆز باشلىدى :
_ ئاداشلار سىلەر بىلمەيسىلەر مەن ئەرگە
تەگمىگەن خوتۇن ئالغان ، تالانىڭمۇ
ئۆينىڭمۇ ئىشىغا ئۆزۈم چاپىمەن ،ئۇ
قاچانلا قارىساڭلار مەست يۈرگەن ، يەنە
تېخى گەپ يۇغان ...بۇ ھاراقكەشتىن خويمۇ
تويدۇم . نېمانچە شور پىشانىدۇرمەن ؟!ھەممە
گەپنى سىلەرگە دەپ بولالمايمەن ... ئايشەم
قولىدىكى رۇمكىنىئويناپ ئولتۇرۇپ
يىغلامسىرىغاندەك سۆزلەيتتى .
_ ئاداش سەن يەنە شۈكۈر قىلغىن ، سېنىڭ
ئېرىڭغۇ ھاراق ئىچسىمۇ ، يەنە دەتتىكام
دەپ ئاتمايدىغاندۇ ؟مېنىڭ ئاتمايدىغۇ؟
مېنىڭ ئېرىم بىر قېتىمدىلا قىرىق مىڭنى
ئۇتتۇرۇۋېتىپ، ئۈچ يىل بولدى، مائاش
قەغىزى خەقتە، قەرزگە ئىشلەۋاتىدۇ. مەن
بىر مائاشىم بىلەن ئۇنى ئىككى بالامغا
قوشۇپ بېقىۋاتىمەن، - دېدى زېھنايمۇ
خىيالغا پاتقان ھالدا. ئۇ ھاراق ئىچسە
شۇنداق ئېغىر - بېسىق بولۇپ كېتەتتى.
_ سىلەرنىڭ دەردىڭلار ، مېنىڭ دەردىمگە
ياماقمۇ بولالمىغۇدەك « دېسەم گەپ بولىدۇ،
دېمىسەم دەرد » ، قۇيە ئاداش ھارىقىڭنى .
. . گۈلناز كۈلكىگىمۇ، يىغىغىمۇ
ئوخشىمايدىغان بىر قىياپەتتە قۇرۇق
رومكىسىنى مەرۋانغا تەڭلىدى.
_ سەن بولدى قىلامسەنكىن گۈلناز،
چىرايىڭغا بەكلا چىقىپ كېتىپتۇ ، - دېدى
مەرۋان گۈلنازنىڭ رومكىسىغا قىزىل
سۇيۇقلۇقنى قۇيغاچ.
_ مېنىڭ ناخشا ئېيتقۇم كېلىۋاتىدۇ،
مەرۋان دۇتىرىڭنى ئاچىقە ! - دېدى گۈلناز
مەرۋانغا قاراپ.
_ مانا ئەمدى سورۇنىمىز قىزىيدىغان
بولدى. چالە ئاداش، ماڭا سېنىڭ ناخشاڭدىن
باشقىسى كېرەك ئەمەس، - دېدىم مەرۋاننىڭ
ئېسىقلىق دۇتىرىنى ئۆزۈم گۈلنازغا سۇنغاچ.
گۈلناز قولۇمدىن دۇتارنى ئېلىپ، بىردەم
تىرىڭشىتىپ تەڭشىۋالغاندىن كېيىن، ئاپئاق
لەغمەن جىزىسىدەك نازۇك بارماقلىرىنى
دۇتارنىڭ تارىسىغا ئۇرۇۋېدى، ئۇنىڭ
بارماقلىرى دۇتارنىڭ تارىسىغا ئەمەس،
مېنىڭ يۈرەك تارلىرىمغا تەگكەندەك،
يۈرەكلىرىم يېنىك تىتىرەشكە، ئارقىدىن
ئېسەدەشكە باشلىدى. مېنىڭ يۈرۈكىمنىڭ
ئېسەدەشلىرىنى مۇنۇ دۇتتارنىڭ ئېغىر
دەردلىك ساداسى، گۈلنازنىڭ يىغلىغاندەك
ئېيتىۋاتقان مۇڭلۇق نىداسى بېسىۋالدى.
ھاراق ئىچىدۇ دەيدۇ،
تاماكا چېكىدۇ دەيدۇ.
ھەركىم ھەر نېمە دەيدۇ،
دەرد كەلگەننى بىلمەيدۇ.
باغ ئارىلاپ شامال كەلدى،
تاغ ئارىلاپ بوران كەلدى.
ئاچ ئانا ئىشىكىڭنى،
دەردى بار قىزىڭ كەلدى.
شۇئان رەھمەتلىك ئانام ئېسىمگە كەلدى.
ئاتا - ئانا دېگەن ئادەمگە مەقسەتسىز
كۆيۈنىدىكەن، ئاتا - ئانىدىن كېيىن
ھەرقانچە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭ بولسىمۇ،
ئاتا - ئاناڭغا ئەركىلىگەندەك
ئەركىلىيەلمەيدىكەنسەن، شۇتاپتا ئانام
بولغان بولسا ئاشۇ دوزاخ ئۆيگە، ھېلىقى
ئون يىل بىر قازاندا قايناتسىمۇ قېنىمىز
قوشۇلمايدىغان ئاۋۇ ئەر بار ئۆيگە بارماي،
ئۇدۇل ئانامنىڭ يېنىغا كېتىپ قۇچىقىغا
ئۆزۈمنى ئېتىپ بىر يىغلىۋالغان بولسام . .
. مەن دۇتار بىلەن ناخشا ئاڭلىساملا
بالىلىق چاغلىرىمنى ئېسىمگە ئالىمەن.
ھەيرانمەن، شۇ بالىلىق چاغلىرىمدا ئاپام
ئېلىپ بارغان تويلاردا دۇتار ئاڭلىشاممۇ
يىغلىغۇم كېلەتتى. ئۆزۈمچە مىسكىنلىشىپ
كېتەتتىم. مانا ئەمدى يېشىم چوڭىيىپ، دەرد
- ئەلەملەرنى يەتكىچە تارتىۋاتقان ھازىرمۇ
دۇتارنى ئاڭلىسام خۇددى دەردى ئىچىمگە
پاتمىغان ئادەم ئاۋازىنى چىقىرىپ ھازى
ئېچىپ يىغلىۋالغاندەك، باشتا پىغانلىرىم
ئۆرلەپ ئاخىرىدا يېنىكلىشىپ قالىمەن.
دۇتارنىڭ شىپپىدە توختىشى بىلەن مېنىڭ
خىياللىرىممۇ ئۈزۈلدى. مەن گۈلنازغا
قارىدىم. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تۆكۈلگەن
ياشلار ئاللىقاچان يۈزلىرىنى بويلاپ
تامچىۋاتاتتى. دۇتارنى قۇچاغلاپ ئولتۇرۇپ
مەرۋانغا سۆزلەۋاتاتتى.
_ سەن بىلمەيسەن مەرۋان، مېنىڭ يۈرىكىم
مۇشۇ رومكىدىكى ھارىقىڭدەك قان - زەرداپقا
تولدى . . . مەن بەك چىداملىق ئايال جۇمۇ
. . . بىلەمسىلەر ، مەن باتۇر ئايال . . .
سىلەر بىلىسىلەر . . . بىراق ماڭا
دېمەپسىلەر . . . بۇ سىلەرنىڭ
دوستلۇقىڭلارمۇ ياكى . . . بىلمىدىم . . .
_ گۈلناز قولىغا رومكىنى ئېلىپ ھاراقنى
گۈپپىدە كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن يۈزلىرىنى
توسىغىنىچە ئىسەدەشكە باشلىدى.
_ گۈلناز سەن مەست بولۇپ قالدىڭ، بىردەم
يېتىۋالامسەن ؟
_ ياق، مەن ھازىر ھەقىقىي ئادەم بولدۇم.
سىلەرگە نەچچە ۋاقىتتىن بېرى يۈرۈكىمنى
يەپ كېلىۋاتقان دەردلىرىمنى نومۇسنى
قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ دېيەلمىدىم . . .
سىلەرچۇ؟ سىلەر ئادەم ئەمەس، دوستۇممۇ
ئەمەس، تاماشالىرىمنى كۆرۈشتۈڭ! مېنى
قانداق قىلاركىن دەپ سۈكۈت قىلىشتىڭ! ئۇ
ئۆزىنى سافاغا تاشلاپ يىغلاشقا باشلىدى.
ئۇنىڭ يىغىسى مېنىڭ يۈرۈكىمنى پارا- پارە
قىلىۋەتتى. كۆزلىرىمدىن تۆكۈلگەن ياش
يۈزلىرىمنى يۇيۇشقا باشلىدى. مەنلا ئەمەس
، ئۇلارمۇ ئۈنسىز ياش تۆكۈۋاتاتتى.
_ سەن بىزنى ئازابلانمىدى دەۋاتامسەن،
ئاداش؟ بىز سەندىن بۇرۇنلا بۇ ئىشنى
بىلگەندە ئازابلانغان، بىراق راستىنلا
ساڭا دېيىشكە پېتىنالمىدۇق ھەم فۇرقەتنى
تۈزۈلۈپ كېتەر، دەپ كۈتتۇق.
_ سەن ئېرىڭگە خۇداغا ئىشەنگەندەك
ئىشىنىدىغان تۇرساڭ، ساڭا قانداقمۇ ئۇ
گەپنى دېيەلەيمىز؟ ! جېنىم ئاداش، ئايشەم
شۇنداق دەپ گۈلنازنىڭ چاچلىرىنى سىلاپ
ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ يىغلاشقا باشلىدى.
ئۇلارغا قاراپ ئېزىلىپ ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز
ئاخشامقى قوشنامنىڭ قىلىقلىرى ئېسىمگە
كېلىپ قالدى. دەرھال مەرۋاننىڭ قۇيۇۋاتقان
بوتۇلكىسىغا قارىدىم.
_ ئەجەپ قاراپ كەتتىڭغۇ؟
_ قۇيۇۋاتقىنىڭ نېمە ؟
_ ۋېيلۇڭ، . . ئاران ئون بىر گرادۇسلۇق.
. .مەرۋان ئاستا قۇلىقىمغا پىچىرلىدى :
_ ئۇنىڭدىن كۈچلۈكرەكىنى ئىچكۈڭ بارمىدى
يا ؟
_ خۇدايا توۋا دېگىن. . .
_ مەن ئۇلارغا بوزەك بولماي، ئۆچ ئالاي
دەيمەن. چولپان سەن ماڭا بىر پارچە ئەرز
يېزىپ بەرگىن- گۈلنازنىڭ مەستلىك ھە
يىغىدىن قىزىرىپ خۇمارلىشىپ كەتكەن
قاپقارا كىرپىكلىرى ئارىسىدىكى كۆك
كۆزلىرىگە قارىدىم.
_ گۈلناز سەن فۇرقەتتىن ئاجراشماقچىمۇ؟
_ ياق!
_ ئەمىسە نېمىشقا ئەرز يازىسەن؟!
_ مەن ئۇلارنى خەلقئالەم ئالدىدا رەسۋا
قىلماقچى . . .
ئاندىن ئۇ خوتۇندىن فۇرقەتنى
تارتىۋالماقچى.
_ فۇرقەتتىن مېھرىڭنى ئۈزەلمەيدىغان،
ئائىلەڭنى ساقلاپ قالىدىغان يېرىڭ بولسا،
ئۇلارنى ئەرز قىلما! قۇلىقىڭنى گفز،
كۆزۈڭنى قارىغۇ قىلىپ، ئەڭ ۋاپادارلىقىڭ،
ئەپۇۋانلىقىڭ بىلەن تۇرمۇشۇڭنى
داۋاملاشتۇر، شۇنداق قىلساڭ فۇرقەت ھامان
سېنىڭ يېنىڭغا قايتىپ كېلىدۇ.
_ غورورۇمنى مۇشۇنچىلىك دەپسەندە
قىلغىنىممۇ يېتەر . . . مەن ئۇنداق گۆش
باش ئەمەس.
_ ئېرىمنى باشقا بىر خوتۇن يەنە كېلىپ
ئۆزىدىن ئون ياش چوڭ خوتۇن تارتىۋالماقچى
دەپ سوتلاردا ئەرز قىلىپ يۈرۈش ساڭا نومۇس
ئەمەسمۇ؟ . . . غورۇرۇڭ كۆتۈرەمدۇ؟
مېنىڭچە ئېرىڭنىڭ مۇشۇ يولغا مېڭىشىدا
سېنىڭمۇ سەۋەنلىكىڭ بار ، - دېدىم
داۋامى
(4)
--- چولپان سەن دوستۇم ئەمەسكەنسەن ، خەپ
سېنىڭ ئېرىڭنىڭ بۇزۇلمىغىنىنى كۆرەرمەن ،
--- دىدى گۈلناز قوللىرىنى پىشانەمگە
نوقۇپ تۇرۇپ .
--- گۈلناز سەن مەست بولۇپ قالدىڭ ، سەن
ئەتىگىچە ياخشىراق ئويلان ، چولپاننىڭ
گېپىنىڭ ئاساسى باردەك تۇرىدۇ ، ---
مەرۋان رۇمكىغا ھاراق قويۇۋېتىپ شۇنداق
دىدى .
---مەرۋان ، سەن مېنىڭ ئالدىمدا ئاز سۆزلە
، مەنمۇ ساڭا ئوخشاش كۆڭلۈمنى تالادا خوش
قىلىپ يۈرسەم ياخشى بولامتى ؟ ! مەن
سەندىن نەپرەتلىنىمەن ، سەن ئەڭ خەتەرلىك
خوتۇن بولۇپ كەتتىڭ ...
--- شۇنداق ، سىلەر مەندىن
نەپرەتلەنسەڭلار بولىدۇ . چۈنكى مەن ئۆيدە
ئېرى ، تالادا ئاشنىسى بار خوتۇن ! بىراق
نىمىشقا مۇشۇنداق بولۇپ قالدىم ؟ قايسىڭ
بىلىسەن ؟ سېنىڭغۇ ئېرىڭ ئۆزىدىن ئون ياش
چوڭ پۇلى بار سودىگەر خوتۇن بىلەن
تېپىشىۋاپتۇ ، بۇنى ئاڭلىغىنىڭىزغا ساراڭ
بولاي دەپسەن ، مېنىڭ ئىرىم بەش يىلنىڭ
ئالدىدا بىر خەنزۇ قىزدىن بالا تېپىپ
قويۇپ ، ئۇ خەنزۇ قىزغا ئون مىڭ يۈئەن
تۆلەم تۆلەپ ، بالىسىنى ئالغۇزۇپ ئېرىمنى
قوتقۇزۇپ قالغىنىمنى بىلىشەمتىڭ ؟ !
نىمىشقا شۇنداق بولۇپ قالدىم ؟ ئاشۇ بىر
تال قىزىمنىڭ كەلگۈسى بەختى ... ئون
يىللىق ئائىلىمىزنى ساقلاپ قېلىش ...
قېرىپ قالغان ئاتا - ئانىمىزنى ئاياش ...
جەمىيەتتە سۆز - چۆچەك قىلىشتىن نومۇس
قىلىپ ... بىراق ، بۇ ئېتىقادى يوق ئەردىن
كۆڭلۈم سۇ ئىچمىدى ، بارغانسېرى
يىراقلىشىپ كەتتۇق . كۆرۈنۈشتە بىز
ناھايىتى ئىناق ، ئەمىلىيەتتە بىز ياخشى
ئۆتىۋاتقان قوشنىلار ...
مەرۋان ناھايىتى ھوزۇرلىنىپ
سۆزلەۋاتقاندەك بىخارامان ئولتۇراتتى .
--- مېنىڭ ئېرىم ھاراق ئىچسىمۇ يەنە
ياخشىكەن جۇمۇ ، شۈكۈر قىلاي ، --- ئايشەم
شۇنداق دەپ ھەممىمىزگە تەكشى قارىۋالدى .
--- ئاداش مېنىڭ ئېرىممۇ قىماردا
ئۇتتۇرۋەتكەن بولسىمۇ بىراق تالادا ئادىمى
يوق ، شۈكۈر دەي جۇمۇ ؟ دىدى --- زېھنايمۇ
سەل ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ .
--- مەنمۇ دىلشاتتىن بەزىدە تەسىرلىنىپ
قالىمەن . كېچىلىرى مەھەللىگە مەست كېلىپ
، ئۆيگە تېلىفۇن قىلسام پەسكە چۈشۈپ مېنى
يۆلەپ تۆتىنچى قەۋەتكە ئېلىپ چىقىدۇ .
قۇسسام قۇسۇقلىرىمغا قاچا تۇتىدۇ ،
كېچىلىرى ئۇسساپ كەتتىم ، دەپ توۋلىسام
ناۋات سېلىپ تەييارلاپ قويغان سوغۇق
چايلارنى ئەپكېلىپ ئىچكۈزىدۇ .
مەرۋانمۇ ناھايىتى مەمنۇنلۇق تۇيغۇسىدا
ماختىنىۋاتاتتى . سائىتىمگە قارىسام ئون
بىردىن ئېشىپتۇ .
--- ئاداشلار ئۆزىمىزنى ئاقلاپ ئېرىمىزنى
ماختاپمۇ بولدۇق ، ئەمدى ئىچىمىزمۇ
بوشىغاندۇ قايتامدۇق ؟ ! -- دىدىم ئۇلارغا
.
ئايدىڭ كېچە، ئېغىر قەدەملەر بىلەن
ئۆيۈمگە كېتىۋاتىمەن .
خىيالىمدا ئۇنىڭغا : << سەن بىر چاغدا ،
سەن مېنىڭ كىملىكىمنى بىلمەيۋاتىسەن ،
ئەتراپىڭدا پەرۋانە بولۇپ يۈرگەن نەچچە
يىگىتنى يۇغۇرساڭمۇ ، مەندەك سۇباتتىن
بىرسى چىقمايدۇ . دىگەندە سېنى تولا پو
ئاتمىغىنە دىگىنىم ئېسىڭدىمۇ ؟ بۈگۈن
مېنىڭ ساڭا شۇنداق پو ئاتقۇم كېلىۋاتىدۇ .
