-چاقىلىرىنىمۇ
بىللە ئېلىپ چىقىپ، ھۈدەيبىييەنىڭ تۈگەپ
قالمايدىغان سۇ بويلىرىغا ئورۇنلىشىپ قالدى، ئۇلار
ئۆزلىرى بىلەن ئېلىشىپ، سىلىنى كەئبىگە كىرىشتىن
توسماقچى، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەم: «بىز بىرسى بىلەن ئۇرۇشقىلى كەلمىدۇق.
لېكىن بىز ئۆمرە قىلغىلى كەلدۇق. ھەقىقەتەن ئۇرۇش
قۇرەيشنى ھالسىزلاندۇرۇپ، ئۇلارغا نۇرغۇن زىيان
ئۇردى. شۇڭا ئەگەر ئۇلار خالىسا مەن ئۇلار بىلەن
ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزىمەن. ئۇلار مېنىڭ
پۈتۈن ئەرەبلەر بىلەن بولغان ئىشلىرىمغا
ئارىلاشمايدۇ، مۇبادا غەلىبە قىلسام، ئۇلار
كىشىلەر كىرىۋاتقان يولغا كىرىشنى خالىسا كىرسۇن،
غەلىبە قىلمىغان تەقدىردە ئۇرۇشنىڭ جاپاسىدىن
قۇتۇلۇپ ئارام ئالغان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار كېلىشىم
تۈزۈشكە ئۇنىمىسا، جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن
قەسەمكى، مەن بۇ ئىشىم (دىنىم) ئۈچۈن تاكى كاللام
تېنىمدىن ئۈزۈلگىچە ئېلىشىمەن. ئاللاھ ئۆزىنىڭ
دىنىنى چوقۇم ھۆكۈمران قىلىدۇ» دېۋىدى. بۇدەيىل:
سۆزلىرىنى ئۇلارغا دەرھال يەتكۈزىمەن، دەپ ماڭدى.
ئۇ قۇرەيشلەرنىڭ يېنىغا كېلىپ: بىز سىلەرنىڭ
قېشىڭلارغا مۇشۇ ئادەم (رەسۇلۇللاھ)نىڭ قېشىدىن
كەلدۇق. بىز ئۇنىڭدىن بىر سۆزنى ئاڭلىدۇق. ئەگەر
سىلەر ئۇنىڭ سۆزىنى دەپ بېرىشىمىزنى خالىساڭلار،
سىلەرگە سۆزلەپ بېرەيلى، دېگەندە ئۇلارنىڭ
نادانلىرى: ئۇنىڭدىن بىزگە بىرەر خەۋەر
يەتكۈزۈشۈڭلارغا ھاجىتىمىز يوق، دېدى. ئۇلارنىڭ
ئاقىللىرى: ئۇنىڭدىن ئاڭلىغانلىرىڭنى سۆزلەپ
بەرگىن، دېۋىدى. ئۇ: ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى
ئاڭلىدىم، دەپ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەم دېگەن گەپلەرنى ئۇلارغا سۆزلەپ بەردى.
