ئۈنىۋېرسال يازمىلار سەھىپىسى

ئەڭ يېڭى يازمىلار

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىپتار زىياپىتى بەردى

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان شىۋېتسىيەدە ھەر يىلى رامزان ئېيىدا مۇھاجىراتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئىپتارلىق بېرىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بۇ يىلمۇ دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ يىلدا بىر كېلىدىغان رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىمىكى رامزاندا باشقىلارنى ئىپتارلاندۇرسا ئۇ ئادەمگە روزا تۇتقۇچىنىڭ ساۋابنىڭ باراۋىرىدەك ئىپتار بەرگۈچىگىمۇ ئوخشاش ساۋاب بېرىلىدۇ دېگەن ھەدىسىگە ئاساسەن، 2011-يىلى 05 ئاۋغۇست جۈمە كۈنى كەچتە، شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا شىۋېتسىيەنىڭ تېنىستا رايۇندىكى كۈتۈپخانا زالىدا ئىپتار زىياپىتى بەردى.

ئىپتار داستىخىنى ئەرلەر- ئاياللار ۋە بالىلار ئۈچۈن ئايرى- ئايرىم ھازىرلانغان بولۇپ، كەلگەن مېھمانلار بىلەن زالنىڭ ئىچى لىق تولدى.

بۇ قېتىمقى ئىپتار زىياپىتىگە:

- تۈركىيە دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ شىۋېتسىيدە تۇرۇشلۇق رەسمىي ۋەكىلى مۇشاۋىرى پرافىسور دوكتۇر بۈلەنت بال ئوغلى،

- شىۋېتسىيە يېشىللار پارتىيىسىدىن پارلامېنت ئەزاسى، پارلامېنتتىگى گورۇپ باشلىقى ۋە شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا قورۇلغان ئۇيغۇر دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەھمەت قاپلان ئەپەندى.

- ستوكھولم ۋىلايەتلىك پارلامېنت ئەزاسى ۋە شىۋېتسىيەدىكى تۈرك ئىچى پېدراتسيۇننىڭ باشلىقى ھەسەن دۈلەك ئەپەندى.

- شىمالى ياۋروپا ئىسلام بىرلىكى تەشكىلاتى ( رابىتە ئىسلام ) نىڭ باشلىقى مۇستاپا خەرراقى.

- شىۋېتسىيە ئىسلام فوند ( ئىبنى رۇش ) نىڭ باشلىقى مۇھەممەد فاتىخ.

- شىۋېتسىيە مۇسۇلمان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ئەمىن.

- رىنكېبىي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جافەر قىلىچ.

- تېنىستا ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلياس ئاجارلى.

- تېنىستا ۋە رىنكېبىي مەسچىتىنىڭ ئىماملىرى.

- شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى.

ئۇنىڭدىن باشقا، شىۋېتسىيەدىكى يۇرت چوڭلىرى، شىۋېتسىيەنىڭ يىراق يېقىندىكى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ، نورۋېگىيەدىن تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن كەلگەنلەر بالىلار بولۇپ 200 گە يېقىن ئۇيغۇرلار قاتناشتى.

ئىپتار داستىخىنى ئەرلەر- ئاياللار ۋە بالىلار ئۈچۈن ئايرى- ئايرىم ھازىرلانغان بولۇپ، كەلگەن مېھمانلار بىلەن زالنىڭ ئىچى لىق تولدى.

بۇ قېتىمقى ئىپتار مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ ھەر قايسى يىراق يېقىن شەھەرلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۆز- ئارا دىدارلاشتى.

زىياپەتكە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ كاتىپى شۇنداقلا مەھمۇد قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپىنىڭ مەسئۇلى نىجات ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. نىجات ئەپەندى ئىپتارغا كەلگەن مېھمانلارغا بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن ئىپتارغا ئەزان ئوقۇلۇپ ھەممەيلەن بىرلىكتە ئىپتار قىلدى

ئىپتاردىن كېيىن جامائەتلەر ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەركىزىدە شام نامىزىنى ئوقۇپ چىقىپ ئىپتار تامىقىغا ئېغىز تەگدى. تاماقتىن كېيىن پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت قاپلان ئەپەندى سۆزگە چىقىپ، بۇ ئىپتار زىياپىتىنى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىغا رەخمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن قولىدىن كەلگىچە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھمەت قاپلاندىن كېيىن سۆزگە چىققان تۈركىيە دىنىي ئىشلار مۇشاۋىرى پروفىسور دوكتۇر بۈلەنت بالئوغلى سۆزىنى ئىپتار زىياپىتىنى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىغا رەخمەت ئېيتىش بىلەن باشلاپ، شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھەر- قانداق ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۈلەنت ئەپەندى سۆزىدە يەنە: ئارىمىزدا قانداشلىقىمىز بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق داۋالىرىنىڭ ئارقىسىدا بىز، دېگەن بۈلەنت ئەپەندى، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ دىن ئۆگنىش ئۈچۈن  كىتاب ۋە ھەر- قانداق بىر ئېھتىياجى بولسا بىز ياردەم قىلىمىز دېدى.