بۈگۈنكى سورۇندىكى بۇ چوكانلارنى
يۇغۇرسىمۇ مەندەك چولپاننىڭ يېرىمىمۇ
چىقمىغۇدەك ... مۇھەببەت - نەپرەت ،
ئېتىقات مەيدانى مۇستەھكەم بولمىغان
ئادەملەر شۇنداق بولامدۇ -يا ؟ >> مەن
خىيالىمدا ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ
كېلىۋاتىمەن ، كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام ،
ئۆيگە قايتقۇم يوق ، ھەيرانمەن ، نەچچە
سائەتتىن بېرى ئەرلىرى ئۈستىدىن يىغلاپ
شىكايەت قىلغان دوستلىرىم ئۆيىگە ،
ئەرلىرىنىڭ يېنىغا ئالدىراش تاكسى توسۇپ
كېتىشتى . ئەمما ئۇلارنىڭ دەردىنى تىڭشاپ
ئولتۇرغان خاتىرجەم ئائىلەم ، لاياقەتلىك
ئېرىم بولغان مەن دوستلىرىمنى ئۇزۇتۇپ
قويۇپ ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان سىمونت يولدا
يالغۇز كېتىۋېتىپ ، ئۆيۈمنىڭ مەن
ماڭغانسېرى يىراقلاپ كېتىشىنى تىلەۋاتىمەن
. ئىشىككە ئاچقۇچۇمنى سېلىپ ئېچىپ ئۆيگە
كىرگىنىمدە ، ئىشىكتىن كىرگەندىلا ، ئۇدۇل
كۆرىنىدىغان خۇرۇم سافادا ئۇ ئوڭدىسىغا
يېتىپ تېلىۋېزور كۆرۈۋېتىپتۇ .
--- بىر يەردە تازا ئىچىشكەن
ئوخشىمامسىلەر ؟
مەن ئۇدۇلۇمدىكى سافادا پوشكال خېمىرىدەك
ساقىپ ياتقان مۇرادقا لەپپىدى قارىدىم .
ئۇنىڭ نۇرسىز كۆزلىرى ماڭا ئىپادىسىز
تىكىلىپ تۇراتتى .
--- ئاچچىقىڭىز كەلدىمۇ ؟
--- ياقەي ، سوراپ قويدۇم ، ھازىر ئىچىشنى
بىلمىگەن ئاياللار ياشاشنى بىلمىگەن
ھىساپلىنىدۇ .
ئۇنىڭ يېقىمسىز ئاھاڭدا سۆزلىگەن لاۋزا
گەپلىرى كەيپىمنى ئۇچۇردى .
--- سىزمۇ شۇنداق قارامسىز ؟
---سىز خەلقئارالىق ئاڭغا ئىگە مەندەك
ئېرىڭىزنىڭ بولغىنىدىن پەخىرلەنسىڭىز
بولىدۇ .
مەن ئۇنىڭغا قارىغىنىمچە بىر ھازا تۇرۇپ
كەتتىم .
--- قانداق ، مەن پەخىرلىنىشىڭىزگە
ئەرزىمدىكەنمەن ؟
ئۇنىڭ قايتىلاپ سورىغان سۇئاللىرىدىن
خۇددى جوڭيى دورىسى ئىچكەندەك سەسكىنىپ
كەتتىم .
--- سىلەردەك ئەرلەرنىڭ قولىغا قالغان بىز
ئاياللارنىڭ كېلەچەگى قانداق بولار ؟ ---
دىدىم ئەلەم بىلەن .
--- بىزدەك ئەرلەرنىڭ قولىدا ئۆزىڭىز
ئاسىيادا تۇرۇپ ياۋروپالىقتەك
ياشاۋاتقانسىز ؟ ! --- دىدى ئۇ ساپادىن
لىككىدە تۇرۇپ مەغرۇرانە قىياپەتتە .
--- بىردەم كۆزۈمگە كۆرۈنمىسڭىز
بولۇپتىكەن ؟ ! --- دەۋەتتىم ئاخىرى ئۇنىڭ
بىلەن گەپ تالاشقىم كەلمەي .
--- بولىدۇ ، مەن كۆزىڭىزدىن بىردەم
يوقىلاي . ئەمما ھېلىلا ئۆز پۇتىڭىز بىلەن
يېنىمغا كىرىسىز ... ئۇ شۇنداق دىگەچ
ساپما كەشىنى شىپىلداتقىنىچە ياتاق ئۆيگە
كىرىپ كەتتى .
ئۇنىڭ ناھايىتى ئىشەنچ بىلەن دىگەن
ئاخىرقى سۆزلىرى مېنىڭ جاراھەتلىك
قەلبىمنى تۇز سۈيى قۇيغاندەك ئېچىشتۇردى .
ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم . بالكونغا چىقىپ
ئوچۇق دەرىزىلەردىن ئاسمانغا قارىدىم .
ئاي ماڭا مۇلايىم جىلۋىلىنىپ قاراپ
تۇراتتى . يۇلتۇزلار بولسا ئاينىڭ
ئەتراپىدا خۇددى غەمسىز بالىلاردەك
جىمىرلىشىپ تۇراتتى . شۇئان ئېسىمگە بىر
ناخشا كەلدى
كىچىگىمدىن يۇلتۇزۇمنى ئىزدەيتتىم ،
ھەر ئاخشىمى تەلمۈرۈپ مەن ئاسمانغا .
تاپالمىدىم ، توۋا دەيمەن بەختىمنى ،
مېنىڭ بەختىم نىمە قىلسۇن ئاسماندا .
تۇيۇقسىز ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان
چاغلىرىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى . كېچە
سائەت ئون بولىشى بىلەن ياتاقلارنىڭ توكى
بىردەك ئۆچۈرۈلەتتى . ئۇيقۇمىز قاچقان
كۈنلىرى بىز كارۋاتلىرىمىزدا ئوڭدا
يېتىۋېلىپ ، ناخشا ئېيتىشاتتۇق . ناخشىنى
زۇمرەت بىلەن چىمەنگۈل ياخشى ئېيتاتتى .
بىز ئۇلارغا ئەگىشەتتۇق . شۇ تاپتا
ئوقۇغۇچىلىق ھاياتنى ، سۆيۈملىك ياتاقنى
ھەم دوستلىرىمنى شۇنداق سېغىندىمكى ...
--- بۈگۈن ئۇيقۇڭىز كەلمىگۈدەك بىرەر ئىش
بولغانمىدى ؟ --- ئۇنىڭ يېقىمسىز ئاۋازى
خىياللىرىمنى بۆلىۋەتتى . كەينىمگە
قايرىلىپ قارىماستىنلا ، ئۇيقۇم كەلسە
نەچچە ئۆي بىكار تۇرمامدۇ ، غەم قىلماي
ئۇخلاۋېرىڭ ! --- دىدىم قوپاللا ...
--- سىرتتا بىرەرسى باردەكلا كۆزىڭىزنى
سىرتتىن ئۈزەلمەيلا قاپسىزغۇ ؟ --- سۈكۈت
قىلدىم .
--- ھەقاچان بۈگۈن دوستلىرىڭىز بىلەن جەم
بولۇپ ، ئىچىشكەچ كونا يىگىتلىرىڭلارنىڭ
گېپىنى قىلىشقانسىلەر ؟ شۇڭا كونا ئوتلار
تۇتىشىپ ئۆچۈرەلمەيۋاتامسىزكىن دەيمىنا ؟
!
ئارقامغا ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم . ئۇ
كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى . ئۇنىڭ زەھەردەك
ئاچچىق سۆزلىرى يۈرىگىمگە يىڭنىدەك
سانجىلىپ ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشقاندەك
بولۇپ كەتتى . شۇ تاپتا مەن ئۇنىڭ
ئورۇنسىز سېسىق گەپ قىلىشنىڭ ئورنىغا
سىرتتىن يۈزلىرىمنى قىزارتىپ كېچىدە
لەلەڭشىپ كىرگەن چېغىمدىلا : << ئايال
كىشى تۇرۇپ ، يېرىم كېچىگىچە نەگە باردىڭ
؟ ھاراق ئىچكۈچە ئېشەكنىڭ سۈدۈكىنى ئىچسەڭ
بولمامدۇ ؟ >> دەپ تەستىكىمگە نەچچىنى
ئۇرغان بولسىمۇ ، يېنىكلەپ قالغان ھەم
ئۇنىڭ ئەرلىكىدىن مەمننۇن بولغان ، يىغلاپ
تۇرۇپ گۇناھىمنى تۇنۇغان بولار ئىدىم .
ئەمما ، ئۇنىڭدا ئۇنچىلىك ئاڭ ، ئۇنچىلىك
ئېتىقاد نىمە قىلسۇن ؟ مەن قەلبىمدىكى
بارلىق غەزىپىمنى كۆزلىرىمگە يىغىپ ،
ئۇنىڭغا مىقتەك قادىلىپ تۇرۇپ :
---شۇنداق قەلبىمدىكى ئوت لاۋۇلداپ
كۈيىۋاتىدۇ ، ئەركەك بولسىڭىز ئۇ ئوتنى
ئۆزىڭىز ئۆچۈرمەمسىز ؟ --- دىدىم .
ئۇنىڭ چىرايلىرى قارىداپ ، كۆزلىرىدىن
ھىچىنىمىگە ئوخشىمايدىغان ئاجايىپ بىر
ئۇچقۇن چاقنىدى . مەن ئۇنىڭ ئادەمنى بىزار
قىلىدىغان كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ ،
رەھمەتلىك ئانامنىڭ << قىز بالا دىگەن
ئەركىشىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىمايدىغان ،
گەپ ياندۇرمايدىغان ، بولمىسا يامان
بولىدۇ >> دىگەن سۆزىنى ئېسىمگە ئالدىم .
ئىچىمدىلا ئاللاھقا : << ئېھ ! قۇدرىتى
ئۇلۇغ ، ئادەمنى ، ئالەمنى ياراتقان
ئاللاھ ، ئالدىمدىكى مۇنۇ بەندەڭنى ئەرلا
قىلىپ ياراتماي ، ئەركەك قىلغان بولساڭچۇ
ئۇنىڭغا ۋىژدان ، ئېتىقاد ، ئەقىل ،
مۇھەببەت ۋە نەپرەت دىگەندەك ئوغۇل بالا
ئۈچۈن مۇھىم نەرسىلەرنى تولۇق بەرگەن
بولساڭ ، مەنمۇ ھۆرمىتىم بىلەن لەپپىدە
بىر قاراپ ، يەرگە قارىۋالماسمىدىم ؟
ئۇنىڭغا بۇنچە تىكىلىپ قاراشقا قۇربىتىم
يېتەمتى ؟ ! مەيلىم بولامتى ؟ ! ... >>
دەپ نىدا قىلدىم .
ھاياتنىڭ ئۆزگەرمەس رېتىمى بويىچە ، بۈگۈن
شۇنچە روھسىز ئورنۇمدىن تۇرغان بولساممۇ ،
تېزراق بۇ " دوزاق " تىن چىقىپ كېتىشكە
ئالدىردىم . نەچچە يىلدىن بۇيان بولۇپمۇ
مۇشۇ نەچچە ئايدىن بۇيان پۈتۈن ئەقلىم
بىلەن ئويلاۋاتقان تەقدىرىمگە بۈگۈن بىر
كېچە كىرپىك قاقماي ئولتۇرۇپ ، ئۆز
تەغدىرىم ئۈستىدە ئەڭ ئاخىرقى قارارىمنى
چىقىرىپ ، مۇراتتىن ئاجرىشىش ئەرزىمنى
سوتقا تاپشۇردۇم ، ئەركىنلىك نىمە دىگەن
ياخشى - ھە ! ياش چاغلىرىمدا باشقىلارنىڭ
ئۆيلىرىنى " دوزاق " قا ئوخشاتسا ھەيران
قاپتىكەنمەن . توۋا كۆڭۈلسىز تۇرمۇش دىگەن
ھەقىقەتەن قېنىڭنى چىقارماي جېنىڭنى
ئالىدىغان ، قاڭسىق ، ئازاپلىق ، " دوزاق
" كەن ئەمەسمۇ ؟ شۇنداق خىياللار بىلەن
كېتىۋاتسام ، يانفۇنۇم سايرىدى .
--- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
--- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، چولپان
تېنچلىقمۇ سەن ، مەن خەدىچە .
--- خۇداغا شۈكۈر ، ئاداش ئۆزۈڭچۇ ؟
بالىلىرىڭ تېنچلىقمۇ ؟
--- تېنچلىق ئاداش ، مەن ساڭا بىر گەپ
قىلىمەن ، قورقۇپ كەتمىگىن جۇمۇ ؟
--- ئادەمنى ئەنسىرەتمەي تېزراق دىگىنە
نىمە بولدى ؟
--- چىمەن كېسەل بولۇپ يېتىپ قالدى ، سەن
بۈگۈندىن قالماي ، بولسا ھازىرلا يولغا
چىقمىساڭ بولمايدۇ .
--- شۇنچە جىددىمۇ ؟
--- شۇنداق ئاداش ، ئەھۋالى ئېغىر ، ئۇ
سېنى نەچچە قېتىم سورىدى ، بەلكىم ئۇنى
ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈڭ بولۇپ قالارمىكىن ؟
بېشىمدىن بىر چىلەك سۇنى قۇيۇۋەتكەندەك
ئەندىكىپ كەتتىم .
--- نىمە دەيسەن ، مەن ھازىرلا ئىشخانامغا
بېرىپ رۇخسەت سوراپ ماڭاي .
يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاش يولدا مەن ئولتۇرغان
ئاپتوبۇس ئۇچقاندەك كېتىپ بارىدۇ .
شوپۇرنىڭ بېشىنىڭ ئۈستىگىلا ئورنىتىلغان
تېلىۋېزوردا كۆڭۈلنى ئېلىشتۇرغىدەك گۇمپا
- گۇمپاڭ مۇشلىشىدىغان فىلىم قويۇلىۋاتىدۇ
. مەن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمۇپ چىمەن
توغرىسىدا ئويلاۋاتىمەن .
--- سىزمۇ مۇشۇ سىنىپتىمۇ ؟
مەن كەينىمگە ئۆرۈلۈپ يېقىملىق ئاۋاز
چىققان تەرەپكە قارىدىم . تەبىئى بۈدرە
بولسا كېرەك ، ئىككى تال ئۆرۈۋالغان
چاچلىرى تولغىشىپ دولىسىغا چۈشۈپ تۇرغان ،
بېشىغا ھال رەڭ گاز ياغلىق چېگىپ ،
ئۇچىسىغا تەنتەربىيە كىيىمى كىيىپ ،
مەيدىسىدە شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى دىگەن
ئىزنەك تاقىۋالغان ، غۇنچە بوي چىرايلىق
بولغاندىمۇ ئاجايىپ چىرايلىق بىر قىز ماڭا
تاتلىق تەبەسسۈم قىلىپ تۇراتتى .
--- ھەئە ، مەنمۇ مۇشۇ سىنىپتا .
--- سىزنىڭ ئىسمىڭىز نىمە ؟ نەلىك ؟
--- مەن مايتاغلىق ، ئىسمىم چولپان .
--- مەن خوتەن شەھەر ئىچىدىن ، ئىسمىم
چىمەنگۈل .
--- مەن سىزنىڭ تەلەپپۇزىڭىزدىنلا
خوتەنلىك ئىكەنلىكىڭىزنى بىلگەنتىم .
--- مەن سىزنى ئۈرۈمچىلىكمىكىن دەپ
قاپتىمەن .
بىز ئالى مەكتەپنىڭ بوسۇغىسىدىلا شۇنداق
تونۇشقان ئىدۇق . ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر زېھنى
، تىرىشچانلىقى ھەم خۇش ئاۋازى ،
چىقىشقاقلىقى بىلەن سىنىپتىلا ئەمەس
فاكۇلتېتلاردىمۇ تېزلا تونۇلۇپ كەتكەن
ئىدى . ئۇ دۇتتار چېلىپ ناخشا ئېيتىدىغان
بولسا ئوغۇللارنىلا ئەمەس بىز قىزلارنىمۇ
نادامەت چەكتۈرۈپ قوياتتى .
--- يائاللا چىمەنگۈل ، ئوغۇل بالا بولغان
بولسام چوقۇم سېنى ئالاتتىم ! --- دەپ
چاقچاق قىلاتتى خەدىچە .
--- خەپ چىمەن مەن سېنى ئىنىمغا ئېلىپ
بېرىپ كېلىن قىلىۋالمايدىغان بولسام ، ---
دەيتتىم مەنمۇ ئۇنىڭغا ھەۋىسىم كېلىپ ...
--- ئاداش ئىنىڭ كىچىك تۇرسا مەيلىما ؟
مايتاغلىقنىڭغۇ پۇلى جىق كەتسەم كەتتىم !
-- دەيتتى ئۇمۇ چاقچاق قىلىپ .
--- ھەي سىلەر ئاڭلىمىغانمۇ ، << سەتنىڭ
قىلىقى سەت >> دەپ ، ئاجايىپ ۋاپادار
ئايال بولىمەن جۇمۇ ؟ ... رەھىمە بىلەن
چىمەننىڭ چاقچاقلىرى ئاخىرى كارۋاتتا
پومداقلىشىپ ، بىر - بىرىنى قىچىقلاشلارغا
ئۆزگىرىپ كېتەتتى .
ئالى مەكتەپنىڭ تۆتىنچى يىللىقىغىچە ،
ئەتراپىدا پەرۋانە بولغان نۇرغۇن
يىگىتلەرنى رەت قىلغان چىمەن ئاخىرى ،
خوشنا سىنىپتىكى تۇرپانلىق يىگىت بىلەن
مۇھەببەتلىشىپ قالدى .
--- قىز بالا دىگەن << ئوقتا توختامسەن
پوقتا ؟ دىسە پوقتا >> دىگەن شۇدە ، شۇنچە
ياخشى بالىلارنى رەت قىلسا بىرەر دۆلەتنىڭ
شاھزادىسىگە تېگەمدىكىن دەپتىكەنمەن ئۇنى
، ھىلىقى تۇرپانلىق بىلەن يۈرىۋاپتۇ مۇنۇ
بەغەرەز ، --- دەپ غۇدۇرىدى رەھىمە بىر
كۈنى سىرتتىن كىرىپلا .
--- كىمنى دەيسەن ؟ دىدىم رەھىمەگە قاراپ
.
--- مۇنۇ سېنىڭ كېلىن ئاغىچاڭ ، رەھىمە
مېنىڭ ئاستىمدىكى چىمەننىڭ كارۋېتىنى
شەرەتلىدى .
--- قايسى تۇرپانلىق بىلەن ؟ --- سورىدى
خەدىچە قىزىقىپ .
--- ۋاي قايسى بولاتتى ، سادىغاڭ كېتەيلەر
، ئاخپارات سىنىپىدىكى ھېلىقى بۇرۇتلۇق
خۇشتار دىگەن شالۋاقچۇ ؟ !