بۇنى ئاڭلاپ ئۇرۋە ئىبنى مەسئۇد ئورنىدىن تۇرۇپ:
ئى قەۋم! سىلەر ماڭا ئاتا ئورنىدا ئەمەسمۇ؟
دېۋىدى، ئۇلار: شۇنداق دېيىشتى. ئۇ يەنە: مەن
سىلەرگە بالا ئورنىدا ئەمەسمۇ؟ دېۋىدى، ئۇلار:
شۇنداق دېيىشتى. ئۇ: ماڭا ئىشەنمەيدىغان يېرىڭلار
بارمۇ؟ دېۋىدى، ئۇلار: ياق، دېيىشتى. ئۇ: مېنىڭ
سىلەرگە ھەمدەمدە بولۇشقا پۈتۈن ئۇكاز ئاھالىسىنى
سەپەرۋەر قىلغانلىقىمنى، ئۇلار جاۋاب بەرمىگەندىن
كېيىن ئۆزۈمنىڭ بالا-چاقىلىرىم بىلەن ماڭا
ئەگەشكەنلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىمنى بىلىسىلەرغۇ؟
دېۋىدى، ئۇلار: ئەلۋەتتە بىلىمىز، دېيىشتى. ئۇ:
ئۇنداق بولسا مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار، ئۇ سىلەرگە
پايدىلىق تەكلىپ بېرىپتۇ، ئۇنىڭغا ماقۇل دەڭلار،
ماڭا ئىجازەت بېرىڭلار مەن ئۇنىڭ قېشىغا باراي،
دېدى، ئۇلار: بولىدۇ بارغىن، دېيىشتى، ئۇ كېلىپ
رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە سۆز
قىلغىلى تۇردى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەممۇ ئۇنىڭغا ئىلگىرى بۇدەيلگە قىلغاندەك
سۆزلەرنى قىلدى، دەل شۇ چاغدا ئورۋە رەسۇلۇللاھقا:
ئى مۇھەممەد! سەن قەۋمىڭنى پۈتۈن يوقىتىۋەتسەڭ،
نېمە بولماقچى؟ سەن سەندىن بۇرۇن ئەرەبلەردىن
بىرەرسىنىڭ ئۆز قەۋمىنى يوقىتۋەتكەنلىكىنى
ئاڭلىغانمۇ؟ ئىش ئەكسىچە بولغان تەقدىردە ئېغىر
ئەھۋالدا قالىسەن، چۈنكى ئاللاھ بىلەن قەسەم
قىلىمەنكى، مەن ئېسىل كىشىلەرنىمۇ كۆرۈۋاتىمەن،
يەنە تۇتامى يوق خىلمۇـ خىل كىشىلەرنىمۇ
كۆرۈۋاتىمەن، ئۇلار سېنى تاشلاپ قېچىپ كېتىدىغان
ئادەملەردۇر، دېۋىدى. ئەبۇ بەكىر سىددىيق ئۇنىڭغا:
لات دېگەن بۇتنىڭ دىلچىقىنى شۈمگىنە، بىز ئۇنى
تاشلاپ قېچىپ كېتىمىزما؟ دېۋىدى، ئۇ: بۇ كىم
بولىدۇ؟ دېدى، ئۇلار: ئەبۇ بەكىر دېيىشتى، ئۇ:
جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، بوينۇمدا
ساڭا قايتۇرالماي قالغان بىر ياخشىلىقىڭ بولمىغان
بولسا، مەن ساڭا رەددىيە بەرگەن بولاتتىم، دېدى ۋە
رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە گەپ
قىلغىلى تۇردى، ئۇ ھەر قېتىم گەپ قىلسا
رەسۇلۇللاھنىڭ ساقىلىنى سىلايتتى، رەسۇلۇللاھ
ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا موغىيرە
ئىبنى شۇئبە شەمشەر تۇتقان، تۆمۈر قالپاق كىيگەن
ھالدا تۇراتتى، ئۇرۋە ھەر قېتىم رەسۇلۇللاھ
ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساقىلىنى تۇتۇشقا
قولىنى ئۇزاتقاندا ئۇنىڭ قولىغا قىلىچنىڭ
غىلىپىنىڭ ئۇچى بىلەن ئۇرۇپ ئۇنىڭغا: قولۇڭنى
رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ
ساقىلىدىن نېرى تۇت، دەيتتى، ئاخىرى ئورۋە بېشىنى
كۆتۈرۈپ: بۇ كىم بولىدۇ؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇلار:
موغىيرە ئىبنى شۇئبە، دېيىشتى، ئورۋە: ۋاي خائىن،
مەن تا ھازىرغىچە سېنىڭ خىيانىتىڭنىڭ شالتىقىنى
تازىلايمەن دەپ ئاۋارە بولىۋاتمامدىمەن؟ دېدى.
ئەسلىدە موغىيرە جاھىلىيەت زامانىدا بىر توپ
كىشىلەر بىلەن ھەمسەپەر بولۇپ ئۇلارنى
ئولتۇرىۋېتىپ، ماللىرىنى ئېلىۋالغان ئىدى، كېيىن
كېلىپ مۇسۇلمان بولغاندا رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: «ئىسلامىڭنى قوبۇل
قىلىمەن، ئەمما باشقىلاردىن ئېلىۋالغان مال-مۈلۈك
بىلەن چاتىقىم يوق» دېگەن ئىدى.
