شىۋېتسىيەدە 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىككى يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.
قاتىل خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 2009-يىل 07- ئاينىڭ 05- كۈنى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىككى يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى نامايىش ئورۇنلاشتۇردى.
بۇ نامايىشقا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، شىۋېتسىيە يېشىللار پارتىيىسىدىن پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت قاپلان، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى قاتناشتى. ئۇنىڭدىن باشقا شىۋېتسىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار قاتناشتى.
نامايىش شىۋېتسىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 14:30 دە شىۋېتسىيە پارلامېنت ئالدىدا باشلانغان بولۇپ. ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى ئابدۇل ئەھەت ئەپەندى نامايىش قىلىشتىكى مەقسىتى ۋە نامايىشنىڭ تەرتىپىنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن. ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ كاتىپى نىجات ئەپەندى نامايىش باشلىنىش سۆزى بىلەن باشلىدى، ئارقىدىن ئۇيغۇرلارغا ئۇزۇندىن بىرى كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان شىۋېتسىيە يېشىللار پارتىيىسىدىن پارلامېنت ئەزاسى، پارلامېنتتىكى گورۇپ باشلىقى ۋە شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى مەھمەت قاپلان سۆزگە تەكلىپ قىلىندى.
سالام بىلەن سۆزىنى باشلىغان مەھمەت قاپلان ئەپەندى، بىزنىڭ بۇ يەرگە توپلىششىمىزنىڭ سەۋەبى، خىتايلارنىڭ 2009- يىلى 05- ئىيۇل شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچىدە شەھىرىدە كەڭ كۆلەمدە قىرغىنچىلىقىنىڭ 2 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ يەرگە توپلاندۇق. ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە بولمىغان قىرغىنچىلىق پەلەستىن، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتىدۇ، 2009- يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقى ھەددىدىن ئاشقانلىق.
مەھمەت قاپلان ئەپەندى سۆزىدە يەنە: خىتاي دۆلىتى چوڭ بىر دۆلەت، خىتاي ھازىر ئىقتىسادتا تەرەققىي قىلدى، ئەمما خىتاينىڭ زۇلۇمى دۇنيانىڭ ھېچبىر يېرىدە يوق. بۇرۇن خىتاينىڭ تىبەتتىكى زۇلۇمىنى شىۋېتسىيە بىلەتتى، لېكىن شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى دۇنياغا كۆرسەتمىگەن. خىتاينىڭ زۇلۇمى دىن تونۇمايدۇ، خىتاينىڭ زۇلۇمى مىللەت تونۇمايدۇ، خىتاينىڭ زۇلۇمى ئىرقىي تونۇمايدۇ. 2009- 07- 05- كۈنىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن بۇ قىيىنچىلىقتىن بىز خەۋەردار، بىر كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز. 05- ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدا خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنى ئەر-ئايال- بالا دېمەستىن ھەقىقەتەن بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ زۇلۇمنى، جۇڭگولۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان بۇ زۇلۇمنى بىز كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز. شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىگە بۇنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز. بىزنىڭ بۇ مەسىلىنى شۋېد ھۆكۈمىتىگە ئاڭلىتىشىمىز ئۈچۈن سىلەرنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىششىڭىزگە موھتاج ئۇ ۋاقىتتا بىز بۇ مەسىلىنى ھۆكۈمەتكە ئاڭلىتالايمىز، دېدى.
شىۋېتسىيە پارلامېنت ئالدى ستوكھولمدىكى ساياھەت رايونلىرىنىڭ بىرى بولۇپ نامايىشتا كۆتۈرۈلگەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ۋە 05-ئىيۇل ئۈرۈمچىدىكى قىرغىنچىلىقنى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەر يولدىن ئۆتكەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. كۆپلىگەن ساياھەتچىلەر كېلىپ سىلەر قەيەردىن كەلدىڭلار؟ بۇ بايراق قەيەرنىڭ بايرىقى؟ سىلەر نېمە سەۋەبتىن بۇ نامايىشىنى قىلىۋاتىسىلەر دېگەندەك سوئاللارنى سوراشتى. سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىلگەندىن كېيىن ئىشلىرىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا مەدەت بەردى.
نامايىش سائەت 14:30 دە پارلامېنت ئالدىدا باشلىنىپ بىر سائەتتىن كېيىن خىتاي ئەلچىخانىسىغا قاراپ ماڭدى. ستوكھولمدىكى ئەڭ ئاۋات ساياھەتچىلەر كۆپ ماڭىدىغان يول بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسىغا قاراپ ماڭغان نامايىشچىلارنىڭ قوللىرىدىكى ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى ۋە نۇرغۇن ساياھەتچىلەر رەسىمگە تارتىشتى ۋە ۋىدېولارغا ئالدى. خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا قاراپ ماڭغان نامايىشچىلار يول بۇيى « خىتايلار تېرورىست، قاتىل خىتايلار، خۇجىنتاۋ تېرورىست، خۇجىنتاۋ قاتىل، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن، خىتايلار يوقالسۇن، بىزگە ئەركىنلىك كېرەك، بىزگە مۇستەقىللىق كېرەك دېگەندەك ھەر-خىل شۇئارلارنى توۋلاپ ماڭدى.
شىۋېتسىيە پارلامېنت ئالدىدىن خىتاي ئەلچىخانىسىغىچە بولغان يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى نامايىشچىلارنىڭ خىتايغا بولغان غەزىپى ئالدىدا ھېچ بىر ھارغىنلىق بولمىدى. نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا كەلگەندىن كېيىن خىتايغا بولغان غەزەپ نەپرىتىنى ئىپادىلەپ ھەر-خىل شۇئارلارنى توۋلاشتى. نامايىش ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە داۋام قىلدى. نامايىش جەرياندا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قىزىل بايرىقىنى يەرگە تاشلاپ دەسسەپ يانجىلدى ۋە خىتاينىڭ بايرىقىغا ئوت يېقىپ كۆيدۈردى.
نامايىش ئاخىردا، شىۋېتسىيەدە ئۇيغۇرلارغا دىنى تەلىم بىرىۋاتقان تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر مەخسۇم ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن دۇئا قىلدى، نامايىشقا قاتناشقان بارلىق ئۇيغۇرلار قۇللىرىنى كۆتۈرۈپ بىرلىكتە دۇئا قىلىپ نامايىشىنى ئاخىرلاشتۇردى.