<< قىز بالىنىڭ ئەرگە تەگكىسى كەلسە ،
كۆزى كۆرمەپتۇ >> دەپ ،چىمەن بىزنىڭ ھەر
خىل ئۇسۇلدا خۇشتارنىڭ ئۆزىگە لايىق
ئەمەسلىكىنى دېگىنىمىز بىلەن ئۆزىنىڭكىنى
راست قىلىپ ، مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكۈپلا
كەتتى . ئاخىرى ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خۇشتار
بىلەن تۇرپانغا بۆلۈنۈپ كەتكەن ئىدى .
ﺋﻪﻟﻜﯜﻳﻰ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯜﭼﯜﺭﯛﻟﺪﻯ .
ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بەش يىلدىن كېيىن مەن
خىزمەت بىلەن تۇرپانغا بارغىنىمدا ئۇنى
ئىزلىدىم . شۇ چاغدا ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى تۆت
ياشقا كىرىپتۇ ، چىرايلىرى ناھايىتى
سۇلغۇن ، مېنى كۆرۈپلا بوينۇمغا ئېسىلىپ
يىغلاپ كەتتى . ئۇنىڭ ھىلىقى كۈلكىلەر
تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان كۆزلىرىدىنن ياش
توختىماي ئاقاتتى . ئۇ كۈنلەردە ، مەنمۇ
ئاپام تۈگەپ كېتىپ دادام ئورۇن تۇتۇپ
يېتىپ قالغان ، توي قىلىپ بولۇپ دەردىمنى
ئۆزۈم بىلىدىغان مەزگىللىرىم بولغاچقا ،
تازا يىغلاڭغۇ بولۇپ قالغان ئىدىم . ئۇنىڭ
ئۈششۈك تەككەن گۈلدەك ۋاقىتسىز سولاشقان
چىرايىدىكى سۇلغۇنلىققا قاراپلا
يۈرەكلىرىم ئېچىشىپ كەتتى . ئۇنىڭغا نىمە
دىيىشىمنى بىلەلمىدىم ، ئەمدى نىمە
دىسەممۇ ئورنىغا كەلمەيتتى .
مەن بارغان كۈنىمۇ خۇشتار بىر كېچە ئۆيىگە
كىرمىدى .
--- كېچىلىرى مۇشۇنداق ئۆيگە كىرمىسە
قانداق بولىدۇ ؟ كۆرۈشكەن بولسام بىرگەپ
قىلىپ قوياركەنمەن --- دىدىم ئۇنىڭغا .
--- ئاداش ئۇنىڭ بۇنداق ئىشلىرىغا كۆنۈپ
كەتتىم ، ھىچقىسى يوق ! --- دىدى ماڭا سۇس
تەبەسسۈم بىلەن .
--- قىزلار ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئەرگە تەگسە
شۇنداق چىداملىق بولامدۇ - يا ؟ دىدىم
ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساپ .
--- بەلكىم ، دىگىنىڭ ئورۇنلىقتۇر ، ئەمما
مەنمۇ قانچىلىك چىدارمەنكى ، مېنىڭچە سەن
توغرا قىلىپسەن ، << ياخشى كۆرگەننىڭ قۇلى
بولغىچە ، ياخشى كۆرمىگەننىڭ گۈلى بول >>
دەپتىكەن ، ئۇ تۇرمۇشلارغىمۇ كۆنۈپ
كېتىسەن ، --- دىدى .
---كۆنۈپ كەتكەن بولسام ياخشى بولاتتى ،
--- دىدىم ئېغىر ئۇھ تارتىپ .
--- نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا رەھىمە تېلېفۇن
قىلىپتىكەن ، ئۇ ... ئۇ ...
چىمەن گېپىنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمەستىن ماڭا
مەنىلىك قارىدى .
--- رەھىمە سۇبات بىلەن توي قىلىدىغان
بوپتۇ ! --- دىدىم چىمەنگە قاراپ .
--- سەن ئاخىرى ئاڭلاپسەندە ؟ ! --- چىمەن
ھودۇققىنىدىن كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى .
--- مەن ئۆزۈم سۇباتقا رەھىمە بىلەن توي
قىلىشنى تەۋسىيە قىلىپ خەت يازغان ئىدىم .
--- نىمىشقا ؟
--- رەھىمە ماڭا خەت يېزىپتۇ ، ئۇ
ناھايىتى سەمىمىلىك بىلەن كۆڭلىدىكى
گەپلەرنى دەپتۇ . مەن ئۇنىڭ سۇباتنى
ياقتۇردىغانلىقىنى بىلەتتىم ، ئەمما ،
بۇنچىلىك ياخشى كۆرىدۇ دەپ
ئويلىماپتىكەنمەن . شۇنىڭ بىلەن ئىككىسىگە
تەڭلا خەت يېزىۋەتتىم .
--- مەن ئامال بولسا ئۇنىڭ تويىغا بېرىشقا
تىرىشىمەن ، سەنمۇ بارالامسەن ؟ --- چىمەن
ماڭا سىنچى كۆزلىرىنى تىكتى .
--- سەن نىمانچە نادان چىمەن ؟ سۇبات
ئىككىمىز شارائىت تۈپەيلى ئامالسىز
ئايرىلدۇق . مەن رەھىمەگە سۇباتنىڭ
جىسمىنى بەردىم. ئۇنىڭ روھىنى بېرىش مېنىڭ
ياكى سۇباتنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش ئەمەسكەن
، بىزنىڭ جىسمىمىز گەرچە باشقا ئادەملەرگە
تەۋە بولۇپ كەتسىمۇ روھىمىزنى ھىچكىم
ئايرىيالمىغۇدەك ، بۇ ئاللا سالغان ئوتنى
بەندىنىڭ ئۆچۈرەلىشى مۈمكىن ئەمەس
ئوخشايدۇ . ئىش ئۇنداق تۇرسا ، ئۇنىڭ
تويىغا بارالارمەنمۇ ؟ بولسا ، ئۇنىڭ
تويىنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى بىلمەي
قالسام دەيمەن . ھەي چىمەن ساڭا ھەرقانچە
دىسىممۇ چۈشەنمەيسەن ، چۈنكى سەن ياخشى
كۆرگەن ئادىمىڭدىن ئايرىلىشنىڭ تەمىنى
تېتىپ باقمىدىڭ ، --- دىدىم مەن .
زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى (پوۋېست)(6)
---چولپان ، مەن شۇنداق بىر كۈننىڭ كېلىپ
قېلىشىدىن قورقىمەن ، --- ئۇنىڭ شۇ گەپنى
دىگەندىكى ئاۋازى ناھايىتى زەئىپ ئىدى .
شۇنىڭدىن بۇيان مەن ئۇنىڭ بىلەن
كۆرۈشەلمىدىم . چىمەن ئىككىنچى بالىسىنى
تۇغۇپ ، ئالتە ئايلىق بولغاندا ، خۇشتار
بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ، خۇشتار
كېيىن ئىدارىسىدىكى بىر قىزغا
ئۆيلەنگەنلىكىنى ، چىمەنننىڭ ئاخىرى ئىككى
بالىسى بىلەن يالغۇز ياشاۋاتقانلىقىنى
ئاڭلىدىم . مەن ئۇنىڭغا خەت يېزىشنى
ئويلىدىم ، ئەمما نىمە دەپ تەسەللى
بېرىشنى بىلەلمىدىم . تېلېفۇن قىلاي دىدىم
، ئەمما تېلېفۇندا ئۇنىڭ يىغىسىى
ئاڭلاشتىن قورقتۇم . بۇلتۇر تېلىۋېزوردا
چىمەننىڭ بالىسىنىڭ يۈتۈپ كەتكەنلىك
ئېلانىنى ئاڭلاپ خەدىچەگە تېلېفۇن
قىلغاندا چىمەن بالىسىنى ئىزلەپ ئىچكىرگە
كىرىپ كەتكەن ئىكەن .
خەدىچە مېنى بىرىنچى دوختۇرخانىنىڭ
ئالدىدا ساقلىماقچى ئىدى . بىز شۇ يەردە
كۆرۈشتۇق .
--- چولپان ، ئاۋال ئاشخانىغا كىرىپ تاماق
يەۋالغىن ، --- دىدى خەدىچە .
--- ياق ، ئاۋال چىمەننى كۆرۈپ چىقاي ،
ئاندىن ...
--- يۈر ، ئاۋال تاماق يەۋالايلى ،
بولمىسا ھىلى تاماق يىيەلمەيسەن .
مەن خەدىچەنىڭ جىددى تەلەپپۇزىنى رەت
قىلالماي ئۇنىڭ يول باشلىشى بىلەن بىر
ئاشپۇزۇلغا كىردۇق .
--- ئاداش مەن ھىچنىمىنى بىلەلمىدىم ،
چىمەن زادى نىمە كېسەل بولۇپتۇ ؟ --- دەپ
سورىدىم جىددىلىشىپ .
--- ئۇنىڭ ئوغلى دىليارنى ئىزدەپ
ئىچكىرىگە كەتكەنلىكىدىن خەۋىرىڭ بارتىغۇ
ئاداش ، ئۇ بېرىپ بالىسىنى ئىزدەش
جەريانىدا ، ئاپارغان پۇللىرىنى بالاڭنى
تېپىپ بېرىمىز دىگەنلەرگە بېرىپ تاپالماي
ئالدىنىپ ، تۈگىتىپ ئامالسىز بىر
ئاشخانىدا ئىشلەپتۇ . كېيىن بىر ئاق
ساتىدىغان گۇرۇھنىڭ كاتتىۋېشى چىمەنگە
كۆزى چۈشۈپ : << ماڭا تەگسىڭىز ئوغلىڭىزنى
تېپىپ بېرىمەن >> دەپتۇ ، بىچارە دوستىمىز
بالىسى ئۈچۈن ئۇخلاپ چۈشىدە كۆرمىگەن
ئەرگە تېگىپتۇ . .ارلىقتا يەنە ئىككى ئاي
ئۆتۈپ كېتىپتۇ . بىر كۈنى ئېرى مال
يۆتكىگىلى چىقىپ كەتكەندە ئوغلىنى ئىزلەپ
ھېلىقى ئۆزى بىر مەزگىل ئىشلىگەن
ئاشخانىغا بېرىپتۇ . ئۇ تاماق ئۈستىلىدە
ئالدىغا كەلگەن تاماقنى يىمەي ، ئوغلىنىڭ
سۈرىتىگە قاراپ ئولتۇرغاندا ئون ئىككى
ياشلاردىكى بىر ئوغۇل بالا چىمەندىن :
--- ھەدە سىز دىليارنىڭ ئاپىسىمۇ ؟ ---
دەپ سوراپتۇ
-- ھەئە ، جېنىم بالام ، سەن دىليارنى
تۇنۇمسەن ، نەدە كۆردۈڭ ؟ --- دەپتۇ چىمەن
جىددىيلىشىپ .
--- ئۇنى خەمىت لوبەن بىر ئاينىڭ ئالدىدا
بېيجىڭدىكى مەمەت لوبەنگە سېتىۋەتتى ، سىز
بېيجىڭغا بارسىڭىز دىليارنى تاپالايسىز
--- دەپتۇ .
--- جېنىم بالام سەنچۇ ؟ سەن كىمنىڭ
بالىسى ، سېنىڭمۇ ئاناڭ ماڭا ئوخشاش
سەرسان بولۇپ يۈرگەندۇ ، يۈر سەن مەن
بىلەن دىليارنى تېپىپ بىرگە كېتەيلى ، ---
دەپتۇ چىمەن يىغلاپ .
--- ھەدە ، مېنىڭ ئۆيۈم غۇلجىدا ، مېنىمۇ
خەمىت دىگەن ئەبلەخ ھازىرقى مەريەم دىگەن
لوبەنگە سېتىۋەتكەن . بېيجىڭغا بېرىش
ئۈچۈن جىق پۇل كېتىدۇ . سىز تەييارلىنىپ
مۇشۇ ئاشخانىغا كېلىڭ ، مەن پۇرسەت تېپىپ
سىز بىلەن بىللە قاچاي ...
--- يارى ! ...
شۇ ئەسنادا بىر سەت سېمىز خوتۇن ھېلىقى
بالىنىڭ قۇلۇقىدىن سوزغىنىچە چىمەننىڭ
يېنىدىن ئېلىپ كېتىپتۇ . چىمەن يىغلىغان
پېتى ئۆيگە قايتىپ ئوغلىنى تېپىپ بېرىمەن
دەپ ئۆزىنى خوتۇن قىلىۋالغان ھېلىقى خەمىت
دىگەن ئەبلەخكە قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ .
--- سەن مېنىڭ ئوغلۇمنى نىمىشقا بېيجىڭغا
ئاپىرىپ سېتىۋەتتىڭ ؟
--- مەن سېنى تونۇماستا سېتىۋېتىپتىكەنمەن
، مەن نۇرغۇن پۇل خەجلىدىم بالاڭنى چوقۇم
ئەكىلىپ بېرىمەن ، --- دەپتۇ ھېلىقى خەمىت
دىگەن ئەبلەخ ، چىمەن ئۆزىنىڭ يۈرەك
پارىسىنى ئېلىپ قېچىپ سېتىۋەتكەن ئەبلەخكە
ئىككى ئايچە خوتۇن بولغىنى ئۈچۈن ئۆز
گۆشىنى ئۆزى يەپتۇ ، ئورنىغا كەلمەيدىغان
پۇشايماننى يەپ ئولتۇرماي ، ھەركەت قىلىش
كېرەك بولغاچقا چىمەن ھېلىقى ئەبلەخنىڭ
يەنە جىددى ئىش بىلەن چىقىپ كەتكەن
ۋاختىدىن پايدىلىنىپ ، ئۆيىدە بار پۇلنى
ئېلىپ ھېلىقى ئاشخانىغا بېرىپ يارى دىگەن
بالىنى ساقلاپتۇ . شۇ كۈنى چۈشلۈك تاماققا
ھېلىقى سېمىز خوتۇن بىر توپ باللارنى يەنە
ئاشخانىغا ئېلىپ كەپتۇ . چىمەن يارى بىلەن
كۆز ئىشارىسى قىلىشىۋېلىپ پۇرسەت تېپىپ
قېچىپتۇ . پويىز ئىستانسىسىغا بېرىپ
بېيجىڭغا بارىدىغان كەچلىك پويىزغا چىقىپ
بېيجىڭغا كېلىۋاپتۇ . ئۇ بېيجىڭغا
بارغاندىن كېيىن ئوتتۇرا مەكتەپتىكى
ساۋاقدىشى ، ھەر يىلى ئاتكرىتكا
ئەۋەتىدىغان مەتتۇرسۇن ئېسىڭدە باردۇ ؟
--- ھە ، چىمەنگە ئاشىق ھىلىقى يۇرتلىقىمۇ
؟ بىر قىشلىق تەتىلدە كەلگەنتىغۇ ؟
--- شۇ ، ھازىر بېيجىڭدا ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ
بىر نەشرىياتتا قالغان ئىكەن ، ئۇ شۇ
مەتتۇرسۇننى ئىزدەپتۇ . مەتتۇرسۇن
بېيجىڭدىكى ساقچىلار ئارقىلىق يارىنىڭ يىپ
ئۇچى بىلەن دىليارنى ئىشلىتىۋاتقان مەمەت
دىگەننىڭ ئۇۋىسىنى تېپىپتۇ . چىمەن
مەتتۇرسۇن بىلەن يول ئېغىزىدا بالىلارنى
ساقلاپ تۇرۇپتىكەن . ساقچىلارنىڭ ياللىشى
بىلەن بەش - ئالتە بالا ئۇلارنىڭ ئالدىدا
پەيدا بولۇپتۇ .
--- ئەنە مەتتۇرسۇن ، مېنىڭ يۈرەك باغرىم
، قاراڭ بەك ئورۇلاپ كېتىپتۇ ، كىيىملىرى
نىمانچە ئەسكىرەپ كەتكەندۇ ؟ --- دىليار
...
--- چىمەنگۈل ئۆزىڭزىنى تۇتۇۋېلىڭ ،
ئوغلىڭىزنى ئەمدى ھىچكىم ئېلىپ كېتەلمەيدۇ
. توختاڭ قىزىل چىراق يانسۇن ...
مەتتۇرسۇن ھاياجانلىنىۋاتقان چىمەننى
تۇتۇپ تۇرغان ئىكەن .
--- ئەمدى بولدى قىزىل چىراق ياندى .
--- دىليار !
دىليار تۇيۇقسىز ئاپىسىنىڭ ئاۋازىنى
ئاڭلاپ چىمەن تەرەپكە ئۆزىنى ئېتىپتۇ .
--- ئانا ...
دەل شۇ چاغدا ، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ
ھالدا بىر قارا پىكاپ ئۇچقاندەك چىقىپ
دىليارنى سوقۇپ كېتىپ قاپتۇ -- جېنىم
بالام دىليار ...
--- ئانا مەن سىزنى بەكمۇ سېغىندىم ...
دىليار شۇنداق دەپلا چىمەننىڭ قۇچىغىدا
قانغا مىلەنگەن ھالدا جان ئۈزۈپتۇ .
مەتتۇرسۇن ۋە ساقچىلار دىليارنىڭ بۇنداق
ئۆلۈپ كېتىشىگە ئىشەنمەي ، دوختۇرخانىغا
ئېلىپ بېرىپتۇ .
--- ماشىنىنى تۇتۇپتىمۇ ؟ -- گەپنى بۆلدۈم
جىددىيلىشىپ .
--- ھېلىقى خەمىت دىگەن ئەبلەخنىڭ قەستى
ئىكەن ، شۇ كۈنىلا ئۇلارنىمۇ قولغا ئاپتۇ
.
--- دوختۇرلار بالىنىڭ جىگىرى ئېزىلىپ
كېتىپتۇ ، بالا ئاللىقاچان كېتىپ قاپتۇ ،
دىگەندىن كېيىن دوختۇرخانىغا كەلگىچە سەل
ئۇمىد بىلەن تۇرغان چىمەن مەتتۇرسۇننىڭ
دىليارنىڭ ئېڭىگىنى تېڭىۋاتقانلىقىنى
كۆرۈپلا << دىليار سەن ئۆلگۈچە مەن ئۆلەي
>> دەپلا يەرگە يىقىلىپتۇ ، چىمەن شۇ
ياتقىنىچە نەچچە كۈن ھۇشسىز يېتىپتۇ .
مەتتۇرسۇننىڭ ئايالى چىمەنگە قاراپتۇ .