كېيىن ئورۋە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرىگە دىققەت بىلەن نەزەر
سېلىشقا باشلىدى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ بىلەن
قەسەمكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم
شۇنداق بىر تۈكۈرىدىغان بولسا، ئۇنىڭ تۈكۈرۈكى
چوقۇم ئۇلاردىن بىرىنىڭ قولىغا چۈشەتتى-دە، ئۇنى
يۈزـ قوللىرىغا سۈرتەتتى، ئۇلارغا بۇيرۇق
چۈشۈرىدىغان بولسا، بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشقا
يۈگۈرۈشەتتى، تاھارەت ئالسا، تاھارەت ئالغان سۇنى
تالىشىپ ئۇرۇشۇپ كەتكىلى تاس قېلىشاتتى، سۆز
قىلغاندا ئۇنىڭ ھوزورىدا ئاۋازلىرىنى پەسەيتىشەتتى
جىم تۇرۇشاتتى، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلىكتىن ئۇنىڭغا
تىكىلىپ قاراشمايتتى.
ئورۋە ئاخىرى قورەيشلىك ھەمراھلىرىغا قايتىپ بېرىپ
ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ئى قەۋم! ئاللاھ بىلەن
قەسەمكى، مەن نۇرغۇن پادىشاھلارنىڭ ھوزۇرىغا
بارغانمەن، كىسرا، قەيسەر ۋە نەجاشيلارنىڭ
ھوزۇرىغا بارغان ئىدىم، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن
ھازىرغا قەدەر مۇھەممەدنىڭ ساھابىلىرى مۇھەممەدنى
ھۆرمەتلىگەندەك ھەمراھلىرى ھۆرمەتلەيدىغان بىر
پادىشاھنى كۆرۈپ باقمىغان، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى،
ئۇ تۈكۈرسىلا ئۇلاردىن بىرىنىڭ ئالقىنىغا
چۈشىدىكەن، ئۇنى يۈزـ قوللىرىغا سۈرتىدىكەن،
ئۇلارنى بۇيرىسا ئىجرا قىلىشقا يۈگۈرىشىدىكەن،
تاھارەت ئالسا تاھارەت ئالغان سۈيىنى تالىشىپ
ئۇرۇشقىلى تاس قىلىشىدىكەن، سۆز قىلسا ھەممىسى
ئاۋازلىرىنى پەسەيتىپ جىم تۇرۇشىدىكەن ئۇنى
ھۆرمەتلىگەنلىكتىن ئۇنىڭغا تىكىلىپ
قارىيالمايدىكەن، ئۇ سىلەرگە پايدىلىق تەكلىپ
بېرىپتۇ، قوبۇل قىلىڭلار، دېدى.
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا بەنى كەنانە جەمەتىدىن بىر
كىشى: ماڭا ئىجازەت بېرىڭلار، مەن ئۇنىڭ قېشىغا
بېرىپ باقاي، دېۋىدى، ئۇلار: قېشىغا بېرىپ باققىن،
دېيىشتى، ئۇ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەم بىلەن ساھابىلىرىگە يىراقتىن نەزەر
تاشلىغىنىدا، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەم: «بۇ پالانى بولىدۇ، ئۇ ھەرەمگە
قىلىنىدىغان قۇربانلىق تۆگىلەرنى ئۇلۇغ بىلىدىغان
قەۋمدىن بولىدۇ، شۇڭا قۇربانلىق تۆگىلەرنى ئۇنىڭ
ئالدىغا ئەۋەتىڭلار» دېدى. قۇربانلىقلار ئۇنىڭ
ئالدىغا ئەۋەتىلىۋىدى، مۇسۇلمانلار تەلبىيە
توۋلىغىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىشتى، ئۇ بۇ
ئەھۋالنى كۆرۈپ: سۈبھەنەللاھ! ئۇلارنى ئاللاھنىڭ
بەيتىدىن توسۇۋېلىش قەتئىي توغرا بولمايدۇ، دېدى،
ئۇ قايتىپ بارغاندا ھەمراھلىرىغا: مەن بوينىغا
بويۇنلۇق ئېسىلىپ قانىتىپ بەلگە قىلىنغان