پروفېسسور دوكتۇر بۈلەنت ئەپەندىمدىن كېيىن سۆزگەن چىققان شىۋېتسىيە تۈرك ئىشچىلار پېدراتسىيوننىڭ باشلىقى ھەسەن دۆلەك ئەپەندى، ئىپتار تامىقى ھازىرلىغان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىغا رەھمىتىنى بىلدۈردى ۋە بۇ ئىپتار زىياپىتى بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزدە كۆپ مۇھىم ئورنى بار، ئىپتار زىياپىتى بىزلەرنى بىر يەرگە جەم قىلدى. بۇ سەۋەب بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىزنىڭ مەسىلىمىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشنى لايىق كۆردۈم، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەسىلىسى ھەممىمىزنىڭ مەسىلىسى، بىز شىۋېتسىيە تۈرك ئىشچى پېدراتسىيۇنى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىزغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز دېدى.

ئاخىردا، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى ئەخمەت تۇرسۇن سۆزگە چىقىپ، ئىپتار زىياپىتىگە كەلگەن مېھمانلارغا رەخمەت ئېيتتى.

زىياپەتتىن كېيىن شىۋېتسىيەدە ئۇيغۇرلارغا دىندىن تەلىم بېرىۋاتقان تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر مەخسۇم دۇئا قىلىپ ئىپتار زىياپىتى ئاخىرلاشتۇردى.

مەنبەسى: ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى

 

 

  1. ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىپتار زىياپىتى بەردى

  2. شىۋېتسىيەدە 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىككى يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

  3. سېسسىق توققۇزۇنچى ۋە ئۇيغۇرلار

  4. شەرقىي تۈركسىتاندىكى پۇتبۇل تارىخى...

  5. ھىلىگەر خىتاي تۈركىيەدە مايمۇن ئويۇنى...

  6. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇستەقىللىق سادالىرى...

  7. قوپە ئىشەك ، ئويغان ، قۇياش كۆتىرىلدى

  8. بىز قانداقلارچە ناخشا- ئۇسۇل مىللىتى ....

  9. توخۇ يۈرەك خىتاي ساقچىلىرى بىر تەلۋىدىن....

  10. كىندىكىڭنى ياپ سىڭلىم

  11. ئانا يىغىسى

  12. ئىككى ئۇيغۇر قەھرىمان توغىرسىدا يېڭى... -1

  13. ئىككى ئۇيغۇر قەھرىمان توغىرسىدا يېڭى... -2

  14. ئىككى ئۇيغۇر قەھرىمان توغىرسىدا يېڭى... -3

  15. ئىككى ئۇيغۇر قەھرىمان توغىرسىدا يېڭى... -4

  16. ئىككى ئۇيغۇر قەھرىمان توغىرسىدا يېڭى... -5

  17. ئىككى ئۇيغۇر قەھرىمان توغىرسىدا يېڭى... -6

  18. ئىككى ئۇيغۇر قەھرىمان توغىرسىدا يېڭى... -7

  19. ئىككى ئۇيغۇر قەھرىمان توغىرسىدا يېڭى ...-8

  20. ئىككى ئۇيغۇر قەھرىمان توغرىسىدا يېڭى... -9

  21. ئىككى ئۇيغۇر قەھرىمان توغرىسىدا يېڭى.. -10

  22. ئىككى ئۇيغۇر قەھرىمان توغرىسىدا يېڭى.. -11

  23. ئىككى ئۇيغۇر قەھرىمان توغرىسىدا يېڭى.. -12

  24. ئىككى ئۇيغۇر قەھرىمان توغرىسىدا يېڭى...-13

  25. ئىككى ئۇيغۇر قەھرىمان توغرىسىدا يېڭى..–14

  26. ئىككى ئۇيغۇر قەھرىمان توغرىسىدا يېڭى..–15

  27. ئىككى ئۇيغۇر قەھرىمان توغرىسىدا يېڭى...-16

  28. ئىككى ئۇيغۇر قەھرىمان توغرىسىدا يېڭى...-17

  29. ئىككى ئۇيغۇر قەھرىمان توغرىسىدا يېڭى...-18

  30. ئىككى ئۇيغۇر قەھرىمان توغرىسىدا يېڭى... 19

  31. دۇنيانى ئۆزىگە دۈشمەن قىلىدىغان دۆلەت...

  32. ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ......

  33. سىڭلىم مېنى كەچۈرگىن

  34. ئەرلەر تۇرۇشقا بولمايدىغان شەھەر

  35. ئۇيغۇرچە پوۋىست . گۇناھ

  36. قۇياشنىڭ بۈگۈنگىچە تارتىلغان ئەڭ يېڭى....

  37. شايارنى چۈشىنەمسىز؟ مانا بۇ شايار.

  38. غەززە پاجىئەسى ھەققىدە.. ئاشكارا ۋە مەخپى

  39. «قانىتى بوغۇلغان تىنىشلىق كەپتىرى»

  40. تۈمۈر قەپەزدىكى، ياۋاكەپتەر

  41. يامان تۈزەلمىگۈچە زامان تۈزەلمەس

  42. دۆلىتىمىز قاچان ۋە قانداق ئازات بولىدۇ؟

  43. بالىلارنى خىتايچە مەكتەپكە بىرىشتىن ......

  44. قايغۇلۇق شۇمخەۋەر