مەتتۇرسۇن ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن
ئۇقۇشۇپ دىليارنىڭ مېيىتىنى شىنجاڭغا
ئېلىپ كېتىشنىڭ يولىنى مېڭىپتۇ . چىمەننىڭ
ھۇشسىز ياتقىنىدا دوختۇرلار تەكشۈرۈش
جەريانىدا ئاشقازان راكىنىڭ ئاخىرقى
باسقۇچىغا كېلىپ ، راكنىڭ ھەتتا
ئۈچەيلەرگىمۇ تاراپ بولغانلىقى
ئېنىقلىنىپتۇ . مەتتۇرسۇن بىلەن ئىككى
ساقچى چىمەننى دىليارنىڭ مېيىتى بىلەن
بىللە بىرگە ئېلىپ كەپتۇ . مەتتۇرسۇن
بېيجىڭدا يولغا چىقىشتىن ئىلگىرىلا بىزگە
تېلىفۇن قىلىپتىكەن ، بىز ئۈرۈمچىدىكى
ساۋاقداشلار ، يېقىن ئوقۇتقۇچىلار
چىمەننىڭ يۇرتلۇقلىرى ئايرۇدۇرۇمغا
چىمەننىڭ ئالدىغا چىقتۇق .
--- خۇشتار دىگەن ئىپلاسقا خەۋەر
قىلدىڭلارمۇ ؟ --- سورىدىم يىغلاپ تۇرۇپ .
--- ۋاي ئاداش << ئاپەت كەلسە تەڭ كەپتۇ
>> دەپ ئۇ ئايالى بىلەن جەنۇپقا ساياھەتكە
كېتىۋېتىپ ، يولدا قاتناش ھادىسىسىگە
ئۇچراپ تۈگەپ كەتكىلى تېخى بىر ئايمۇ
بولماپتۇ .
--- نىمە دەيسەن ، ھەي ، كېلىشمەسلىكلەر
شۇنداقمۇ تەڭ كەلگەن بارمۇ ؟ چىمەن
ئايرۇپىلاندىن قانداق چۈشتى ؟
--- ئۇنىڭ ئايرۇپىلاندىن چۈشكەندىكى
ھالىتىنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن . چاچلىرى
چۇۋۇلغان ، چىرايلىرى سارغايغان ،
ئورۇقلاپ قورايدەك بولۇپ قالغان بىر
بىچارە ئايال مەتتۇرسۇنغا يۆلىنىپ ھازا
ئېچىپ چۈشۈۋاتمامدۇ ... راست گەپنى قىلسام
مەتتۇرسۇننى كۆرمىسەم چىمەننى
تونۇمايتىمكەن ...
--- جىگىرىم بالام ، تىرىكى كېتىپ ،
ئۆلۈكى كەلگەن بالام ... ئانىسىنى سېغىنىپ
كەتكەن بالام ! ... خەدىچە ، مەن تۈگەشتىم
دەپ ئۆزىنى ماڭا ئاتتى ... -- خەدىچە
گېپىنىڭ ئاخىرىنى قىلالمىدى . بىز بىر
ھازا ئۈنسىز يىغلاشتۇق .
--- ئۇ خۇشتارنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىنى بىلدىمۇ
؟
بىلدۈرمەيلى دىسەك ئامال بولمىدى ،
دىليارنى يەرلىكىگە قويۇشتىن ئىلگىرى
چىمەن : << خۇشتارغا ىەۋەر قىلايلى >>
دىدى . شۇنىڭ بىلەن چىمەننىڭ مەكتىپىنىڭ
باشلىقى چىمەنگە ھەممە ئىشلارنى دىدى .
چىمەن گەپ - سۆز قىلماستىن بىرەر
سائەتكىچە يالغۇز ئۆيگە كىرىۋېلىپ ،
ئۈنسىز ياش تۆكتى . مەن ئۇنىڭ روھى
جەھەتتىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشىدىن
ئەنسىرەپ يېنىغا كىرىپ ئۇنى مۈرىسىدىن
تۇتۇپ سىلكىپ :
--- چىمەن ، يىغلىغۇڭ بولسا ئاۋازىڭنى
چىقىرىپ يىغلاۋەرگىن ، چۈنكى ، ئۇ سېنىڭ
تۇنجى سۆيگەن يىگىتىڭ ، قىز تەگكەن ئېرىڭ
، دىليار بىلەن دىلنىگارنىڭ دادىسى
ئەمەسمۇ ؟ -- دىدىم .
ئۇ بىر ھازادىن كېيىن باغرىمغا ئۆزىنى
ئېتىپ ، ئاداش ئۇ نىمانچە ۋاپاسىز ،
دىليارغۇ كەتتى ، دىلنىگارنى بولسىمۇ
باقامدىكىن دىسەم مېنىڭ ئالدىمدا
كېتىۋاپتۇ ، قىزىمنى قانداق قىلارمەن
ئاداش ، قارا يېتىم بولۇپ قالارمۇ ئاداش
... -- دەپ ھازا ئاچتى .
--- دىليارنى ئۈرۈمچىدە يەرلىكىگە
قويدۇڭلارمۇ ؟
--- ھەئە ، چىمەن بالىسىنى تۇرپانغا
ئەكىتەي دىگەن ئىدى ، بىز خۇشتارمۇ
بولمىسا يا تۇرپان چىمەننىڭ يۇرتى بولمىسا
، ئىسسىقتا بالىنى تېزرەك قويۇۋەتمىسەك
بولمايتتى ، شۇنىڭ بىلەن مېيىتنى بىزنىڭ
ئۆيدىن چىقاردۇق . بالىنى يەرلىكىگە قويۇپ
بولغاندىن كېيىن چىمەننىڭ مەكتەپ باشلىقى
ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇشقا بىر
خىزمەتدىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ،
داۋالىنىش راسخودىنى ھەل قىلىپ
بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى .
--- چىمەن ئۆزى كېسىلىنى بىلەمدىكەن ؟
--- بىلىدىكەن ، بۇلتۇر كېسىلىنى بىلىپ
داۋالانغۇچە ئوغلى يۈتۈپ كېتىپتۇ ، ئۇ
بالىنىڭ دەردىدە كېسىلىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ .
بۇ كۆتۈرگۈسىز خاپىلىقلار ئارقىسىدا راك
ئاشقازاندىن ئۈچەيلەرگە تاراپ بوپتۇ ...
--- ئۇنىڭ قىزىچۇ ؟
--- ئۇنى خۇشتارنىڭ نەۋرە ھەدىسىگە
قاراشقا بېرىپ كېتىپتىكەن . تۈنۈگۈن ئۇ
چوكانمۇ بالىنى ئېلىپ كەلدى يېنىدا بار .
--- ئەتىگەندىن بېرى سېنى نەچچە قېتىم
سورىدى ... ساڭا دەيدىغان گېپى باردەك
قىلىدۇ ، ئەمما ئۇنى كۆرگەندە ئۆزۈڭنى بەك
تۇتۇۋال ، يىغلىما --- خەدىچە ماڭا شۇنداق
دەۋاتقان بىلەن ئۆزى بۇ گەپلەرنى دىگۈچە
يىغلاۋاتاتتى . ئىچىم ئاچچىق ،
كۆزلىرىمدىن تۆكۈلىۋاتقان ياش ئالدىمدىكى
، سوۋۇپ قالغان سۇيۇقئاشقا تامچىلىۋاتاتتى
.
چىمەن گۈلنى بەك ياخشى كۆرەتتى . بىر
دەستە ئەتىرگۈل ئېلىپ ئۇنىڭ يېنىغا كىردۇق
. ئەگەر كېسەلخانىغا خەدىچە ئۆزى باشلاپ
كىرمىگەن بولسا ، مەن چىمەننى تونۇيالماي
قالاركەنمەن . ياتاقتا قىرىق ياشلار
چامىسىدىكى بىر ئايال بىلەن ئىككى
ياشلاردىكى قىزچاق چىمەننىڭ يېنىدا ئويناپ
تۇرۇپتۇ . كارۋاتتا بىر تېرە بىر ئۇستىخان
، ئورا كۆز ، قاڭشارلىق ، تاتىراڭغۇ چىراي
چىمەن كۆزىنى يېرىم يۇمۇپ يېتىپتۇ .
قولۇمدىكى گۈلنى خەدىچەگە تۇتققۇزۇپ ،
چىمەننىڭ كارۋىتىنىڭ بېشىغا ئاستا كېلىپ ،
مەڭزىمنى ئۇنىڭ مەڭزىگە ياقتىم - يۇ ،
ئۆزۈمنى تۇتالماي يىغلىۋەتتىم . ئۇنىڭمۇ
كۆز ياشلىرى توختاۋسىز ئېقىۋاتاتتى .
ئۇنىڭ ئورۇقلاپ قوشۇقتەك بولۇپ قالغان
يۈزلىرىنى سىلىدىم ، پىشانىسىگە چۈشۈپ
قالغان بۈدۈر چاچلىرىنى قولۇم بىلەن
تارىدىم . كۆزلىرىمدىكى ياشلار ئۇنىڭ
يۈزلىرىگە تامچىلاۋاتاتتى . يىغلىماسلىققا
شۇنداق تىرىشقان بولساممۇ ، بەرداشلىق
بېرەلمىدىم ، ئاخىر ، چىمەننىڭ يۈزلىرىگە
يۈزۈمنى يېقىپ تۇرۇپ :
--- دەردلىرىڭنى تارتىشىپ بېرەلمىدىمغۇ
دوستۇم ، يىقىلغاندا يۆلەلمىدىمغۇ دوستۇم
، بىز شۇنداق شور پىشانىمۇ دوستۇم ! ...
دىگىنىمچە ئىسەدەپ يىغلىغاندىن كېيىن
ئۆزۈمنى سەل بېسىۋالالىدىم .
--- چىمەنلەر قاقاسلىققا ئايلاندى ،
دوستۇم ، يۈرەك پارەم تۇپراققا ئايلاندى
دوستۇم ، مەن بالىسىغا قارىيالمىغان ئەسكى
ئانا ، كۆز ئالدىمدىلا بالامنى ماشىنا
بېسىۋەتتى ... ! يۈرەكلىرىم تۈگىدى ...
چىدىمىدىم ، يۈرەكلىرىم لەختە بولۇپ كەتتى
... ئۇنىڭ ئاۋازلىرى پۈتۈپ كەتكەن بولۇپ ،
ناھايىتى زەئىپ ئىدى . يىغىدىن كېيىن
كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ بىر پەس ئارام
ئالغاندىن كېيىن كۆزلىرىنى لەپپىدە ئېچىپ
ماڭا قارىدى . مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىگە
قارىيالمىدىم . قارىساملا يەنە ياش
تۆكەتتىم . ئۇنىڭ ئورۇقلاپ كەتكەن
قوللىرىنى ئالقانلىرىمغا ئېلىپ سىلىدىم .
ئۇ بېشىنى ئاستا خەدىچە تەرەپكە بۇرىدى
ھەم بوش ئاۋازدا :
--- خەدىچە ، سەن سائادەت ئايلام بىلەن
بالىنى ئاشخانىغا ئەپچىقىپ قويۇپ كىرە ...
تېزراق كىرگىن --- دىدى
زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى (پوۋېست) (7)
مەن شۇندىلا ئۇنىڭ قىزىغا قارىدىم . بۈدۈر
چاچ ، يۇمۇلاق يۈز ، ئاق سۈزۈك بوتا كۆز
كىرپىكلىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ... يائاللا
چىمەننىڭ تېرىسىنى چاپلااپ قويغاندەكلا
تاتلىق بىر قىز ... يۈزلىرى شالتاق ،
كىيىملىرى كىرلىشىپ قالغان قىزچاقنىڭ ،
ھەممە يېرىدىن مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇراتتى .
قىزچاققا قاراپ يۈرۈگۈم ۋىژژىدە ئېچىشتى .
ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنى قولۇمغا ئېلىپ
كۆتۈرۈپ مەڭزىگە يېنىڭ سۆيدۈم .
--- جېنىم قىزىم ، ئاپىڭىز بىلەن بولۇپ
كېتىپ ، سىزگە قارىماپتىمەن --- دىدىم
يىغلاپ .
--- ئەكەل بالىنى ، سەن چىمەن بىلەن
بىردەم مۇڭدىشىپ تۇرغىن ، مەن بۇلارنى
ئاشخانىغا ئەپچىقىپ قويۇپلا كىرەي ، ---
دىدى خەدىچە دىلنىگارنى قولۇمدىن ئېلىپ .
--- چولپان ، مېنى يۆلىگىنە ، بىردەم
ئولتۇرۇپ سەن بىلەن مۇڭدىشاي ، --- دىدى
چىمەن ماڭا ئورۇق قوللىرىنى سوزۇپ ، مەن
ئۇنى يۆلىمەكچى بولۇپ ، قولتۇقىدىن
قۇچاقلاپ كۆتۈردۈم ، توۋا ، ئۇ پاختىدەك
يەڭگىل ئىدى . ئۇنىڭ ئارقىسىغا مامۇق
ياستۇقنى يۆلەپ قويدۇم .
--- چولپان ، سەن بالىلىق بولمىغىنىڭ
بىلەن ، بالىغا ئامراققۇ ؟ ئۇ تۇيۇقسىز
شۇنداق سوراپ قالدى ھەم مېنىڭ كۆزۈمگە
ئاجايىپ بىر تەڭقىسلىق بىلەن قارىدى . شۇ
دەمدە ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يەنە بىر خىل
ئۈمىد ۋە ئۆتۈنۈش جىلۋىلەندى .
--- شۇنداق ، بەلكىم مەن بالىغا بەك
ئامراقلىقىمدىن بالىلىق
بولالمايۋاتامدىمەنكى ... خۇددى << ئاشىق
بولماڭ جۇدا بولارسىز ، ئۆچلۈك قىلماڭ
گىرىپتار بولارسىز >> دىگەندەك ، مەن
بالىغا ئامراقلىقىمدىن كىچىكىمدىن
مەھەللىمىزدىكى قوشنىلارنىڭ بالىلىرىنى
قولۇمدىن چۈشۈرمەي بېقىپ بېرەتتىم . نىمە
ئۈچۈنكى مەن نىمىگە ئامراق بولسام شۇ
نەرسىلىرىمدىن مەھرۇم بولۇپ ، نىمىگە ئۆچ
بولسام شۇ نەرسىلەر ماڭا ماڭدامدا
پۇتلىشىپ قوغلىشىپلا يۈرىيدىغۇ ... تۇنجى
بالام بولسىمۇ ، ھازىر تۆت ياشقا كىرەتتى
، --- دىدىم ئۇنىڭ نۇرسىز كۆزلىرىگە قاراپ
.
ئۇ يەنە بىردەم جىمىپ كەتتى .
--- چىمەن ھەجەپ بۇنداق سۇئال سوراپ
قالدىڭغۇ ؟ --- دىدىم ، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى
سۆزىنى دىيەلمەيۋاتقانلىقىنى سېزىپ ، ئۇ
ئۇلۇغ كىچىك تىنىۋەتكەندىن كېيىن ، ئۈزۈپ
- ئۈزۈپ تۇرۇپ :
--- چولپان ، مەن ساقىيالمايدىغان
ئوخشايمەن ! ... مېنىڭ يىتىملىكىم قىزىمغا
مىراس قالىدىغان بولدى . مېنىڭمۇ بۇ
دۇنياغا تارتىشقۇدەك يېرىم قالمىدى .
پەقەت ئاشۇ قىزىمغا پەقەت قىيالمايۋاتىمەن
. ئەمما ئاللاھدىن كەلسە ئامال يوقكەن ،
ماڭا ئەزرائىلدىن ئاللىقاچان خەۋەر كېلىپ
بولدى . شۇڭا ، مەن مۇشۇ قىزىمنى ئاۋال
ئاللاھقا ، ئاندىن قالسا ساڭا تاپشۇرسام
خاتىرجەم بولاتتىم . ئەمما سەن نىمە
دەيسەن ، بۇنى بىلمەيمەن --- چىمەن
قوللىرىمنى چىڭ قىسىپ مېنىڭ كۆزلىرىمگە
ئىلتىجا بىلەن قارىدى . مەن ئۆزۈمنى
تۇتالماستىن ئۇنىڭ قۇچىغىغا بېشىمنى قويۇپ
يىغلىۋەتتىم .
--- ئۇنداق دېمە ئاداش ،ئاللاھتىن
كېسىلىڭگە شىپالىق تىلەيلى ئاداش ، مەن
سېنى قىزىڭ بىلەن بىللە قوشۇپ ، بىر
مەزگىل باقاي ، ياخشى بولۇپ كېتىسەن ،
قىزىڭنى ئۆزۈڭ بېقىپ قاتارغا قوشىسەن ...
ئۇ جانسىز قوللىرى بىلەن چاچلىرىمنى سىلاپ
تۇرۇپ :
--- ساڭا خەدىچە دىمىدىمۇ ؟ مېنىڭ ۋاختىم
ئاز قالدى ، سەن كۆڭلۈمنى ياسىما ، ئەمدى
بۇ رىياللىقنى قوبۇل قىلايلى . ماڭا قارا
، سەن يىغلىماي ماڭا راست گېپىڭنى دىگىن ،
مەن قىزىمنى بالدۇرراق بىرسىگە
تاپشۇرىۋالمىسام ئۈلگۈرەلمەي كۆزۈم ئوچۇق
كېتىدۇ ، --- دىدى .
مەن ئۇنىڭ بۇ ئازاپلىق مۇڭلىرىغا نىمە
دەرمەن ... مەن بەك ئاجىز ئىكەنمەن .
ئۆلۈم ئالدىدىكى دوستۇم شۇنداق باتۇرلۇق
بىلەن سۆزلەۋاتسا ....
--- چولپان ، سەن بۇنداق يىغلىساڭ قانداق
بولىدۇ ، غەيرەتلىكرەك بولۇپ چىمەنگە
تەسەللى بەرگىن ، --- خەدىچەنىڭ يىغا
ئارلاش ئاۋازى مېنى يىغىدىن توختاتتى .
--- چولپان ، چىمەننىڭ بۇ تەكلىپىگە
ئوبدانراق ئويلىنىپ جاۋاپ بەرگىن ،
يولدىشىڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئاندىن
قارار چىقارساڭمۇ بولىدۇ ، ئەمما
دىلنىگارغا سەنلا ئانا بولالىساڭ چىمەنلا
ئەمەس ، بىز ھەمىمىز خاتىرجەم بولاتتۇق ،
--- دىدى خەدىچە . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىمۇ رەت
قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئۆتۈنۈش بار ئىدى
.