قۇربانلىق تۆگىلەرنى كۆردۈم، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ
بەيتىدىن توسۇۋېلىشقا بولمايدۇ، دەپ قارايمەن
دېۋىدى، قورەيشلىكلەردىن مىكرەز ئىبنى ھەفس
دېيىلىدىغان بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ: ئىجازەت
بېرىڭلار! مەن بىر بېرىپ باقايچۇ، دېۋىدى، ئۇلار:
قېشىغا بېرىپ باققىن دېيىشتى، ئۇ مۇسۇلمانلارغا
يىراقتىن نەزەر تاشلىغىنىدا، رەسۇلۇللاھ
ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلىرىغا: «بۇ
مىكرەر بولىدۇ، ئۇ ئوسال ئادەم» دېدى. ئۇ كېلىپ
رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە گەپ
قىلغىلى تۇردى، ئۇ گەپ قىلىۋاتقان چاغدا ئۇشتۇمتۇت
سوھەيل ئىبنى ئەمرۇ كېلىپ قالدى، مەئمەر دېدى:
ئەييۇب ماڭا ئىكرىمەدىن سۆزلەپ بەردىكى، سوھەيل
ئىبنى ئەمرۇ كەلگەندە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىشىڭلار ئاسان بولىدىغان
بولدى» دېگەن. مەئمەر دېدى: زۇھرىي سۆزلەپ بەرگەن
ھەدىسىدە مۇنداق دېدى: سوھەيل ئىبنى ئەمرۇ كېلىپ:
كەلتۈر، بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردا بىر
سۈلھىنامە يازغىن، دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ كاتىبنى
چاقىردى ۋە ئۇنىڭغا: «بىسمىللاھىرراھمانىر راھيم»
دېۋىدى. سوھەيل: راھمان دېگەن سۆزگە كەلسەك،
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇ نېمە بىلمەيمەن،
بۇرۇنقىدەك ئى ئاللاھ! سېنىڭ نامىڭ بىلەن، دەپ
يېزىۋەرگىن، دېدى، مۇسۇلمانلار: ئاللاھ بىلەن
قەسەمكى، بىسمىللاھىرراھمانىر راھيمدىن باشقا سۆز
بىلەن يازمايمىز، دېيىشتى، رەسۇلۇللاھ: «ئى
ئاللاھ! سېنىڭ نامىڭ بىلەن دەپ يازغىن» دېدى.
ئاندىن: «بۇ ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد تۈزگەن
كېلىشىمدۇر» دېۋىدى، سوھەيل: ئاللاھ بىلەن
قەسەمكى، بىز سېنى ئاللاھنىڭ رەسۇلى دەپ بىلگەن
بولساق سېنى كەئبىدىن توسۇپ تۇرىۋالماس ئىدۇق،
ئۇرۇشماس ئىدۇق، ئەمما مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ
دەپ يازغىن، دېدى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەم: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر مېنى
يالغانچى دەپ تۇرىۋالساڭلىمۇ مەن ھەقىقەتەن
ئاللاھنىڭ رەسۇلىمەن، مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ
دەپ يازغىن» دېدى. زوھرى دەيدۇ: بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ:
«ئۇلار مەندىن ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىنى
ئۇلۇغلايدىغانلا ئىشنى سورايدىكەن (مەككىدە قان
تۆكۈلمەيدىغانلا ئىش بولسا) مەن چوقۇم ئۇلارغا
دېگىنىنى بېرىمەن» دېگەن سۆزىگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ
دېگىنىگە ماقۇل بولغانلىقىدۇر.