--- ئاداش ، دىلنىگارنىڭ ئىككىنچى تەغدىرى
، خۇشتارنىڭ ھىلى سەن كۆرگەن نەۋرە
ئاچىسىغا بېرىش ، ئۇ ئايلىمىزنىڭمۇ ئۈچ
قىزى بار دىگىنە ؟ --- چىمەننىڭ بۇ
سۆزلەرنى دىگەن ئاھاڭىدىن قىزىنى ئۇ
ھەدىسىگە قالدۇرغۇسى يوقلىقى ئىپادىلىنىپ
تۇراتتى .
مەن ھالسىز ياتقان دوستۇمنىڭ نۇرسىز
كۆزلىرىگە قارىدىم . ئۇنىڭ كۆزلىرىدە
ھاياتنىڭ ئاخىرقى نۇرلىرى سۇس پىلدىرلاپ ،
يۈرەكلىرىمگە جۇدالىقتىن بىشارەت
بېرىۋاتاتتى . شۇ تاپتا ھايات بىلەن
خوشلىشىۋاتقان بىر بەختسىز دوستۇم ،
ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تەلىپىنى مەندىن
كۈتىۋاتاتتى . مۇشۇ دەقىقىنىڭ ئۆزىدە بۇ
بىچارە << ئويلىنىپ باقاي >> ، <<
مەسلىھەتلىشەي >> دىگەندەك مۈجىمەل
جاۋاپتىن كۆرە ، ئۇنىڭ بەختسىزلىكى ئۈچۈن
تۆكىلىۋاتقان كۆز ياشلىرىمنىڭ ھەققى -
ھۆرمىتى ، ئۇنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچىسى
بەدىلى ئۈچۈنلا ، ۋىژدانىم ، ئىمانىم ھەم
ئوتتەك يۈرىكىم بار بىر ئايال بولۇش
سالاھىتىم بىلەن كەسكىن ، جاۋاپ بېرىشىمنى
بۇيرىدى .
--- چىمەن ، بىر بالىنىڭ تۇغۇلۇشى
ئاللاھنىڭ ئانا ۋە مىللەتتىن ئۇمىد
ئۈزمىگەنلىكىنىڭ ھەم ئۇلارغا بولغان
قىزغىن سۆيگۈسىنىڭ يارقىن بەلگىسى . بالا
يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ۋەتەن ، مىللەتنىڭ ئاتا
- ئانىلار قولىدىكى ئامانىتى ، ئاللاھ
خۇشتار ئىككىڭلارنىڭ قولىدىكى بۇ
ئامانەتنى بىردىنلا ماڭا نېسىپ قىلسا ،
سەن قولۇڭدىكى بۇ بىباھا ئامانەتنى . ئۆز
قولۇڭ بىلەن ماڭا تاپشۇرماقچى بولۇۋاتساڭ
، مەن بۇ گۈزەل ، سۆيۈملۈك ھەم قىممەتلىك
ئامانىتىڭنى ، تەڭرىنىڭ ماڭا قىلغان
چەكسىز شاپائىتى ، سېنىڭدىن ماڭا قالغان
تەۋەررۈك دەپ خوشاللىق بىلەن قوبۇل
قىلىمەن .ئاللاھ يىتىمنىڭ ئىگىسى مەن
دەپتىكەم ، ئاللاھ نېسىپ قىلسا مەن
قىزىڭنى << قاناتلققا قاقتۇرماي ،
تۇمشۇقلۇققا چوقتۇرماي >> قاتارغا قوشۇشقا
ۋەدە بېرەي ، --- مەن شۇنداق دەپ ئۇنىڭ
ئورۇق قوللىرىنى يەنە ئالقىنىمغا ئالدىم .
ئۇنىڭ چىرايى خۇددى تاش ھەيكەللەرنىڭكىدەك
ئاپپاق ئاقىرىپ كەتكەن ئىدى . نۇرسىز
كۆزلىرىدە رازىمەنلىك ئارلاش سۇس تەبەسسۈم
جىلۋىلەندى ، ئۇ ناھايىتى زورۇقۇپ تۇرۇپ :
--- مەن ساڭا ئىشىنەتتىم ، چۈنكى سېنىڭ
باغرىڭ يۇمشاق ، سەن بەك مېھرىبان ... مەن
شۇڭا ئاخىرقى ئۈمىدىمنى ساڭا باغلىغان ...
ساڭا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ... ئاداش
سەندىنيەنە بىر ئۆتۈنىدىغىنىم مەن ئىمان
ئېتىقادلىق بىر ئائىلىدە تۇغۇلۇپ چوڭ
بولغان ئەمما ئاتا-ئانامدىن كىچىك
ئايرىلىپ قالغاچقا ،كېيىن مەكتەپنىڭلا
تەربىيىسىدە قېلىپ ھەممىنى ئۇنتۇپ
كېيىپتىمەن . ئاللاھ ماڭا ياخشى كۈنلەرنى
نىسىپ قىلسا ئاللاھقا شۈكۇر قىلماي ،
ئاللاھنى سېغىنماي مۇشۇ دۇنيا ئۈچۈن
ئۈچۈنلا ئىشلەپتىمەن ،ئالدىراپتىمەن ،غەم
يەپتىمەن ، ئۇ دۇنيانىڭ تەييارلىقىنى
قىلماپتىمەن ، ئۆزۈمنى بۇ دۇنيادىن بۇنچە
بالدۇر كەتمەسمەن ، پىنسىيىگە چىققاندا ،
بېشىمغا ياغلىق چىگىپ ،جاينامازغا چىقىمەن
دەپ ئويلاپتىمەن .ئاللاھ ماڭا شۇڭقىچە
ئۆمۈر بېرەمۇ دەپ ئويلىماپتىمەن !مانا
ئەمدى ئۆلۈمدىن شۇنداق قورقىۋاتىمەنكى ...
ئاللاھنىڭ ئالدىغا قانداقمۇ بارارمەن ؟پەقەت...
پەقەت تەييارلىقىم يوق ، چولپان قىزىمنى
ئىمانلىق ... تەربىيلىگىن بولمىسا
ئاللاھقا قاۋاپ بېرەلمەيمىز . چوڭ
بولغاندا چوقۇم ئىمانى بار بىر مۇسۇلمانغا
بەرگىن...دوستلۇرۇم سىلەرمۇ
تەييارلىنىڭلار ، مەندەك تۇيۇقسىز كەلسە
... قانداق قىلىسىلەر ؟...
ئۇنىڭ ئاۋازى بارغانچە پەسلەپ كەتتى .
--- چىمەن ، گەپ قىلماي ئارام ئال ... ---
دىدىم ئۇنىڭ بارغانچە ھالسىزلىنىپ
كېتىۋاتقانلىقىدىن تەشۋىشلىنىپ .
--- مەن ئەمدى خاتىرجەم ... مېنى تۈز
ياتقۇزۇپ قويۇڭلار ... بەك چارچاپ كەتتىم
--- ئۇ شىۋىرلاپ سۆزلەۋېتىپ ئۇيقۇغا كەتتى
.
خەدىچە ئىككىمىز چىمەنگە قاراپ قېتىپ
ئولتۇراتتۇق . ئىشىك ئاستا ئېچىلىپ دىلشات
بىلەن سۇبات مىۋە - چىۋە كۆتۈرۈپ كىردى .
مەن داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم . كۆزلىرىمگە
ئىشەنمىگەندەك ، بىر ھازا خىيالىي
تۇيغۇنىڭ ئالدىشى بولسا كېرەك ، دىگەن
ئويدا بولغاندەك ، خەدىچەنىڭ يولدىشى ھەم
ساۋاقدىشىم دىلشاتقىمۇ سالام قىلماي داڭ
قېتىپ ئولتۇرۇپ قاپتىمەن .
--- چولپان سەن قاچان كەلدىڭ ؟ ---
دىلشاتنىڭ بوش ئاۋازدا سورىغان سۇئالىدىن
كېيىن ، ئۆزۈمگە كېلىپ بوشقىنا :
--- ئىككى سائەتتەك بولدى --- دىدىم .
--- سۇباتتىن ئەھۋال سورىمايسەنغۇ ؟ ---
دىلشاتنىڭ قەستەن چىشىمغا تېگىۋاتقىنىغا
خەدىچەنىڭ ئاچچىقى كەلدى بولغاي :
--- ھېلى تالاغا چىققاندا سورىۋالە ---
دىدى تېرىككەن ئاھاڭ بىلەن .
--- چولپان يۈرە ، بىزنى خۇشتارنىڭ ھەدىسى
ئىزدەپ قالمىسۇن چىقىپ باقايلى ، چىمەن
بىردەم ئۇخلىسۇن ماۋۇ يىگىتلەر
بولغاندىكىن --- دىدى .
خەدىچەنىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرىشىدىن ئالەمچە
خوش بولۇپ كەتتىم ، ئورنۇمدىن تۇرۇپ
ئالدىراپ سىرتقا ماڭدىم .
--- ھېلى سۇباتنىڭ كەلگەنلىكىنى دىيىشنى
ئۇنتۇپتىمەن ئاداش بۇ تۇيۇقسىز بولغان
كۆڭۈلسىزلىكلەردىن ئېلىشىپ قالايلا دىدىم
. چىمەنگە ئىچكىردە ئۇچرىغان ھېلىقى يارى
دىگەن بالا سۇباتنىڭ ھەدىسىنىڭ ئوغلى
ئىكەن ، ھەدىسى ئوغلىنىڭ دەردىدە ئاغرىپ
قاپتۇ ، شۇڭا سۇبات يېزنىسى بىلەن بىرگە
كەپتۇ ، ئۇ بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن
يېزنىسىنى بالىسى بىلەن يولغا سېلىۋېتىپ ،
تۈنۈگۈندىن بىز بىلەن بىللە --- دىدى
خەدىچە چۈشەندۈرۈپ .
--- خەدىچە ، ئاۋۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرايلى
، بېشىم قېيىۋاتىدۇ ، --- دىدىم خەدىچەنىڭ
بېلىكىنى تۇتۇۋېلىپ تۇرۇپ .
ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ، ئۆزۈمچە شۇنداق بىر
يىغا كەلدىكى ، ئۆزۈمنى تۇتالماستىن ،
ئالقانلىرىم بىلەن يۈزۈمنى توسۇپ يىغلاپ
كەتتىم . خەدىچە مېنىڭ يىغلىۋېتىشىمنى
ئالدىن بىلگەندەك ، چاچلىرىمنى سىلاپ
ئولتۇردى . شۇ تاپتا ماڭا ھاياتنىڭ
ھىچقانداق مەنىسى قالمىغاندەك ، ھەممە
خوشاللىقلار ، ئارمانلار چىمەن بىلەن تەڭ
تۈگىگەندەك تۇيۇلدى . توۋا ، شۇنچە باتۇر
، شۇنچە خۇش ئاۋاز ، مەرد ، ۋاپادار ،
ناھايىتى تاتلىق شېئىرلارنى يازغان چىمەن
بىردەمدە ، ئۇ دۇنيانىڭ تەييارلىقىغا
چۈشۈپتۇ دىسە ... ئارلىقتا قانچىلىك ۋاقىت
ئۆتتىكىن تاڭ بىلمىدىم ، تىزلىرىمغا
تەككەن كىچىككىنە قولنىڭ غىدىقلىشىدىن
ئالقانلىرىمنى يۈزۈمدىن ئاجراتتىم .
ئالدىمدا بۈدۈر چاچلىق دىلنىگار ماڭا
قاراپ غەمسىز كۈلۈپ تۇراتتى .
--- ئاپاش ... --- دىلنىگارنىڭ بۇ
چاقىرىشى بىلەن تەڭ پۈتۈن ۋۇجۇدۇم
زىلزىلىگە كەلدى ، سۇسىز ، قۇرۇپ قالاي
دىگەن قەلبىمگە ، شىپالىق يامغۇر
ياغقاندەك ، چەكسىز مۇھەببەتكە تولۇپ ،
ئازاپلىق ياشلار تۆكۈلىۋاتقان كۆزلىرىمدە
ئۈمىدنىڭ شولىسى ئۇچقۇندىدى .
--- خەدىچە ئاڭلىدىڭمۇ ؟ ئۇ مېنى ئاپا
دەۋاتىدۇ ...
--- كېلىڭ قىزىم ، مەن سىزنىڭ ئاپىڭىز ...
بىز بۈگۈندىن باشلاپ بىر - بىرىمىزگە يار
- يۆلەك بولىمىز ، قەلبىمىزدىكى
مۇھەببەتسىز قۇرۇپ قاغجىراپ كەتكەن
ئېتىزلىرىمىزغا ئانا - بالىلىقتىن ئىبارەت
ئۇلۇغ مۇھەببەتنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىپ
ئۈندۈرىمىز ، پورەك - پورەك گۈللەرنى
ئېچىلدۈرىمىز ... مېنىڭ قاقشال بولۇپ
كەتكەن قەلبىم سىز بالامنىڭ مۇھەببىتىدىن
سۇ ئىچىدۇ ... مەن سىزگە ئەڭ لاياقەتلىك
ئانا ھەم ئاتا بولۇشقا تىرىشىمەن .
يۈرەكلىرىم شۇنداق شىۋىرلايتتى ، قوللىرىم
تىترەيتتى ، بەخىتسىز دوستۇمنىڭ يالدامىسى
، ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بولغان دىلنىگارنى
كۆتۈرۈپ ، باغرىمغا مەھكەم باستىم .
قىزچاقمۇ مەندىن قىلچە يېتىرقىماستىنلا
بوينۇمغا ئېسىلىپ مۈرەمگە بېشىنى قويۇپ
ئۇخلاپ قالدى .
--- چولپان ، بۈگۈن سەن ئاجايىپ بىر
ئالىجاناپلىق ھەم بەك باتۇرلىق بىلەن
چىمەننىڭ بۇ تەكلىۋىنى قوبۇل قىلدىڭ ،
يولدىشىڭ نىمە دەر ؟ تۇرمۇشىڭغا تەسىر
يېتەرمۇ ؟ بولسىغۇ بۇ قىزنىڭ بېشىنى
سىلىغىنىڭغا ئاللاھنىڭ رەھمى كېلىپ ، ساڭا
يەنە بىر بالا بېرىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ،
--- دىدى خەدىچە تەشۋىشلىك ئاھاڭدا .
--- خەدىچە ، سەن بۇ ئەندىشىلىرىڭنى
دىمىگەن بولساڭ مەنمۇ ھازىرقى روھىي
ھالىتىمنى ساڭا دەپ سېنىڭ كۆڭلۈڭنى غەش
قىلماقچى ئەمەستىم . ئاداش مەن كۆپ
تىرىشتىم ، ئاياللارنىڭ قولىدىن كېلىدىغان
بارلىق ۋاپادارلىقىم بىلەن ياخشى ئايال
بولۇشقا تىرىشتىم ، ئەمما
قاملاشتۇرالمىدىم . جېنىم خەدىچە ، مەن
مۇشۇ يەتتە يىللىق تۇرمۇش تەجرىبىلىرىمدىن
شۇنى ھېس قىلدىمكى ، مۇھەببەت ئەسلى
يۈكسەكلىك ، قۇدرەتلىك ، يېقىملىق ۋە
يارقىن پەزىلەتلەرنىڭ ئىجاتچىسى ئىكەن .
مۇھەببەتسىز ئائىلە قۇم ئۈستىگە سېلىنغان
ئۆيدەك ئۆمرى قىسقا بولىدىكەن .
--- نىمە دىمەكچى سەن ؟
--- ئاجرىشىمەن .
--- ئۇ ئاخىرقى قارارىڭمۇ ؟
--- شۇنداق ئاداش ، يەتتە يىلدىن بېرى
قەلبىمنى ئۆرتەۋاتقان قاڭسىق ئازاپلىرىمنى
، ساختا كۈلكىلىرىم ، سۈكۈتلىرىم بىلەن
يوشۇردۇم . ئاددىسى ئۆزۈمنى روھىم بىلەن
جىسمىم ، ۋىژدان بىلەن ئەخلاق يەنە سۇبات
بىلەن مۇراد ئوتتۇرىسىدا تەڭ قىسلىقتا
يۈرۈپ بەك چارچاپ كەتتىم . يۈرەكلىرىم
مۇھەببەتسىز تۇرمۇشتا تىتىلىپ كېتىۋاتسىمۇ
، مەن ئابروي قوغلىشىپ ، ئەنئەنىۋى ئەخلاق
مىزانىدا چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن ، يالغان كۈلۈپ
ياشىدىم . ئويلىسام ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئون
يىلدىن بۇيان مەن ئۆزۈمنى ناھايىتى ئاز
ئويلاپتىمەن . ئاپامنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى
مېنىڭ تەغدىرىمنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى
. دادامنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ پالەچ
بولۇپ يېتىپ قېلىشى ، تېخى ئالى مەكتەپتە
ئوقۇۋاتقان سىڭلىم ، تەڭلا يىگىت بولۇپ
قالغان ئىككى ئىنىمنىڭ كېيىنكى ئىشلىرى
مېنىڭ زىممەمگە چۈشتى . ئانامنىڭ جان
ئۈزۈش ئالدىدىكى << قىزىم سەن ئەمدى
ئۇكىلىرىڭغا مېنىڭ ئورنۇمدا ئانا بول >>
دىگەن ۋەسىيىتى مېنى ئۆزۈمنى ئۇنتۇشقا ،
سۇباتنىڭ ئانىسىنىڭ قارشىلىقلىرىغا بويۇن
ئېگىشكە ، رەھىمەنىڭ ئارقا - ئارقىدىن
يازغان خەتلىرىگە مەردلەرچە جاۋاپ يېزىپ
سۇباتنى يېتىم قالدۇرۇپ ، گۈزەل ئارمانلار
چىن ئەقىدە بىلەن ئۆتكەن تۆت يىللىق
مۇھەببىتىمنى ھالقىلىق پەيتتە ئۆز قولۇم ،
ئۆز مەيلىم بىلەن بوغۇپ ئۆلتۈرۈشكە مەجبۇر
بولدۇم . يۈرۈگۈمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر
قاتلاملىرىدىن ئاجايىپ ئىشتىياقىم بىلەن
سۆيگەن ھەم سۆيۈلگەن يىگىتىمنى ، رەھىمەگە
يىغلاپ تۇرۇپ ئۆتۈنۈپ بەردىم . ئاز كۈندىن
كېيىن داداممۇ ئۆلۈپ كەتتى . مەن
ئۇكىلىرىمغا ھەم ئاتا ھەم ئانا بولۇش
ئۈچۈن مېنى ياخشى كۆرىدىغان ئاشۇ ئەرگە
تەگدىم . مەن ناھايىتى نادان ئىكەنمەن .
مەن چوڭلارنىڭ << نىكاھ ئىسسىقلىق بېرىدۇ
>> دىگەن سۆزىگە ئىشىنىپ قاپتىمەن . ئۇ
ئوقۇمىغان ھەم مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان ئەر
بولسىلا ھىساپ قىلىدىغان ئاياللارغا
قارىتا ئېيتىلغان سۆز بولسا كېرەك . مەن
تويدىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ ھاياتىمدا ئورنىغا
كەلمەيدىغان چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىمنى
بىلگىنىمدە ، جاھان قازاننى دۈم كۆمتۈرۈپ
قويغاندەك قاراڭغۇ كۆرۈنۈپ كەتتى . ئەمما
مەن يەنە لېۋىمنى چىشلەپ تەغدىرىمگە تەن
بېرىپ ، ۋاپادار ئايال ھەم ياخشى كېلىن
بولۇش ئۈچۈن كۆپ تىرىشتىم . ئەمما ، مۇراد
مېنىڭ دىگەن يېرىمدىن چىقالمىدى .
قېرىشقاندەك ھەر بىر قەدىمىدە مېنى
يىراقلاشتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلدى .
ئۇنىڭدىن ھەر قېتىم كۆڭلۈم ئاغرىنغاندا
سۇباتنى ئېسىمگە ئالدىم . بۇ يىل 5 -
ئايدا سىڭلىمنىڭ تويىنى قىلىپ زىممەمدىكى
يۈكلەرمۇ ئورۇندىلىپ بولدى . ئەگەر مۇشۇ
جەرياندا مۇراد ماڭا ھەمدەمدە بولۇپ ،
ئىنىلىرىمغا ئاتامنىڭ ئورنىدا مۇئامىلە
قىلغان بولسا ئىدى ، مەنمۇ يۈرىكى گۆش
ئادەم بولغاندىكىن ئۇنىڭغا ۋىژدانىم بىلەن
مۇئامىلە قىلار ئىدىم . بىز ئاياللار <<
ئۆشكە يېغى >> تۇرساق ، بىر ئۆمۈر
مۇرادنىڭ ۋاپادارلىقىغا جاۋاپ قايتۇرۇش
ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە رازى ئىدىم . ئەپسۇس
، ئۇنىڭ ئۇنداق قىلغۇچىلىكى يوق ،
شەخسىيەتچى ، ئابرويپەرەس ، كۆڭلى قارا
ئەبلەخ چىقتى . ئۇ ئەركەك بولسا مېنىڭ
قەلبىمدىكى ئورنىنى ئۆزى ئىگىلىشى كېرەك
ئىدى . ئەمما ، ھەر قەدەمدە شۇنچە
يىراقتىكى سۇباتنى تىلغا ئېلىپ ،
قەلبىمدىكى جاراھېتىمنى قاناتتى .
بارغانسېرى نەزىرىمدىن چۈشۈپ كەتتى . مەن
قانداقمۇ ئۆز نەزىرىمدىن چۈشۈپ كەتكەن
ئۆزۈم كۆزگە ئىلمايدىغان ئەرگە ئايال
بولالايمەن ؟ مەن ئادەتتىكى يەپ - ئىچىپ ،
كىيىنىشنىلا ئويلايدىغان ساپاسى تۆۋەن
ئاياللاردىن بولمىسام ، قەلبىمدە ئوتتەك
ئارمانلىرىم ، كەلگۈسىگە بولغان نۇرغۇن
ئۈمىدلىرىم قەلبىمدە يېلىنجىۋاتقان بىر
ئۇقۇمۇشلۇق ئايال تۇرۇپ ، ماڭا يول
باشلايدىغان يەرلەردە ماڭا ئىتائەت
قىلىدىغان ، مېنى ھۆرمەتلەيدىغان چاغلاردا
ماڭا ئازار بېرىدىغان ئۇنداق ئەرگە
قانداقمۇ ئايال بولارمەن ؟ بۇ ئۆزۈمنى
دەپسەندە قىلغىنىم ، ئۆز قىممىتىمنى يەرگە
ئۇرغۇنۇم ئەمەسمۇ ؟ مەن ئۇنىڭ باشقىلار
تەلپۈنىدىغان ، دوستلىرىم ھەۋەس قىلىدىغان
ھوقۇقى ئۈچۈن ، يۇقۇرى مائاش ، ئاجايىپ
بېزەلگەن داچىسى ئۈچۈن ، ئۇنىڭ قىمار
ئوينىمايدىغان ، نېشە چەكمەيدىغان ، مېنى
ئۇرمايدىغان ، ئاشنا ئوينىمايدىغان ئېسىل
پەزىلەتلىرى ئۈچۈن ، جىمجىت ئائىلەم بىر -
بىرىمىزنى سىز دەپ ھۆرمەتلىشىدىغان ،
مېنىڭ نەدە تۇرۇشۇمنى نىمە قىلىشىمنى
باشقۇرمايدىغان ، << كەيفاڭ >> مىجەزلىرى
ئۈچۈن لېۋىمنى چىشلەپ باشلىق ئېرى بار
ئېسىل سۈپەت ئاياللار قاتارىدىن چۈشۈپ
قالماسلىق ئۈچۈن ، نومۇسسىزلارچە ئۆزۈمنى
ئالداپ ئۆزۈم ياخشى كۆرمىگەن ئەرنىڭ
قوينىدا يېتىپ ، روھىي چىقىپ كەتكەن
ئادەمدەك خورلىنىۋېرەمدىمەن ؟ ! ئۇرۇق -
تۇققالىرىمنىڭ قارشىلىقى ، يۈز - ئابروينى
دەپ سۈكۈت قىلىۋېرەمدىمەن ؟ ئويلىسام
ھەممە ئادەمنىڭ چىرىقى ئۆزىگە يانىدىكەن ،
قازىنى ئۆز ئۆيىدە قاينايدىكەن . مېنىڭچە
ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم بىلەن بىر
ئۆيدە ياشاشمۇ ئەخلاقسىزلىق
زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى (پوۋېست)
(8)
دىگەنلىرىڭ ھەق ئاداش ، << كېچە قانچە
ئۇزۇن بولسا ، چۈشمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ >>
دىگەن گەپ بار ، بىر قارارغا كېلىپ بولغان
ئىكەنسەن ، تېزراق بىر تەرەپ بولۇپ كەت ،
بۈگۈن چىمەنگە قاراپ ھاياتنىڭ قانچىلىك
قىممەتلىك ھەم چەكلىكلىگىنى چوڭقۇر ھېس
قىلدىم . ئادەم ئاۋال ئۆزىنى ئۆزى سۆيۈشى
، ئۆزىنى ئۆزى قەدىرلىشى كېرەككەن ،
شۇندىلا باشقىلارمۇ سېنى سۆيىدىكەن ، ھەم
قەدرىڭگە يېتىدىكەن . نەچچە يىلدىن بېرى
سەن كۆپ پۇچۇلاندىڭ ، قېرىنداشلىرىىڭ
ئۈچۈن ياشىدىڭ ، ئەمدى ھەممىسىنىڭ چىرىقى
ئۆزىگە يورۇيدۇ . سېنىڭ تۇرمۇش جەھەتتىكى
ئازاپلىرىڭغا ھىچكىم ئورتاقلىشىپ
بېرەلمەيدۇ . كېيىنچە سېنى ئۈرۈمچىگە
ئەكىلىۋالارمىز ، --- دىدى خەدىچە ماڭا
تەسەللى بېرىپ .
--- ئاداش كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى بەخت
تۇرمۇشتىكى خاتىرجەم ئائىلىسىگە ، ئەر -
ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكىلا
قارىتىلىپ قېلىۋاتىدۇ . ھەتتا ئېرىدىن
ئاجرىشىپ كەتكەنلەرنى ئاساسەن << بەختسىز
>> بولۇپ قالدى دەپ ئاتاۋاتىدۇ . مېنىڭچە
بۇ تۇرمۇشتىكى مەغلۇبىيەت، ھەرگىزمۇ
بەختسىزلىك ئەمەس ، مانا مەن ھازىرقى
ئەرنىڭ قولىدىكى ھالىمدىن ئاجرىشىپ كەتسەم
يالغۇز ياشاشنى ئۆزۈم ئۈچۈن بەخت دەپ
قارايمەن . مېنىڭچە بەخت دىگەن ئادەمنىڭ
كۆڭلى خوش بولغان ، كۆڭلى سۇ ئىچكەن
ئىشلارنى قىلىپ ئۆزىگە خوشاللىق تېپىش .
نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان مەن كۆڭۈلسىز
تۇرمۇشىمدىن قۇتۇلسام ، خىيالىمدا سۇبات
بىلەن رىياللىقىمدا قەلىمىم ماڭا ھەمرا
بولىدۇ دەپ ئويلايتتىم . چۈنكى مەن يالغۇز
ئەمەس قەلبىمدە ئۆزۈم تاللاپ ، چۈشۈنۈپ
سۆيگەن ئادىمىم بار . مېنىڭچە ئەڭ چوڭ
ئازاپ ، كۆڭلىدە چىن دىلىدىن سۆيگەن
ئادىمى بولماسلىق ، ئۆزىنىمۇ
سۆيدۈرەلمەسلىك ، تەڭرىنىڭ شاپائىتى بىلەن
ماڭا يەنە بىر مەسئۇلىيەت ئارتىلدى .
ئاياللار ئۈچۈن ئانا بولۇشمۇ كىچىك بەخت
ئەمەس ، مەن ھەيرانمەن باشقىلار ھىچقانداق
قۇربان بەرمەيلا ئېرىشىدىغان نېسىۋىلەرگە
مەن ناھايىتى تەستە ، كۆپ ئەجىرلەردىن
كېيىن ئېرىشىمەن . ئالىي مەكتەپ
ئىمتىھانىدىنمۇ بىرىنچى قېتىملىق
نەتىجەمنى باشقىلارغا
ئالماشتۇرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ، مېنىڭ
نەتىجەمگە باشقا بىرسى ئالىي مەكتەپكە
كېتىپ ، مەن مايتاغ تارىخىدىكى تۇنجى
قېتىملىق قايتا ئوقۇپ ئالىي مەكتەپكە
ئىمتىھان بەرگەن ئۇقۇغۇچى بولۇپ قالغان
ئىدىم . شۇ چاغلاردا خىزمەتكە
ئورۇنلىشىشمۇ ناھايىتى ئاسان ئىدى ، شۇڭا
مېنىڭ قايتا ئىمتىھان بېرىدىغانلىقىمنى
ئاڭلاپ مېنى << نىمانچە ئەخمەق >> دەپ
كۈلۈشكەنلەرمۇ بولغان . ئەمما مەن چوقۇم
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشۇم كېرەك دەپ
ئالدىمغا قاراپ كېتىۋەرگەن ئىدىم . ئاخىرى
ئاللاھ مېنىڭ ئەقىدەمدىن تەسىرلەندىمۇ
ئالىي مەكتەپكە ئۆتتۈم ، ھەتتا ئۆزۈم
سۆيىدىغان ئەدەببىيات كەسپىدە ئوقۇدۇم .
مۇھەببەت تارىخىمدىمۇ ماڭا شۇنداق ياخشى
ئەقىللىق يىگىتلەر ئۇچراشتى . ئەمما ھامان
ئۇلارنى مەندىنمۇ بەك سۆيىدىغان پىداكار
قىز پەيدا بولۇپ قالدى . سۇباتنى مەن
شۇنداق ئىشلاردىن مۇستەسنا دەپ يۈرسەم ،
بىزنىڭ ئىشلىرىمىزدا ئازراق ئوڭۇشسىزلىق
بولىشىغىلا ، مېنىڭ بەش يىل بىر سىنىپتا
ئوقۇپ ، بىر ياتاقتا بىر ناننى تالىشىپ
يىگەن ، رەھىمە بىر يۇرتلۇق بولغىنى
ئۈچۈنلا سۇباتنى بەختلىك
قىلالايدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ بىلەن بىر
ئۆمۈر جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىرگە
بولالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى . تەغدىر
دىگەن سەن قېچىپمۇ قۇتۇلالمايدىغان
رىئاللىق ئىكەن . ئانا بولۇشقا كەلسەك ،
مەن بەش - ئالتە ئاي قوساق كۆتۈرۈپ ، ئاش
- نان يىيەلمەي سېزىك تارتىپ ، ئاچچىق
تولغاقلارنى يەپمۇ ئېرىشەلمىگەن بالىغا ،
جان - جىگەر دوستۇمنىڭ پاجىئەلىك تەغدىرى
نەتىجىسىدىن كېيىن مۇنۇ سۆيۈملۈك
پەرىشتەمگە ئانا بولۇش شەرىپىگە ئېرىشتىم
. مانا بۇ مەن ئۈچۈن تەستە قولغا كەلگەن
بەخت ! مەن ئەمدى مۇشۇ بەختىمگە شۈكرى
قىلىپ مېھرىبان ھەم مەسئۇلىيەتچان ئانا
بولۇشقا تىرىشىمەن ، --- دىدىم
قۇچىقىمدىكى دىلنىگارغا مېھرىم بىلەن
تەلمۈرۈپ قاراپ . چولپان مېنى بەك
تەسىرلەندۈردىڭ ، مەن سېنى ئون يىلنىڭ
ئالدىدىكى ئوقۇغۇچى چاغلىرىمىزدىكى ئاق
كۆڭۈل ، كۆڭلى - كۆكسى كەڭ ،ئەمما كۆڭلى
بەك نازۇك چولپان دەپلا يۈرۈپتىمەن . <<
بەختسىزلىك ئەڭ چوڭ ئالىي مەكتەپ >>
دىگەنگە ئىشەندىم . سېنى بۇ ئون يىل
ئالاھىدە تاۋلاپتۇ . سەن شۇ تاپنىڭ
ئۆزىدىلا باشقا بىر ئايالنىڭ ( دوستۇڭ
بولسىمۇ ) باغرىنى يېرىپ چىققان بالىسىنى
باغرىڭغا قىزىم دەپ باسالىغىنىڭنىڭ ئۆزىلا
سېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىڭنى چوقۇم
خوشال ھەم بەخت ئىچىدە
ئۆتكۈزەلەيدىغىنىڭنى چۈشەندۈرىدۇ . چۈنكى
كۆڭلى - كۆكسى كەڭ ، مېھرىبان ئادەم
ئۆزىگە كەلگەن خوشاللىقنىمۇ ،
ئازاپلارنىمۇ قوبۇل قىلالايدۇ ، شۈكرى
قانائەتچان كېلىدۇ --- دىدى خەدىچە كۆزىگە
ياش ئالغان ھالدا ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ .
--- مېنى سەندەك چۈشىنىدىغان يەنە بىرسى
يوق ، --- دىدىم مەنمۇ كۆزلىرىمدىكى ياشنى
سۈرتكەچ .
--- ياق خاتالاشتىڭ ، سېنى يەنىلا سۇبات
بەك چۈشىنىدىكەن --- دىدى خەدىچە سەل
تىترىگەن ئاۋازدا .
--- نىمە دىمەكچى سەن ؟
--- ئاخشام چىمەننىڭ قىزىنى ساڭا بەرگۈسى
بارلىقىنى بىلىپ بىز ھەممىمىز ئارىسالدا
قالدۇق ، سېنى ئۇنىماي قالارمۇ دەپ
ئەنسىرىدۇق . ئەمما سۇبات شۇ يەردىلا
چىمەنگە << چىمەن سەن بەك توغرا ئويلاپسەن
، ئۇ شۇنداق كەڭ قورساق ، شۇنداق
مېھرىبانكى ، چولپاننىڭ ھېلىغۇ بالىسى
يوقكەن ، بالىسى بولغان ھالەتتىمۇ سېنىڭ
قىزىڭنى يەنە ئۆز قىزىدەك باغرىغا باسىدۇ
>> دىگەن ئىدى .
خەدىچەنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان شۇ دەقىقىدە
ئىسسىق بىر ئېقىم پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا تارىدى
. يۈرىكىم ئېيتقۇسىز بىر بەخت تۇيغۇسىغا
چۆمدى . ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسە ماڭا
شۇنچە گۈزەل ، شۇنچە سۆيۈملىك كۆرۈندى .
ئىچىمدە مېنى شۇ دەرىجىدە چۈشەنگەن
سۇباتىم بىلەن بىر ئۆمۈر خىيالىمدا
روھىمىز بىلەن بىرگە ياشاشنى قەسەم قىلدىم
.
دوختۇرنىڭ << ئەمدى كېسەلنى ئېلىپ چىقىپ
كېتىپ ئاخىرەتلىك تەييارلىقىنى
پۈتتۈرۈڭلار >> دىگەن سۆزىدىن كېيىن
چىمەننى خەدىچەنىڭ ئۆيىگە ئەپچىقىۋالدۇق .
ئۈرۈمچىدىكى ئون نەچچە ساۋاقداشنىڭ
ھەممىسى خەدىچەنىڭ ئۆيىگە كېلىپ
ئوغۇللارنىڭ سىرتتىكى ئىشلارنىڭ
تەييارلىقىغا چۈشتى . بىز قىزلار
تەييارلىقنى نىمىدىن باشلاشنى بىلەلمەي
گاڭگىراپ ، خەدىچە بىرەر چوڭراق
قوشنىسىدىن سوراي دەپ تۇراتتى . ئىشىك
چېكىلىپ ، خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا ،
بىز بەش يىل بىر سىنىپتا ئوقۇپ ، بىر
ياتاقتا ياتقان جانجىگەر دوستىمىز زۇمرەت
يىغلىغىنىچە كىرىپ كەلدى ، بىز ئۈنسىز
يىغلىشىپ دىدارلاشتۇق . ئۇ ئالىي مەكتەپنى
پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەرەپ بىرلەشمە
خەلىپىلىكىدە ئوقۇپ ، شۇ يەردە خىزمەت
قىلىۋاتاتتى .
--- سېنى ئالاھ يەتكۈزدىغۇ بىزگە ، قاچان
كەلگەن ئىدىڭ --- دىدى خەدىچە يىغلاپ
تۇرۇپ .
--- بايىلا ئايرۇپىلاندىن چۈشىشىم ، ئاپام
تېلىفۇندا چىمەننىڭ ئەھۋالىنى دىگەن ئىدى
،ئاللاھ كەچۈرسۇن مېنى قۇلاقلىرىمغا
ئىشەنمىدىم . تەقدىرگە تەن بەرگۈم
كەلمىگەندەك ، شۇ كۈنىلا ماڭماقچى بولغان
ئىدىم ، بىراق ئۇ كۈنى ئايرۇپىلان
بولمىغاچقا بىر كېچە كۆزۈم ئوچۇق تاڭ
ئاتقۇزدۇم ...