ئاندىن رەسۇلۇللاھ سوھەيلىگە: «بىزنى بەيتۇللاھدىن
توسماسلىقىڭلار، بىزنىڭ ئۇنى تاۋاپ قىلىۋېلىشىمىز
شەرتى بىلەن ماقۇل دەيمەن» دېۋىدى، سوھەيل: ئاللاھ
بىلەن قەسەمكى، ئەرەبلەر بىزنى بېسىمغا ئۇچراپ
بوزەك بولۇپتۇ دېيىشىپ يۈرمىسۇن، لېكىن بۇ كېلەر
يىلى شۇنداق بولسۇن، دېدى. سۇلىھىنامىگىمۇ شۇنداق
يېزىلدى، سوھەيل يەنە مۇنداق دېدى: يەنە بىر شەرت
شۇكى، بىزدىن بىرەر كىشى سېنىڭ دىنىڭدا بولغان
تەقدىردىمۇ سېنىڭ قېشىڭغا بارسا سەن ئۇنى بىزگە
قايتۇرىۋېتىسەن، دېدى. بۇنى ئاڭلىغان مۇسۇلمانلار:
سۈبھەنەللاھ! ئۇ مۇسۇلمان بولۇپ كەلگەن تۇرسا
قانداقمۇ ئۇ مۇشىرىكلارغا قايتۇرۇلىدىكەن؟
دېيىشتى، ئۇلار شۇنداق دېيىشىپ تۇرۇشقىنىدا سوھەيل
ئىبنى ئەمرونىڭ ئوغلى ئەبو جەندەل كىشەنلىرىنى
سۆرەپ ئاستا مېڭىپ كېلىپ قالدى، ئۇ مەككىنىڭ تۆۋەن
تەرىپىدىن چىقىپ مۇسۇلمانلار ئىچىگە ئۆزىنى
تاشلىغان ئىدى، بۇنى كۆرگەن سوھەيل: ئى مۇھەممەد!
مانا بۇ سۈلھىنامىگە ئاساسەن ماڭ قايتۇرۇپ
بېرىشىڭنى تەلەپ قىلىدىغان دەسلەپكى ئىش، دېدى،
رەسۇلۇللاھ: «بىز تېخى سۈلھىنامىنى پۈتتۈرۈپ پارىغ
بولمىدۇق» دېۋىدى. ئۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى،
ئۇنداقتا مەن سەن بىلەن ھىچنېمىگە سۈلھى
تۈزمەيمەن، دەپ تۇرىۋالدى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەمىسە ئۇنى ماڭا ماقۇل
دەۋەتكىن» دېۋىدى، ئۇ: مەن ئۇنى ساڭا ماقۇل
دەۋەتمەيمەن، دېدى. رەسۇلۇللاھ قايتا: «ياق،
شۇنداق قىل» دېۋىدى، ئۇ: مەن ئۇنداق قىلمايمەن،
دېدى. مىكرەز: ياق، بولدى بىز ئۇنى سىلىگە ماقۇل
دەۋەتتۇق، دېدى. ئەبۇ جەندەل: ئى مۇسۇلمانلار
جامائەسى! مەن مۇسۇلمان بولۇپ كەلگەن تۇرسام
مۇشرىكلارغا قايتۇرۇلامدىم؟ مېنىڭ تارتقان
كۈنلىرىمنى كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ دېدى. ئۇ ئاللاھ
يولىدا قاتتىق ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە ئۇچرىغان ئىدى.
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق
دەيدۇ: شۇنىڭ بىلەن مەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى
ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا بېرىپ:
سىلى ئاللاھنىڭ ھەق پەيغەمبىرىغۇ؟ دېسەم
رەسۇلۇللاھ: «شۇنداق» دېدى، مەن: بىز ھەق دىندا
دۈشمەنلىرىمىز باتىل دىندا شۇنداقمۇ؟ دېسەم
رەسۇلۇللاھ: «شۇنداق» دېدى، مەن: ئۇنداقتا نېمە
ئۈچۈن دىنىمىزنى تۆۋەن قىلىپ بىرىمىز؟ دېسەم،
رەسۇلۇللاھ: «مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ
رەسۇلىدۇرمەن، ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلمايمەن، ئۇ
ماڭا نۇسرەت ئاتا قىلغۇچىدۇر» دېدى، مەن: بىزگە
كەئبىگە بېرىپ تاۋاپ قىلىمىز دەپ
سۆزلىمىگەنمىدىلە؟ دېسەم، رەسۇلۇللاھ: «شۇنداق،
لېكىن مەن ساڭا ئۇنى بۇ يىل تاۋاپ قىلىمىز دەپ