--- سېنى كېلىپ قالدىمىكىن دەپ چوڭ
ئۆيۈڭگە تېلىفۇن قىلسام ، سەن كەلمەپسەن ،
شۇڭا ئاپاڭغا بىرەر قۇر ئەھۋالنى دەپ
قويغان ئىدىم ، ئۆزۈممۇ ساڭا تېلىفۇن
قىلارمەن دەپ ئويلىغان ئەمما بۇ ئارقا -
ئارقىدىن كەلگەن تۇيۇقسىز ئىشلار بىلەن
ھودۇقۇپلا قالدىم --- دىدى ىەدىچە .
--- ئاپامغا دەپ بولسىمۇ ياخشى قىلىپسەن ،
بولمىسا سىلەردىن رەنجىپ قالاتتىم . بۇ
ھەممىمىزنىڭ بېشىدا بار ئىش ئەمەسمۇ ؟
--- باللىرىڭنىمۇ ئېلىپ كەلدىڭمۇ ؟
مەردانىمۇ كەلدىمۇ ؟ --- بىز تەرەپ -
تەرەپتىن سۇئال سورايتتۇق .
--- كەلدى ، بالىلارمۇ تەتىل بولغان ،
ئېلىپلا كەلدۇق . مەن ئاۋال چىمەننى كۆرۈپ
چىقايمۇ ؟ زۇمرەت چىمەننىڭ يېنىغا
كىرگەندە ، چىمەن كۆزلىرىنى غۇۋا ئېچىپ
ياتاتتى .
--- چىمەن ، قانداقراق تۇرىسەن ؟ قارا مەن
سېنى سېغىنىپ كەلدىم ، --- دىدى زۇمرەتمۇ
كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا چىمەننىڭ
پىشانىسىگە سۆيۈپ .
--- رەھمەت ئاداش ، ئازراقلا كېچىككەن
بولساڭ مېنىمۇ كۆرەلمەيتتىڭ ، رەھمەت ،
سەن دىليار بىلەن تېلىفۇندا سۆزلەشكەن
بىلەن كۆزۈڭ بىبلەن كۆرمىگەنتىڭ ، ئۇ بەك
ئەقىللىق ، بەك چىرايلىق خۇددى
دادىسىدەكلا چىرايلىق چوڭ بولغان ئىدى ...
مەن چىدىماي قالدىم ... چىمەننىڭ
كۆزلىرىدىن تۆكۈلىۋاتقان ياشلار
كۆزلىرىنىڭ جىيەكلىرىدىن ساقىپ
قۇلاقلىرىغا قۇيۇلاتتى .
--- چىمەن ، مەن ساڭا ئەرەب خەلىپىلىكىدە
بولغان بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي ئاڭلىغۇڭ
بارمۇ ؟ --- دىدى زۇمرەت چىمەننىڭ
چاچلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ .
--- مېنى يۆلەڭلار ، مەن سېنى بەك
سېغىنغانتىم ، گەپلىرىڭنى بەك ئاڭلىغۇم
بار ، ھېلىقى 324-ياتاقتىكى چاغلىرىمىزنى
بەك ئەسلەيمەن . قېنى سۆزلە پاراڭلىرىڭنى
ئاڭلىۋالاي ! ...
--- زۇمرەت ، چىمەن سېنى كۆرۈپ خېلىلا
جانلىنىپ قالدى ، قېنى پاراڭ سېلىپ
بەرگىنە ؟ --- دىدىم مەنمۇ ئاخشامنىڭياقى
خىرە كۆزىنى ئېچىپ ھېچنىمە خوشياقمىغاندەك
ياتقان چىمەننىڭ چىرايلىرىدىكى سۇس
تەبەسسۈمنى كۆرۈپ .
--- مەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە
بارغان بىرىنچى يىلىم مېنىڭ بىر قوشنامغا
شۇنداق قوش مۇسىبەت كەلدى . ئۇنىڭ
دۇنيالىقتا بىر قىزى بىلەن بىر ئوغلى
بولۇپ ، قىزىنى سۈرىيەگە ياتلىق قىلغان
ئىكەن . مەن قوشنا بولۇپ بارغاندا شۇ قىزى
تۇغۇتلىق ئىكەندۇق . قىزىنىڭ قىرىقى توشۇپ
سۈرىيەگە يولغا سېلىپ قويماقچى بولۇپ
ئوغلى ھەدىسىنى ، بوۋاقنى ماشىنىدا
ئايروپورتقا ئېلىپ كېتىۋېتىپ ، ماشىنا
ھادىسىسىدە بىراقلا قازا قىپتۇ .
مەكتەپتىن كەلسەم قوشنىلار شۇ خەۋەرنى
يەتكۈزدى . مەن قوشنامنى كۆرگىچە قوشنامنى
قانداق ھالەتتە كۆرۈشۈمنى تەسەۋۋۇر
قىلالماستىن يامغۇردەك تۆكۈلۈپ كىرسەم ،
قوشنام ئۈنسىز ياش تۆكۈپ ، كىرگەن
پەتىچىلەرنىڭ تەسەللىسىنى ئاڭلاپ
ئولتۇرۇپتۇ . قوشنامنىڭ كۆزلىرىدىن
يامغۇردەك تۆكۈلىۋاتقان ياشلارغا قاراپ ،
ئىچىمدە ۋارقىراپ بىر يىغلىۋەتسىچۇ ؟ دەپ
كەتتىم . ئەمما قوشنام كۆزلىرىدىن
تۆكۈلىۋاتقان ياشلارغىمۇ خىجالەت
بولىۋاتقاندەك لىچىكىنىڭ ئۇچى بىلەن
سۈرتۈپ تۇرۇپ << ئەلھۆكمۇلىللا ، ئاللاھ
ئۆزى بېرىپ ، ئۆزى ئەكەتتى ، شۈكۈر
بالىلىرىمنىڭ ئۇ دۇنيالىقىنى بەرسۇن >>
دىدى .
ئۆيگە قايتىپ چىققاندىن كېيىنمۇ بۇ ئىش
ماڭا بەك تەسىر قىلدى . مېنىڭ شۇ چاغدىكى
خىيالىمدا بولسا ئۇ ئانا ئاللا - كاللا
دەپ قوشاق قېتىپ ، ھازا ئېچىپ نەچچە
ھۇشىدىن كېتىشى كېرەك ئىدى . ئەتىسى
مەكتەپكە بارغاندا پارتىداش ساۋاقدىشىم
ئەرەب چوكاندىن سورىدىم ، ھەمدە بىزنىڭ
ۋەتەندە بولىدىغان ھازىلارنى چۈشەندۈردۈم
. ئۇ مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپ بولغاندىن
كېيىن كۈلۈپ تۇرۇپ : ماڭا مۇنداق بىر
ھەدىسىنى سۆزلەپ بەردى ، << بىزنىڭ ئىسلام
تارىخىمىزدا بىر دانىشمەن ئايال ئۆتكەن
بولۇپ ، ئۇ ئۆلۈمدەك سالمىقى ئېغىر بۇ
تېمىغا ناھايىتى ئىخچام قىلىپ مۇنداق
جاۋاپ بەرگەچكە تارىخ بەتلىرىدە تەكرار -
تەكرار پۈتۈلگەنكەن . بۇ دانىشمەن ئايال
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خادىمى ئەنەس
ئىبنى مالىكنىڭ ئانىسى رۇمەيسە بولۇپ ، ئۇ
ئىككىنچى قېتىم ئەنسارلاردىن بولغان ئەبۇ
تەلھەگە ياتلىق بولغان . بىر قېتىم ئەبۇ
تەلھەنىڭ كىچىك ئوغلى ئاغرىپ ياتقاندا
ئەبۇ تەلھە سەپەرگە چىقىپ كېتىپتۇ .
ئوغلىنىڭ كېسىلى ئېغىرلاپ كېتىپ دادىسى
كەلگىچە ئۆلۈپ كېتىپتۇ . رۇمەيسە
ئۆيدىكىلەرگە ئەبۇ تەلھەگە بۇ خەۋەرنى
ئۆزى ئېيتىدىغانلىقىنى ھەممىسىنىڭ سۈكۈت
قىلىشىنى تاپىلاپتۇ . رۇمەيسە ياسىنىپ -
تارىنىپ ئەبۇ تەلھەنى كۈتۈۋاپتۇ ھەم
ئالدىغا تاماق كەلتۈرۈپتۇ . ئەبۇ تەلھە
ئوغلىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغاندا ، رۇمەيسە :
<< ئۇ ئەڭ تېنچ ھەم ياخشى ھالەتتە >> دەپ
جاۋاپ بېرىپتۇ . ئەبۇ تەلھە بۇنى ئوغلۇم
ھازىر ياخشىلىنىپ قاپتۇ دەپ چۈشۈنۈپتۇ .
ئۇ كېچە ئىككىسى بىللە بوپتۇ ، ئەتىسى
رۇمەيسە ئېرىگە : پۇكۇنى ئادەم پۇستانى
قەبىلىدىكى ئادەملەرگە مەلۇم ۋاقىت مېلىنى
ئىشلىتىپ تۇرۇشقا ئامانەت قويۇپتىكەن ،
ئۇلار مالنى ئىشلىتىپتۇ ؛ بەھرىمان
بولۇپتۇ ، مۆھلەت توشقاندا مال ئىگىسى
مالنى قايتۇرۇشنى سوراپتىكەن ئۇلار
بەرگىلى ئۇنىماپتۇ >> دەپتۇ . ئەبۇ تەلھە
: << دۇنيادا شۇنداقمۇ يولسىزلىق بارمىكەن
، ئارىيەت ئالغان نەرسىنى ئىگىسىگە
قايتۇرۇش ئەقەللى قائىدى تۇرسا >>
دەپتىكەن ، رۇمەيسە : << ئوغلىمىزمۇ
ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن ئامانىتى ئىدى ،
جان ئىگىسى بولغان ئاللاھ ئامانىتىنى
ئالدى >> دەپتۇ . بۇ شۇم خەۋەردىن ئەبۇ
تەلھە قاتتىق قايغۇرۇپتۇ ۋە : << ئىنسان
دىگەن شۇنداق بىرەر مۇسىبەت يەتكەندە ،
سەن ئېيتقان ھەقىققەتنى ئۇنتۇپ قېلىپ ،
ئاللا - توۋا كۆتۈرىدۇ . سېنىڭ سۆزۈڭ ماڭا
سەۋرى ئاتا قىلدى ، شۇڭا مەن پەقەتلا
ئاللاھ قۇرئاندا ئېيتقان : << بىز
ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز ،
چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز
دەيمەن >> دەپتۇ ۋە پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامىنڭ ھوزۇرىغا بېرىپ ئەھۋالنى
بايان قىپتۇ . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
رۇمەيسەنىڭ ئاقىلانىلىقىدىن ، ئەبۇ
تەلھەنىڭ سەۋرىدىن خۇرسەن بولۇپ ،
ئىككىسىنىڭ شۇ كېچىسىگە بەركەت تىلەپ دۇئا
قىلىپتۇ .پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامىنىڭ
دۇئاسىنىڭ بەرىكىتى بىلەن رۇمەيسە
ھامىلدار بولۇپ ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ ئىسمىنى
ئابدۇللا قويۇپتۇ . ئابدۇللاھ
تەقۋادارلىقى ۋە باتۇرلىقى بىلەن زور
شەرەپكە ئىگە بولۇپ ، ئون ئوغۇل
پەرزەنتلىك بولۇپتۇ . >> مەن بۇ ھەدىستىن
شۇنى چۈشەندىمكى ، ئاللاھ بىز
بەندىلىرىنىڭ شۈكۈر قانائەتچان ، بەردەم
بولىشىمىزنى خالايدىكەن . ئاللاھ : <<
شۈكۈر قىلساڭ ماڭا ، يەنە بېرەي ساڭا >>
دىگەنكەن . شۇڭا دوستۇم شۈكۈر قىلغىن ،
ھېلىمۇ ياخشى ئوغلۇڭ سېنىڭ قولۇڭدا جان
ئۈزۈپتۇ ، ئاخىرەتلىكلىرىنى ئۆز قولۇڭدا
ئورۇنداپسەن ، سەن كۆرمەستە خەقنىڭ
يۇرتىدا كوچىلاردا جەسىتى قالسا قانداق
قىلاتتىڭ ؟ سەن ئاق كۆڭۈل ۋاپادار ئانا
بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ئاللاھ بالاڭنى ئاخىرقى
تىنىقىدا بولسىمۇ سەن بىلەن
دىدارلاشتۇرۇپتۇ ، ئوغلۇڭنى تۇققان
چېغىڭدا تازا خوش بولغان بولغىيتىڭ ؟
ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتقىن . زۇمرەتنىڭ
ناھايىت يۇمشاق ئاھاڭدا بەرگەن
تەسەللىلىرى چىمەننىلا ئەمەس ھەممىمىزنى
تەسىرلەندۈردى ھەم تەسەللى بولدى .
زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى (پوۋېست)(9)
زۇمرەت ، مېنىڭ ئاتا - بوۋام ئىمانى بار ،
ئېتىقادى كزچلۈك مۇسۇلمان ئىدى . ئەمما
مەن مۇسۇلمانلىق بۇرچىلىرىمنى ئادا قىلىپ
بولالمىدىم ، ئىشىك تۈۋىمگە ئەزرائىل
كەلگەندە بولسىمۇ توۋا قىلاي ، بەك قورقۇپ
كېتىۋاتىمەن ، ماڭا كىچىكىمدە ئانام ناماز
ئوقۇشنى ئۈەەتكەن بولسىمۇ ئوقۇشقا كېلىپ
نەماز ئوقۇيالمىدىم ... شۇ تاپتا بەك
قورقۇپ كېتىۋاتىمەن . ماڭا شائادەت ئوقۇپ
بەرگىن ، ئىمان ئېيتىپ ...--- چىمەننىڭ
ئاۋازلىرى پەسلەپ كېتىۋاتاتتى .
زۇمرەت تەرەتلىرىنى ئېلىپ كېرىپ چىمەننىڭ
باش تەرىپىدە ئولتۇرۇپ بوز ئاۋازدا :
--- چىمەن ، ئاللاھ رەھمەت قىلغۇچى ، تۆۋە
قىلغانلارنىڭ تۆۋىسىنى قوبۇل قىلىدۇ ،
ئۇنىڭغا رەھمەت ئىشىكلىرىنى ئاچىدۇ ، بىز
ھەممىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا
كېتىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز ، ئەمما قاچان
، قەيەردە كېتىدىغانلىقىمىزنى ئاللاھ
ئۆزىلا بىلىدۇ ، ماڭا ئەگەشكىن ، ئىمان
يېڭىلايمىز . << بىسمىللاھىر - رەھمانىر -
رەھىم ... >> چىمەن زۇمرەتكە ئەگىشىپ
ئاغزىنى مىدىرلىتىۋاتقىنى بىلەن
ئايەتلەرنى تولۇق تەلەپپۇز
قىلالمايۋاتاتتى .
--- ئۇسساپ كەتتىم ، ئۇسساپ ... چىمەن بوش
ئىڭرىدى .
--- ئاغزىڭنى ئاچقىن ، مانا ياسىن
دېمىدىسى سېنىڭ تەشنالىقىڭنى قاندۇرسۇن ،
بىسمىللاھىر رەھمانىر - رەھىم !
چىمەن تەكلىماكاننىڭ چۆللىكىدە ئۇسسىز
قالغان ئادەمدەك ياسىننى دىمىدىسىنى
چاكىلداپ تۇرۇپ بەش - ئالتە يۇتۇم
ئىچكەندىن كېيىن سەل ئارام ئالغاندەك
بولۇپ زۇمرەتكە لەپپىدى قاراپ :
--- سېنى يەنە ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ،
ئەمدى ياسىننى ئوقىغىن ، ياسىننى ئاڭلاي
--- دىدى بوشلا .
--- خەدىچە ، ئۆيدە قۇرئام بارمۇ ؟ ---
دەپ سورىدى زۇمرەت .
--- بار ئاچىقايمۇ ؟
--- ئۆيۈڭدە قۇرئان ساقلىغىنىڭغا ئاللاھ
رەھمەت قىلسۇن ، تېز ئەپچىققىن ، --- دىدى
زۇمرەت .
زۇمرەت قۇرئاننى ئېچىپ ، بوش ئاۋازدا
قىرائەت قىلىشقا باشلىدى . زۇمرەت
ئوقۇغۇچىلىق چاغلىرىمىزدا ناخشىنىمۇ
ناھايىتى ياخشى ئېيتاتتى . مۇنۇ چىمەن
ئىككىسى سىنىپىمىزنىڭ ناخشىچىلىرى ئىدى .
مانا ئەمدى قۇرئاننىمۇ ناھايىتى مۇڭلۇق
قىرائەت قىلىۋاتاتتى . قىرائەتنىڭ مۇڭى
بىلەن تەڭ مېنى يەنە يىغا باستى . مەن
چىمەنگە قارىدىم ، ئۇنىڭ چىرايىدىكى
ئازاپلارنىڭ ئورنىنى خاتىرجەملىك ئىگەللەپ
، خۇددى ئانىسىنىڭ ئەللەي ناخشىسىدا
ئۇيقۇغا ماڭغان بوۋاقتەك كۆزلىرىنى يۇمۇپ
ياتاتتى . بىز بىر كېچە چىمەننىڭ بېشىدا
ئولتۇردۇق . سەھەردە خەدىچە ئىككىمىزمۇ
زۇمرەتنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئۇنىڭغا
ئەگىشىپ بامدات نامىزىنى ئوقۇغاندىن كېيىن
، زۇمرەت چىمەننىڭ باش تەرىپىدە ئولتۇرۇپ
، << ياسىن >> ئوقۇغاچ ئاغزىغا دەمىدە
تېمىتىۋاتاتتى . چىمەن توساتتىنلا
كۆزلىرىنى لەپپىدە ئاچتى ، بىردىنلا
قوشۇمىلىرىنى تۈرۈپ گويا بىرسىنى
ئىزدەۋاتقاندەك ئەتراپقا ئەنسىزلىك بىلەن
قارىدى .
--- چولپان ، بالىنى ئېلىپ كېلە ... ---
دىدى خەدىچە .