دېدىممۇ؟» دېۋىدى مەن: ياق، دېسەم رەسۇلۇللاھ:
«ئۇنداق بولغاندىكىن سەن چوقۇم كەئبىگە بېرىپ
تاۋاپ قىلىسەن» دېدى، مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئەبۇ
بەكىرنىڭ قېشىغا كېلىپ: ئى ئەبۇ بەكىر! بۇ
ئاللاھنىڭ ھەق پەيغەمبىرىغۇ؟ دېسەم ئۇ: شۇنداق
دېدى، مەن: بىز ھەق دىندا، دۈشمىنىمىز باتىل دىندا
شۇنداقمۇ؟ دېسەم ئۇ: شۇنداق، دېدى، مەن ئۇنداقتا
نېمە ئۈچۈن دىنىمىزنى تۆۋەن قىلىپ بېرىمىز؟ دېسەم،
ئۇ: ئى ئادەم، ئۇ دېگەن ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ
رەسۇلى، رەببىگە ئاسىيلىق قىلمايدۇ، رەببى ئۇنىڭغا
نۇسرەت ئاتا قىلغۇچىدۇر. شۇڭا ئۇنىڭغا خىلاپلىق
قىلما. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇنىڭ قىلغىنى
ھەقتۇر، دېدى. مەن: بىزگە كەئبىگە بېرىپ تاۋاپ
قىلىمىز دېگەن ئىدىغۇ؟ دېسەم ئۇ: شۇنداق، لېكىن ئۇ
ساڭا بۇ يىل بېرىپ تاۋاپ قىلىسەن دېگەنمۇ؟ دېۋىدى،
مەن: ياق دېسەم، ئۇ: ئۇنداقتا ئالدىراپ كەتمە، سەن
چوقۇم كەئبىگە بېرىپ تاۋاپ قىلىسەن، دېدى، زوھرىي
دەيدۇ: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن شۇ كۈنى
تاكاللىشىپ تۇرۇۋالغان خاتالىقىم ئۈچۈن كۆپ
ئەمەللەرنى قىلدىم. دېگەن.
زوھرىي ھەدىسنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:
سۈلھىنامە يېزىش ئىشىنى پۈتتۈرۈپ پارىغ بولغاندىن
كېيىن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم
ساھابىلىرىگە: «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ (ھەدىيە
قۇربانلىقلارنى) بوغۇزلاپ، ئاندىن چېچىڭلارنى
چۈشۈرۈڭلار» دەپ بۇيرۇق قىلدى، ئاللاھ بىلەن
قەسەمكى، ئۇلاردىن بىرىمۇ ئورنىدىن تۇرمىدى،
رەسۇلۇللاھ سۆزىنى ئۈچ قېتىم دېگەن بولسىمۇ ھېچكىم
ئورنىدىن تۇرمىغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن
رەسۇلۇللاھ ئۇممۇ سەلەمەنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنىڭغا
مۇسۇلمانلاردىن ئۇچراتقان بۇ ئېغىر ئەھۋالدىن دەرد
تۆكىۋىدى، ئۇممۇ سەلەمە: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى،
سىلى ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشىنى ياقتۇرىدىغان
بولسىلا چىقىپ ئۇلارنىڭ ھېچبىرىگە بىر ئېغىزمۇ سۆز
قىلماي ھەدىيە قۇربانلىق تۆگىلىرىنى
بوغۇزلاۋەرسىلە، سەتىراچلىرىنى چاقىرتىپ چاچلىرىنى
چۈشۈرىۋەرسىلە، دېدى، شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ
چىقىپ ھەدىيە قۇربانلىق تۆگىلىرىنى بوغۇزلاپ،
سەتىرىچىنى چاقىرتىپ چېچىنى چۈشۈرگىچە ھېچكىمگە
گەپ-سۆز قىلمىدى، ساھابىلار بۇنى كۆرۈپ دەرھال
ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ قۇربانلىقلىرىنى بوغۇزلاپ،
بىرـ بىرىنىڭ بېشىنى چۈشۈرۈشۈپ،
قىستى-قىستاڭچىلىقتىن بىرـ بىرىنى ئۆلتۈرۈپ
قويغىلى تاس قىلىشتى.