مەن دەرھاللا يان ئۆيدە بەخىرامان
ئۇخلاۋاتقان قىزىمنى ئاۋايلاپ كۆتۈرۈپ
چىقتىم ، چىمەنگە قاراپ :
--- قارا ئاداش قىزىم تاتلىق ئۇخلاۋاتىدۇ
، --- دىدىم ئۇنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن
بوشقىنە شىۋىرلاپ ، ئۇ بىر قىزىغا ، بىر
ماڭا قارىغاندىن كېيىن كۆزلىرىدىكى
ئەنسىزلىكنىڭ ئورنىنى خاتىرجەملىك
ئىگىلىدى . ناھايىتى تەستە سۇس تەبەسسۈم
بىلەن ماڭا قىزىنى تاپشۇردى بولغاي ، يەنە
كۆزلىرى ئۇيقۇغا كەتتى .
--- خۇشتار ، ئەكەل بالىنى مەن
كۆتۈرىۋالاي ...
--- ئاستىراق توۋلا ، دىليار ئويغىنىپ
كېتىدۇ ... مەن قېشىڭغا كېتىۋاتىمەن ...
ۋاي - ۋۇي نىمانچە قاراڭغۇ بۇ يەر ؟ ! ...
دەرىزىنى ئېچىۋېتىڭلار ...
چىمىن جۆيلەۋېتىپ ئويغانغاندەك كۆزلىرىنى
غۇۋا ئېچىپ ئۆينىڭ دەرىزىسىگە قارىدى .
--- خەدىچە ، دەرىزىنى ئېچىۋەتكىنە ، ---
دىدى زۇمرەت .
ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلار ئۇنىمۇ بىزنىمۇ بەك
ئازاپلايدىغان ، يۈرەكلەرنى ئېزىدىغان
مىنۇتلار بولدى . ئۇنىڭى چىرايىدا
توساتتىنلا چەكسىز ئىتائەتمەنلىك ۋە
مۇلايىملىق ئەكس ئېتەتتى . ئۇ كۆزلىرىنىڭ
ئاخىرقى نۇرلىرىنى يىغىپ دەرىزە تەرەپكە
قارىدى . بەلكىم ئۇ كۈننىڭ نۇرىنى ،
قۇياشنى ، ھەممە-ھەممىنى ئەڭ ئاخىرقى
قېتىم بىر كۆرۈۋالماقچى بولسا كېرەك ،
پەردىنى قايرىۋەتكەن بولساقمۇ ، لېكىن
ئەمدىلا سۈزۈلۈشكە باشلىغان ئاسمان
ناھايىتى تۇتۇق بولۇپ خۇددى مۇشۇ بەختسىز
دوستۇمنىڭ سەكراتتىكى ھالىتىگە ئوخشايتتى
. سىم - سىم يامغۇر دەرىزە ئەينەكلىرىگە
تېگىپ چىمەن ئۈچۈن ھازا ئېچىۋاتاتتى .
ھاياتنىڭ خوشاللىقىدىن خاپىلىقىنى كۆپرەك
تارتقان دوستۇم چىمەننىڭ ئۆلۈمىنى
ساۋاقداش ، دوستلار باش قوشۇپ تۇرۇپ
ئۇزىتىۋالدۇق . بۈگۈن چىمەننىڭ ئۈچ
نەزىرسىنى قىلىپ يۇغۇچىلىرىنى ئۇزۇتۇپ
بولۇپ .ئوغۇل ساۋاقداشلار سىرتنى ئايلىنىپ
كىرەيلى دەپ چىقىپ كېتىشتى . ئۆيدە زۇمرەت
، رابىيە ، مەن ، خەدىچە ۋە ساۋاقدىشىمىز
ئادىلنىڭ ئايالى ئايگۈل بار ئىدى .
--- قېنى ئالغاچ ئولتۇرۇڭلار نەچچە كۈندىن
سىلەرمۇ كۆپ جاپا تارتتىڭلار ، --- دىدى
خەدىچە قىزلارنى داستىخانغا تەكلىپ قىلغاچ
ئۆزرە قويۇپ .
--- يەنىلا ئەڭ كۆپ جاپا چەككىنى سىلەر ،
دىلشات ئىككىڭلار ساۋاقداشلىقنى تازا
يەتكۈزدىڭلار ، مۇئەللىملەرمۇ ،
باشقىلارمۇ بىزدىن بەك تەسىرلىنىپ كېتىپتۇ
، مەردانمۇ ماڭا << زۇمرەت ، سېنىڭ
ئالتۇندەك ساۋاقداشلىرىڭ بار ئىكەن ،
مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلەردە ئەسقاتقان
دوستلارنىلا ھەقىقى دوست دىسە بولىدۇ >>
دەپ كەتتى ، --- دىدى زۇمرەت كۆزلىرىگە
ياش ئالغان ھالدا .
--- ئويلىسام ئوقۇپتۇق ، خىزمەتكە
چىقىپتۇق ، توي قىپتۇق ، بالىلىق بوپتۇق
... دىگەندەك ھاياتنىڭ رېتىملىق تەرتىپى
بويىچە توختىماي كېتىۋېتىپتۇق . مۇشۇنداق
ئالدىراپ ئىشلىشىمىز ، توختىماي
ئىزدىنىشىمىزنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى يەنە شۇ
ياخشى ياشاش ئىكەن ، ياخشى ياشاشنىڭ
مەقسىتىچۇ ؟ ياخشى يەپ ياخشى كىيىنىش
ئۈچۈنما ؟ ياق بىزنىڭ جاپا چېكىپ تەر
ئاققۇزۇشىمىزدىكى مەقسەت مۇھەببەت ئۈچۈن ،
ھاياتقا ، كەسپىمىزگە ، ئاتا - ئانىمىزغا
، باللىرىمىزغا ھەم دوستلارغا بولغان
مۇھەببىتىمىز ئۈچۈن ئىكەن . ئەگەر دۇنيادا
مۇھەببەت بولمىسا ئادەمنىڭ ياشىشىنىڭ
ھىچقانداق ئەھمىيىتى قالمايدۇ ، بىزنى شۇ
مۇھەببەتلا ھەرقانداق ئېغىر كۈنلەرگە
بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلالايدىكەن .
رەھمەتلىك دوستىمىزنى ئېلىپ ئېيتايلۇق ،
ئۇ خۇشتارغا بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتى
بىلەن كۆڭۈللۈك ياشاۋاتاتتى . خۇشتارنىڭ
مۇھەببىتىدىن مەھرۇم بولغاندىن كېيىنلا
ئۇنىڭ ئاشقازىنىدا راك پەيدا بولغان ،
بالىسىنىڭ خاپىلىقى ئاخىرىدا پاجىئەلىك
تەقدىرى چىمەننى بىراقلا ھالاك قىلدى .
ئەگەر ئۇنىڭغا بېيجىڭدىكى ساۋاقدىشى
مەتتۇرسۇننىڭ ياردىمى ، بۇ يەرگە كالگەندە
بىزنىڭ غەمخورلىقىمىز بولمىغان بولسا ...
ئۇنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدى بولغان قىزىنى
باغرىغا باسىدىغان چولپاندەك ۋاپادار
دوستى بولمىغان بولسا ... ئۇنىڭ ئەڭ
ئاخىرقى دەقىقىلەردىكى جان ئۈزگەن چاغدىكى
خاتىرجەملىكى بولارمىدى ؟ ئۇ بىزنىڭ
مۇھەببىتىمىز بىلەن يەنە ھاياتقا
قىيالمىغان ھالدا كۆز يۇمدى ، --- خەدىچە
كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى .
بىزمۇ كۆز يېشى قىلىۋاتاتتۇق .
--- زۇمرەت ، تىيەنچى زېنما رې ( 天气怎么热 )
سىز شۇنداق ئورىنىۋالساڭ ئىسسىپ
كەتمەمسەنكە ؟ --- دىدى ئايگۈل يېڭى تىلى
چىققان بالىدەك قىينىلىپ تۇرۇپ .
<< قچىشمىغان يەرنى تاتلىغاندەك >> بۇ
نىمە دەيدىغاندۇ گەپنى بۆلۈپ دەپ غۇدۇرۇدم
ئىچىمدە .
--- سىزچۇ ، نەچچە كۈندىن بېرى شۇنچە كۆپ
جامائەت ، ئانىڭىز ، دادىڭىزدەك كىشىلەر
ئارىسىدا كىچىك بالىنىڭ قول ياغلىغىدەك
گاز ياغلىقنى بېشىڭىزغا ئارتىۋالغان بىلەن
، يېڭى يوق ، چوڭ يوتىڭىز ئوچۇق ، قىسقا
كىيىملەر بىلەن يۈرۈپ خىجالەت
بولمىدىڭىزمۇ ؟ --- دىدى زۇمرەت ئايگۈلنىڭ
سۇئالىغا سۇئال قايتۇرۇپ .
--- مەن نىمىشقا خىجىل بولغىدەكمەن ؟ مەن
ئىشقىمۇ مۇشۇنداق بارىدىغان تۇرسام ، سىز
دىگەن سا يىسى ( 啥意思 ) ؟ --- دىدى ئايگۈل
تىلىنى چايناپ .
--- مەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان
مۇسۇلمان ئايالمەن ، ھەم يېقىندا ھەج
قىلىپ كەلدىم ، قۇرئان كەرىمدە بىز
ئاياللارنى مۇشۇنداق ھىجاپلىنىپ يۈرۈشكە
بۇيرىغان ، مەن مۇشۇنداق يۈرۈشنى خالايمەن
، --- دىدى زۇمرەت ھەر بىر سۆزىنى
ئۇرغۇلۇق قىلىپ .
--- ئۇنداقتا ھاجى بولسا بەك مافەن ( 麻烦 )
ئىكەن ، مەن ھەرگىز ھاجى بولالمىغۇدەكمەن
، --- دىدى ئايگۈل غازنىڭ بوينىدەك ئورۇق
بويۇنلىرىنى ياپالمىغان شالاڭ چاچلىرىنى
قوللىرى بىلەن ئوينىغاچ يالغان ھىجاراپ .
--- ھاجى بولۇش ئېغىر كەلسە ، ماڭا ئوخشاش
خىرىستىئان بولۇڭ ! قاراڭ ، --- قارا
يەڭسىز ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىۋالغان رابىيە
قولىنى شۇنداق ئەپچىللىك بىلەن پىشانىسى
ئاندىن ئىككى مۈرىسىگە يېنىك چېكىپ -
بەخىرامان ئولتۇردى .
مەن رابىيەنىڭ بۇ چاقچىقى دەپ ئويلاپ :
--- ھەي ، كۆز ئالدىمىزدىكى ئۆلۈمنى كۆرۈپ
تۇرۇپمۇ شۇنداق چاقچاق قىلامسەن ؟ يامان
بولىدۇ ، --- دىدىم ئۇنى بوشقىنا نوقۇپ .
--- سەن شۇ يامان بولىدۇلارنى بىلگەن
بىلەن ئەمەلىيىتىڭدە ئەمەل قىلىپ باقتىڭمۇ
؟ سەندەك ئېتىقادى يوق ئىسلام دىنىنىڭ
چالا بەندىسى بولغاندىن ، ماڭا ئوخشاش
مۇكەممەل بىر دىننىڭ مۇرىتى بولغان ياخشى
ئەمەسمۇ ؟ --- دىدى راببىيە بەخىرامان
ھالدا
زامان
ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى
10
-- ھەي سەن راستىنلا خىرىستىيان مۇرىتى
بولۇپ كەتتىڭ ؟ -- مەن ئەنسىزلىك بىلەن
ئۇنىڭ ساپ سېرىق بويىۋالغان چاچلىرى ،
كۆرسەتكۈچ بارمىقىغا سېلىۋالغان ئۈزۈكىگە
قارىدىم . .
_ ئەقىللىق ئادەم قايسى دىننىڭ ھەقىقەت
ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشى كېرەك. توغرا مەن
بۇرۇن مۇسۇلمان ئىدىم ، كىچىگىمدە ئانامغا
ئەگىشىپ ناماز ئوقۇيتۇم ،ئەمما نېمىگە
كۈندە تاتلىق ئۇيقۇمىزنى بۇزۇپ ناماز
ئوقۇيدىغىنىمىزنى بىلمەيتتىم ،ئانادىن
سورىسام ناماز ئوقۇمىساق يامان بولىدۇ ،ئۆلۈپ
كەتكەندە دوزاقتا كۆيىسەن دەيتتى .مەن
پەقەت ئانام بىلەن ئاتامدىن قورقۇپلا
ناماز ئوقۇيتۇم بېشىمغا رومال ئارتىتىم .
ئالى مەكتەپكە ئوقۇشقا كەلگەندىن كېيىن
مېنىڭ رومال ئارتىشىم ناماز ئوقۇشلىرىم
خوراپاتتەك بىلىندى ،مەن ھەممىنى تاشلىدىم
.دەپ بېقىڭلار كىم بىزگە ئىسلام دىنىنى
چۈشەندۈردى ؟ چۈشەندۈرىدىغان ئادەم يوق
بەلكى بىزنى چەكلىدى يامان بولىدۇلا دەيدۇ
، ھەممە يامان ئىشلارنى يەنە شۇ موللا
-ئىشانلار قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىز
ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان دېگىنىمىز بىلەن بۇ
دىندىن بىلىپ-بىلمەي چىقىپ كەتتۇق؛ ئۆز
خاھىشىمىز بويىچە ياشىدۇق. ئاخىر نېمە
بولدى؟گۇناھلىرىمىز ئېغىرلىشىپ كەتتى
شۇنداق ئازابلىنىپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە، مەن
بىر دوستۇم ئارقىلىق خىرىستىيان
دىنىدىكىلەر بىلەن ئۇچراشتىم .ئۇلار بۇ
دىننىڭ ئەڭ توغرا دىن ئىكەنلىكىنى تولۇق
چۈشەندۈردى ، بۇ دىننى چۈشەنگەنچە ئۇنىڭغا
مەھكەم باغلاندىم. ھازىر مەن شۇنچە خۇشال
ياشايمەنكى، تەرىپلەپ بېرەلمەيمەن.
سىلەرنىمۇ بۇ دىن بىلەن تونۇشۇپ باقسىكەن
دەيمەن ، خالىساڭلار ماتىريال بىلەن
تەمىنلەيمەن ._ رابىيە بىخارامان شۇنداق
دەپ بىزگە تەكشى قارىدى .
_ ئەلھەمدۇللاھ مۇسۇلمانمەن ، قالايمىقان
بىلجىرلىما ئۇنداق _ دېدىم مەن ئۇنىڭغا
رەددىيە بېرىپ .
__ مەن سېنى كافىر دېمىدىم ،ئەمما سەن
ئۆزەڭنى مۇسۇلمان دەيسەنۇ ،مۇسۇلمانلىق
قىياپىتىڭ قېنى ؟ زۇمرەتتەك ھىجاپلاندىڭما؟
بەش ۋاق ناماز ئوقۇۋاتامسەن ؟روزا
تۇتىۋاتامسەن ؟يەنە نۇرغۇن باش
ئاغرىيدىغان چەكلىمىلىرىدىن ئۆزۈڭنى
چەكلىيەلىدىڭمۇ ؟
_ مەن بۇلارنى تولۇق قىلالمىساممۇ ئۆزۈمنى
مۇسۇلمان دەپ قارايمەن _دېدى قەتئىيلىك
بىلەن .
_سىلەر شۇنداق چالا مۇسۇلمان بولغاچقا
شۇنداق بىچارە ھالەتتە ياشاۋاتىسىلەر !
_ مۇسۇلمانلار قانداق بىچارە بوپ قاپتۇق؟!
_ ئاۋازلىرىم يىغلىغاندەك چىقىپ كەتتى .
_كۆرمەيۋاتامسەن ، مۇسۇلمانلار شۇنچىلىك
يالغانچى بولۇپ كەتتىكى، ھەممىسى ئۆز
ئالدىغا موللام، ئۆز ئالدىغا پەرىشتە.
لېكىن، ھەممىسى گۇناھقا پېتىپ كەتكەن، بۇ
گۇناھىنى پاكلاشنى ئويلىمايدۇ؛ ئۆز-ئارا
مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئۇياقتا تۇرسۇن،
بىر-بىرىنىڭ ئارقىسىدىن غاجايدۇ، ئورا
كولايدۇ، قويمچىلىق قىلىدۇ. خىروئىن
ساتقانلارمۇ ھەرەمگە بارغان ھاجىلاردىن
چىقىۋاتىدۇ .ئىشقىلىپ ھەممە رەزىللىك شۇ
ئۆزىنى مۇسۇلمان دەۋالغانلاردىن چىققاچقا
،مەن مۇسۇلمانلارغا بولۇپمۇ ئۇيغۇر
مۇسۇلمانلىرىدىن بىزار !شۇڭا خىرىسىتىئان
دىنىنى تاللىدىم؛ بۇ دىننى تارقىتىش
ئارقىلىق بۇرۇنقى گۇناھلىرىمنى
يۇيىۋاتىمەن ،بۇ دىنغا سىلەردەك كاللىسى
قاتماللار ئانچە كىرمىگەن بىلەن ئالى
مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنكاسى تېز بولغاچقا
كۆپ كىرىۋاتىدۇ . بۇ دىنغا كىرسە ھەر
ئىككى دۇنيادا پايدا بار . . ئۆزەممۇ
ھەيران، بۇمۇ مۇشۇ دىننىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن
بولسا كېرەك، بۇ دىننى مەنچىلىك چۈشەنسەڭ
ئىدىڭ، گېپىمنى راستكەن دەيتتىڭ.
--- نىمە دەيدۇ ، مۇنۇ ئورۇس بولالمىغان
ساراڭ ، --- دىدى خەدىچە رابىيەنىڭ بېشىنى
نوقۇپ، جۆيلىمە .
مەن ناھايىتى بىئارام بولغان ھالدا ئۆينىڭ
تۆرىدە ، ئەرلەر چىقىپ كەتكەندىن كېيىن
ياغلىقلارنى يېشىۋېتىپ ئولتۇرغان زۇمرەتكە
ئىلتىجا بىلەن قاراپ :
--- زۇمرەت سەن نەچچە يىل ئىسلام
دۆلەتلىرىدە تۇرۇپ بىلىم تەھسىل قىلىپ ،
ھەج تاۋاپ قىلىپ كەلدىڭ ، بىز راستىنلا
... دىدىم سۆزۈمنىڭ ئاخىرنى دىگۈم كەلمەي
. زۇمرەتمۇ مېنىڭ شۇنداق دېيىشىمنى
كۈتكەندەك، رابىيەگە مەنسىتمەسلىك نەزىرى
بىلەن بىرقاراپ قويغاندىن كېيىن : _رابىيە
نەچچە كۈندىن بېرى مەن سەن بىلەن بىر
پاراڭلىشىپ بېقىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەنتىم ،
بەلكىم بۇ ئاللانىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدۇ ،سەن
ئۆزۈڭ تەشەببۇسكارلى