ئاندىن رەسۇلۇللاھقا مۇئمىن ئاياللار كەلگەن ئىدى،
ئاللاھ تائالا: (ئى ئىمان ئېيتقانلار! مۇئمىن
ئاياللار ھىجرەت قىلىپ سىلەرگە كەلسە، ئۇلارنى
سىناپ كۆرۈڭلار، ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ئاللاھ ئوبدان
بىلىدۇ، ئەگەر ئۇلارنى مۇئمىن ئاياللار دەپ
بىلسەڭلار، ئۇلارنى كاپىرلارغا قايتۇرىۋەتمەڭلار،
ئۇ ئاياللارمۇ ئۇلار (كاپىرلار) غا ھالال
بولمايدۇ، ئۇلار (كاپىرلار) مۇ ئۇ ئاياللارغا
ھالال بولمايدۇ. كاپىر ئەرلىرىنىڭ ئۇلارغا
بەرگىنىنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار، ئۇلارنىڭ
مەھرىلىرىنى بېرىپ ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالساڭلار
سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، كاپىر ئاياللارنى
ئەمرىڭلاردا ساقلىماڭلار، ئۇلارغا خەجلىگىنىڭلارنى
تەلەپ قىلىڭلار، ئۇلارمۇ خەجلىگەنلىرنى تەلەپ
قىلسۇن، ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ ھۆكمىدۇر. ئاراڭلاردا
ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن
ئىش قىلغۇچىدۇر.) (مۇمتەھىنە سۈرىسى
10-ئايەت.)دېگەن ئايىتىنى نازىل قىلىۋىدى، ئۆمەر
دەرھال مۇشرىك چېغىدا ئالغان ئىككى خوتۇنىنى تالاق
قىلىۋەتتى، ئۇلارنىڭ بىرىنى مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ
سوفيان، يەنە بىرىنى سافۋان ئىبنى ئومەييە ئالدى.
ئاندىن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم
مەدىنىگە قايتتى، رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا
(قۇرەيشلىك) ئەبۇ بەسىير دېگەن بىر مۇسۇلمان
كەلگەن ئىدى، ئۇنىڭ ئارقىدىن ئىككى ئادەمنى ئۇنى
تۇتۇشقا ئەۋەتىشتى، ئۇلار كېلىپ رەسۇلۇللاھقا: بىز
بىلەن قىلىشقان كېلىشىمنامە بويىچە ئۇنى بىزگە
قايتۇرۇپ بەرگىن، دەپ ئۇنى تەلەپ قىلشتى، شۇنداق
قىلىپ رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئۇ ئىككى كىشىگە تاپشۇرۇپ
بەردى، ئۇنى ئىككەيلەن يالاپ مېڭىپ زول ھولەيفە
دېگەن جايغا بارغاندا يانلىرىدىكى خورمىلىرىنى يەپ
غىزالىنىش ئۈچۈن توختاشتى، ئەبۇ بەسىير ئۇلارنىڭ
بىرىگە: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى پالانى! قارىسام
شەمشىرىڭ بەك ئېسىلدەك قىلىدۇ، دېۋىدى، ئۇ ئادەم
قىلىچىنى سۇغۇرۇپ: شۇنداق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى
ئۇ بەك ئېسل، مەن ئۇنى نەچچە قېتىم سىناپ كۆرگەن،
دېدى، ئەبۇ بەسىير: ئەكەلگىنە ئۇنى كۆرۈپ باقايچۇ،
دېۋىدى ئۇ ئۇنى كۆرگىلى بەردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ
ئادەمنى ئۆلگىچە چاپتى، يەنە بىر ئادەم قېچىپ
مەدىنىگە كەلدى، ئۇ مەسجىدكە يۈگۈرگىنىچە كىرگەن
ئىدى، رەسۇلۇللاھ: «بۇ چوقۇم قورقۇنچلۇق بىر ئىشنى
كۆرگەن» دېدى، ئۇ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كېلىپ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى،
مېنىڭ ھەمراھىم ئۆلتۈرۈلدى، قۇتقۇزىۋالمىساڭلار
مەنمۇ ئۆلتۈرۈلىمەن، دېدى، ئارقىدىن ئەبۇ بەسىير
كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھ بىلەن
قەسەمكى، ئاللاھ ئۆزلىرىنىڭ ئەھدىلىرىنى بۇزدۇرماي
تولۇق قىلىپ بەردى، مىنى ئۇلارغا قايتۇرغان
بولسىلىمۇ ئاللاھ مىنى ئۇلاردىن قۇتقازدى، دېۋىدى،
رەسۇلۇللاھ: «ئۇنىڭغا ھەمدەمدە بولىدىغان بىرى
بولسا تازا ئۇرۇش قوزغايدىغان نېمىكەن بۇ، ۋاي
ئېسىت» دېدى. ئەبۇ بەسىير بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن
كېيىن رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇنى مۇشرىكلارغا يەنە
قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ، شۇ چىقىپ
كەتكىنىچە دېڭىز ساھىلىغا چىقتى، كېيىنچە ئەبۇ
جەندەل ئىبنى سوھەيل مۇشىرىكلاردىن قېچىپ ئەبۇ
بەسىيرگە قېتىلىۋالدى، شۇنداق قىلىپ مۇسۇلمان
بولغان بىرسى قۇرەيشتىن قېچىپ چىقسىلا ئەبۇ
بەسىيرگە قېتىلىۋالىدىغان بولدى، ئاخىرى ئۇلاردىن
بىر توپ ئادەم يىغىلدى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى،
ئۇلار قۇرەيشنىڭ شامغا چىققان بىرەر كارۋىنىنىڭ
خەۋىرىنى ئۇقسىلا چىقىپ ئالدىنى توسۇپ ئۇلارنى
ئۆلتۈرۈپ مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىۋالاتتى، بۇ
سەۋەبتىن قۇرەيش رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەمگە ئەلچى ئەۋەتىپ، ئاللاھنى ۋە
تۇغقانچىلىقنىڭ ھەققى-ھۆرمىتىنى تىلغا ئېلىپ
رەسۇلۇللاھدىن ئەبۇ بەسىيرگە ئادەم ئەۋەتىپ
ئۇلارنى مەدىنىگە ئەكىتىشنى، بۇندىن كېيىن
مۇسۇلمانلاردىن قايسىبىرى رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا
قېچىپ بارسا قايتۇرمىسىمۇ مەيلى بولىدىغانلىقىنى
ئىلتىماس قىلدى، شۇنداق قىلىپ رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا
مەكتۇپ يېزىپ ئادەم ئەۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ
تائالا: (سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىپ
قىلغاندىن كېيىن مەككە ئويمانلىقىدا ئۇلارنىڭ
قوللىرىنى سىلەردىن يىغدۇرغان، سىلەرنىڭ
قوللىرىڭلارنى ئۇلاردىن يىغدۇرغان زاتمۇ ئۇدۇر،
ئاللاھ قىلىۋاتقىنىڭلارنى كۆرگۈچىدۇر. كاپىر
بولۇپ، سىلەرنى مەسجىدى ھەرەمدىن ۋە تۇتۇپ
تۇرۇلغان ھەدىيە قۇربانلىقلىرىنى ئۆز جايىغا يېتىپ
بېرىشتىن توسقانلار ئۇلاردۇر. ناۋادا قىرىپ
تاشلىساڭلار ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن سىلەر ئار-نۇمۇسقا
قالىدىغان، سىلەر بىلمەيدىغان مۇئمىن ئەرلەر بىلەن
مۇئمىنە ئاياللار بولمىسا ئىدى، (ئەلۋەتتە
قوللىرىڭلارنى ئۇلاردىن يىغدۇرمىغان بولاتتى)،
بۇنداق قىلىشى ئاللاھنىڭ خالىغان ئادەمنى
رەھمىتىگە كىرگۈزۈشى ئۈچۈندۇر. ناۋادا ئۇلار
(كاپىرلاردىن) ئايرىلىپ تۇرغان بولسا ئىدى،
ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كاپىرلارنى ئەلەملىك ئازاب
بىلەن ئازابلىغان بولاتتۇق. ئۆز ۋاقتىدا كاپىر
بولغانلار دىللىرىغا قىزىققانلىقنى، جاھىلىيەت
قىزىققانلىقىنى-پۈككەن ئىدى.) (فەتىھ سۈرىسى 24ـ
26-ئايەتلەر.) دېگەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدى،
ئۇلارنىڭ قىزىققانلىقى رەسۇلۇللاھنى ئاللاھنىڭ
پەيغەمبىرى دەپ ئىقرار قىلمىغانلىقى،
بىسمىللەھىرراھمەنىرراھىيم دەپ يېزىشقا
ئۇنىمىغانلىقى، مۇسۇلمانلارنى بەيتۇللاھدىن
توسىۋالغانلىقى ئىدى.